كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 0

مۇختار تۇردى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
clip_image001.jpg
مۇختار تۇردى 1976 – يىلى 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ، 2001– يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتكۈزگەن ، 2001 -يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 2005 – يىلى 5 -ئايغىچە ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتى «مىراس»ژۇرنىلى تەھرىراتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ، 2005 – يىلى 5– ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر « تارىم » ژۇرنىلى نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە . مۇختار تۇردى 1993– يىلى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر گېزىتى »(ھازىرقى « بىڭتۈەن گېزىتى») دە ئېلان قىلىنغان «ئوقۇتقۇچى» ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدەبىيات باغچىسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ ، بۈگۈنگە قەدەر « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ( ئۇيغۇرچە ) ، « تارىم » ، «تەڭرىتاغ » ، « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » ، « مىراس » ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى  »، « ئىلى دەرياسى » ، « مايبۇلاق » ، « قۇمۇل ئەدەبىياتى » قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك گېزىت ۋە ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسىر ، ئىلمىي ماقالە، تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلغان . ئۇ تەرجىمە قىلغان « دەسلەپكى تەربىيە ۋە تالانت » ، « ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە » قاتارلىق بىر نەچچە پارچە كىتاپ شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتى ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان .
مۇختار تۇردى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش