لوقمان ھېكىم دۇنيادا تەڭداشسىز ھۆكۈما بۇلۇپ ،ئۇنىڭ كۈنلىرى بىمارلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش،ئۇلارنىڭ جىنىغا جان ئۇلايدىغان دورىلارنى بۇيرۇش بىلەن ئۆتىدىكەن .ئۇ ئەنە شۇ ئالدىراشچىلىقتا قىزىنىڭ تويىغىمۇ پۇرسەت چىقىرالماپتۇ ،قىسقىسى، كۈئوغۇل بولغۇچىنىڭ دىدارىنىمۇ تۈزۈك كۆرمەپتۇ .ھامىنى بىر كۈنى ئالدىمغا كىلىدىغۇ ،دەپ ئويلاپتۇ.
لېكىن، كۈنلەر بىر- بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ.كۈيئوغول بىرەر قىتىممۇ لوقمان ھېكىمنىڭ ئالدىغا كەلمەپتۇ. لوقمان ھىكىم كۆڭلىدە « كۈيئوغلۇم بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بىمار بولۇپ ئالدىمغا كىلىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ .لىكىن كۈئوغلى بىمار بولۇپ زادىلا «سالام»غا كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان لوقمان ھېكىم قىزىدىن كۈيئوغلىنىڭ قانداق خىسلەتلىرى بارلىقىنى سوراپتۇ .قىزى ئېرىنىڭ باشقىچە خىسلىتى يوقلىقىنى ئېيتىپتۇ .غىزا ھەققىدە سۆز بولغاندا ،ئېرىنىڭ ناھايتى سەھەر تۇرۇپ ئازراق ناشتا قىلىۋېلىپ، ئاندىن ئىشقا كىرىشىپ چاي ۋاقتى بولغاندا تويغىچە غىزالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . ئۇنداق بولسا، دەپتۇ لوقمان ھېكىم ،سىز نانلارنى يۇشۇرۇپ قۇيۇپ يىتىڭ- دەپتۇ.
قىزى دادىسىنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلىپتۇ. ئېرى تاڭ سەھەردە ئويغىنىپلا نان ئىزدىگىلى تۇرۇپتۇ. نان تاپالمىغاندىن كىيىن ،قىتىپ تاشلىنىپ قالغان بىر بۇردا ناننى بىر يەردىن تېپىپ چايناشقا باشلاپتۇ. لوقمان ھېكىم قىزىدىن يەنە سورىغان ئىكەن ،قىزى بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. لوقمان ھېكىم تىخىمۇ قىزىقىپ، پارچە پۇرات-پۇرات نانلارنى قالدۇرماسلىقنى ئېيتىپتۇ. قىزى ئاخشىمى ھىچقانداق يىگىدەك نەرسە قالدۇرماپتۇ. ئەتىسى لوقمان ھېكىم كىسەل كۆرۈۋاتسا قىزى كىرىپ كەپتۇ. لوقمان:
-قىزىم ، كۈيئوغلۇم سەھەردە قانداق قىلدى ؟-دەپ سوراپتۇ .قىزى:
- ئەي جاھاندا تەڭداشسىز ئاتا ،ئۇ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا يىگىدەك نەرسە تاپالمىغاندىن كىيىن ،ئىزدەپ بىر دەم بىسەرەمجان بولدى ،ئاندىن قەلەمتاراچنى ئىشقا سىلىپ، تامدىن بىر نەرسە ئىلىپ ئاغزىغا سالدى -دە، ئىشقا كەتتى ،- دەپتۇ، ئۇنى ئاڭلىغان لوقمان ھېكىم ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ.
-ئەسلىدە ھىكىم مەن ئەمەس ،كۈيئوغلۇم ئىكەن! ئۇ بىمار بۇلۇپ مېنىڭ قېشىمغا ھەرگىز كەلمىگىدەك ، -دەپتۇ.
«ناشتىنى قولدىن بەرمەسلىك لوقمان ھېكىمدىن ئارتۇق» دىگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-15 18:25
|