كۆرۈش: 4309|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


qq.png

مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال 1980-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسى جانباز يېزىسى ئۈجمىلىك لەڭگەر كەنتىدە دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1997-يىلىدىن باشلاپ <<تارىم>>، <<قەشقەر>>، << يېڭى قاشتېشى>>، <<شىنجاڭ ياشلىرى>>، <<كروران>>، <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> قاتارلىق ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلدۇرغان. 2001-يىلى ئۇنىڭ <<قەدىمىي چۈش>> ناملىق شېئىرى 4-نۆۋەتلىك <<تارىم>> ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن <<مۇھەببەت دەرياسى>> ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن << ياشلىق سونىتلىرى>>ناملىق سونىتلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ھازىر شائىرنىڭ شنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يەنە <<نىھال سونىتلىرى>>، << چۈشۈمدىكى قىز>>، << ۋىسال داغلىرى>> ناملىق بىر تۈركۈم شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 01:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش