يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: بەگزات

بەگزات: جەمالىڭ ۋەسفىدىن ئالەم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 17:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 16:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام  بەگزات كېلىۋاتقان ئەتىكى يى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنەۋۋەر ھەدە، سالامەت تۇرىۋاتامسىز، سىزنىمۇ ئەتىكى يېڭى يىلىڭىز بىلەن قۇتلۇقلايمەن، ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ بەرىكەت تاپقاي. ياخشى تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-12-31 17:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 16:48
مۇشۇ سۆزنى قانداق ئىشلىتىش مەسلىىسدە مەنمۇ گاڭگىراپ ...

شۇنىڭدا بۇ سۆز بىر بوغۇملۇق «ئىشق» بولدىمۇ ياكى ئىككى بوغۇملۇق «ئىشىق» بولدىمۇ؟
ئاۋۇ «ۋەسفى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە ئىكىن؟ بۇنىمۇ بىلمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشايمەن.
بۇ غەزىلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ئۇكام. ئىزگۈ مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىپ بىسمىللاسىنى باشلاپ بەرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 17:09:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 17:04
شۇنىڭدا بۇ سۆز بىر بوغۇملۇق «ئىشق» بولدىمۇ ياكى ئىككى ...

«ئىشق» سۆزى ئىملادا بىر بوغۇم بولىدۇ. لېكىن ئارۇزدا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بەزىدە بىر بوغۇم، بەزىدە بىر يېرىم (يەنى بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا) بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ.
     ۋەسف (ئەسلىسى يېزىلىشى «وصف» ) نىڭ مەنىسى «تەرىپلەش، ماختاش» دېگەنلىك بولىدۇ.
    «ئىزگۈ» مۇكاپاتىغ ابۇ يازمامنىڭ مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان، ھىلىمۇ بەزى سەۋەنلىكلەر كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2014-12-31 18:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 14:26
ئىنىم ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزادنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل غە ...

بەگزادنىڭ تۇرپان ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدا «گۈلى رەنا» نامىدا بىر قاتار غەزەللىرى ئېلان قىلىندى مۇشۇ يېقىندا.

ۋاقتى: 2015-1-3 01:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدا تېتىملىق غەزەللەردىن زوق ئالدىم،رەخمەت .

ۋاقتى: 2015-1-3 01:37:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدا تېتىملىق غەزەللەرىن زوق ئالدىم،رەخمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلفىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 01:38  


ۋاقتى: 2015-1-3 19:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب كام-كوتىسىز غەزەللەركەن، زوقلاندىم، ۋەزىنگىمۇ چۈشىدىكەن...نادىركەن...

ۋاقتى: 2015-1-3 20:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 19:13
ئەجەب كام-كوتىسىز غەزەللەركەن، زوقلاندىم، ۋەزىنگىمۇ چ ...

تەنە سىزگە ياراشمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 21:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان ئاكا، سالامەت تۇرىۋاتامسىز، بۇ يازما زوقلىنىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ. كەم كوتىسىز دېگىنىڭىزمۇ قارىسىغىلا ئېيتىلغان گەپ. بۇ ئىنكاسىڭىزدىن مۇنبەرگە بىر كەلگۈدەك تەنە تۆكۆلۈپ تۇرۇپتۇ...بۇ يازمىنىڭ كەم كوتا يەرلىرى خېلى بار.

ۋاقتى: 2015-1-4 10:13:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم بەگزاد، سمىمىي گەپ قىلىۋاتىمەن، ماڭىمۇ ئىشەنگەيسىز، ئامان بولۇڭ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش