كۆرۈش: 1102|ئىنكاس: 9

تۇغلۇق: سىيىت نوچىنىڭ ھايات-ماماتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىيىت نوچىنىڭ ھايات-ماماتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


1

خەلقپەرۋەر باتۇر سىيىت نوچى 1876-يىلى بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ تاغ بويىغا قاراشلىق بايلا كەنتىدە توختى مۇھەممەد ئىسىملىك ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئانىسىنىڭ ئىسمى توختىخان ئاچا بولۇپ سىيىت ئاخۇن ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. سىيىت ئاخۇن تۇغۇلغان يىلى ئۇنىڭ ئاكىسى مۇسا 10 ياشقا كىرگەن بولۇپ ئاتا-ئانىسىغا ياردەملەشكۈدەك بولغان. بۇ ئائىلىنىڭ يەر-زېمىنى بولمىغاچقا، كۆپ ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ ياكى يەر ئىجارە ئېلىپ تېرىپ، ئورتاقچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن. گەرچە توختى مۇھەممەد بىر قانچە ئەۋلادتىن بېرى ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ناۋاي ئەۋلادى بولسىمۇ، قىسقا مەزگىللىك ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىغا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئۆتكۈنچى ۋەزىيەتتە يېزا ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك خارابلاشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ بەشكېرەمدىكى ھۈنەر-كەسىپ تىرىكچىلىكى يۈرۈشمىگەن. توختى مۇھەممەد ئوغۇلبالىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك، مىجەزى چۇس ھەم لۈكچەك سۈپەت، ئەمما ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولغاچقا يەنە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋېرىشكە كۆڭلى كۆتۈرمەي، مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل سىرتىغا جايلاشقان كوزىچى يار بېشىغا كۆچۈپ كىرىپ ماكانلاشقان. ئاندىن 17-18 ياشلارغا كىرىپ قالغان چوڭ ئوغلى مۇسانى ئۆزىگە يانداپ گۈزەردە ناۋايلىق دۇكان ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلغان. توختى مۇھەممەد ۋە توختىخان ئاچىلار مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن قارا تۈرك كىشىلەر بولغاچقا بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئورنىغا ھۈنەر كەسىپ ئەھلى قىلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن سىيىت ئاخۇن نامرات ئائىلە مۇھىتى ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي شارائىتتا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، مەرد، خۇشچاقچاق، ئەمما ساددا بالا بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ 15 ياشقا كىرگۈچە دادىسىدىن ناۋايلىق ھۈنىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن.
1895-يىلى سىيىت ئاخۇن 19 ياشقا كىرگەندە ماھىر جانباز-مەمەت جانبازنى ئۇستاز تۇتۇپ چامباشچىلىق ۋە قىلىچۋازلىقنى ئۆگەنگەن. مەمەت جانباز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ جانبازنى ئۇستاز تۇتۇپ چامباشچىلىق ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. 1902-يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا سىيىت ئاخۇن دوستلىرى بىلەن ھەزرەت سەيلىسىگە چىقىپ، شەربەت كۆلى يېنىدىكى مەيداندا ئۇيغۇر چېلىشىش قائىدىسىگە مۇخالىپ ھالدا ئۆزىگە قارشى چېلىشىشقا چۈشكەن رەقىبلىرىنى چىماقلاپ ھىيلە بىلەن يىقىتقانلىقىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەن يامۇل چىرىكى بىلەن چېلىشىشقا چۈشۈپ، كۈچىمەيلا يۇلۇپ ئېلىپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە مەيداننى ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئۇرغان. مانا شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ قەشقەر خەلقى ئىچىدە «سىيىت نوچى» دەپ ئاتالغان[1].
سىيىت ئاخۇن «سىيىت نوچى» دەپ ئاتالغان كۈنلەردە دادىسى ئۇشتۇمتۇت قازا قىلغان. ئاكىسى ئۇچتۇرپاندا ئولتۇراقلىشىپ ناۋايلىق قىلىۋاتقان تاغىسىنى پاناھ تارتىپ بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن 26 ياشقا كىرگەن سىيىت نوچى بىر مەزگىل قەشقەردىن ئۇچتۇرپانغا بېرىپ -كېلىپ تۇرغان. كەمبەغەل ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرگەن «ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل» دېگەن ھالال ئەقىدە بويىچە ناۋايلارغا نىمكار ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ھاياتى «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانلىرىدا مۇنداق سۈرەتلەنگەن:


ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ،
ئۆتمەكتە ئۆمۈر.
ئەتىگەندىن كەچكىچە،
ئەيلەيمىز خېمىر.
خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ،
بىلەكلەر تۆمۈر.
سىيىت نوچى گىردىسى دەپ،
داڭقىم يېيىلدى.
داستىخانغا دەرمان بولۇپ،
ماختاپ يېيىلدى.
بۇ گىردىنى ھەر ياققا،
ئېلىپمۇ كەتتى.
ئالدى ئاقسۇ ئارقىسى،
يەركەنگە يەتتى.
نەچچە يىلىدىن نىمكار ئىشلەپ،
تەننى پىشۇردى.
بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ،
قۇۋەت ئاشۇردى.


سىيىت نوچى كىچىكىدىن يالغانچىلىق، ساختىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان خىسلەت بىلەن راستچىللىق، سەمىمىيلىك قاتارلىق پەزىلەتلەردىن يۇغۇرۇلغان مەردانە يىگىتلىكنى يېتىلدۈرگەن بولغاچقا، 1912-يىلى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»غا قاتناشقان. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى يۈەن داخۇا بېيجىڭغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئېتىراپ قىلىپ ھەم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا قەشقەر دوتىيى يۈەن خۇڭيۇنى يوشۇرۇن تەۋسىيە قىلغان. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يۈەن داخۇانىڭ ئىستىپاسىنى تەستىقلاپ، قەشقەرنىڭ دوتىيى يۈەن خۇڭيۇنى شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلۇقىغا تەيىنلىگەن. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ تۇتۇقى يۈەن خۇڭيۇ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، يۈەن خۇڭيۇنىڭ مەسلىھەتچى سەركەردىسى تاڭ ديەنخېڭ، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ئامبىلى جاڭ بىڭدۇ، جاڭ شۇئې قاتارلىقلار دەل «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق مۇجۇغانلىقتىن، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلۇقىغا، قوشۇمچە ئاۋام ئىشلىرى ئورنىنىڭ باشلىقلىقىغا، ۋاڭ شۆزېڭنى قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىگە، جۇ جىدېنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان[2]. سىيىت نوچى مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا بۇ ئۇيۇشمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ سەپكە نېمە ئۈچۈن قاتناشقانلىقى «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانلىرىدا سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان:


بوزەك قىلسا باي غوجاملار
ئاجىز پۇقرانى.
قانداق چىداپ تۇرالايدۇ
سىيىت ۋىجدنى.
ئاگاھ بەردى سىيىت كۆپ رەت،
ھۆكۈمران بەگكە.
نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا
قېتىلدى سەپكە.


ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «‹قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى› تەيپىڭتيەنگو ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەنچىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، مىڭ سۇلالىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋىي مەخپىي تەشكىلات»[3] بولۇپ، بۇ تەشكىلات، يەنى «‹قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى› شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەرقايسى جايلاردا ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ئىستىخىيلىك ھالدا خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار پەقەت ‹مەنسەپدارلار ئۆلتۈرۈلسىلا زۇلۇم تۈگەيدۇ› دەپ تونۇغان»[4]. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ ئۇيۇشما ئەزالىرى شىنجاڭغا چىقىپ كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بىراق، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، يەرلىك مىللەتلەردىن چىققان، ھۆكۈمران سىنىپقا نىسبەتەن قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى كۈچلۈك ھەم تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۆزىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى خەلقنىڭ دېموكراتىك ئارزۇ-ئۈمىدىگە ئۇيغۇن بولغانلىقتىن، خەلق بۇ ئىنقىلابچىلارنىڭ پائالىيىتىنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. ئۇلار بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان»[5] شۇڭا «ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىمۇ ‹قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى›نىڭ تارمىقى قۇرۇلغان. سىيىت نوچى بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىپ ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن»[6] ئۇ، بۇ جەرياندا يەنە يەركەن، قەشقەر ئەتراپىدا جانبازلىقتا داڭ چىقارغان، شۇنىڭدەك باتۇرلۇقى بىلەن قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغان ھاشىم گېلاۋخۇيدىن چامباشچىلىق ئۆگىنىپ، ئۆز ماھارىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئىزچىل تۈردە ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشلىرى «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانلىرىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:


بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم
گېلاۋخۇي ھاشىم.
چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ،
جان دوست-ئاداشىم.
گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق،
دارېنغا قارشى.
خىيانەتچى، پارىخور
زالىمغا قارشى.
بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ،
كۆتۈردۇق غوۋغا.
مەيلى دېدۇق بىزنى باغلاپ،
ئاسسىمۇ دارغا.
ھەر قەيەردە ئۆم بولۇپ،
باشلىدۇق جېدەل.
ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز
بولۇپتۇ غەزەل.


دېمەك، سىيىت نوچىغا دائىر قوشاقلار ۋە داستانلاردا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندەك، ئۇ گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سىيىت گاڭگۇڭ ئاتالغان ھەم قان شورىغۇچى تىرىك تاپ بايلار، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان ئىدى. بىراق «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەشقەر قوزغىلىڭى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلۇپ، نۇرغۇن قوزغىلاڭچىلار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان[7]. مۇشۇنداق خەتەرلىك شارائىتتا سىيىت نوچىنىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكتىن ئۇ قەشقەردە تۇرالماي ئاقسۇ، كۇچا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى پائالىيەتلىرىگە دائىر خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان بىلەن ئايكۆل دائىرىسىدە كۆپرەك تۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاقسۇ نوچىسى ئايكۆللۈك ئاقسوپى بىلەن دوست-بۇرادەر بولۇشقان ھەم يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئايكۆلدىن ئۆيلىنىپ، بىر پەرزەنتلىك بولۇپ، ئوغلىغا دادىسى توختى قاغا ئىسمىنى تەۋەررۈك قىلىپ «توختاخۇن» قويغان[8]. بىراق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ گوماشتىلىرى يەنە ئارام بەرمىگەنلىكتىن سىيىت نوچىنىڭ ئايكۆلدىكى ئائىلىۋى خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپ، كۇچاغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كۇچادا ئۆزىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن. قاراشەھەردە خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يىلىكىدە سۇ ئىچىپ، يۈرەكلەرنى لەختە قىلىۋەتكەن ۋەھشى زومىگەر ـــ پور بايۋەچچىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، خەلقىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغان. بىراق، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سىيىت گاڭگۇڭنىڭ قەشقەردىن يىراق ئىلى ۋادىسىدىمۇ خاتىرجەم تۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان. ئۇ ئىلىغا بارغان ھامان يەنە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت چېرىكلىرى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. سىيىت نوچى تەمتىرىمەستىن ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ ئەدىپىنى بەرگەن. يەنە بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ «تۈرمىگە قامالغان بىگۇناھ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن»[9]. ئىلى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن قوراللىق چېرىكلەرنى ئىشقا سالغاندا، ئۇ يەنە بىر مەزگىل ئىلى دەريا بويلىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، مىللىي زۇلۇم ۋە سىنىپىي زۇلۇم تۈپەيلىدىن غېرىب-غۇرۋا، مۇساپىر-يېتىملارغا ئايلانغان مېھنەتكەش خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ بىر مەزگىل تۇرغان. قولغا ئېلىنىپ زىندانغىمۇ تاشلانغان. ئايدىڭ كېچىدە زىنداندىن قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، 1919-يىللىرى، بەزى ماتېرىياللار بويىچە 1920-يىلى ئىلى دەرياسى ئارقىلىق سوۋېت رۇسىيەسىگە چىقىپ كەتكەن[10]. بۇ مەزگىلدىكى قىسمەتلىرى «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانلىرىدا مۇنداق ئىپادىلەنگەن.


ئىلىخوغا بارماڭلار،
يولى خەتەردۇر.
زىمىستان قىش نەشىتىرى
جاندىن ئۆتەردۇر.
مۇساپىرلار، دەردمەنلەر
يولدا ياتاردۇر.
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ
غەمگە پاتاردۇر.
ئىلىخوغا مەن بېرىپ،
قالدىم بالاغا.
ياغاق يۈزلۈك چىرىكلەر
ئالدى ئاراغا.
ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ
ئۇتتۇر چىشىنى.
پەشۋا بىلەن مۇشت بىلەن
ياردىم بېشىنى.
ئىلى دەريا بويىدا
چالدىم راۋابنى.
خالاس ئەتتىم قۇل-يېتمنى،
تاپتىم ساۋابنى.
قۇل-يېتىمنىڭ ياتقان يېرى
پىتلىق ئاۋاختا.
قۇل-يېتىمغا ئاش بىرەركەن
سۇنۇق تاۋاقتا.
ئاۋاختىنى ئاي يۇرۇقى
ئايدىڭدا چاقتىم.
قوش قۇلۇمنى قېيىق قىلىپ
دەريادا ئاقتىم.


مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سىيىت نوچى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قارا قول(پىرژىۋالىسكىي)، توقماق، بىشكەك(فرونزى) ۋە ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردا تۇرغان[11]. ئۇنىڭ سوۋېت رۇسىيەسىگە قەدەم قويغان مەزگىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى چاررۇسىيە زېمىنلىرىدا، يەنى سوۋېت دائىرىسىدە ئۆزىگە خاس يېڭى تۈزۈم ئورنىتىش مۇددىئاسىدا ھەرقايسى رايونلار ئارا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش، يەنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇۋاتقان يىللارغا توغرا كەلگەن. گەرچە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، نىسپىي تىنچ ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سوۋېت رۇس ھاكىمىيىتى يەنە نۇرغۇن يېڭى چېگىش مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن ھاكىمىيەت قۇرۇش بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئايرىم-ئايرىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىش بولغان. ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بىلەن ئۇلارغا قارشى ئاقلار ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن ۋە خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملاشقان. ئۇرۇشتا يېڭىلگەن بىر قىسىم ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى قەشقەرگە قېچىپ كېلىۋالغان. بۇنىڭغا قارىتا «1919-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ياڭ زېڭشىن ما فۇشىڭغا (马福兴) تېلېگرامما بېرىپ، مەيلى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى بولسۇن ياكى ئۆزلىرىنى مۇساپىر دەۋالغانلار بولسۇن، ئۇلارنى بىردەك توسۇپ، چېگرادىن كىرگۈزمەسلىك كېرەك، دەپ بۇيرۇق قىلغان. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخانوپ مەغلۇپ بولغان نەچچە يۈز ئەسكەرنى باشلاپ، زورلۇق بىلەن قارۋۇلخانىدىن ئۆتكەن. ياڭ زېڭشىن تېلېگرامما بېرىپ، خەلقئارا ئورتاق قانۇن بويىچە ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن»[12]. ھەتتا ئاقلار ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى دۇتۇپ بىر قىسىم قوشۇنلىرىنى باشلاپ 1920-يىلى شىنجاڭغا كىرگەن[13] ۋە بۇ يەردە كۈچ توپلاپ سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. شۇنىڭدەك، سوۋېت دائىرىسىدىكى بەزى رايونلاردىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە تىركەشكەن. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى رايونلارغا قارىتا ئىچكى ئۇرۇشنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا قانات يايدۇرۇپ «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب»نى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە باشلىغان. بۇنداق يۈزلىنىش قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا نىسبەتەن ئېغىر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ھاكىمىيىتى ھەرقايسى جايلاردا كۆرۈلگەن مىللىي ھەم دىنىي، سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يەتتە سۇ، ياركەنت، چىمكەنت، ئوش، بىشكەك، قارا قول، تاشكەنت، بۇخارا، پەرغانە قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە سىياسەت قوللىنىپ، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈكسىز ئېلىپ بارغان. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى قېرىنداشلار شىنجاڭ رايونىغا قېچىپ كېلىشكە باشلىغان. مانا مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخىي ۋەزىيەتتە بۇ يەرگە كەلگەن سىيىت نوچى بۇ جايلارنى بىر قۇر ئايلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ كۆزى ئېچىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ياشاۋاتقان مېھنەتكەش خەلقىمىزگە دائىر نۇرغۇن قانلىق پاجىئەلەرنىڭ تىرىك شاھىتى بولغان بىچارە قېرىنداشلار بىلەن سىردىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشقاندىن كېيىن، بۇ يىللاردىكى «سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش»لەر جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلەردىن خەۋەردار بولۇپ قايغۇرغان. بىھۇدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق قىلغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە ئىكىسپالاتاتسىيەگە قارشى ئىرادىسى تەبىئىي رەۋىشتە كۈچەيگەن. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە ئارمىيەسى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا ياڭ زېڭشىننىڭ قەشقەردىكى قوشۇنلىرى ئەمەس، بەلكى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» قوشۇن تەشكىللەپ قارشى تۇرغان بولغاچقا، ئەمدىلىكتە مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئەزاسى بولغان سىيىت نوچىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پەيدا بولۇشى رۇس قوشۇنىدىكلەرنىڭ دىقىتىنى تارتىپ، كەينىگە پايلاقچى سېلىپ قويغان.
سىيىت نوچى 1922-يىلى باش باھاردا ئالمۇتا ئارقىلىق يەنە ئىلىغا قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل تۇرۇپ، بۇرۇنقىدەكلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇنى «خەلق ئارىسىدىكى قۇتراتقۇلۇق» دەپ بىلگەن ئىلى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ماداخۇا يەنە سىيىت نوچىنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چىقارغان. مانا مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالدا سىيىت نوچى ئىلىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى سۇلتان باينىڭ ياردىمى بىلەن مۇز داۋان ئارقىلىق ئۇچتۇرپانغا كەلگەن[14]. ئايكۆلگە بېرىپ ئايالىنىڭ ياتلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، بالىسى توختىنىڭ بىر چىرايلىق چوڭ بولۇپ قالغانلىقىدىن سۆيۈنگەن. ئوغلىغا كېتەرلىك خىراجەتنىڭ يولىنى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن يەنە ئۇچتۇرپانغا قايتىپ بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرتداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەر بەشكېرەمدىن چىقىپ ئۇچتۇرپاندا ئۇلتۇراقلىشىپ قالغان داۋۇت تاقىچى دېگەن كىشىنىڭ قىزى ـــ ھۈسنەرىخان بىلەن توي قىلغان.
بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆزىنىڭ چامباشچىلىق ۋە قىلىچۋازلىقتىكى ماھارىتى، قىران يىگىتلەرگە خاس جاسارىتى بىلەن ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ھەتتا ئۇچتۇرپانلىق تەكتى كۇچالىق يەرلىك ئەمەلدار مەمىتىمىن شيەتەي ۋاڭ تەرىپىدىن شيەتەي يامۇلىغا قاراشلىق چېرىكلەرنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەكلىپ قىلىنغان[15]. سوۋېت رۇسىيەسىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىدىن ئەقىل تېپىپ، «يولى كەلسە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئۇيغۇر چېرىكلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئىش تەۋرىتىش»كە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىق ھېس قىلغان سىيىت گاڭگۇڭ بۇ تەكلىپنى مەقسەتلىك ھالدا قوبۇل قىلغان.
بۇ چاغدىكى ئۇچتۇرپان ئامبىلى ماشاۋۋۇ (马绍武) ئەسلىدە قەشقەردە ھەربىي ھەم مەمۇرىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋە ئەينى چاغدا «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»غا قاتناشقانلارنى يوقىتىشتا داڭ چىقارغان چوڭ جاللات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى سىيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمەي ئارماندا قالغان. بۇ قېتىم ئۇنى كۆرۈپ، باشتا بىراز بىئارام بولغان بولسىمۇ، مەمىتىمىن شيەتەي ۋاڭدەك يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەنمۇ مەقسەتلىك ھالدا يېقىن ئۆتۈۋاتقان سىيىت نوچىغا بىۋاسىتە قول سېلىشقا پېتىنالماي، پۇرسەت كۈتكەن. يەنە بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماشاۋۋۇ ئۇچتۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە تۈركىستاندىكى خۇيزۇلار ئارقىلىق سوۋېت بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە قويغان ئامبىلى بولۇشىغا قارىماي، يەنە ئىچكى جەھەتتە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلغان جاسۇس[16] بولغاچقا، سوۋېت رۇسىيەسى كەينىگە پايلاقچى سېلىپ قويغان كىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. شۇڭا، مەخپىي بۇيرۇق بويىچە ئۇنىڭ ماتېرىيالىنى تۇرغۇزۇپ، «جىنايەتلىرى»نى تىركەپ چىققان. ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، سىيىت نوچى بۇ قېتىم كەلگەن مەزگىلدە ئۇچتۇرپاندا ئەپيۇنخانا، قىمارخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن خەلقنى بۇزۇقچىلىق كوچىسىغا باشلىغان. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن سىيىت نوچى قاتتىق نەپرەتلەنگەن. ھەتتا ھەربىيلەر ئاچقان قىمارخانىدا قەستەن جېدەل چىقىرىپ، قىمارخانا غوجايىنىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. قىمارخانا غوجايىنى ئۇنى تۇتقىلى سەككىز-ئون ئەسكەرنى ئەۋەتكەندە، سىيىت نوچى بوي بەرمەي، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەن. بۇ يىللاردا ما شاۋۋۇ ھەربىي مەمۇرىيلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئەپيۈن توشۇپ كېلىپ، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقان بولۇشىغا ھەم قىمارخانا غوجايىنلىرى بىلەن بىر ئېقىمدا بولۇشىغا قارىماي، سىيىت  نوچىدىن پايدىلىنىش غەرىزىدە ئۇنى ھىمايىسىگە ئېلىپ، ھېلىقى قىمارخانىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. ھەتتا ئۇ سىيىت نوچىغا غەرەزلىك ھالدا «دوستانە ئىلتىپات» كۆرسىتىپ، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان. سىيىت نوچى ئۇنىڭ غەرەزلىك «ئىلتىپاتى»دىن بەھرىمەن بولغان. ئەمما قىسقا بىر مەزگىللىك ئېزىقىشتىن كېيىن ھوشىنى يىغقان سىيىت نوچى بۇ يەردە ئىلگىرى ئويلىغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ما شاۋۋۇنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىش مۇددىئاسىدا «ئىلتىپات» قىلغانلىقىدىن ئىچى سىقىلغان. ئۇ قەشقەرگە قايتىش قارارىغا كەلگەندە بولسا، كۆڭلىگە بىر تالاي شۇملۇقنى پۈككەن ماشاۋۋۇ ساختا تەكەللۇپلار بىلەن ئۇنىڭ قەشقەر دوتىيى جۇ رۈيچىگە بىر پارچە «سالام خەت» ئالغاچ كېتىشىنى ئۆتۈنگەن[17]. يولدا ئۇچرىغانلار ئاغزى چاپلانمىغان خەتتىن گۇمانلانغاندا بولسا، سىيىت نوچى قىلچە گۇمانلانمىغان. ئەكسىچە


ئامانەتكە خىيانەت
نامەرد ئىشىدۇر.
پالاكەتنىڭ ئامرىقى
قورققان كىشىدۇر.
ھاياتىمدا نامەردلىك
قىلغان ئەمەسمەن.
جاننى ئالتۇن-كۈمۈشكە
ساتقان ئەمەسمەن.
كەلسە ئەجەل ناۋادا
جاننى ئالادۇر.
سۇلار ئېقىپ ئاستىدا
تاشلار قالادۇر.
قەشقەرىمدە يارەن كۆپ
يالغۇز ئەمەسمەن.
كىمكى قىلسا يامانلىق
ئادەم دېمەسمەن.

دەپ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، ما شاۋۋۇ سىيىت نوچىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياڭ زېڭشىنغا «سىم قېقىپ»، يەنى تېلېگرامما يوللاپ مەخپىي يوليورۇق ــ «خان يارلىقى» ئېلىپ، ئاندىن سىيىت نوچىنىڭ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققانلىقى توغرۇلۇق قەشقەرگە «سىم قېقىپ»، جۇ دوتەينى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ھىيلە-مىكرى بىلەن ئۇنى يوقىتىشقا شارائىت ھازىرلىغان. نەتىجىدە سىيىت نوچىنىڭ قەشقەرگە كېلىۋاتقانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق خەۋپسىرىگەن جۇ دوتەي باشلىق قەشقەر دارېنلىرى بىردەك: «ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغىچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس. شۇڭا دەرھال سەكسەن چىرىك ھازىر بولسۇن، سىيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۈرسۇن. سىيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن» دېگەن قارارغا كېلىشكەن ھەم ئۇنىڭ سېپىل سىرتى كوزىچى ياربېشىدىكى ئۆيى ئەتراپىغا پايلاقچى قويۇپ قويغان. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن سىيىت نوچى ئەل ياتقۇ مەزگىلىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېنىدىكى پۇلنىڭ يېرىمىنى بېرىپ: «جېنىم ئانا، مەن بۇسۇغىڭىزنى تاۋاپ قىلغىلى كەلدىم.كۆڭلۈم بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، قەشقەرنىڭ سېپىللىرى كۆزۈمگە قان كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ماڭا دۇئا قىلىڭ، ھەرەمگە كېتەي. شۇڭا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قەشقەر شەھىرىدىن چىقىپ كېتەي....» دېگەن. بىراق ئانىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىماي، بىر كۈن قونۇپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلىپ چىڭ تۇرغان. سىيىت نوچى ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىپ قونۇپ قالغان ۋە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ نامازغا چىققان. نامازدىن يېنىپ، ئەھلىجامائەت بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ساماۋەرخانىغا كىرىپ ناشتىغا ئولتۇرۇشقان. ئاندىن ئىنىسى مۇھەممەد خان بىلەن ھەزرەتكە چىقىپ، شەربەت كۆلىنىڭ بويىدا دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرغىنىدا ئاتالمىش «خان يارلىقى» بىلەن قەشقەر دوتەي يامۇلىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. سىيىت نوچى ھېچقانداق گۇناھسىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ما شاۋۋۇنىڭ جۇ دوتەيگە ئەۋەتكەن «سالام خېتى»نى ئېلىپ كەلگەچكە، ئانچە قارشىلىق كۆرسەتمەيلا يامۇلغا بارغان. بىراق، ئۇ سىيىت نوچىنىڭ ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى» بولۇپ چىققان. ئۇ ما شاۋۋۇنىڭ «قۇرئان» تۇتۇپ بەرگەن «قەسەملىرى»گە زىيادە ئىشەنگەچكە، ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى»گە ھېچ ئىشەنمەي، قاتتىق تىركىشىپ، ئېلىشقان بولسىمۇ، بىر ئۆزى نۇرغۇن چېرىكلەرگە تەڭ كېلەلمەي تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇ سەۋەبىنى سورىغاندا دوتەي: «سېنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە خان يارلىقى بار، گۇناھىڭ ئېغىركەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، ھېچقانداق گۇناھسىزلىقىغا قارىماي، زىندانغا تاشلانغان سىيىت نوچى ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. بىراق تولىمۇ كېچىككەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچتۇرپاندىن قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۇنىڭ بۇ سۇيىقەستلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن نۇرغۇن دوستلىرى ئاساسەن خەۋەرسىز قالغان. مۇشۇنداق شارائىتنى ئۆزىگە پايدىلىق بىلگەن جۇ دوتەي 1924-يىلى باھاردا، يەنى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سىيىت نوچىنى باستۇرۇپ، خەلققە ئاتالمىش ئىبرەت قىلىش، ئەڭ مۇھىمى قەشقەر خەلقىنى ئۆزىگە شەرتسىز بويسۇنىدىغان قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 400 چېرىك بىلەن يالاپ چىقىپ «سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ كەلگەن» دېگەندەك بەتنام بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن[18]. ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ قەشقەر ۋاىيانتلىرىدا سىيىت نوچى ئۆلۈم ئالدىدا


ئەزىزانە يۇتداشلار،
مەندەك نادان بولماڭلار.
چۈشۈپ ھىيلە-قىلتاققا،
ناھەق قۇربان بولماڭلار!....
خوش، ئامان بول قەشقەرلىك
جان-جىگەرلەر تۇغقانلار.
بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال،
سۆز قەدرىنى ئۇققانلار.
جامائەت جەم بولۇپسىز،
مەندىن بولۇڭلار رازى.
مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز،
بولغاندا خۇدا قازى!

دەپ ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھىيلە-قىلتىقىغا چۈشۈپ، ناھەق قۇربان بولۇۋاتقانلىقىنى خەلق ئاممىسىغا ئۆز ئاغزى بىلەن بايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسا، «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ مەرھۇم خەلق داستانچىسى شاھ مۇھەممەد ئورۇنلىغان خوتەن ۋارىيانتىدا سىيىت نوچىنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكىدەك ناھەقچىلىقنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئىنىسى مۇھەممەد خانغا بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ مېيىتىنى دەرھال يۇيۇپ-تاراپ چوقۇم ھېيتكاھتىكى بۈگۈنكى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرتۈش ئارقىلىق 16 مىڭ قەشقەرلىكنى نامازغا قاتناشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، مېيىت نامىزىنى ئابدۇقادىر داموللام ئوقۇش، مېيىت نامىزى ھەققىگە ئۆزىنىڭ ئۇچتۇرپاندىن مىنىپ كەلگەن ئېتىنى بېرىش، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 40 تالىپىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق 40 كۈنگىچە تۇپراق بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، مېيىت يەرلىككە قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئانىسىغا خەۋەر قىلماي تۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئىشلار ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سىيىت نوچى ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى قەشقەردە تىجارەت ئاساسەن توختىغان. قەشقەر خەلقى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە چوڭقۇر ماتەم تۇتقان. مانا بۇ ئۇنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەسىنىڭ قىسقىچە جەريانىدۇر.

2

مەلۇمكى، سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سۆز بولغانلىكى سورۇندا ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئۇنىڭ «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن»لىكى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ خەلقىمىز تارىخىدىكى «نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىقنىڭ قۇربانى» سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۇچتۇرپان ئامبىلى ما شاۋۋۇ يېزىپ بەرگەن «ئۆلۈم خېتى»نى ئوقۇپ بېقىپ ياكى ئوقۇتۇپ بېقىپ تاشلىۋەتكەن بولسا، قۇتۇلۇپ قالىدىغاندەك بىر خىل بىمەنە كۆز قاراش خەلقىمىزنىڭ، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا خەلقىمىز «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ۋە «سىيىت نوچى» داستانلىرىنى خەلق داستانچىلىرى ۋە ۋايىزلاردىن ھەر بىر قېتىم ئاڭلىغىنىدا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قەھرىمانلىقلىرىدىن، ياماندىن قورقماي، ياۋاشنى بوزەك قىلماي ھەقىقەتنى ياقىلايدىغان لۈكچەك مىجەز نوچىلىقىدىن سۆيۈنسە، ئۇنىڭ سىرلىق ھەم ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەينى دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقارغان تۈرلۈك سىياسىي ئويۇنلارنىڭ پەقەت بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئىش بېشىدىكى بىر قىسىم قارا نىيەتلەرنىڭ «ئۆلۈم خېتى» ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ قايمۇققان خەلقىمىز بۇ تىراگېدىيەنىڭ قەبىھ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە سەل قارىغان. بۇ خىل سەل قاراش بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ، سىيىت نوچىنى ئۆزى ياشىغان دەۋردىن ئايرىغان ئاساستا بۈگۈنكى نۇقتىنەزەر بىلەن «ئەخمەق»، «مۇناپىقسىمان ئادەم»... قاتارلىق كاتېگورىيە بويىچە «قايتا باھالاش»تەك نامۇۋاپىق ئەھۋاللارمۇ كۆزگە چېلىقماقتا. ئەمەلىيەتتە، تارىخىي شەخسلەرگە باھا بەرگەندە مۇنداق يەڭگىللىك قىلىش ئادىللىق ئەمەس. دەرۋەقە، تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، «ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانى»[19] سىيىت نوچى بەزى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان بولسىمۇ، پىشىپ يېتىلگەن ئاڭلىق ئىنقىلابچى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە، ما تىتەي، ما شاۋۋۇدەك زالىم، مەككار ئەمەلدارلاغا نىسبەتەن تونۇشى مۈجمەل. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرىنى سېزەلمەي ئالدىنىپ كەتكەن. ھەتتا ئۇنىڭ كاللىسىدا «خاننىڭ ئەمرى ۋاجىپ» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشمۇ بار. بىر تەرەپتىن، سىيىت نوچى گەرچە ئاممىنىڭ سىردىشى، غەمخورى بولۇش سۈپىتىدە، خەلقنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقان جەبىر-زۇلۇملارنى ئاڭلىق ھېس قىلىپ، ئاممىنى ھىمايە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاممىغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلار بىر ئۇچۇم زالىم ئەمەلدارلار دەپ قاراپ، ھۆكۈمەتتىن گۇمانلانمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ شەخسى قەھرىمان بولۇپ، ئاممىنى كۈرەشكە قوزغاشنى بىلمىگەن. سىيىت نوچى بۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سىنىپىي كۈرەش قارشى يوق دېيەرلىك بولغان جەمئىيەت لۈكچەكلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇ تولىمۇ نادان، ھەتتا ئۇنىڭدا بەزى ناچار ئىللەتلەرمۇ  يوق ئەمەس[20]. بۇ ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى تارىخىي چەكلىمىلىك بولۇپ، تارىختا ئۆتكەن «ھەرقانداق بىرىگە ئۇنى ئۆز زامانىسىدىن ئايرىپ، ياكى ئۇنىڭغا بۈگۈنكى نۇقتىنەزەر بىلەنلا قاراپ بىر تەرەپلىمە باھا بەرسەك، ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىمىز»[21]. شۇڭا، «تارىخىي شەخسلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئورنىنى باھالىغاندا، ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتنى كونكرېت تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك»[22]. «ئەلۋەتتە، زىددىيەتلىك، قارغىش تەگكۈر دەۋردە ياشىغانلىقتىن ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى، كەمچىللىكى، ھەتتا يەنە بىمەنىلىكى بولغاندۇر»[23]. بىراق، ئۇلارغا باھا بەرگەندە «مۇناپىقلىق قىلمىغانلارنىمۇ مۇناپىقلىق قىلدى دەپ ئېغىز ئېچىش ئەلۋەتتە توغرا بولمايدۇ»[24].
بىز سىيىت نوچىنىڭ قەشقەردە «نوچى» ئاتىلىپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ، تۈرلۈك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنە قەشقەردە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك قىسقىغىنا ھايات تارىخىنى ۋاراقلىساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق كەچۈرمىشلىرىنىڭ يەنىلا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپلۇقىنى بىلەلەيمىز. يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك 1912-يىلى 5-ئايدا يۈەن خۇڭيۇ قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەر كۇنىشەھەردىكى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرى ئادەم توپلاپ، ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ چاغدا ما شاۋۋۇ «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» باشچىلىقىدىكى قەشقەردىكى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ياڭ زېڭشىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 840 كىشىلىك چاررۇسىيە قوشۇنى مىڭيول قاراۋۇلخانىسى ئارقىلىق قەشقەرگە كىرىپ، يەتتە جايغا بۆلۈنۈپ، كونىشەھەرنىڭ يارباغ دەرۋازىسى(ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبى) غا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياڭ زېڭشىن ئۇلارغا قارشى تۇرماقتا يوق، ئەكسىچە قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بېگى بىلەن دوتىيىگە تېلېگرامما بېرىپ: «چاررۇسىيە ئارمىيەسى چېگرادىن كىرگەن بولسا، بىز تەرەپتىن يەنە ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىچكى قىسىمنى تەرتىپكە سېلىشقا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىش لازىم» دەپ، ئىچكى قىسىمنى، يەنى قەشقەر خەلقىنى «تەرتىپكە سېلىش»قا بۇيرۇق قىلغان. 7-ئايدا ياڭ زېڭشىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، چاررۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. چاررۇسىيە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن، قەشقەردە يەنە 500 ئەسكەر كۆپەيتكەن. توپ، پىلىمۇتلىرىنى دوتەي يامۇلىغا بەتلەپ قويۇپ، ئاشكارا تەھدىت سالغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى سوكۇۋ چاررۇسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئارقىلىق يۈەن شىكەينى «چىرا ۋەقەسى»دىكى قاتىلنى جازالاپ، ناماقۇل بولۇش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشكە قىستىغان. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى چاررۇسىيە قوشۇنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، كونىشەھەرنىڭ يارباغ دەرۋازىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قەشقەردىكى ھەر ساھە «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرىدىن ئىككى باتالىيون تەشكىللەپ قارشى تۇرغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى قەشقەرگە يەنە 1000 ئەسكەر يۆتكىگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بېگى جيا داجۇ ياڭ زېڭشىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە چاررۇسىيەلىكلەرگە ناماقۇل بولۇپ، «چىرا ۋەقەسى»نى بىر تەرەپ قىلغان جۇڭگو ئەمەلدارىنى تەكشۈرۈپ جازالىغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ئىشتىن كېيىن، «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ، چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى تاجۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان ئىككى باتالىيون ئۆلكە ئارمىيەسىگە تەۋە «خۇيزۇ باتالىيون»ى نامىدا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ ھەممىسى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلگەن. 1912-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ياڭ زەنشۈي قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىقى ـــ ياساۋۇل بەگلىكىگە قويۇلغان ھەم 1913-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي ۋەزىپىدە ئولتۇرغان[25].
مەلۇمكى، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەرنىڭ تۇنجىسى بولغان قەشقەر، شۇ چاغلاردا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تىنچ ياكى مالىمان بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جاي»[26]، شۇنىڭدەك، رۇسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىسى ئورۇنلاشقان مۇھىم ئورۇن بولغاچقا، ياڭ زېڭشىن چەت ئەلنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەردە ئۆزىگە پايدىسىز ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن داۋاملىق ئەنسىرەپ تۇرغان. ھەتتا ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ياساۋۇل بېگى ياڭ زەنشۈيگىمۇ ئىشەنچ قىلالماي، ياڭ دېشىڭنى قوشۇمچە مۇئاۋىن ياساۋۇل بېگى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقتىمۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، 1914-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ياڭ دېشىڭنى قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بېرىگادىلىقىغا تەيىنلىگەن[27]. 1915-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ما شاۋۋۇ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەن[28]. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۇرتلۇقى ھەم  ئۇنىڭ قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يول باشچىسى تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي شىتابتا موھاپىزەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ قورالسىزلاندۇرغاندىن كېيىن، ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئاساسەن «ما فۇشىڭ بولىدىكەن ياڭ زېڭشىن بولىدۇ، ياڭ زېڭشىن بولىدىكەن ما فۇشىڭ بولىدۇ» دەپ قەسەم بېرىشىپ دوستلاشقان[29] ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى ـــ خۇيزۇ قوشۇنىنىڭ سەردارى ما فۇشىڭ 20 نەچچە باتالىيون ئەسكەرنى باشلاپ قەشقەرگە كەلگەن. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىلگىرىكى ياساۋۇل بېگى ياڭ دېشىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ما فۇشىڭ ياساۋۇل بېگى، ئوغلى ما جىۋۇ ياردەمچى دوتەي بولۇپ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. يەنە ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ ئىنىسى ياڭ زېڭبىننى قەشقەرنىڭ مۇۋەققەت دوتەيلىكىگە قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن[30]. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردە ما شاۋۋۇ بىلەن ما فۇشىڭدىن ئىبارەت ئىككى خۇيزۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.
ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، «ما شاۋۋۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئۇستا، كۆپنى كۆرگەن، بىلىمى مول، قەشقەردىكى خۇيزۇلار ئىچىدە ئابرۇيلۇق بولۇپ، بىر مەزگىل قەشقەردە قازى بولغان. ما فۇشىڭنىڭ يۈننەنلىك ئايالى ما شاۋۋۇنىڭ مۇخلىسى بولۇپ، ما شاۋۋۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن ۋە ما شاۋۋۇنى نەدىلا كۆرسە ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ تۇرۇپ ‹ئۇستازىم› دەپ باش قويغان»[31]. مەلۇمكى، ما شاۋۋۇ قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئامبىلى، ئەمما مافۇشىڭ قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بېگى، يەنى پۈتۈن قەشقەرگە «تىتەي»(«تۇتۇق بېگى»نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى) بولغاچقا، ما فۇشىڭنىڭ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆزىدىن باشقا مەزھەپتىكى ھەم ناھايىتى تۆۋەن مەنسەپتىكى مەمۇرىي ئەمەلدار ما شاۋۋۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، كۆرگەنلا يەردە ئۇنىڭغا تىزلىنىپ سالام قىلىشى ئۇنىڭ نەزىرىدە «ما فۇشىڭنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەنلىك» بولۇپ، قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. دەرۋەقە، «ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تۆت شەھەر (قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن)نىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ پىيادە قىسىملىرى، ئاتلىق قوشۇنلىرى، توپچى قىسىملىرى بولۇپ ئون مىڭغا يېقىن ئادىمى بولغان. شۇ چاغدا بۇ قوشۇنلار قەشقەرنىڭ كونىشەھەر، يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يەركەن، مارالبېشى ناھىيەلىرى ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا تۇرغان»[32]. شۇڭا ئۇ «ئاچچىقىدا ما شاۋۋۇنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان. ما شاۋۋۇ دەردىنى ئىچىدە بىلسىمۇ، ئەمما قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆچ ئېلىش پەيتىنى كۈتكەن. ئۇ قەشقەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ياڭ زېڭشىنغا ئەرز قىلغان. ياڭ زېڭشىن ما شاۋۋۇنىڭ دىنىي ساھەدە ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خۇيزۇ تالىپلىرىنى يېنىغا تارتىپ ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپتۇرماقچى بولغان ھەم ما شاۋۋۇنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ھاكىملىققا تەيىنلەپ، ساداقىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان»[33]. ئەمما 1917-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇ رۈيچىنى قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىگە بەلگىلىگەن[34]. ئۆزىنىڭ ئوغلى، يەنى ياردەمچى دوتەي ما جىۋۇنى دوتەيلىككە ئولتۇرغۇزۇش تاماسىدا يۈرسىمۇ، ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆز ئىنىسى ياڭ زىڭبىننى قەشقەرنىڭ مۇۋەققەت دوتەيلىكىگە بەلگىلىگەنلىكى سەۋەبلىك غىڭ قىلالماي يۈرگەن ما فۇشىڭ ئەمدىلىكتە جۇ رۈيچىنىڭ قەشقەرگە دوتەي بولغانلىقىدىن كۆڭلىدە نارازى بولغان. ئويلىغانلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى پۈتۈنلەي جۇ رۈيچىدىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ قويغاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن. بىر ئاز چاندۇرۇپ قويغاندا بولسا، جۇ رۈيچى ئۆزىنىڭ مەمۇرىي ئەملدار، ما فۇشىڭنىڭ ھەربىي ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئارتۇقچە بىر نېمە دېيەلمىگەن. ما فۇشىڭ يەنە پەيتىنى كەلتۈرۈپ جۇ رۈيچىنى ياڭ زېڭشىنغا مەخپىي ھالدا چېقىپمۇ ئۈلگۈرگەن. بۇنىڭدىن خەۋەرسىز جۇ رۈيچى ياڭ زېڭشىنغا ئەھۋال ئېيتقان بولسىمۇ، ياڭ زېڭشىن قەشقەرنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بىلەن ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بەك ئىتتىپاق بولۇپ كېتىشىنى خالاپ كەتمىگەچكە ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن.
دېمەك، ياڭ زېڭشىن دەسلەپ ما فۇشىڭنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكتىن، ئۇ قەشقەردە «ئۆزى خان، ئۆزى بەگ» بولغان ئەيش-ئىشرەتلىك ھۆكۈمرانلىق ھاياتىنى باشلىغان. خەلققە ھەددى-ھېسابسىز زۇلۇم سېلىپ، «موم ئالۋىڭى» بىلەن خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلغان بولسا، «قۇشقاچ ئالۋىڭى» بىلەن قەشقەر خەلقىنى سەرسان-سەرگەردان قىلغان..... ما فۇشىڭ ئۈستىدىن ياڭ زېڭشىنغا نۇرغۇن ئەرز-شىكايەتلەر بارغان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ قەستەن قانات ئاستىغا ئالغان. نەتىجىدە ما فۇشىڭنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، نىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ، قىسىملارنى 30 باتالىيونغا يەتكۈزگەن. ھەتتا ئۆزىنى «پاشا» («پادىشاھ») دەپ ئاتىۋېلىپ، تېخىمۇ كۆرەڭلىگەن. بۇنىڭدىن گۇمانلانغان ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا قوشۇننى قىسقارتىشنى بۇيرۇغاندا رەت قىلغان ھەم ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن چىقىپ كېتىشكە، ھەتتا ياڭ زېڭشىننىڭ ئورنىغا چىقىشقا ئۇرۇنغان. شۇڭا ئۇ تاشقى جەھەتتە چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يولى كەلگەندە چەت ئەللەرنىڭ مەدەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ «مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى» قۇرماقچى بولغان. ئىچكى جەھەتتە جىفىڭ ئۇرۇشىدا يېڭىلگەن فېڭ يۈشياڭ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلاپ، ياڭ زېڭشىننى يوقىتىپ ئۆزى شىنجاڭنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، جېجياڭلىق خوتۇنىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ شىمالىي مىلىتارىستلاردىن ساۋكۈنگە سوغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق «قوۋۇقچى سانغۇن» ئەمىلى ۋە يەتتە شىر سۈرىتى نەقىشلەنگەن مىسران قىلىچ بىلەن بىر يۈرۈش ئالىي سانغۇنلۇق سۆلەت كىيىمىگە ئېرىشكەن. ئايغاقچىلىرى ئارقىلىق بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ياڭ زېڭشىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ما فۇشىڭنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە بەل باغلىغان.
بىراق، قوشۇنى ئۆلكە ئارمىيەسىدەك مۇنتىزىم ھەم توپچى قىسمى 90 زەمبىرەككە ئىگە بولغان ما فۇشىڭنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئانچە ئاسان ئەمەس بولغاچقا، ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ كونا ھۈنىرىنى يەنە بىر قېتىم بازارغا سېلىپ، قايتا-قايتا پىلان تۈزۈش ئارقىلىق «خۇيزۇلارنى خۇيزۇلار ئارقىلىق تىزگىنلەش»نى قارار قىلغان. شۇڭا ئۇ ما فۇشىڭ بىلەن باشقا مەزھەپتىن بولغان ھەم ئەينى ۋاقىتتا مافۇشىڭ تەرىپىدىن قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىلغىنىغا كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇچتۇرپان ئامبىلى ما شاۋۋۇدىن پايدىلىنىش غەرىزىدە 1924-يىلنىڭ بېشىدا ئۇنى پىلان تۈزۈشكە ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان. پىلان بويىچە ئۇ ئۇچتۇرپانغا قايتىپ تەييارلىق قىلىدىغان، قوماندان ئې يىڭ، سەنمۇجاڭ جاڭ زېچىڭ ئىككىسى 12 باتالىيوننى باشلاپ ئاقسۇغا كېلىپ ما شاۋۋۇغا قوشۇلۇپ ھەمكارلىشىدىغان ھەم ما شاۋۋۇنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولۇپ كېلىشكەن. ما شاۋۋۇ ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كېلىپ، دەرھال ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەييارلاپ چوڭ قوشۇننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئاقسۇدا ئۇچراشقان. ئاڭغىچە تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردىن تەشكىللەنگەن قىسىملار بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىدىن كەلگەن ئىككى باتالىيۇن ئۇلارغا قوشۇلغان. ئاندىن ئۇلار ئىككى يولغا بۆلۈنۈنگەن. مارالبېشى ئارقىلىق ماڭغان قوشۇنغا ئې يىڭ، ئۇچتۇرپان قاقشال يولى ئارقىلىق ماڭغان قوشۇنغا ما شاۋۋۇ باشلامچىلىق قىلغان. ئۇلار چەبدەسلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئون نەچچە كۈنلۈك يولنى يەتتە كۈندە ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1924-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشتا ئۇچراشقان. قەشقەرگە بارىدىغان بارلىق يوللارنى قاتتىق قامال قىلىپ، يولۇچىلار ۋە سودىگەرلەرنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قويۇپ، ما فۇشىڭنىڭ بۇ قېتىمقى جازا يۈرۈشتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. بۇ دەل ما فۇشىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى تۈپەيلىدىن يېڭىشەھەر ۋە كونىشەھەردىكى كوماندىر، ئەسكەرلەر تۆت كۈنلۈك ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن، مۇداپىئەسى بوشىشىپ قالغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ما شاۋۋۇ ئاتۇشتا بىر ئاز ئارام ئېلىپ، سېپىلگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاسما شوتا قاتارلىقلارنى ياسىتىپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كېيىن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، كېچىلەپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، ما فۇشىڭغا جازا يۈرۈش قىلغان. تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى يېڭىشەھەر قورغىنىغا يېقىنلاشقان. شۇنداق قىلىپ 1924-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تاڭ سەھەر يېڭىشەھەر قورغىنى ما شاۋۋۇ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. ما فۇشىڭ ئۇخلاۋاتقان كارۋىتىدا تىرىك قولغا چۈشكەن. جاڭ زېچىڭ باشچىلىقىدىكى يەنە بىر قىسىم قوشۇن كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ما جىۋۇ قوشۇنلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. ما  جىۋۇ يامۇل قورغىنىدىكى تۆت قەۋەتلىك راۋاق ئۈستىگە چىقىۋېلىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئىككى سائەتچە ئېتىشقاندىن كېيىن، ماجىۋۇغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر ما شاۋۋۇنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغان.
ما فۇشىڭ قولغا چۈشكەندىن كېيىن ھەربىي ھوقۇق تاپشۇرۇپ، قىسىمدىن ئايرىلىپ ئاددىي پۇقرا بولۇپ ياشاشنى ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلغان. بىراق، ما شاۋۋۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، «ما فۇشىڭ بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، شۇڭا ئېتىپ تاشلاندى» دەپ ياڭ زېڭشىنغا يالغان مەلۇمات يوللاپ قويۇپ ئەتىسى، يەنى 4-ئاينىڭ 30 كۈنى ما فۇشىڭنى يېڭىشەھەرنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا يالاپ ئاپارغاندىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن[35]. يەنە بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياڭ زېڭشىن گەرچە ما شاۋۋۇنى زور قوشۇنغا باش قىلىپ، ما فۇشىڭغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاشلىقى تۈپەيلىدىن ما شاۋۋۇ يېنىۋېلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ «خۇيزۇلار ئارقىلىق خۇيزۇلارنى تىزگىنلەش» ھىيلىسى ئاقماي قېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن ما شاۋۋۇ بىلەن ما فۇشىڭ ئىككىسى بىرلىشىۋالسا، شۇ قاتارلىق زور قوشۇن ۋە تاج-تەختتىن بىر يولى قۇرۇق قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىنىسىنىڭ ئوغلى ياڭ شىنلىن قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرمايلا قەشقەرگە ئەۋەتكەن. ياڭ شىنلىن قەشقەرگە كەلگەندە ما فۇشىڭ ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ياڭ شىنلىن ما شاۋۋۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەم ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ياڭ زېڭشىنغا ما فۇشىڭنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دوكلات قىلغان. ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن ما فۇشىڭنىڭ ئۆلۈمىگە بىر ئاز ئۆكۈنگەن[36]. بىراق، «ما فۇشىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ھەرقايسى جايلارغا ئېلان چىقىرىپ، ما فۇشىڭنىڭ ئون چوڭ جىنايىتىنى كۆرسەتكەن»[37] ئىكەن.
مانا بۇ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قەشقەردە ئوينىغان بىر قېتىملىق «سىياسىي ئويۇنى»نىڭ قىسقىچە جەريانى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ «سىياسىي ئويۇنى»نىڭ «بىر كۆرۈنۈشى» دەيمىز؟
چۈنكى، بىز يۇقىرىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىنچىكە كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا، شۇنى ئېنىق ھېس قىلالايمىزكى، ياڭ زېڭشىن 1912-يىلى چاررۇسىيە قوشۇنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا ئامالسىز ھالدا «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرىدىن ئىككى باتالىيون تەشكىللەپ قارشى تۇرۇشقا يول قويغان. ئەمما ئىش پۈتكەندە ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرغان. يەنە شۇ يىلى قۇمۇلدىكى دېھقانلار ئىنقىلابىنى باستۇرالماي بېشى قاتقاندا، ئۆزىنىڭ «مۇسۇلمان ئارقىلىق مۇسۇلماننى تىزگىنلەش» تاكتىكىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ما فۇشىڭدىن پايدىلانغان. ئىش پۈتكەندە «قەسەم بېرىپ» دوستلاشقان. ما فۇشىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەندە بولسا، قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بېگى قىلىپ ئەۋەتىپ، ۋاقىتلىق كۆزدىن يوقاتقان. ئەمما ما فۇشىڭ بىلەن ما شاۋۋۇدىن ئىبارەت ئىككى خۇيزۇنىڭ بىرلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارازچىلىققا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، ما فۇشىڭنى قوللىغان. ما شاۋۋۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدىغا ئەرز قىلىپ بارغاندا بولسا، ما شاۋۋۇنى ئۇچتۇرپاننىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلەش ئارقىلىق «تەسەللىي» بەرگەن. ما شاۋۋۇ مۇشۇ مەزگىلدە يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ياڭ زېڭشىن «خۇيزۇلار ئارقىلىق خۇيزۇلارنى تىزگىنلەش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ما فۇشىڭنى يوقىتىشتا ما شاۋۋۇدىن پايدىلانماقچى بولغان ھەم ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىنى بەرمەكچى بولغان. ئۇچتۇرپان ئامبىلى ما شاۋۋۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە غۇلجىدىن ئۇچتۇرپانغا كېلىپ قالغان سىيىت نوچىغا «قۇرئان» تۇتۇپ «قەسەم» بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىراق، مۇشۇ مەزگىلدە ئۇچتۇرپاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى» ئەزالىرى سىيىت نوچىنىڭ ما شاۋۋۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن «سىيىت نوچى ۋەقەسى» كېلىپ چىققان[38].
تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، «سىيىت نوچىنى پايلاپ يۈرگەن ھەربىي-مەمۇرىيلار ما شاۋۋۇغا سىيىت نوچىنىڭ ‹قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى›دىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ما شاۋۋۇ سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەينى، ما تىتەي ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولغان»[39]. بۇ يەردىكى «سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەينى، ما تىتەي ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولغان» دېگەن مەلۇماتتىن ما شاۋۋۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىيامەتلىك دۈشمىنى بولمىش ما فۇشىڭ، يەنى ماتىتەينى يوقىتىشتا يالغۇز سىيىت نوچىدىن ئەمەس، بەلكى سىيىت نوچى ئارقىلىق «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ كۈچىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى ئايان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ما فۇشىڭنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا «بىرلىككە كەلگەن مۇسۇلمان دۆلىتى» قۇرماقچى بولۇشى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، ما شاۋۋۇنىڭ بىر ئامال قىلىپ ما فۇشىڭنى يوقىتىشىنى سوۋېت تەرەپمۇ قوللىغان. بىراق، شۇ مەزگىلدە ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ياڭ زېڭشىن بۇيرۇق چۈشۈرسىمۇ ئاڭلىماي، ئۇنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋاتقان ما فۇشىڭنى يالغۇز سىيىت نوچى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېمەك، ما شاۋۋۇ ئۆزىنىڭ ما فۇشىڭدىكى تارىخىي ئۆچىنى ئېلىشتا ئامالسىز رەۋىشتە «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»دەك ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەردىن پايدىلانماقچى بولغان. شۇڭا، سىيىت نوچى غۇلجىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇچتۇرپاندا ما شاۋۋۇغا تۇنجى قېتىم يولۇقۇپ قالغاندىلا، سىيىت نوچىنى ئۆلتۈرىۋېتىش غەرىزى بولسىمۇ، سىيىت نوچىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە مەمىتىمىن شېيەتەي ۋاڭدەك يەرلىك يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن دەماللىققا ئۇنىڭغا قول سالمىغان. ئۇنىڭ ھېلىقى قىمارخانىدىكى جېدەل تۈپەيلىدىن ئون نەچچە ئەسكەرنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەنلىكى ۋە «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»دىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سىيىت نوچى ئارقىلىق «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»دىن پايدىلىنىش ئويىغا كەلگەن. سىيىت نوچىنىڭ شيەتەي يامۇلىغا قاراشلىق چېرىكلەرنىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى مەقسەتلىك قوبۇل قىلغانلىقىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى بىلمەي، ئەكسىچە «يولۋاس ئۆزلۈكىدىن قەپەزگە كىرگەندەك» ھېس قىلىپ خاتىرجەم بولغان. سىيىت نوچىمۇ خاراكتېرىدىكى دەۋرگە خاس ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن قىسقا بىر مەزگىل ئۇنىڭ ئىزىغا دەسسىگەن. ئاز كۈن ئۆتمەي، سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندىكى ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى، مۇھىمى ما شاۋۋۇنىڭ مۇنداق «دوستانە ئىلتىپات» كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ، قەشقەرگە قايتماقچى بولغان. قەشقەرگە قايتىش ئالدىدا ما شاۋۋۇ يەنە «يولۋاس قەپەزدىن چىقىپ كەتكەندەك» ھېسسىياتتا سىيىت نوچىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. تۇتۇپ قېلىشقا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىدە دەرھال «جۇ دوتەيگە خەت يېزىپ بېرەي، ئالغاچ كەت» دەپ «سالام خەت ھىيلىسى»نى قوللانغان.
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، خەلق ئىچىدە ساقلانغان ئاغزاكى مەلۇماتلاردا بولسۇن ياكى سىيىت نوچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوشاق-داستانلاردىكى مەلۇماتلاردا بولسۇن ما شاۋۋۇ يېزىپ بەرگەن «سالام خەت» ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇ سىيىت نوچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ قاراشنىڭ ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ بۇ پەقەت مەسىلىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، زادى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئاتالمىش «سالام خەت» بىلەن نىقابلانغان. ئەمما سىيىت نوچىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى» يېزىلىشىغا تېگىشلىك بولمىش «جىنايىتى» دەل ئۇنىڭ ئىلگىرى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»غا قاتناشقانلىقى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قېچىپ يۈرگەنلىكى، بۇ جەرياندا كۇچا، قاراشەھەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئىزچىل تۈردە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ كەلگەنلىكى؛ قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلاردىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ياقمايدىغان پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، دۇنيا قارىشىدا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇچتۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە يەنە «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ قالدۇق ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغانلىقى،... قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن، ما شاۋۋۇ قەشقەرگە قايتقان سىيىت نوچىنىڭ قولىغا خەت بەرگەنلىكى ئېنىق. دەرۋەقە، ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن سىيىت نوچىغا دائىر قوشاقلار ۋە داستانلاردا سىيىت نوچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى»نى ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك، ئاندا-ساندا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان غەيرى رەسمىي مۇھاكىمىلەردە ياكى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان «كروران»، «مىسرانىم» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان سىيىت نوچىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ۋە ئۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا سىيىت نوچى ئەكەلگەن «سالام خەت»نىڭ  ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ «ئۆلۈمنامىسى» ئىكەنلىكى ئۈزۈكسىز ئەسكەرتىلمەكتە. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، سىيىت نوچى ئەكەلگەن «خەت» ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى «سالام خەت» بولۇپ، ما شاۋۋۇ سىيىت نوچىنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، دەرھال قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ رۈيچىگە «سىم قېقىپ»، يەنى تېلېگرامما ئارقىلىق سىيىت نوچىنىڭ ھەقىقىي «ئۆلۈمنامىسى»، كونكرېت ئېيتقاندا ئۇنىڭ قەشقەرگە بارغان ھامان ئۆلتۈرۈلۈشىگە تېگىشلىك «جىنايەتلىرى» تەپسىلىي يېزىلغان مەخپىي «سالام خەت»نى يوللاش ئارقىلىق جۇ رۈيچىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنگەن. ئاندىن يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ياڭ زېڭشىننى خەۋەرلەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ «ئۆتۈنۈشى»نى قاتتىق بۇيرۇق، يەنى «خان يارلىقى»غا ئايلاندۇرغان. خەلق داستانچىسى شاھ مۇھەممەد تەرىپىدىن ئېيتىلىپ كەلگەن «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ خوتەن ۋارىيانتىدا دەل مۇشۇ مەسىلە، يەنى ما شاۋۋۇنىڭ سىيىت نوچىنى قەشقەرگە ئۇزاتقاندىن كېيىن، يۇقىرى تۆۋەنگە «سىم قېقىش»، يەنى تېلېگرامما ياكى تېلېفون بېرىش ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ياڭ زېڭشىن دەۋرىدىن ئىلگىرىلا تېلېگرامما ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 1892-يىلى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە تېلېگراف سىمى تۇتاشتۇرۇلغان. 1895-يىلى 5-ئايدا تېلېگراف لىنىيەسى تۇرپان، كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەرلەرگە، 7-ئايدا سىملىق تېلېگراف لىنىيەسى قەشقەردىن ئەركەشتام قاراۋۇلخانىسىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، چاررۇسىيەنىڭ تېلېگراف لىنىيەسىگە ئۇلانغان. 1913-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتناش مىنىستىرلىقى تېلېگراف ئىدارىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكەندە قەشقەر تېلېگراف ئىدارىسى 2-خىلدىكى، قەشقەر كونىشەھەر تېلېگراف ئىدارىسى 3-خىلدىكى «B» دەرىجىلىك تېلېگراف ئىدارىسى بولۇپ بېكىتىلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي تېلېفون سىمى تارتىلىپ، تېلېفون ئالاقىسى يولغا قويۇلغان. ھەتتا 1917-يىلى قەشقەر كونىشەھەردىن ئەركەشتام قاراۋۇلخانىسىغا قەدەر تېلېگراف، تېلېفون سىمى تارتىلغان[40].
«سالام خەت ھىيلىسى» بىلەن ما شاۋۋۇ يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەقسەتكىمۇ تەڭ يەتكەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن سىيىت نوچىغا بەرگەن «سالام خەت» ئۇنىڭ كۆڭلىنى ۋاقىتلىق تىندۇرۇپ، ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ، ئۆلۈمىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن جۇ رۈيچىگە «سىم قېقىش» ئارقىلىق ئەۋەتكەن «ئالاھىدە سالام خەت» بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قويغان. بولۇپمۇ سىيىت نوچىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى»دىن جىددىي مەلۇمات بېرىپ، سىيىت نوچىنىڭ قەشقەردە ئىش تېرىپ قويۇش مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلەپ خەت يېزىش ئارقىلىق جۇ دوتەينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان ھەم ئۇنىڭ سىيىت نوچىنى بىر تەرەپ قىلىشقا نىسبەتەن پوزىتسىيەسىنى كەسكىنلەشتۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «سالام خەت ھىيلىسى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوشۇن باشلاپ ما فۇشىڭنى يوقاتقىلى كېلىۋاتقانلىقىنى جۇ رۈيچىدىنمۇ ۋاقتىنچە يوشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئاتۇشقا كېلىپلا قەشقەرگە بارىدىغان يولنى قامال قىلىپ، ھەر قانداق ئادەمنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى، قەشقەرگە كېچىسى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، ما فۇشىڭنى ئۇخلاۋاتقان كارۋىتىدا تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەرسە كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ما شاۋۋۇ قەشقەرگە قوشۇن تارتىپ، ما فۇشىڭنى يوقاتقاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىنى بېرىشنى ۋەدە قىلغان ھەم ئىش پۈتكەندە ئۇنى راستتىنلا قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىگە قويغانلىقى[41] يۇقىرىدىكى قارىشىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئۇنداقتا، جۇ رۈيچى نېمە ئۈچۈن ما شاۋۋۇنىڭ «سالام خەت ھىيلىسى»گە ئۇسسۇل ئويناپ، سىيىت نوچىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ؟
بىرىنچىدىن، جۇ رۈيچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە قەشقەرنى ئۇزاق مەزگىل ئېلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن خەلقنىڭ روھىنى ۋە جىسمانىيىتىنى خاراب قىلىشقا يۈزلىنىپ، قاتمۇ قات –قات زۇلۇم ئىسكەنجىسىدە تاۋلىنىپ يېتىلگەن «قەشقەر خەلقىنىڭ مۇشتى» بولغان سىيىت نوچى قاتارلىق ئەركەكلەرنى يوقىتىپ، «قەشقەر خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك سۇندۇرۇش» ئارقىلىق ئۆزىگە شەرتسىز بوي سۇنىدىغان قىلىشنى ھۆكۈمرانلىق تەختىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھازىرقىدەك يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن جۇ رۈيچى ما شاۋۋۇ ئالدىن تەمىنلىگەن مەخپىي مەلۇماتقا ئاساسەن ھۆكۈمەتكە قارشى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»غا قاتناشقان سىيىت نوچىنى ئۆلتۈرۈشى ئېنىق.
ئىككىنچىدىن، ما شاۋۋۇنىڭ مەخپىي مەلۇماتىنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالغان جۇ رۈيچى سىيىت نوچىدەك ھەممەيلەن سۆيۈنۈپ تىلغا ئالىدىغان بىر خەلق باتۇرىغا قول سېلىشتا ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى تەسىرى ۋە ئىناۋىتىنى نەزەرگە ئېلىپ بىر ئاز ئېھتىيات قىلغان بولۇپ، قەشقەر خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى، قول سالماي دېسە، سىيىت نوچىنىڭ قەشقەردە ئىش تېرىپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇشۇنداق دېلىغۇل بولۇپ تۇرغاندا، ما شاۋۋۇنىڭ «ئۆتۈنۈشى» ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن كەلگەن «خان يارلىقى»غا ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا: «سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ كەپتۇ، مېنىڭ ئۆلتۈرمەسكە ئىلاجىم يوق، چۈنكى بۇ خاننىڭ يارلىقى» دەپ سىيىت نوچىنى يوقاتقان. بۇ ئارقىلىق قەشقەر خەلقىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئاتالمىش «ئۆلۈم خېتى»گە بۇرۇۋېتىپ، بۇ جىنايى قىلمىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنى ئاۋۋال باشقىلارغا، يەنى ما شاۋۋۇغا، ئاندىن «ئۆلۈم خېتى»نى «يۈتتۈرۈۋەتمىگەن» ھەم «كۆيدۈرۈۋەتمىگەن» سىيىت نوچىنىڭ ئۆزىگە دۆڭگەپ قۇتۇلماقچى بولغان. ئوردىدىكى چوڭ–كىچىك قارا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى گېپىنى بىر قىلىپ ئوخشاش گەپ تارقاتقان. بۇ ئارقىلىق جۇ دوتەي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئۈنۈملۈك يوشۇرغان. نەتىجىدە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكىدەك «سىياسىي ئويۇنى»نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن خەۋەرسىز خەلق ئاممىسى سىيىت نوچىنىڭ ئۆزى ئەكەلگەن «ئۆلۈم خېتى» تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىپ قالغان. ھەتتا كېيىنچە ھۆكۈمرانلارنىڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن توقۇلغان


مەن ساڭا ئېجىل ئامراق،
ئۆلتۈرەي سېنى قانداق؟
ئۆلتۈرمەي دېسەم، نوچى،
خاننىڭ يارلىقى شۇنداق!


دېگەن قوشاقلارمۇ خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، بارا-بارا  «سىيىت نوچى» داستانلىرىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىش مەقسىتىدە ئوينىغان يىرگىنىشلىك «سىياسىي ئويۇنى»نىڭ ھەقىقىي ئارقا كۆرۈنۈشى پەردىلىنىپ، غەرەزلىك ياساپ چىقىلغان يۇقىرىدىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى، يەنى پىتنە-پاساتلار چىنلىق سۈپىتىدە خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن.
دېمەك، ما شاۋۋۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ما فۇشىڭدىكى تارىخىي ئۆچىنى ئېلىش، ئاندىن ئۆزى ئىچكى جەھەتتىن خىزمەت قىلىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئارزۇسى بىلەن قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ رۈيچىگە سىيىت نوچىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى»نى ئالدىن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، يەنە ياڭ زېڭشىننىڭ «خان يارلىقى» ئارقىلىق جۇ رۈيچىنى ئىشقا سېلىپ، سىيىت نوچىنى ئۆلتۈرگەن. شۇڭا، ئەينى دەۋردىكى ئوبيېكتىپ شەرت-شارائىتنى چىقىش قىلغان ئاساستا شۇنداق ئېيتالايمىزكى، سىيىت نوچى تىراگېدىيەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ما شاۋۋۇ، يېتەكچىسى ياڭ زېڭشىن، قوللىغۇچىسى سوۋېت ھاكىمىيىتى بولۇپ، ئىجراچىسى جۇ رۈيچىدىن ئىبارەت.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» بىلەن «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ ھەرقايسى ۋارىيانتلىرىدا ئۇچتۇرپان ئامبىلى ما شاۋۋۇنىڭ قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىغا خەت يازغانلىقى ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ. بىراق، خەت تاپشۇرۇپ ئالغۇچى بىردەك ئەمەس، يەنى، ھەرقايسى ۋارىيانتلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماتىتەي، خەن دارېن، جاڭ جۇڭخان قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ. قەشقەر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارغا سېلىشتۇرۇلغاندا شۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ما تىتەي بىلەن جۇ دوتەي قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ، تارىخىي زىددىيىتى تۈپەيلىدىن ما شاۋۋۇنىڭ ما فۇشىڭغا خەت يېزىشى، يازغان تەقدىردە ما فۇشىڭنىڭ خەت بويىچە ئىش قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ماشاۋۋۇنىڭ خەتنى جۇ دوتەيگە يازغانلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.

3

سىيىت نوچىنىڭ ئەسلىي كېلىپ چىقىشى گەرچە ئاددىي –ساددا ھۈنەرۋەن بولسىمۇ، لېكىن مول تۇرمۇش سەرگۈزەشتسىگە ئىگە روھى دۇنياسى ساغلام، شەخسىيەتسىز، ئاقكۆڭۈل، ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتەلەيدىغان، سەمىمىي، مەردانە خەلق قوشاقچىسى ۋە سازەندىسى ئىدى. چۈنكى ئۇ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، ئۇنى دەرھال قوشاققا قېتىپ، راۋاب بىلەن ئېيتالايتى[42]. ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە زادى قانچىلىك قوشاق ئىجاد قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. بىزگە مەلۇم بولغىنى پەقەت ئۇنىڭ دەسلەپ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم تارىخىي سەرگۈزەشتلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي داستان «سىيىت نوچى»نىڭ بارلىققا كېلىشىگە خېمىرتۇرۇچ بولغان «سىيىت نوچى قوشاقلىرى»دىن ئىبارەت.
مەلۇمكى، «سىيىت نوچى» داستانى ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ئىچىدىكى شەخسىي سەرگۈزەشتلىك داستانلار تۈرىگە مەنسۇپ داستان. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «شەخسىي سەرگۈزەشتلىك داستانلارنى داستان قەھرىمانلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئەل ئىچىدە شۆھرەت قازانغان بۇ كىشىلەر تارىخىي قىسمەتلىرىنى قوشاق قىلىپ توقۇپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇغان. ئۇلارنىڭ ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى رېئاللىققا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن. بۇ شەخسلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ كىشىلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سېغىنىش ھېسسىياتى ئاساسىدا، ئۇلار ئىجاد قىلغان ناخشا-قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، شەكلىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ خىل داستانلار مەيدانغا كەلگەن»[43]. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا «سىيىت نوچى» داستانى دەل ئۇ ئۆزى ھايات چېغىدا ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «سىيىت نوچى قوشاقلىرى»نى خېمىرتۇرۇچ قىلىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. قارىغاندا «سىيىت نوچى» داستانى سىيىت نوچى ئۆلتۈرۈلگەن ئاشۇ يىللاردىلا پەيدا بولۇپ بولغان. 1930-يىللىرى قەشقەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولمىش «شېۋىتسىيەدىكى گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى» مۇندەرىجىسى ئىچىدە «سىيىت نوچى» داستانى ئىسمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇنىڭ دەلىلى[44] بولۇپ، بۇ داستاننىڭ ئەينى دەۋردىلا خەلق ئارىسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يەنى 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ئۇيغۇر داستانچىلىقى يىغىنىدا ئوقۇلغان «‹سىيىت نوچى› داستانىنىڭ ئوخشاشمىغان تېكىستلىرى ئۈستىدە تەھلىل» ناملىق ماقالىدىن قارىغاندا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى 1980-يىللىرى ۋە بىرنەچچە يىلىدىن بۇيان تىرىك خەلق داستانچىلىرىنىڭ ئاغزىدىن «توپلاپ رەتلىگەن ‹سىيىت نوچى› داستانى تۆت خىل بولۇپ، بىر خىل ۋارىيانتى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. قالغان ئۈچ ۋارىيانتى ئېلان قىلىنمىغان»[45]. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئۇچۇر شۇكى، بۇ يىغىندا بىر تەتقىقاتچى «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە يەنە باشقا بىر خىل ۋارىيانتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان[46] ئىكەن. «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ ئابدۇكېرىم راھمان نەشرگە تەييارلىغان قەشقەر ۋارىيانتى ۋە شاھ مۇھەممەد ئېيتقان خوتەن ۋارىيانتىدىن قارىغاندا، داستان پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولغان ۋەقە تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلى خەلق تەرىپىدىن نىسبەتەن مۇكەممەل پىششىقلاپ ئىشلىنىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسا كېرەك. شۇڭا داستاننىڭ سىيىت نوچىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان قسىمى بىلەن خەلق قوشاقچىلىرى تەرىپىدىن تولۇقلاپ قوشۇلغان قىسمى تولۇق ئۆزلىشىپ بولالمىغان. «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ ھەر قايسى ۋارىيانتلىرىدىكى بايان ئۈزۈكچىلىكى ۋە بايان شەكلىدىكى شەخس پەرقى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق، داستاننىڭ زادى قايسى قىسمىدىكى قوشاقلار سىيىت نوچىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما «سىيىت نوچى» داستانىنى تەشكىل قىلغان قوشاقلار ئىچىدىكى بىرىنچى شەخس بايانىدا بېرىلگەن ھەم سىيىت نوچى تىلىدا ئىپادىلەنگەن قوشاقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سىيىت نوچى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەرىپىدىن توقۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا سىيىت نوچىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا «سىيىت نوچى» داستانىنى، بولۇپمۇ «سىيىت نوچى قوشاقلىرى»نى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مەزكۇر داستاننى تەشكىل قىلغۇچى قوشاقلارنىڭ كۆپ قىسمىدا سىيىت نوچىنىڭ ئەگرى-توقاي تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ياقلاپ ناھاقچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ياماندىن قورقمايدىغان، ياۋاشنى بوزەك قىلمايدىغان سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل؛ ماھىيەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان ساددا، ئەمما مەردانە روھى دۇنياسى مېھنەتكەش خەلقىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن بەدىئىي زىننەت ئاساسىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 1960-يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» ناملىق كىتابتىن قارىغاندا سىيىت نوچىنىڭ

يېتىم دەيسەن، غېرىپ دەيسەن،
نەزىرىڭگە ئىلمايسەن.
كەمبەغەللەر دادىغا
ھەرگىز قۇلاق سالمايسەن.
يېتىم، غېرىپ، مىسكىن دەپ،
ئازار بەرمە ھەي زالىم.
سەندەك بى رەھىملەرنى،
دوزاق يۇتسۇن ئىلاھىم.


دېگەن قوشاقنى ئىجاد قىلغانلىقى، بۇ قوشاقنىڭ «يېتىملار قوشىقى» دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. بىراق، 1971-يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابقا سىيىت نوچىنىڭ بىر قاتار ئاتالمىش «رېئالىستىك قوشاقلىرى» كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ سىيىت نوچى ئىجادىيىتى ۋە ئىدىيەسى ھەققىدە ئەينى دەۋر ئەمەلىيىتىدىن مۇستەسنا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان غەلىتە مۇھاكىمىسى ھەم يەكۈنلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. شۇڭا، يۇقىرىدىكى كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «سىيىت نوچى قوشاقلىرى»غا چوقۇم ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي شارائىت، بولۇپمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇۋاتقان دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى، جۈملىدىن، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ھەم جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قوللانغان تۈپكى سىياسىتى نۇقتىسىدىن ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سىيىت نوچى ئۆز زامانىسىنىڭ خەلق باتۇرى ۋە خەلق قوشاقچىسى بولۇپلا قالماستىن پىشقان سازەندىسى ـــ راۋابچىسى ئىدى. خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇرۇنقى نوچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك راۋاب چالالايتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا «راۋاب چېلىش ماھارىتى» ئەينى دەۋردىكى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا باتۇرلۇق ۋە نوچىلىقنىڭ مۇھىم بىر شەرتى ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك سىيىت نوچىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ «سىيىت نوچى» داستانىغا خېمىرتۇرۇچ قىلىنغان «سىيىت نوچى قوشاقلىرى» ئىچىدىكى


راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ
يەتتىم كۇچاغا.
ئالتە چېرىك بىر بولۇپ،
ئالدى ئاراغا.
نەگە بارسام ھەمراھىم،
مېنىڭ راۋابىم.
چالسام سازىم، مادارىم،
قىلسام تاۋاپىم.
ئىلى دەريا بويىدا،
چالدىم راۋابنى.
خالاس ئەتتىم قۇل-يېتىمنى،
تاپتىم ساۋابنى.


دېگەن قوشاقلار بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. شۇنىڭدەك، سىيىت نوچىنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىنىڭ بىرقىسمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «سىيىت نوچى» داستانىغا داستانچىلار ۋە قىسسەخانلار تەرىپىدىن قوشۇلغان «ئەلقىسسە، سىيىت گاڭگۇڭ قارا شەھەرنىڭ بېقىنىدىكى، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى غوجىلىق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش، مۇساپىر-ھۇجاۋىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى. راۋاب ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى» دېگەن تارىخىي بايانلار ئۇنىڭ راۋابچى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچلىك دەلىللەيدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار
[1] مۇھەممەد قازى ئەيسا: «خەلقپەرۋەر باتۇر سىيىت نوچىنىڭ ھايات-ماماتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلار»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2002-يىل 6-سان.
[2] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 183-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[3] مۇھەممەدجان سادىق: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە» 414-بەتتىكى ئىزاھات. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى.
[4] ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» 486-بەت. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2009-يىلى نەشرى.
[5] نۇرمۇھەممەد زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 14-بەت. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى.
[6] ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» 486-بەت. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2009-يىلى نەشرى.
[7] ئوسمان ئىسمائىل: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» 673-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى.
[8] مۇھەممەد كەنجى (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پىنسىيۇنېرى) 1961-يىلى سىيىت نوچىنىڭ ئوغلى توختى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئۇنىڭ يېشىنى سورىغاندا «40 نى باغلاپ قويسا تۇرمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئاشتىم، 50 كە بارمىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ يېشىنى 45 نىڭ ئالدى-كەينىدە دەپ پەرەز قىلىغاندا ئۇنىڭ دەل 1915-ياكى 1916-يىللىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ قەشقەردىكى «قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ پائالىيەتلىرى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، سىيىت نوچىنىڭ جاننى ياقىغا ئېلىپ، ئاقسۇ تەۋەسىدە تۇرغان مەزگىللىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن «سىيىت نوچى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار»غا قاراڭ.
[9] ئوسمان ئىسمائىل: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» 674-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى.
[10] نۇرمۇھەممەد زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 16-بەت. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى.
[11] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» 398-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى.
[12] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 194-، 195-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[13] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» 396-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى.
[14]، [15]  مۇھەممەد قازى ئەيسا: «خەلقپەرۋەر باتۇر سىيىت نوچىنىڭ ھايات-ماماتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلار»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2002-يىل 6-سان.
[16] ما شاۋۋۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان جاسۇس ئىكەنلىكى ھەققىدە شېرىپ خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق كىتابىدا بەزى مەسىلىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ما شاۋۋۇ ئۇچتۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە تۈركىستاندىكى خۇيزۇ كوممۇنىستلىرى ئارقىلىق سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قويۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن: (1) ما شاۋۋۇ قەشقەردە ئوق تېگىپ يارىلانغاندا، سوۋېت كونسۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن سوۋېتكە چىقىپ داۋالانغان ۋە قايتىپ كېلىپ قەشقەرگە دوتەي بولغان. (2) 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تۆمۈر سىجاڭ (تۆمۈر ئېلى) قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، ما شاۋۋۇ قەشقەر ھاكىمىيىتى ۋە خەزىنىسىنى ما جەنساڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلىنىڭ ھىمايىسىدە بىر مەزگىل جان ساقلىغان. شۇ يىلى تۆمۈر سىجاڭ ئوسمان (قىرغىز) قىسىملىرىنى قوغلاپ چىققاندا ما جەنساڭ تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ما شاۋۋۇ يەنە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورنىغا قايتىپ، يەنىلا دوتەيلىك مەنسىپىدە ئولتۇرغان. (3) 1935-يىلى شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتكەندە ما شاۋۋۇ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1937-يىلى شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەندە ما شاۋۋۇ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. 1942-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
[17] شېرىپ خۇشتار: «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» 309-، 310-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى.
[18] نۇرمۇھەممەد زاماننىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابى بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا سىيىت نوچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتى 1925-يىلى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. بىراق، ما شاۋۋۇنىڭ 1924-يىلى 4-ئاينىڭ 29 -كۈنى ما فۇشىڭنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەتىسى ئۆلتۈرگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرنىڭ دوتەيلىكىگە ئولتۇرغانلىقى نەزەرگە ئېلىنسا مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى ما فۇشىڭنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىكەنلىكى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ـــ ئاپتور.
[19] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» 398-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى.
[20] مۇھەممەدجان سادىق: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە» 416-، 417-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى.
[21] چىڭغىز ئايتماتوف، مۇختار شاخانوف: «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى» 90-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى نەشرى.
[22] «تارىخ ئىلمى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» 424-بەت. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1994-يىلى نەشرى.
[23] چىڭغىز ئايتماتوف، مۇختار شاخانوف: «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى» 126-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى نەشرى.
[24] موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى» 142-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى.
[25] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 186-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[26] شېرىپ خۇشتار: «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» 304-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى.
[27] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 188-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[28] چۇ جيۇ، ياڭ تەنرېن، ۋاڭ چىنفۇ: «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، «قەشقەر كونىشەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى» بىرىنچى توپلام.
[29] چې فۇ: «ما فۇشىن ۋە ما ئائىلىسىنىڭ گۈللۈك بېغى»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» تۆتىنچى توپلام.
[30] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 190-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[31] شيا ۋېيرۇڭ: «قەشقەردىكى ‹ئىككى ما› ۋەقەسى»، «قەشقەر شەھىرى تارىخ ماتېرىياللىرى» بىرىنچى توپلام.
[32] چې فۇ: «ما فۇشىن ۋە ما ئائىلىسىنىڭ گۈللۈك بېغى»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» تۆتىنچى توپلام.
[33] شيا ۋېيرۇڭ: «قەشقەردىكى ‹ئىككى ما› ۋەقەسى»، «قەشقەر شەھىرى تارىخ ماتېرىياللىرى» بىرىنچى توپلام.
[34] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 191-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[35] چې فۇ: «ما فۇشىن ۋە ما ئائىلىسىنىڭ گۈللۈك بېغى»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» تۆتىنچى توپلام.
[36] شيا ۋېيرۇڭ: «قەشقەردىكى ‹ئىككى ما› ۋەقەسى»، «قەشقەر شەھىرى تارىخ ماتېرىياللىرى» بىرىنچى توپلام.
[37] چې فۇ: «ما فۇشىن ۋە ما ئائىلىسىنىڭ گۈللۈك بېغى»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» تۆتىنچى توپلام.
[38] شېرىپ خۇشتار: «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» 310-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى.
[39] يۇقىرىدىكى ئىزاھ بىلەن ئوخشاش.
[40] «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 187-، 192-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010-يىلى نەشرى.
[41] شيا ۋېيرۇڭ: «قەشقەردىكى ‹ئىككى ما› ۋەقەسى»، «قەشقەر شەھىرى تارىخ ماتېرىياللىرى» بىرىنچى توپلام.
[42] نۇرمۇھەممەد زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 11-بەت. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى.
[43] ئوسمان ئىسمائىل: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» 669-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
[44] باس-باس تورىدا 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «شېۋىتسىيەدىكى گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى»نىڭ تىزىملىكىدە «سىيىت نوچى» داستانىنىڭ ئىسمى كۆرۈلىدۇ.
[45] مۇتەللىپ ئىقبال: «‹سىيىت نوچى› داستانىنىڭ ئوخشاشمىغان تېكىستلىرى ئۈستىدە تەھلىل»
[46] مىسرانىم تورىدا 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان مۇتەللىپ ئىقبال يازمىسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-15 11:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن شائېر، تارىخ،مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى تەلەپچان ئۇستازىم مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇقنىڭ «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان-بەشكېرەم» نامىلىق زور ھەجملىك كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانىلىقىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئۇستازنىڭ ئۇ كىتابىدىكى سىيىت نوچى ھەققىدىكى پاكىتلىق ۋە ئىلمىي قاراشلىرى تارىخمىزدىكى بەزى گۇمانىي مەسىلىلارنىڭ يېشىمى بولۇپ قالغۇسى.

ۋاقتى: 2014-5-15 12:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق ئەپەندى،  «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان-بەشكېرەم» ناملىق كىتابىڭىزنىڭ نەشردىن چىقىپ تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق ھەر دائىم سىزگە يار بولغاي.

ۋاقتى: 2014-5-15 14:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت يار بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاستانە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 14:10  


ۋاقتى: 2014-5-15 16:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت،... بۇ ماقالە سىيىت نوچى ھەققىدىكى ئېنىقسىز مەسىلىلەرگە ۋە بەزى ناتوغرا قاراشلارغا بەرھەم بەرگۈسى..

ۋاقتى: 2014-5-15 22:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا بۇرادىرىم مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇقنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بولغان «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان-بەشكېرەم»ناملىق كىتابىنىڭ يۇرۇق كۆرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-5-17 03:26:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدىن  رەخمەتلىك (1878-1992) مۇمامنىڭ  بىزگە  يىكايە  قىلىپ  دەپپىرىدغان ‹‹ما تىتەي›› ۋە ‹‹تىتەي››لەرنىنڭ  قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۇستىدە قاخشاپ تۇرۇپ سوزلەپ بەرگەن يىكايىللىرىنى يەنە بىر  مەررە ئاڭلاۋاتكاندەك  ھىسلاردا  بولدۇم .  رەخمەت  سىزگە تۇغلۇق ئەپەندى  قەلەم  تۇتقان  قوللىرىڭىز غا  دەرت كەلمىسۇن!  ئائىلىڭىزگە  چەكسڭز  بەخىت تىللەيمەن!  ھارمىغايسڭز.!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-5 14:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېيىت نوچىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ رومان يېزىلسا، ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن قاباھەتلىك قىسمەت، مىللەت بىلەن مىللەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ھەم رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى، خەلقىمىزنى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ. پىروزا قەلەمكەشلىرىنىڭ بۇ تېمىغا دىققەت ئاغدۇرۇشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 14:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurehim musa (xir)_副本.jpg
سىيىت نوچىنىڭ ئاكىسى مۇساخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم مۇسا (لەقىمى شىر)

DSC07955_副本.jpg
سىيىت نوچىنىڭ ئاكىسى مۇساخاننىڭ قىزى تۇرسۇنخان مۇسا
قالغان سۈرەتلەر "سىيىت نوچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار" ناملىق يازمىنىڭ ئاخىرىغا يوللاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 14:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 21:34:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچىنىڭ جىيەنى ئابدۇرېھىم شىر بويى 1.8 مېتىر كېلىدىغان گۈرەنلىك ئادەم ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا سىيىت نوچىنى كۆرگەنلەر ئۇنى سىيىت نوچىغا ئوخشىتاركەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش