يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 652|ئىنكاس: 3

ياقۇپجان يۈسۈپ: خوراز بايۋەتچىنىڭ يەر تېرىشى (چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  خوراز بايۋەتچىنىڭ يەر تېرىشى
                (چۆچەك)
           ياقۇپجان يۈسۈپ

   ئەلقىسسە، خوراز  بايۋەتچە ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-دۇنياسىنى سۇدەك خەجلەپ كۈنلىرىنى كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەت بىلەن غەم-قايغۇسىز، شادىمان ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قىلغان شۇنچە كۆپ ئۆگۈت-نەسىھەتلىرىنىڭ قۇمغا سۇ سەپكەنچىلىكمۇ تەسىرى بولماپتۇ. شۇنداقتىمۇ بەل قويىۋەتمەي كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ، يۈرەك پارىسى ئۈچۈن ئۇسۇل-چارە ئىزدەپتۇ، جان باقىدىغان، پۇل تاپىدىغان يوللارنىڭ ھەممىنى كۆرسىتىپتۇ.   كىچىككىنە ئۈمىد، كىچىككىنە پۇرسەتلەرنىمۇ قولدىن بەرگۈسى كەلمەپتۇ. بىراق بايۋەتچىگە ئۇلار كۆرسەتكەن يول بارسا كەلمەس يولدەك تۇيۇلۇپتۇ. بىرىنى ئاق، بىرىنى قارا، بىرىنى ئىگىز، بىرىنى پەس، بىرىنى ئاسان، بىرىنى تەس دەپ بىرەرسىگىمۇ كۆڭۈل توختاتماپتۇ.
-ھىچ بولمىسا يەر تېرىشنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قوي،-دېيىشىپتۇ ئۇلار بىر كۈنى،-بايلىقنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر دەپتىكەن، يامان كۈنلەردە ئەسقاتىدۇ.
-ۋاي-ۋۇي... دادا، ئانا، ھەجەپ بېشىمنى ئاغرىتتىڭلار،-دەپتۇ بايۋەتچە تېرىكىپ،-باشقا كەلگەندە كىم باتۇر بولمىغان؟ شۇ كۈنلەر بېشىمغا كەلسۇنچۇ قېنى، قولۇمدىن نى-نى ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام.
شۇنداق قىلىپ خوراز بايۋەتچە يەنە بىر مەزگىلنى ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاتا-ئانىسى بولسا قېرىپ كۈچ-ماغدۇرىدىن، ئىش-ئەمگەكتىن قاپتۇ. ھىچكىم بۇ دۇنياغا تۈۋرۈك بولمايدۇ-دە، ئۇلارمۇ خۇددى بىر بىرىگە تارتىشقاندەك بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلىشىپ باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىشىپتۇ. بىراق خوراز بايۋەتچە يامان ئادىتىنى تاشلىماپتۇ. كۈنلىرىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك راھەت-پاراغەت بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىماپتۇ دېگەندەك نەچچە يىلغا بارمايلا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ سويىۋېتىلگەن پىيازدەك يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ. ھالى خاراپ بولغاندا ياڭاق چاققان چاغدىكى دوستلىرى چىراي ئاچماپتۇ. كېيىدىغانغا كىيىم، يەيدىغانغا نان تاپالمىغاندا ئاندىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېسىگە كەپتۇ. ئۇنىڭ ھەدىسى قول ئىلكىدە بار، باي ئائىلىدە كېلىن ئىكەن. ئىنىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەننى بىلىپ ئۇنى قانات ئاستىغا ئاپتۇ. بىراق، خوراز بايۋەتچە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ. ئۆزىنىڭ قانداق كۈنگە قالغانلىقىنى ناھايىتى تىزلا ئۇنتۇپ، يەنىلا چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ ئۆتىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى ھەدىسى:
-قانداق ئىنىم، بۇ ئۆيگە كۆنۈپ قالدىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-سىزنىڭ سايىڭىزدە ئۆز ئۆيۈمدەكلا تۇرىۋاتىمەنغۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خوراز بايۋەتچە پەرۋاسىزلا.
-سەن ياخشى بولساڭ، مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن،-دەپتۇ ھەدىسى ئويچانلىق بىلەن،-شۇنداقتىمۇ بىرئېغىز گېپىم بار ئىدى، ساڭا دېيىش دېمەسلىكنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
-قانداقلا گەپ بولسا دەۋەگىن، بىز دېگەن يېقىن تۇغقان، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى بىر-بىرىمىزگە دېيىشمىسەك كىمگە دەيمىز.
-بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم، ئەمىسە  مەن ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي،-دەپتۇ ھەدىسى ۋە بىرقانچە دەقىقە تۇرىۋېلىپ سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپتۇ،-سېنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگىنىڭگىمۇ خېلى بولدى، بۇ جەرياندا بىرى سېنى مىھمان، يەنە بىرى كۆڭۈل يارىسىنى ساقايتىۋالسۇن دەپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمدى كۈنلىرىڭنى بۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتسەڭ بولماس. سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، ئەر بولدۇڭ، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك. بۇنداق دېسەم، ھەدەم مېنى ئۆيىدىن قوغلاۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىپ قالما، مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ، سەن ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى مەڭگۈ ئوچۇق. بىراق ھىچ ئىش قىلماي يەپلا يېتىشىڭغا يول قويالمايمەن. چۈنكى قېرىندىشىمنىڭ بەش ئەزايى ساپمۇ-ساق تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ ياشىشى مېنىڭ بۇ ئائىلىدىكى يۈز-ئابرويىم ۋە غورورۇمنى پايخان قىلىدۇ. مەن بۇنىڭغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايمەن.
-مېنى ئىش قىل دەيسەن، نېمە ئىش قىلىمەن؟ نېمىمۇ قىلالارمەن؟ يا قولۇمدا بىرەر ھۈنەر بولمىسا...
-ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟ ئۆمۈر بويى «-ئاش يەملا؟ -ئىلتىپاتلىرى. -ئىش قىلاملا؟ -خۇدا ساقلىسۇن» دەپ ئۆتمەكچىمۇسەن؟ پەقەت بولمىغاندا ئاز-تولا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانساڭمۇ بولاتتىغۇ؟
-بۇنىڭغا مەندە دەسمىي قىلغۇدەك ئاقچا بولمىسا.
-سەنلا قىلىمەن دېسەڭ، مېنىڭ ئازراق ئېشىنچە پۇللىرىم بار، يەنە بىر قىسىم ئالتۇن جابدۇقلىرىمنى ساتسام سېنىڭ تىجارەت قىلىشىڭغا يېتىدۇ.
بۇ گەپ خوراز بايۋەتچىگە ياغدەك يېقىپتۇ.«پۇل بولسىلا جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالالايمەن» دەپ يەڭنى شىمايلاپتۇ. پۇلنى جەملەپ تېجارەتنىمۇ باشلىۋاپتۇ. بىراق ئۇنىڭ ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ پىشانىسى تەرلەپ باقمىغاچقا، بىرەر ئىشقا كاللا يۈگۈرتۈپ، ئەقىل ئىشلىتىپ باقمىغان بولغاچقا ئانچە ئۇزاققا بارمايلا ۋەيران بولۇپ، دەسمايە غالتەككە چىقىپ قاپتۇ.
خوراز بايۋەتچە ئۇياققا سوقۇلۇپ، بۇياققا قېقىلىپ ئاخىرى يەنە ھەدىسىنىڭ ئالدىغا ئەھۋال ئېيتىپ كەپتۇ. كۆرگەن كۈنلىرىنى سۆزلەپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. ھەدىسى ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتىپتۇ.
-بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ بوشاڭلىقىدىن، جۈرئەتسىزلىكىڭدىن بولدى.  كىچىكىڭدىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولساڭ، بىرەر ھۆنەر-كەسىپ ئۆگىنىپ ئىشقا پىشقان بولساڭ بۇنداق كۈنلەرگىمۇ قالماس ئىدىڭ،-دەپ زار-زار يىغلاپتۇ.
شۇ كۈنى ھەدىسى ئۆيىدىكىلەرگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ خوراز بايۋەتچىگە بىر پارچە يەر ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ بايۋەتچىگە يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-ئىنىم، بۇنىڭدىن كېيىن قورسىقىم ئاچ قالمىسۇن دېسەڭ مۇشۇ يەرگە ئەجىر قىل، ياخشى ئىشلە، بەلكىم مۇشۇ بىر پارچە يەر سېنىڭ تەقدىرىڭنى ئۆزگەرتىپ قېلىشى مۈمكىن،-دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوراز بايۋەتچىنىڭ بېشى تاشتەك قېتىپتۇ. قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ راسا ئويلىنىپتۇ. قانچە ئويلاپمۇ يەر تېرىشتىن باشقا بىرەر چىقىش يولى تاپالماپتۇ. بىراق ئۇ يەر تېرىشنىمۇ بىلمەيدىكەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئەتراپقا قاراپ يېقىنلا يەردە قوش ھەيدەۋاتقان بىر دىھقاننى كۆرۈپتۇ. «توغرا، مەن ئۇنىڭدىن يەر تېرىشنى ئۆگەنسەم بولىدىغۇ!»
ئۇ دىھقاننىڭ قېشىغا بېرىپ مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. دىھقان:
-مەندىن يەر تېرىشنى ئۆگەنمەكچىمۇسەن؟ ئۇنداق بولسا ئىشنى ھازىردىن باشلايلى!-دەپ ئۇنىڭغا ساپاننىڭ قۇلىقىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
خوراز بايۋەتچە ساپانغا مەھكەم ئېسىلىپ تۇرۇپ ئۆكۈزگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ئۆكۈز مىدىرلىماپتۇ. ۋاقىراپتۇ، قاناتلىرىنى قېقىپ ھەيۋە كۆرسىتىپتۇ. بىراق ئۆكۈز خۇددى ئۇنى مازاق قىلىۋاتقاندەك قۇيرىقىنى شىپاڭشىتىپ، بېشىنى سىلكىگىنىچە پۇشۇلداپ تۇرىۋېرىپتۇ. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىغى كەلگەن خوراز بايۋەتچە سېرىق سۆگەتنىڭ چىۋىقىدىن بىرنى قايرىپتۇ-دە، ئۆكۈزنىڭ ساغرىسىغا كېلىشتۈرۈپ ساۋاپتۇ. تاياق زەربىسىدىن ئۆكۈز بىرلا يۇلقۇنۇپ ساپاننى يەردىن يۇلۇپ ئاپتۇ-دە، ئېتىزلىقتا قالايمىقان چېپىشقا باشلاپتۇ. خوراز بايۋەتچە بولسا ساپانغا ئېسىلىپ قاپتۇ. ھېلى ئۇيانغا ئۇرۇلۇپ، ھېلى بۇيانغا ئۇرۇلۇپ تازا قىينىلىپتۇ. پەيلىرى تىتىلىپ، قاناتلىرى قايرىلىپتۇ. يەر ھەيدەش تۇرماق ئۆز جېنىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلەلمەي، دات-پەريات  كۆتۈرۈپتۇ. ساپاننىڭ تېگىدە قېلىپ مىجىقى چىقىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ، بەختىگە دىھقان كېلىپ ئۆكۈزنى توختىتىۋاپتۇ. خوراز بايۋەتچە غال-غال تىترىگىنىچە ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكە چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ.
-قانداق، يەر تېرىش ئوڭايمىكەن؟-دەپ سوراپتۇ دىھقان ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان ھالىتىگە كۈلۈپ.
-گەپ قىلماڭ، دىھقانچىلىق قىلىشنىڭ بۇنچە تەسلىكىنى بىلگەن بولسام، ھەدەمنىڭ يېرىنى قوبۇل قىلماسكەنمەن. تېراي دېسەم تېخى، تېرىماي دېسەم تېخى، قانداقمۇ قىلارمەن؟-دەپ غەمگە چۆكۈپتۇ غوراز بايۋەتچە.
-يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق، ئۇنى تېرىماي تاشلىۋېتىشكە بولماس. – دەپ مەسىلھەت كۆرسىتىپتۇ دىھقان،-ئۆزەڭ تېرىيالمىساڭ باشقىلارغا ئىش ھەققى بېرىپ تېرىتساڭمۇ بولىدۇ.
-بۇمۇ بولىدىغان چارىكەن، لىكىن يانچۇق قۇرۇق، ئىشلىگەن ئادەمگە كۈزدە كەل دېگىلى بولمايدۇ-دە؟
-نېمىشقا بولمايدىكەن؟ تامامەن بولىدۇ. دىھقانچىلىق دېگەندە ئۆتنە-لاپقۇت قىلىدىغان، ئىش ھەققىغە خامان ئالغاندا بۇغداي-سامان بېرىدىغان ئىشلار بۇرۇندىن تارتىپ بار.
بۇ گەپنىڭ ئاڭلىغان خوراز بايۋەتچىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. دىھقانغا چوڭ بىر غەمدىن قۇتۇلىشىغا ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ.
شۇ گەپ بىلەن خوراز بايۋەتچە قوش ھەيدەشتىن ئۇرۇق سالغىچە، بۇغداي ئورۇشتىن تاكى خامان قىلىپ چەش ئايرىغىچە بولغان جەريانلارنىڭ ھەممىسىگە باشقىلارنى ئىشلىتىپتۇ. بۇغدايلار چەشلەنگەن شۇ چاغدا خامانلىق ئىش ھەققىنى ئالغىلى كەلگەنلەر بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. بۇغدايلار تەقسىم قىلىنىپ، سامانلار توشۇلۇپتۇ، خوراز بايۋەتچىگە پەقەت بۇغداينىڭ قۇيرىقى بىلەن ساماننىڭ تېگىلا قاپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 01:30  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +88 يىغىش سەۋەبى
ئەلچى + 88

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-17 02:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكلىرىڭ ياخشى چىقىپتۇ ،مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2014-5-17 11:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، پەرزەنتلىرىمىزگە ئوقۇپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتساق ياخشى بولغۇدەك .

ۋاقتى: 2014-5-17 12:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   شۇنداق يېقىشلىق  چىقىپتۇ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش