يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 512|ئىنكاس: 2

پاكزات(ت): ئېلياس خەلىل __ ئىنژېنېر قوبۇل قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىنژېنېر  قوبۇل قىلىش

(ھېكايە)

ئېلياس خەلىل(تۈركىيە)

ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات تەرجىمىسى

 مەن ئۇنى  يەر ئاستى پويىز بېكىتىدە تاساددىپىيلا ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ ئوتتۇرا بوي ،قۇرساق سالغان ،كۆزلىرىدىن خوشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى . بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ بىزنىڭ بىر ئەزايىمىز يەنى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى ئادەملىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايىدا دېڭىزنىڭ ،ئېگىزلىكنىڭ ۋە دېڭىز يۇسۇنىنىڭ ئارلاشما ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
 ئۇ توختاپ «بۇ ئادەملەرنى كۆردىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدى.«ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن»دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ چۈشەنمەسلىك نەزەرىدە .«سىز كىمنى دەۋاتىسىز؟»ئۇ قولى بىلەن يەر ئاستى پويىزدىن چىقىۋاتقان يولۇچىلارنى كۆرسىتىۋاتاتتى،«بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئەگىشىپ مەندىن خىزمەت تەلەپ قىلىشىۋاتىدۇ.سىز ئالدىدىكى يېشىل خۇرۇم چاپان كىيىۋالغان ئاۋۇ ئادەمنى كۆردىڭىزمۇ؟ئۇ رىمدىن مۇشۇ يەرگىچە ماڭا ئەگىشىپ كەلدى.مەن ئۇلارغا خىزمەت يوقلىقىنى ئېيتقان بولساممۇ،لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى.‹ئۆتۈنۈپ قالاي بۇرادەر ،ئەگەر سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ياردەم قلىشنى ئويلىسىڭىز،سىز چوقۇم بىزگە خىزمەت بېرەلەيسىز!›دېيىشتى ئۇلار.كەچۈرۈڭ دوستۇم،مېنىڭ ئىسمىم دۇزجان سېنكىر،مەن سىزنىڭ قولىڭىزدىكى گېزىتنى كۆرگەن ۋاقىتتىلا  سىزنىڭ بىزنىڭ بىر ئەزايىمىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەن ئىدىم.مەن تېخى بايىلا تۈركىيىدىن كاناداغا قايتىپ كەلدىم.ئەگەر سىزگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرمىسەم ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىدۇ».
   
    ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى .بۇ ئادەمنىڭ چىرايىدىن ھەجۋىيلىك چىقىپ تۇراتتى،مەن ئۇنىڭ گېپىنىڭ راست يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم.ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ يېنىدا ماڭدىم.
  «ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى بۇ دۇنيادا ھېچكىم مەندەك بەختلىك ئەمەس ئىدى .چۈنكى 10 يىل ئۆتۈپ مەن يەنە تۈركىيىگە ساياھەتكە ماڭماقچى بولغانىدىم.نېمىدىگەن خۇشاللىنارلىق ئىش ھە؟مەن ئۈچ ھەپتە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىپ باقماقچى،ئىستانبۇلنىڭ بېلىقىنى ،بۇرسانىڭ شاپتوللىرىنى،نىگدانىڭ ئالمىسىنى،مېرسىننىڭ  ئاپلىسىنلىرىنى ،كانادانىڭ كاۋاپلىرىنى تېتىماقچى ئىدىم.مەيلى ئىچىمدىن ياكى تېشىمدىن بولسۇن ئىنتايىن خوشال ئىدىم .قولۇڭنى سۇنغىن ،گۈزەل تۈركىيە ،مېنىڭ قولۇمنى تۇتقىن،ئەزىز ۋەتىنىم!مەن خۇددى مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتىشكە تەشنا !مەن ھەركۈنى كەچ مۇشۇنداق گۈزەل چۈشلەرنى كۆرەتتىم.»
  «ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ،خۇجايىنىم ماڭا ‹ئەگەر سەن تۈركىيىدىكى ۋاقتىڭدا بىرەر مۇنەۋۋەر ئېنژىنىرنى بايقاپ قالساڭ ،دەرھال توختاملاشقىن!بىز بۇيەردە مۇۋاپىق بىرەر ئېنژىنىرنى تاپالمايۋاتىمىز›دېدى.‹ماقۇل!›دەپ جاۋاپ بەردىم مەن.ھەي،مەن ئۆزۋاقتىدا بۇنداق ۋەدە بەرمىگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە،مەن بۇنىڭ ماڭا قانداق ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟»
  «ئۇ كۈنى بىز ئىستانبۇلدا ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن،ئىككى گېزىتتە بىزنىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن كانادادا خىزمەت قىلىدىغان  بىر ئېنژىنىرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىمىز توغۇرلۇق ئېلان بەردىم .شۇ كۈنى كەچقۇرۇنلاردا ،مېھمانخانىغا قايتتىم.ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى

   خىزمەتچى ماڭا ‹يەتتە ئادەم سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى ،مەن ئۇلارنى مېھمان كۈتۈش زالىغا باشلاپ قويدۇم›دېدى.‹يەتتە ئادەم ؟ئاھ خۇدا ،ئۇرۇق –تۇققان ،دوست –بۇرادەرلىرىم مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمدىن قانداقسىگە بۇنچە تېز خەۋەر تاپقاندۇ؟›خۇشاللىقتىن مېھمان كۈتۈش زالىغا ئۇچقاندەك كىردىم،كىم بىلسۇن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر تونۇش چىراي يوق ئىدى.خۇددى دادىلاردەك مېھرىبان چىراي، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئالدىمغا كېلىپ ،‹سىزنىڭ كانادادا خىزمەت قىلىدىغان ئېنژىنىرغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىدىم›دېدى.‹سىز بۇ خەۋەرنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز؟›سورىدىم مەن.‹گېزىتىخانىدا ئىشلەيدىغان يېزنەمدىن ئاڭلىدىم.ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئېلانىڭىز گېزىتكە ئەتە چىقىدۇ.لېكىن مېنىڭ سىز بىلەن بۈگۈنلا كۆرۈشكۈم كەلدى.بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە نېمىمۇ قىلالايمەن؟بۇ دېگەن خىزمەت تۇرسا !ئەگەر مەن تېز تۇتۇش قىلىمىسام ،ئۇلار مېنىڭ قولۇمدىن بۇ خىزمەتنى تارتىۋالىدۇ؟».«مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئالتە ئادەمنى  كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدىم:‹ئۇلار سىزنىڭ دوستلىرىڭىزمۇ؟›‹ياق ئەپەندىم،مەن بۇ ئەپەندىلەرنى تونۇمايمەن›بۇ ۋاقىتتا قالغان ئالتەيلەن پارىڭىمىزغا قوشۇلۇپ ،بەس-بەستە سۆزلىشىپ كەتتى.مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېنژىنىر ئىكەنلىكىنى ،ھەممىسىنىڭ بۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈسى بارلىقىنى بىلدىم،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلان گېزىتكە بېسىلىپ چىقىشتىن ئىلگىرىلا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ،مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ‹مەن سىزنىڭ ئېلانىڭىزنى گېزىتخانىنىڭ قاراۋۇلىدىن ئاڭلىدىم،بۇ ئەبلەخ مەندىن 100 لىرا ئالدى›دېدى.يەنە بىرى ‹سىلەر بۇنداق ئىپلاس ئۇسۇل بىلەن پۇل تاپىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟دەل  شۇ ئىپلاس بىكار تەلەت ئوخشاش بىر ئېلاننى بىز ئالتەيلەنگە سېتىپتۇ!بۈگۈنكى دۇنيادا ئاچكۆزلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن›دېدى.يەنە بىرى بولسا ‹بۇ بىچارىگە قارا چاپلىماڭلار!مەن بۇ ئېلاننى بىر خەت تىزىدىغان ئىشچىدىن سېتىۋالدىم،سىلەرنىڭ ئۇ قاراۋۇل ھەرھالدا خېلى ئىنساپلىقكەن،بۇ ئۆلگۈر خەت تىزغۇچى مەندىن 200 باك ئالدى.لېكىن مۇشۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش بولسا مەن ئۇنىڭغا بەخت تىلەشكە رازى».
  «توختاپ تۇرۇڭلار ،ئەپەندىلەر ،ماڭا ئىسىم –فامىلەڭلار بىلەن ئادرېسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار ،ئەتە سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سىلەرنى يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تەكلىپ قىلاي ›دېدىم مەن»
  «بىرىنچى كۈنى تا يېرىم كېچىگىچە تېلېفۇن جىرىڭشىپ توختىمىدى.ئېلان گېزىتكە بېسىلىپ چىقىشتىن ئىلگىرىلا 30 دەك ئادەم بۇ خىزمەتنى تەلەپ قىلدى.مەن ئۇلار بىلەن ئەتىسى كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويدۇم»
  «ئىككىنچى كۈنى ،ئېلان بېسىلدى.بېسىلمىغان بولسىمۇ بوپتىكەن!بارلىق ئىستامبوللىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنژىنىر بولۇپ كەتكەنىدى!ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى سەھەر ئويغىنىپ ،ياتاقتا غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ،دەل سائەت يەتتىدە مېھمانخانا دېرىكتورى ئالدىمدا پەيدا بولدى.‹ئەپەندى›گەپ باشلىدى ئۇ‹ئەتىگەن سائەت بەشتىلا مېھمانخانىمىزنى خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئېنژىنىرلار ئورىۋالدى. سىز چىقىپ بۇ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ،بىزنى نورمال تىجارەت قىلغىلى قويۇڭ.ئەمەلىيەتتە ،سىز بولغاچقىلا مېھمانخانىنىڭ بارلىق ياتاقلىرى توشۇپ كەتتى.لېكىن بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز بارلىق كىشىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئامالسىز ،سىز چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالسىڭىز،ئۇلار مېھمانخانا دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە تىزىلىپ سىزنى كۈتىۋاتىدۇ»
  «مەن دېرىزە سىرتىغا قارىدىم،بىر قاتار كىشىلەر!مېھمانخانىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى خۇددى ئامبۇلاتورىيە كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە ئوخشاپ قالغانىدى،پەرىشان ،ھارغىن كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى...ئۇ كۈنى ،مەن ئاز دېگەندە 60 تەك ئادەمدىن يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ئالدىم،بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا رەسمىي ئېنژىنىردەك قىلاتتى،ھەممىسىنىڭ ياخشى خىزمىتى بار ئىدى.مەن ئۇلارغا شىركەت خادىم قۇبۇل قىلماقچى بولغان بۇ تۈرنىڭ قانچىلىك تەسلىكى ھەم خىزمەت ئورنى،ھاۋا كېلىماتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىمدا ،ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى تېخىمۇ بەك كۈچىيىپ كەتتى.مەن ئۇلارغا خىزمەتنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم،لېكىن ئۇلار يەنىلا ماڭا چاپلىشىۋالدى»
  «ئۇ كۈنى كەچتە كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم،...توختىماي سۆزلىگەنلىكتىن تىللىرىم خۇددى پېدىگەندەك ئىششىپ كېتىپتۇ.مېنىڭ ئۈچ تاغام بىلەن بالىلىرى ئادانادا،ئۈچ ئاچام ۋە يولداشلىرى كوزاندا،يەنە بىر تاغام بۇرسا ۋە ئەنقەرەدە ،ساۋاقداشلىرىم قەيسەرە ۋە ئىزمىردا.ھازىر ھېچ بولمىغاندا دوست –بۇرادەرلىرىمگە تېلىفۇن قىلىپ ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشسام بولاتتى!شۇنىڭ بىلەن مەن تېلىفۇنىستنى ماڭا ئادانا،كوزان ،بۇرسا،ئەنقەرە،قەيسەرە ۋە ئىزمىرلارغا تېلىفۇن ئۇلاپ بېرىشكە چاقىردىم»
  «بىرىنچى كۈنى تېلىفۇن قىلىپ مەن قىلىپ كۆرۈشەلمىگەن كىشىلەر ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مېھمانخانىنىڭ بىر پارچە سۈرەن –چوقان ئىچىدە قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم،سەھەر،ھەتتا خوراز چىللاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ۋاقىتتا 200 دەك ئادەم كوچىدا ساقلاۋاتاتتى.ئىسسىق ئىچىملىك ساتقۇچى بىلەن بولكىچى يايمىلىرىنى كوچىغا يېيىپ ،يېڭى خېرىدارلار بىلەن سودىلىشىۋاتاتتى،قاينام –تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە»
  «مېھمانخانا خۇجايىنى ياتىقىمغا بېسىپ كىردى،‹بۇرادەر،چىقىپ بۇ مەنزىرىگە قاراپ بېقىڭ ›دېدى ئۇ،‹بەزىلەر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ كەپتۇ،بەزىلەر ئايرۇپىلان بېلەتلىرىنى زاكاس قىلىپ بوپتۇ،ئۇلارنىڭ  ھەممىسىلا ئېنژىنىر ئەمەس !بەزىلىرى ياغاچچى ،بەزىلىرى تۆمۈرچى ،بەزىلىرى ئاشپەز!›«لېكىن »بۇ ئادەملەر مۇنداقمۇ دىيىشىۋاتىدۇ«قەيەردە ئېنژىنىر بولسا ،شۇ يەردە ياغاچچىغا ئېھتىياجلىق »،بۇ ئاشپەزلەرنىڭ ئېيتىشىچە «بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم بولغانىكەن ،ئۇلار چوقۇم تاماق ئېتىدىغان بىرسىگە ئېھتىياجلىق ».بىر بۇلۇڭدىكى ساتىراچ يۈزلىرىگە سوپۇن ماغزىپى سۈرتىۋالغان خېرىدارىنى تاشلاپ قويۇپ ،يۈگۈرۈپ كېلىپ «ئۇنداقتا ،بۇ ئاشپەز بارسۇنۇ،مەن نېمىشقا بارمىغۇدەكمەن!»دەۋاتىدۇ،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئەپەندىم،چىقىپ بۇ كىشىلەرگە گەپ قىلسىڭىزچۇ،بولمىسا پۈتۈن شەھەر خەلقى بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ مېھمانخانامنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ!».
  «مەن ئامالسىز مېھمانخانىدىن چىقىپ ‹ئېنژىنىر ئەمەسلەر بۇ يەردە كۈتمەڭلار!›دېدىم.ئادەملەر توپى دەرھاللا گەپ تېپىپ بەردى:«‹ئەجىبا بىزنى ئويلاشمامسىز ئەپەندىم؟سىز مەيلى قايسى چاغدا بولسۇن،قايسىلا ئېنژىنىرنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنى تەكشۈرۈڭ ،ئۇ يەردە ھامىنى ياغاچچى بىلەن تۆمۈرچى بولىدۇ!›گەرچە مەن  ئۇلارغا ‹پەقەت ئېنژىنىر بولسىلا بولىدۇ›دېگەن بولساممۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى گېپىمنى ئاڭلاپمۇ قويۇشمىدى،ئۇلار خۇددى پولغا مىخلانغان مىختەك ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇراتتى...»
  چۈش بولغان چاغدىلا ئاندىن بۇ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مېنى سەل ئارامىغا قويدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەققارى،ئۇرفا،كارس،ئىزمىر ۋە تىرابزون قاتارلىق جايلاردىكى سەككىز نەپەر ئېنژىنىر تېلىفۇن قىلىشتى.چۈش بولغاندا ،مەن ھەم ئاچ ھەم ھارغىن ھالەتتە پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى،مەن كېتىشىم كېرەك،لېكىن ئىشىكتىن چىقىش مۇمكىن ئەمەس!كارىدور ئادەملەر بىلەن تولغان ،بەزىلىرى پاراڭلىشىۋاتاتتى،بەزىلىرى قارت ئوينىشىۋاتاتتى،بەزىلىرى كۆزلىرىنى يۇمۇشقىنىچە ئولتۇرۇشاتتى.ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رەسمىي ئېنژىنىر بولغان بولسا ،ئۇنداقتا تۈركىيىدىكى بارلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى چوقۇم تاقىلىپ قالغان بولاتتى.بېشىمنى ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىرىشىمغا ئۇلار ماڭا ھۇجۇمنى باشلىدى،ھەممەيلەن مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتتى.»
     «دېڭىز دولقۇنىغا قارشى ھالدا قىرغاققا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان سۇ ئۈزگۈچىگە ئوخشاش ھاجەتخانا تەرەپكە ئالغا ئىلگىرلەيتتىم،قەدەممۇقەدەم نىشانغا قاراپ يېقىنلىشىۋاتاتتىم.پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرلەۋاتقاندا،كىشىلەر توپى ماڭا ھېكايىلىرىنى بايان قىلىشماقتا ئىدى.بىرلىرى سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە بەش يىل ئىشلىگەنلىكىنى،بىرلىرى تۆمۈريول مىنىستىرلىكىدە ئۈچ يىل ئىشلىگەنلىكىنى ،بىرلىرى ئېتىنباكتا تۆت يىل ئىشلىگەنلىكىنى ،بىرلىرى گىرمانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ دامىستا ئۈچ يىل ئىشلىگەنلىكلىرىنى ئېيتىشتى،ئۇلارنىڭ كانادادا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويغۇسى يوقتى،ئىشتىنىمغا چىقىرىۋەتكىلى ئازلا قالدىم»
  «ماڭا يېقىن تۇرغان بىرەيلەن بىردىنلا قولۇمنى تۇتۇپ ،‹كېلىڭە ،قېرىندىشىم ،ماڭا ئەگىشىپ  مېڭىڭ !قىيىنچىلىقىڭىزنى مەن ھەل قىلاي ›دېدى.ئاھ ،خۇدا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !دۇنيادا يەنىلا رەھىمدىل كىشىلەر بار ئىكەن!›ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتقىنىچە، مېنى ئىتتىرىپ بىر ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتتى،‹ئىچىگە كىرىپ راھەتلىنىۋېلىڭ !›دېدى ئۇ،ھەم ئىشىكنىڭ سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويدى.ئىچى ئىنتايىن قاراڭغۇ بولۇپ ،بۇ تۈركىيە ئۇسلۇبىدىكى ھاجەتخانە ئىدى.ھاجەتخانىدا بىر كىشى بار ئىدى،مەن ھاجەت قىلىپ بولۇپلا ماڭماقچى بولدۇم.‹توختاپ تۇرۇڭ ئەپەندى!مەن بۇ يەردە سىزنى كۈتكىلى بىر نەچچە سائەت بولدى!›ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى ‹مەن بولسام بىر ئېنژىنىر ،مېنىڭ كانادادا خىزمەت قىلغۇم بار ،لېكىن سىز بىلەن تېلېفۇندا ئالاقىلىشالمىدىم،مېنىڭ ۋاقتىم بەك قىس،چۈنكى ئەتە تويۇم بولىدۇ .ۋاقىتنى يەنە كېچىكتۈرگۈم يوق!مەن سىزنىڭ ھامىنى بۇ يەرگە كېلىپ ھاجەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى پەرەز قىلغانىدىم،سىرتتا سىزنى ساقلاۋاتقان ئۇ كىشى مېنىڭ تاغام بولىدۇ،ئەپەندىم،ئەگەر سىز ماڭا يۈز –تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان پۇرسەتنى بەرمىسىڭىز ،تاغام ئىشىكنى ھەرگىز ئېچىپ بەرمەيدۇ!قېنى ھاجەت قىلىۋېلىڭ!مەن ئۆزەمنى ھەرگىز ناتونۇش دەپ قارىمايمەن،بىز نېمىلا دېگەنبىلەن كەسىپداش –تە!»
  «ئوخشىمايدىغان بىرخىل ئىتىھان ھاجەتخانىدا ئىېلىپ بېرىلدى.ئىككىنچى كۈنى ،مېھمانخانا خۇجايىنى  مېنى قوغلاپ چىقاردى.ئۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ،مەن نەرسە –كېرەكلىرىمنى ئالدىراپلا يىغىشتۇردۇم- دە،بىردىنلا ئېتىلىپ چىقتىم،مېھمانخانا ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان تاكسىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ،‹ئايرودورۇمغا ،تېز!›دېدىممەن شوپۇرغا ...ئۇ ماڭا بۇرۇلۇپ ‹سىز ئىشنى مېڭىپلا ئاخىرلاشتۇرماقچىمۇ؟خىجىللىق ھېس قىلمامسىز ؟سىز بارلىق ئۈمىدنى بۇ كىشىلەرگە ئاتا قىلىپ قويۇپلا ،خۇددى ئوغرىدەك بىر كېچىدىلا تىكىۋەتمەكچى بولۇۋاتىسىز!بۇ پەقەت قاملاشمىدى!سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا نەدىمۇ ۋەتىنىڭىزگە ،خەلقىڭىزگە بولغان مۇھەببەت بولسۇن؟›دېدى»
    «مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،خۇددى شىۋىرغاندا قالغان ياپراقتەك تىترەپ كەتتىم.ئايرودۇرومغا بارغاندا ،ئۇ يەرنى ساقچىلارنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.كۆڭلۈمدە چوقۇم بىرەر زۇڭتۇڭ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.مەن ئەتراپىمغا ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمدا ،فوتو ئاپپاراتنىڭ چىراقلىرى بەس-بەستە چاقناپ كەتتى.مۇخبىرلار ئەتراپىمنى ئورۇۋېلىشقانىدى،ئۇلار سوئال ياغدۇرۇۋەتتى‹سىز كانادا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا بىر ئەمگەك توختامى ئىمزالىماقچىمۇ؟كانادالىقلار تۈركىيىنىڭ نېمىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ؟›شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار ماڭا يېقىنلاشماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇۋېلىشتى.‹سىز قايسى تاماقنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟كانادانىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟سىز ۋەتەننى سېغىنامسىز؟›»
    «مەن تۇنجى ئۇچۇشۇمدا رىمغا باردىم.يېشىل خۇرۇم چاپان كەيگەن كىشى ئايرۇدۇرۇمدا مېنى كۈتۈۋالدى.بۇ كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ‹مەن مېرسىن قەبرىستانلىقىنىڭ باش تەپتىشى،ئىسمىىم رېست ›دېدى.ئۇ خىزمەت ئىزدەۋېتىپتىكەن،مېنىڭ ياردەم قىلالايدىغان –قىلالمايدىغانلىقىمنى سورىدى.بۇ مەن ھازىر ئېسىمگە ئالالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋەقە .مەن ھوشۇمدىن كەتتىم...كۆزۈمنى ئاچقاندا ئاللىقاچان مونرىئالغا يېتىپ كەلگەنىدىم.»
  
  ئاقسۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن  ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات   تېلفۇن: 13657567811
  阿克苏市团结东路47号阿克苏市工商行政管理局  
  阿不都克依木·沙木沙克    电话13657567811
«ئېنگىلىزچە ئەدەبىي تەرمىلەر» ژورنىلى 2002-يىللىق كېيىنكى يېرىم يىللىق سانىدىن ئېلىندى.

ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا تەۋسىيە .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 20:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 03:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.png 2.png 3.png 4.png 5.png 6.png بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 03:34  


ۋاقتى: 2014-5-20 19:46:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندىم !ئاپىرىن !!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش