
سەن ۋە مەن...
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم

جىرىڭ-جىرىڭ ئاۋازلىرىڭ،
شاماللارداك شوخ نازلىرىڭ،
تۇيغۇلىرىمنى،
شىرىن چۈشلۈك ئۇيقۇلىرىمنى،
مۇھەببەتلىك سەۋدا دىلىمنى...
سۆيۈپ ئۆتەر ھەممە ھەممىنى.

ۋىلىق-ۋىلىق خۇمار كۆزۈڭ،
دانە-دانە ئانار سۆزۈڭ،
يۈرەك تارىمنى،
دىل ئىزھارىمنى...
ئارمانىمنى، كۆڭۈل رايىمنى...
چىكىپ ئۆتەر ھەممە-ھەممىنى.

قىزىلگۈلدەك سىياقىڭ بار،
جان ئۆرتىگەن پىراقىڭ بار.
كۆرمەسلىككە چىدالمايمەن،
كېتىشىڭگە قىيالمايمەن...
ھىجرانىڭدىمەن،
خىيالىڭدىمەن،
ھاياتىڭدىمەن...
سەنسىز ياشاپ بولالمايمەن.

زىناقلىرىڭدا،
تال-تال قارا قىياقلىرىڭدا...
تەبەسسۇمۇم قالغان ئېسىلىپ.
كۈتىمەن سىنى،
سۆيىمەن سىنى،
مىھرىم دىلىڭغا،
ئاپتاپ كەبى كەتسۇن چېچىلىپ...

كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ،
كەلسەڭ گۈل تۇتۇپ،
سۆيگۈ بېغىنىڭ بەخت شېخىدا،
پورەكلەيلى جۈپ غۇنچە بولۇپ!

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى (خوتەن)

|