نۇرمۇھەممەت ھاشىم
خازان بولغان ئەتىرگۈل
(پوۋېست)
1
-خەلچەم ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.
-راستمۇ؟قاچان؟...
-نېمىگە ھاياجانلىنىسەن؟تولا خام خىيال قىلما،سېنىڭ بىر چىرايلىق ئايالىڭ ھەم بىر ئوماق بالاڭ بار.
-سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.ماڭا ئۇنىڭ قاچان ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىنى ئېنىق ئېيتىپ بەر!
-ئۇكام ،مەن ئېغىزىمدىن بالاغا قالماي...سەن راستىنلا باشقىچە خىياللاردا بولىۋاتقان ئوخشىمامسەن؟ۋاي خۇدايىم،
كۆزلىرىڭ باشقىچە بولۇپ كېتىۋاتىدىغۇ؟! مەن بۇ ئىشلارغا ساڭا نېمىشقىمۇ دېگەن بولغىدىم.
-ئاچا ئۆتۈنۈپ قالاي !ئۇ ئىش راستمۇ ؟ماڭا ئېنىق ئېيتىپ بەرگىن!
-ياق،مەن يالغان ئېيتتىم،خەلچەم ئاجرىشىپ كەتمەپتۇ...توۋا!كۆزۈڭگە ياش كەپتىغۇ.ياق،بۇ ئىش توغرىسىدامەن ساڭا
ھېچنەرسە دېمىدىم.بولدى،مەن كەتتىم ،ئۆيۈمدە ئىشىم ئالدىراش ئىدى...
-مەن بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورىيالايمەن.
بۇ گېپىم بىلەن ئاچام جايىدا توختاپ قايرىلىپ ماڭا قارىدى،ئاندىن قېشىمغا كېلىپ:
-ئۇكام سەن ھازىر خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىدىغان كىچىك ياش بالىلاردىن ئەمەس،ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالاي
دېدىڭ.خەلچەمنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋەت، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشى سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مېھرىگۈل سېنى ياخشى كۆرۈدۇ ،ئۇ سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈدىغان ياخشى ئايال.ئايالىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن دېگۈچى بولما. ئۇنىڭغا ھەممەيلەن قارشى چىقىدۇ.ئۇنداق قىلساڭ مېھرىگۈلگە مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيسەن،بالاڭ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ يۈزىگىمۇ قارىيالمايسەن.خەلچەمنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋەت...
-ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ...
-مېھرىگۈلما؟ئۇ نېمىلەرنى بىلىدۇ؟
-مېنىڭ خەلچەمنى ياخشى كۆرۈدىغانلىغىمنى،شۇ ئەھۋالدا ئۆزى بىلەن توي قىلغانلىقىمنى.
-قۇرۇق گەپ قىلما،ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالنى بىلگىنى ھېچنەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.ئۇنىڭ سەن بىلەن توي قىلىپ بىرگە
ياشاۋاتقىلى ئالتە يىل بولۇپ قالاي دېدى.ئۇكام سەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ خەلچەم بىلەن توي قىلىمەن دېگۈچى بولما...
-ياق ئاچا،مېنىڭ مەڭگۈ پۇشايمان ،ھەسرەت-ئەلەمدە ئۆتۈپ كەتكۈن يوق.
-سەن...بوپتۇ،مەن ساڭا ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرماي.سەن يەنىمۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆر.
ھەدەم ماڭا غەزەپلىك قاراپ قويۇپ چوڭلارنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ مېڭىۋىدى،مەنمۇ ئۇلاربىلەن خوشلىشىپ ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم.
خەلچەم،جېنىم خەلچەم !سەن راستىنلا ئېرىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ئەركىنلىككە چىققانسەندۇرمۇ؟-دېدىم مەن ئۆز
ئۆزۈمگە يولدا كېتىۋىتىپ پۇشايمانلىق ئەسلىمىلىرىم يۈرىكىمنى تىلغاندەك ھەم بىر كۈچلۈك ھاياجاندا قانلىرىم تومۇرلىرىمدا كۈچلۈك ئۇرغىغاندەك بولۇپ،-مەن ھازىرغىچە سېنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم ھەم مۇشۇنداق بىر كۈن كېلەرمۇ دەپ ئارمان قىلغان ئىدىم.مەن چوقۇم سېنى ئىزدەيمەن...سەن ئاشۇ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمۈلۈپ قالغان تۇنجى مۇھەببىتىمىزنى قايتىدىن يالقۇنجىتىشنى خالارسەنمۇ؟...
خەلچەم ئىككىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆزئارا كۆڭۈل بېرىپ ۋەدىلەشكەن ئىدۇق.مەن
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتتىم،خەلچەم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى.ئۇ كېيىنكى يىلى تەكرار ئىمتىھان بېرىپمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي مېنى كۈتىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ ئۆيىدە قېپ قالدى.مېنىڭدەك قۇملۇق بويىدىكى سەھرايى قىيامەتتىن كەلگەن بىر ساددا ياش ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇش،كىنولاردىكى ساھىپجامال ئارتىسلاردەك مودا كىيىنىۋالغان گۈزەل قىزلار ئالدىدا بىردىن خەلچەمنى ئۇنتۇپ كېتىپ ،باشقا قىزلارنىڭ پېيىگە چۈشتۈم.تۇنجى قېتىم مېنىڭ كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىپ ،باغرىمغا بېسىپ سۆيگىنىمدە كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ بوينۇمغا گىررە سالغان بىر قىزنىڭ مەستخوشلۇقىدا خەلچەمگە «خەلچەم مېنى كەچۈرگىن!مەن باشقا بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ قالدىم.مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن. بەختلىك بولۇشىڭنى تىلەيمەن.»دەپ بىر قىسقىلا خەت يېزىپ ئۇنى خىيالىمدىن چىقىرىۋەتتىم. تەتىللەردە ئۆيگە كەلگەندە ئۇنى ئىزدەپمۇ قويمىدىم.خەلچەممۇ مېنى ئىزدەپ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ ۋەدىلىرىمنى ئېسىمگە سېلىپ،مېنى ئەيىپلەيدىغان بىرەر ئىشىنىمۇ قىلمىدى.راستىن ئېيتسام مەن ئۆزۈم قاملاشقان ،ئەمەلدار دادامنىڭ خەجلىشىم ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرىدىغان پۇلى كۆپ بىر يىگىت بولغىنىم ئۈچۈن ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان قىزلار كۆپ ئىدى.شۇڭىمىكىن،مەن خەلچەمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۆزۈمگە كىرىشىپ تۇرغان چىرايلىق قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشنى خالىماستىن ھەر مەۋسۇمدا دېگۈدەك بىرەر قىز بىلەن ئارلىشىپ يۈردۈم،بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى قىز بىلەن تەڭ ئارلىشىپ قالغان چاغلىرىممۇ بولدى.ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ئەخمەق قىزلار ئۆزلىرىنى بىر-بىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ ،ھامىنى قارشى تەرەپنى تاشلىۋىتىپ مەن بىلەن ئۆمۈرلۈك يۈرۈپ قالىدۇ،دېگەن خامىىيال بىلەن مەن ئۆزلىرىدىن ۋاز كەچكۈچە چاندۇرماي يۈرىشەتتى.ئۇلار كۆزلىرىمگە خەلچەمدىن قانچە چىرايلىق كۆرۈنگىنى بىلەن مەن ئارلاشقان شۇنچە كۆپ قىزلار ئىچىدىن بىرەرىنىمۇ ئۇنتۇپ ياكى ۋاز كېچىپ كېتەلمىگۈدەك ياخشى كۆرۈپ كېتەلمىگەنلىكىمنى ھېس قىلاتتىم.يەنىلا پات-پات خەلچەمنىڭ تارتىنىش بىلەن يەرنىڭ تېگىدىن تاتلىق كۈلۈپ قاراشلىرى،بىرەر قېتىم سۆيۈۋالسام نەچچە كۈنلەرگىچە مېنىڭ كۆزۈمگە قاراشتىن ئۇيۇلۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي يۈرۈشلىرى خىياللىرىمدىن لىپىلداپ ئۆتۈپ قالاتتى.ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى مەڭگۈ قۇرۇپ كەتمەيدىغان بىر تال ئەتىرگۈل كەبىي ئىچىمگە نەقىش بولۇپ قالغاندەك ئىدى.قۇچىقىمدا بىر قىز ،كۆز ئالدىمدا يەنە باشقا بىر قىز بولغىنى بىلەن خىيالىمدا يەنىلا دېرىزىسى ئوچۇق قالغان ئۆيگە ئۇچۇپ كىرىپ چۆرگىلەپ يۈرگەن قارلىغاچتەك خەلچەم پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.ئەسلىدە خەلچەمنىڭ ئۆيى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈم بىر كوچىدا بولۇپ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۈچيىللىق ھاياتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپكە بېرىش ۋە بىرگە مەكتەپتىن قايتىش ھەم بىللە ئۆگۈنىش قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.مەن ئالىي مەكتەپكە بارغان تۇنجى يىلىلا ئۇنىڭ ئائىلىسى بىزنىڭ ئۆي بار كوچىدىن يىراق،ناھىيە بازىرىنىڭ باشقا بىر تەرىپىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن.شۇڭا تەتىللەردە ئۆيگە كەلگەندىمۇ ئۇنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.مەن ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان كىچىك ئاچامغا ئۆزۈمنىڭ خەلچەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ،ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلەشكەنلىكىمنى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىغىمنى ۋە ئاچامنىڭ ئۇنىڭغا كۆز-قالاق بولۇپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم.كېيىن مېنىڭ خەلچەمدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا قىزلارنى تېپىۋالغانلىقىمنى ئاچاممۇ بىلەتتى ۋە شۇ ۋاقىتتا ئۇ مېنى «سەن بىر ۋىجدانسىز ،ئۈژمە كۆڭۈل ئادەم بولۇپ قاپسەن»دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.مەن ئۇ چاغلاردا ئاچامنىڭ ھەم بىزنىڭ ئىشىمىزنى بىلىدىغان بەزى دوستلىرىمنىڭ مېنى ئەيىپلەشلىرىگە پەرۋا قىلماي ئۆزۈم خالىغان سەنەمگە دەسسەپ يۈرگەن ئىدىم.
مەن ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا كۆچكەن يىلى قىشلىق تەتىلگە ئۆيگە كەلگىنىمدە ،شۇنىڭدىن ئىككى ئايدەك بۇرۇن
خەلچەمنىڭ بىرسى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم چىمىلداپ ،ۋۇجۇدۇم سېمۇنت تامغا قاتتىق ئۇرۇلۇپ كەتكەندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.مەن ھاياتىمدا تۇنجى پەيدا بولغان ئازابلىق تۇيغۇلىرىمغا پەرۋا قىلماي،مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلغانلىقىغا ھەرگىز ھەسرەت چەكمەيمەن ،دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ يۈردۈم.شۇنداقتىمۇ دائىم ئىچىمدە بىر نەرسە كەملەپ قالغاندەك بىر خىل مەھرۇملۇق ئىچىدە بىئارام بولۇپ يۈرۈپ،ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەستىن بىر كۈنى بىر نەچچە يىلدىن بىرى مەن كۆرمىگەن خەلچەمنىڭ قانداق تۇرغانلىقىنى ۋە قانداقراق ئادەم بىلەن توي قىلغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيى بار كوچىلارنى ئايلاندىم.
مەن خەلچەمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا بىر نەچچە قېتىم بېرىپ ئاندىن ئۇنى كۆردۈم.ئۇ كۈنى چۈشكە يېقىن مەن ئېرىنىڭ
موتۇسىكىلىتىدا ئولتۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەن خەلچەمنىڭ كۆزلىرى كۆزۈمگە چۈشكەندە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا بىر خىل زەھەرلىك سۇيۇقلۇق تاراپ كەتكەندەك ئازاب ھېس قىلىپ تىترەپ كەتتىم.ئۇ موڭغا تولغان چوپچوڭ كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.مەن بىردىن قەلبىمنى پۇشايمان،ئۆكۈنۈش ۋە چىدىماسلىق تۇيغۇلىرى چۇلغاپ ئېلىپ تۇرغان جايىمدا ئۇ تاكى كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولغۇچە قاققان قوزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.مەن شۇ چاغدىلا ئاندىن مەن ھەقىقى ھەم مەڭگۈگە ياخشى كۆرۈدىغان ئادەمنىڭ خەلچەم ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ،ئۆكۈنۈش ئىچىدە كۆزلىرىم نەملىشىپ نېمە قىلىشنى بىلمەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تولغىنىپ كەينىمگە ياندىم.
شۇندىن كېيىن بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىۋالغان پاكار بوي،بودەك بىر ئەرنىڭ موتۇسىكىلىتىدا ئولتۇرۇپ ماڭا ئەلەملىك
بىر نەزەردە قاراپ جىممىدە ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن خەلچەم زادى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.پۇشايمان بىلەن تولغان كۆڭلۈم ھەردائىم دېھقانلارنىڭ ساپان بىلەن ئاغدۇرىۋاتقان يەرلىرىدەك ئۆكۈنۈش بىلەن تىلغىنىپ چىقاتتى.مەن ھەرۋاقىت «خەلچەم،مەن چىن قەلبىمدىن سۆيىدىغان مەلىكەم سەن ئىكەنسەن.مەن ساڭا يۈزسىزلىك قىلىپ بەكمۇ خاتا قىپتىمەن.مەن ھازىر ھەممە نەرسەم كۆيۈپ كۈل بولغاندەك ،ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم يوقاپ كەتكەندەك مەھرۇملۇق ئىچىدە قالدىم.ئەمدى بۇ ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزەي؟قانداق قىلسام سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭغا ئېرىشىپ سېنى يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمەن؟...چوقۇم سەنمۇ ئازابلىنىۋاتىسەن، مېنىڭ ۋىجدانسىز- لىغىمغا لەنەت ئوقۇپ ماڭا نەپرەتلىنىپ يۈرگەنسەن.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەپچى ... ئاھ خۇدا!مەن زادى قانداق قىلسام بۇ يۈز بېرىپ بولغان خاتالىقلارنى يوققا چىقىرالايمەن؟...»دېگەندەك پۇشايمان ۋە ئەلەملىك ھېسيات ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدىغان قىزلارنىڭ بىرىگىمۇ نەزەر كۆزۈمنى تاشلىماي ئۇلاردىن يىراق يۈردۈم.خىيالىمدا ئۆزۈمنى پاك تۇتۇپ، خاتالىقلىرىمغا تۆۋە قىلىپ خەلچەمدىن مېنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەپ ئىچىمدە ئۈنسىز نىدا قىلىپ يۈرسەم، ئۆتكەن سەۋەنلىكلىرىم ۋە پۇشايمانلىق تۇيغۇلىرىم پۈتۈنلەي يوققا چىقىدىغاندەك ،يۈز بېرىپ بولغان ئىشلار ئەسلىگە قايتىپ ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بىر ھالەتكە قايتىدىغاندەك خامىىيال ئىچىدە ئىچىمگە چۆكۈپ جىممىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.
ئەسلىدە مەن ئىنتايىن سۆزمەن،خۇشخۇي يىگىت ئىدىم.سىنىپىمىزدىكى ياكى ئەتراپىمدىكى مەن تونۇيدىغان قىزلارلا
ئەمەس ،باشقا ناتونۇش،كۆزۈمگە چىرايلىقراق كۆرۈنگەن يوللاردا ،ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقان چاغلاردا ھەم كوچا ئايلانغان چاغلاردا ئۇچرىشىپ قالغان قىزلارغىمۇ يېقىملىق كۈلكەم بىلەن خۇشخۇي قىياپەتتە كۆڭۈللۈك چاقچاق ،پاراڭلارنى بىمالال قىلىپ ،ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ ئۆتۈپ كېتەتتىم ،يانچۇقۇمدا پۇلۇم كۆپ بولغاچقا مەن بىلەن مېڭىشنى خالايدىغان ناتونۇش ئەمما چىرايلىق قىزلارنى بىمالال مېھمان قىلىۋېرەتتىم.شۇڭىمۇ مەن چىرايلىق قىزلارنىڭ ئەتراپىدىن چۆرگىلەپ كېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ،قىزلارمۇ مەن ماگىنىتتەك ماڭا يېپىشىپلا تۇراتتى.شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا كۆچۈپ قىشلىق تەتىلدە يۇرۇتقا كېلىپ خەلچەمنىڭ توي قىلغانلىقىنى بىلگىچە بولغان ئارىلىقتا مەن بىلەن پىنھان جايلاردا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشكەن،ئۇيەر-بۇيېرىنى سىلىشىمغا ھاياجانغا چۆمۈپ جىممىدە تۇرۇپ بەرگەن قىزلارنىڭ كۆپلۈگىدىن ئۇلارنىڭ چىرايىنى،ھەتتا ئىسىمىنىمۇ ئېسىمگە ئېلىپ بولالمايمەن،ئۇلاردىن ئۆتەر يېقىنچىلىق قىلىشقانلار بولسا زادى نەچچىكىن...مەن شۇ ۋاقىتتا رۇشەنگۈل ئىسىملىك مەندىن بىر يىللىق تۆۋەن ئوقۇيدىغان بىر ساھىپجامال قىز بىلەن ئارلىشىۋاتاتتىم.ئۇ قىز گۈزەل بولۇپلا قالماستىن ئەقىللىق ھەم پۇختا،ئۆزىنى قالتىس تۇتىۋالالايدىغان قىز ئىدى،ئۇ مېنىڭ سۆيۈشلىرىمگە تۇرۇپ بەرگىنى بىلەن سەل ئارتۇق ھەركەتتە بولاي دېسەم ،مېنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ ئۆزىگە چىڭ بولۇپ يۈرىۋاتتتى.ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا ۋە چېچەنلىكىگە ئىچىم كۆيۈپ ،خەپ- خەپ !گۈلۈڭنى چوقۇم ئۈزمەي قويمايمەن ،دەپ يۈرەتتىم.بىراق تەتىلدىن كېلىپلا ئۇ ۋە باشقا قىزلاردىن رايىم يېنىپ كەتتى.ئەمدى خىيالىمدىن چىقمايدىغىنى خەلچەمنىڭ مۇڭ ۋە ھەسرەت بىلەن تولغان ئەلەملىك كۆزلىرى ئىدى.دائىم ،مەن ئۆزۈم ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىغان قەلبىمنىڭ ئەڭ گۈزەل مەلىكىسىدىن مەڭگۈگە ئايرىلىپ قالدىم،دېگەن ئازابلىق خىياللار ئىلكىدە مەھرۇملۇق تۇيغۇسى ئىچىدە كۆن ئۆتكۈزۈپ ئىچىمگە چۆككىنىمچە ئولتۇراتتىم،قىزلار بىلەن كۈلكە –چاقچاق قىلىشلار ھەم رۇشەنگۈلنى ئىزدەپ بېرىشلاردىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن ئىدىم.
ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ تەبىئىتى بويىچە بولغاندا تەتىلدىن يېنىپ مەكتەپكە كەلگەن كۈنى كەچتىلا رۇشەنگۈلنى ئىزدەپ
بېرىپ ئۇنى بىنالارنىڭ ياكى قويۇق ئورمانلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇزۇنغىچە سۆيۈپ كەتكەن بولاتتىم،بىرەر قىز بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشمىسام كۈنۈمنى ئۆتكۈزەلمەيدىغان دەرىجىدە ئىدىم.لېكىن خەلچەمنىڭ توي قىلىپ بىر ئەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى بىلگىنىمدىن باشلاپ ئۇنداق ئىشلاردىن پۈتۈنلەي رايىم يېنىپ ،ئۇنداق قىلىشلاردىن نومۇس ھېس قىلىدىغان بولۇپ ئۆزۈمنى قەتئىي چەكلەش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم؛رۈشەنگۈل بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ بۇندىن كېيىن ھەرقانداق بىر قىز بىلەن ئارلاشمايمەن ،دەپ ئويلايتتىم.مەن رۇشەنگۈلنى ئىزدىمەي تەتىلدىن كېيىنكى نورمالنى ئوقۇشىمىز باشلىنىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بىر كۈنى رۇشەنگۈل مېنى ئىزدەپ ئۆزى كېلىپ قالدى.كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكەن ۋاقىتتا ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز جىممىدە مېڭىپ،مەكتەپ قورۇسىنىڭ يول چىراغلىرى خىررە يورۇتۇپ پارقىراپ تۇرغان قارلار دۆۋلىنىپ كەتكەن چىملىقلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سېممۇنىت يول بىلەن بىر خىلۋەت جايغا كەلدۇق.
-نېمە ئۈچۈن؟...دەسلەپ سىز ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ۋاقتىڭىزدا دوستلىرىم سىز بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ مېنى
«ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشما،ئۇ ھېلى ئۇ قىز ،ھېلى بۇ قىز بىلەن ئارلىشىپ قىزلارنى ئەخمەق قىلىدىغان ئەسكىلەردىن ئېمىش...»دەپ توسىغاندا،مەن سىزنىڭ ماڭا سەمىمى قىياپەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىڭىزنى ئېسىمگە ئېلىپ ھەم سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى...ھېس قىلىپ ،سىزنى مېنى ئالدىمايدۇ دەپ قاراپ سىزنىڭ تەلىۋىڭىزگە ماقۇل بولغان ئىدىم.بىراق ئەمدى كېلىپ ...سىز مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى مېنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويمىدىڭىز.بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ...ئەجىبا سىز يەنە ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلماي يەنە باشقا بىرسىنى تېپىۋالغان ئوخشىمامسىز؟...-دېدى ئۇ ئۆكسىگەن،كۆزلىرىگە ياش كەلگەن بىر ھالەتتە مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ قويۇپ بىر ئوڭايسىز ھالەتكە يەرگە قاراپ قېلىپ ،كەينىدىن بىر ۋەزمىن ھالەتتە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىمغا قاراپ ئۆزىنىڭ گۇمانىنىڭ توغرا چىقىپ قېلىش مۇمكىنچىلىگىنى كۆرۈپ يەتكەندەك ،پۇشايمان ،ئەلەم ۋە تەشۋىشكە تولغان ھېسياتىنى بېسىۋالالمىغان بىر ھالەتتە.
مەن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن رۇشەنگۈلنىڭ مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى،ھازىر مېنىڭ ئۆزى بىلەن نېمە سەۋەپتىندۇر
ئايرىلىپ كېتىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قىيالماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئازابقا قالغانىلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ ئىچىم تېخىمۇ چوڭقۇر پۇشايمان بىلەن تولدى،تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىش ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىمدىن نومۇس ۋە يىرگىنىش ھېس قىلدىم.ئۇ قىزنىڭ غۇبارسىز قەلبى ۋە سەمىمى،پاك ھېسياتى بىلەن ئويناشقاندەك ئىش قىلىپ ،ئۇنى ئۆمۈرلۈك ئازابقا قويىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆكۈنۈش ئىچىدە ،ئەمدى بۇنداق ئىشلارنى ئىككىنچى سادىر قىلمايمەن دەپ ئىچىمدە تۆۋە قىلىپ ۋە ئىچىمدىكى پۇشايمانلىرىمنى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا تۆكۈپ ،ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش نىيىتىدە كۆزۈم نەملەشكەن ھالەتتە ئۇنىڭ مۇزدەك توڭلاپ كەتكەن ئىككى قولىنى تۇتۇپ دېدىم:
-كەچۈرۈڭ!...مەن ئەسلىدە سىز بىلەن باشقا قىزلارغا ئوخشاش كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن بىر مەزگىللىك ئارلىشىش نىيىتىدە بولغان.
ئەمىلىيەتتىمۇ مەن سىز بىلەن ھازىردىن باشلاپ ئادا-جۇدا بولماقچى...ياق،سىز مېنىڭ سۆزلىرىمنى تولۇقى بىلەن ئاڭلاپ ئاندىن سۆزلەڭ...سىز بىلمەيسىز،مەن ئەسلىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا خەلچەم ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن ،مەڭگۈ بىر-بىرىمىزگە ئاسىيلىق قىلمايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا قەسەم قىلىشقان . ئەمما ئۇ تەكرار ئىمتىھان بېرىپمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئەتراپىمدىكى چىرايلىق قىزلار بىلەن ئارلىشىپ يۈردۈم،خەلچەمگە ،مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،ئۆز بەختىڭنى تېپىۋال دەپ خەت يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى چورت ئۈزدۈم. شۇندىن كېيىن ...بەلكىم سىز باشقىلاردىن ئاڭلىغانسىز...مەن ھازىرغىچە ھەممە چىرايلىق قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن،لېكىن ھەرقانداق بىر قىزنى ئۇنتۇيالمىغۇدەك ،ھېكايە،چۆچەكلەردىكىدەك ياخشى كۆرۈپ قالالمايمەن،دەپ ئويلايتتىم.ئەمما...ئەمما مەن باشقا قىزلار بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا خەلچەم خىيالىمدىن چىقمىسا،ئۇ دائىم ئېسىمگە كېلىۋالسا،ئۇ ئۇنىڭ بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن باشلاپ بىرگە ئوقۇغان، بىر كوچىدىن بىرگە چىقىپ ،مەكتەپكە بىرگە بېرىپ ۋە بىللە قايتىپ شۇنچە ئۇزۇن يىل يېقىن ئۆتكەنلىكىمدىن ئۇ شۇنداق خىيالىمغا كېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ،دەپ ئۆزۈمنى بەزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم.لېكىن ئەمدى بىلسەم مەن ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىغان ،مەن مەڭگۈ قەلبىمدىن چىقىرىۋېتەلمەيدىغان قىز ئاشۇ خەلچەم ئىكەن.لېكىن مەن بۇنى بىلگەن ۋاقتىمدا بەك كېچىكىپتىمەن،بىلەمسىز مەن بۇ قىشلىق تەتىلدە يۇرۇتقا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىرسىنى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چىدىمايلا قالدىم.بولمىسا مەن ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتىش خېتى يازغاندىن بىرى ئۇنى زادى ئىزدەپ باقمىدىم ھەم كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم،ئۇمۇ ھەتتا مېنى ئىزدەپ ۋىجدانسىزلىقىمنى يۈزۈمگە سېلىپ مېنى ئەيىپلەش خىيالىدىمۇ بولۇپ باقمىغان.بىراق ئۇنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆيدە ئولتۇرالماي قېلىپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش خىيالىدا ،مەن ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى كۆچۈرۈپ كەتكەن كوچىغا بىر نەچچە كۈن بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ،خەلچەمنىڭ توي قىلغان ئېرى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىغىنى –يەنى ئۇ توي قىلغان ئەرنى ،ئۇنىڭ ئەمدى بىر ئەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ۋە ھېس قىلىپ ،شۇ كۈنى كوچىدا بېشىپ قېيىپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم .ئەلەم ۋە پۇشايماندا قاتتىق پۇچىلىنىپ كوچىدىلا«خەلچەم ئۇ ئەردىن ئاجرىشىپ كېتىڭ،مەن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىكەنمەن!»دەپ ۋارقىرىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم...مېنىڭ شۇندىن كېيىن قانچىلىك ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازابقا قالغانلىقىمنى سىز تەسەۋۇر قىلالمايسىز.مەن ھازىر پۇشايمان ۋە ھەسرەت –ئەلەمدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن. مەن بىلسەم مەن ئۆزۈم ئۆز قەلبىمگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆزۈم ئەبىدى ياخشى كۆرۈدىغان قىزدىن ۋاز كېچىپ مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلىپ ،قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ يۈرۈپتىمەن.مەن پۇشايمان قىلدىم،توۋا قىلدىم.ئەمدى مەن ئىككىنچى ھېچقانداق بىر قىز بىلەن ئارلاشمايمەن ھەم ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم جازا بېرىپ ئۆمۈر بويى تەنھا ئۆتۈپ كېتىمەن. مېنىڭ قەلبىمدىن چىقىرىۋېتەلمەيدىغان مەڭگۈ ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىم خەلچەم ئىكەن ،لېكىن ئەمدى پۇشايمىنىمنى ئالىدىغانغا قاچام يوق...مېنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈڭ دەي...ئىككىمىز بۇندىن كېيىن بىر-بىرىمىزنى ئىزدىمەيلى،-مەن رۇشەنگۈلنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ قوشۇپ قويدۇم،-مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى جاراھەتلەندۈرۈپ قويدۇم،شۇڭا سىز مېنى تىللاڭ،قاغاڭ.كۆڭلىڭىزگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بولىدىغان ئىش بولسا نېمە دېسىڭىز،نېمە قىلىمەن دېسىڭىز مەن قوبۇل قىلىمەن.
سۆزلىرىمنى جىممىدە تۇرۇپ ئاڭلىغان رۇشەنگۈل سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمدىن كېيىن لېۋىنى چىشلىگىنىچەجىممىدە تۇرۇپ
،ئۈنسىز ياشلىرى تۆكۈلۈپ بىردىن يۈزىنى ئەتكىنىچە يېنىك ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.مەن ئۇنىڭغا تەسەللىيمۇ بەرمەي ،باشقا ئارتۇق گەپمۇ قىلماي تاماكامنى چېكىپ تۇردۇم.
خىلىدىن كېيىن ئۆكسۈشى بېسىقىپ ياشلىرىنى سۈرۈپ ماڭا قارىغان رۇشەنگۈل:
-سىز راستىن بۇندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن ئارلاشماسلىق ،ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بىرەر قىز بىلەن
توي قىلماي ئۆتۈپ كېتىش نىيىتىگە كەلدىڭىز ؟-دەپ سورىدى ماڭا ئىشەنمىگەندەك قاراپ.
-ھەئە،مەڭگۈ تەنھا ئۆتۈپ كېتىمەن.
-بۇ نېمە ئۈچۈن؟ئۆزىڭىزنى جازالاش ئۈچۈنما؟بۇنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
-چۈنكى مەن ياخشى كۆرۈدىغان ئادەم خەلچەم ،كېيىن باشقا بىرەر قىز بىلەن توي قىلسام ئۇنى ياخشى كۆرەلمەي ئۆزۈم
ئالدىغان باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئازابتا قويىمەن.ئۇنداق قىلسام ئىچىم تېخىمۇ كۆپ پۇشايمانلىق ،ئەلەملىك تۇيغۇ خىياللار بىلەن تولۇپ كېتىدۇ...ئەلۋەتتە مەن خەلچەمنىڭ ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم پۇرسەت بولسا ئۇنىڭغا پۇشايمانلىرىمنى تۆكۈپ ،ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ مەن توي قىلىپ بىرگە ياشاشنى تەلەپ قىلىمەن.
-ئۇ توي قىلىپ بولغان تۇرسا؟...ئۇ ھەتتا توي قىلغان شۇ ئەردىن بالىلىق بولۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇنىڭ ئېرى بىلەن
ئاجرىشىپ سىز بىلەن ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىرسى يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك بولدى،بۇ دېگەن بىر ھەقىقەت بولسىمۇ ،خەلچەمنىڭ توي قىلغان
ئەردىن بالىلىق بولۇشى بىر نورمال ئىش بولسىمۇ بۇ مەن ئويلاپ باقمىغان ئىش بولغاچقا ،ئەگەر ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ ئەر بىلەن ئاجرىشىپ كەتسە چوقۇم ئۇنىڭغا مەن بىلەن توي قىلىشنى ئېيتىمەن ۋە شۇنىڭغىچە ساقلايمەن دەيدىغان خىيالىم بولغاچقا ،شۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇ بىر بالىنى (ھەتتا ئىككى ،ئۈچ بالىنى)كۆتۈرۈپ كەلسە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاش نىيتىمدىن ۋاز كەچمەمدىم؟بۇ بىر قورقۇنىچلىق ئىشقۇ!ئۇ توي قىلغانكەن ئېرى بىلەن بىرگە ياتىدۇ،ھەركۈنى ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ،ئېرى ھەر كۈنى خالىغان ۋاقتىدا كۆڭلى تارتقان يېرىگە سۆيۈپ ،سىلاپ چىقىدۇ...مېنىڭ بۇلارنى ئويلىغۇم كەلمىدى. مېنىڭ بۇلارنى بىلگەنلىكىم سەۋەبىدىن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كەلدى،چىدىماي قالدىم .بۇلارنى ھازىرچە ئويلىمايچۇ... -كەچۈرۈڭ ،بۇنداق گەپلەرنى دېمىسىڭىز!كېيىنكى ھاياتىمنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەيمەن.ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭ ،مېنىڭ سىز
بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىم باشقا بىر قىز بىلەن ئارلىشىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھازىرغىچە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش، قىلمىشلىرىمغا تۆۋە قىلىش ،ئۆزۈمنى جازالاش شۇنداقلا خەلچەمگە ئەقىدە ساقلاش ئۈچۈن.
شۇ ۋاقىتتا رۇشەنگۈل باشقا ئارتۇق گەپلەرنى قىلماي مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئارمىنىمغا يېتىشىمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ،
مەن بىلەن چىرايلىق خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى.ئىككىمىز ئۇندىن كېيىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈپ كەتتۇق.مەنمۇ ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ شوخلۇقلىرىمنى،قىزلارنى ئەخمەق قىلىشلارنى تاشلاپ تىنىچقىنە ئۆتتۈم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم،لېكىن،بۇ جەرياندا ئۆز خاتالىقلىرىم ئۈچۈن ئۆكۈنمىگەن ، خەلچەمنى
سېغىنىپ ھەسرەت چەكمىگەن بىر كۈنۈممۇ يوق ئىدى.يۇرۇتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلچەمنى پات-پات ئۇچۇرتۇپ قالىدىغانلىقىم سەۋەبىدىن ئازابلىرىم ،ئۆكۈنۈشلىك ھېسياتلىرىم تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنىڭلىق بىلەن قالماي ھازىر خەلچەمنىڭ قۇچىقىدا بىر بالا پەيدا بولغان بولۇپ،ئۇنى ھەر قېتىم شۇ ھالەتتە كۆرگىنىمدە ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن بېشىم قېيىپ، پۇت- قوللىرىم تىترەپ ھېلىلا يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك بولۇپ قالاتتىم.ئۇنى يالغۇز ئۇچراتقان ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ۋە كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ مېنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرغۇم كېلەتتى،ئەمما،ئۇنىڭ ئاللىقاچان باشقا ئادەمنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىگىنى ئېسىمگە ئالسام بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە يۈرىكىم موجۇلغان ھالەتتە ئۆتۈپ كېتەتتىم.
مەن نۇرغۇن قېتىم ئۆزئۆزۈمگە «خەلچەم ئاللىقاچان باشقا بىر ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇپ ئۇنىڭغا بىر بالا تۇغۇپ بېرىپ
بولدى.ئۇنىڭ جىسمىنى ۋە روھىنى-ھەممە نېمىسىنى بىر ئەر ئىگەللەپ،لەۋلىرىمۇ سۆيۈلىۋېرىپ شىرنىسى سۈمۈرىۋېلىنغان مېۋە شۆپۈكىگە ئوخشاپ قالدى.تەقدىرىمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ،ئەمدى ئۇنى خىيالىمدىن چىقىرىۋېتىپ ئۇنتۇپلا كېتەي.باشقا بىرەر قىز بىلەن توي قىلىپ ھاياتىمنى ئۆتكۈزەي» دەپ ئۇنىڭدىن كۆڭلۈمنى سوۋۇتماقچى بولدۇم، لېكىن، ھەرقانچە قاتتىق تامغا قانچىلىك مۇستەھكەم قېقىلغان مىخ بولسىمۇ يۇلىۋەتكىلى بولغان بىلەن تۇنجى قېتىم ئاشىق بولغان ،قەلبىڭگە خۇددى دەرەخ يىلتىزىدەك مەھكەم ئورناپ كەتكەن قىزنى قانداق قىلىپمۇ ئۇنتۇغىلى ،ئەس- يادىڭدىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىكەن.ئەكسىچە خەلچەم مېنىڭ قەلب چوڭقۇرلىقىمغا بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ ،ئۇنى تاپىنىمدىن چوققامغىچە ھەممە يېرىم خىيال قىلىپ،ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغانلىغىنى چاچلىرىمغىچە سېزىپ تۇرىۋاتقاندەك ئىدى.
مەن خىزمەتكە چىقىپ بىرەر يىلدىن كېيىن ئاتا-ئانام تويۇمنى قىلىپ قويۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن ،لېكىن،مەن بىرئازابلىق
ئۈمىدسىز خامخىيال ئىچىدە تويدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەن ئىدىم.كىچىك ھەدەم مېنىڭ پۇشايمان ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىغىمنى بىلىدىغان بولغاچ ئۇ ماڭا «توي قىلساڭ خەلچەمنى ئۇنتۇپ كېتىسەن .مەن ساڭا ناھىيىمىز بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىزلاردىن تونۇشتۇراي، گاچچىدا توي قىلىۋال.ئەمدى ئۇنداق ئۆتۈپ كەتكەن ،ئەسلىگە قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان يەپ ھاياتىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمە»دەپ نەسىھەت قىلدى.
مەن ئۇنىڭدىن :
-ھەدە،ئەگەر مەن خەلچەمدىن ئېرىدىن ئاجرىشىپ مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ئۆتۈنسەم ئۇ ماقۇل بولارمۇ ؟-دەپ
سورىدىم.
-ئەخمەق بولما.نېمە قىلىسەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولۇپ بولغان ئايالنى ئېرىدىن ئاجراشتۇرۇپ ئالىمەن دەپ.بۇنداق
قىلساڭ ئۇ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن،مەنمۇ بۇنداق ئىشقا تازا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق بىر بالىلىق ئايالنى ئېرىدىن ئاجراشتۇرۇپ ئالىمەن دېسەڭ ،ئۆيدىكىلەر ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.
-ئاچا مەن ئۈچۈن خەلچەم بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقامسەن؟
-ساراڭ بوپسەن!مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.ناۋادا مەن خەلچەم بىلەن كۆرۈشۈپ سېنىڭ خىيالىڭنى
ئۇنىڭغا ئېيتسام ھەم سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دېسەڭ ،ئۆيدىكىلەر بۇنى بىلگەن كۈنى مېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئىككىنچى مېنىڭ يۈزۈمگە قارىمايدۇ.ئۇكام،ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈڭ ئۈژمە كۆڭۈللۈكلۈك قىلىپ خەلچەمدىن ۋاز كەچكەن ئادەم ئۆزۈڭ،ئەمدى ئۇنداق كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرمەي ئالدىڭغا قارا.ئۆزۈڭمۇ بىر قاملاشقان يىگىت تۇرۇپ بىر بالىلىق بولۇپ بولغان ئايال بىلەن توي قىلىمەن دېيىشتىن خەلقى –ئالەم ئالدىدا خىجىل بولۇپمۇ قالارسەن.سەن تولا ساددىلىق قىلماي بىر قارارغا كەلگىن ،مەن ساڭا گۈلدەك چىرايلىق،ئەدەپ-قائىدىلىك قىزدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي.
مەن ئاچامنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تازا ئىككىلىنىپ قالدىم.خەلچەمنى ئېرىدىن ئاجراشتۇرۇپ توي قىلىمەن دېسەم
،بۇ تازا قاملاشمايدىغان بىر ئىشتەك،بۇ قىلىقىم سەۋەبىدىن ئەتراپىمدىكىلەر مېنى مەسخىرە قىلىپ كۆزىگە ئىلمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ دىمىم ئىچىمگە كىرىپ كەتتى.لېكىن،خەلچەمدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغانلىقىمنى ،بىرەر قېتىم قەلبىمنىڭ بەتلىرىگە قايغۇلۇق شېئىرلاردەك پۈتۈلۈپ كەتكەن ھەسرەت- ئەلەملىرىمنى تۆكۈش پۇرسىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئويلىسام ،ھېچنەرسىگە قارىماستىن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتقىنىمچە كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ئىچىمدىكى ھەممە نەرسىنى شارقىراپ ياغقان يامغۇردەك تۆكۈپ بەرگۈم ،ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەرنېمە دېيىشلىرىگە پەرۋا قىلماي، خەلچەمنى ئۇنىڭ ئېرىدىن ئوچۇق-ئاشكارە تالىشىپ مەيدانغا چۈشۈپ باتۇرلۇق كۆرسەتكۈم كېلەتتى.
خەلچەمنى سېغىنىپ،پۇشايمان يەپ ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ ئاخىرى ئۇنى ئېرىدىن ئاجراشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي ۋە ئۇنداق
قىلىشتىن نومۇس ھېس قىلىپ يەنە بىر بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر تاپقان قىز بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلدىم.
مېھرىگۈل ئىنتايىن چىرايلىق ھەم بەكلا نازۇك گۈلدەك بىر قىز ئىدى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ كېلىپ،
مېھرىگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا رازىلىق بەرگەندىن كېيىن ئىككىمىز پات-پات كۆرۈشۈپ بىرگە تاماق يىگەچ مۇڭداشتۇق.ئۇ باشقا گۈزەل قىزلارنىڭ ئەكسىچە مۇلايىم ،ئېغىر-بىسىق ۋە رايىش بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى كۆڭلۈمگە ياقتى.بىز توي قىلدۇق.بىراق تويدىن كېيىنمۇ خەلچەمنى خىيالىمدىن چىقىرىۋىتەلمەيدىغانلىغىمنى ،ئۇنى ئويلىساملا ئازاب ،پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە تولغىنىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ،توي قىلماي تۇرغان بولساممۇ بوپتىكەن. شۇنداق بولسا بىر پۇرسەتتە خەلچەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ مەن بىلەن ئۆتۈشنى ۋە خاتالىقلىرىم ئورنىنى تولدۇرۇشقا پۇرسەت بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولسام بەلكىم ماقۇل بولۇپمۇ قالار ئىدى،دەپ ئويلاپ قالدىم.مەن توي قىلماي ئۆتۈۋەرگەن بولسام خەلچەم بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ،ئۇنى ھېلىھەم بەكلا ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ۋە مەڭگۈ ئۆزىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىمنى بىلگەن بولاتتى.ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرسە ۋە كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا چوقۇم ئۇمۇ ماڭا تارتىشىپ كېيىنكى تۇرمۇش يولىنى قايتىدىن تاللاپ مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشى چوقۇم ئىدى. خەيرىيەت،مەن بىر كۈنلەر كېلىپ پۇرسەت بولۇپ قالسا خەلچەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭغا قىلغان ۋاپاسىزلىغىم ئۈچۈن پۇشايمان يەپ ئۆكۈنىش ئىچىدە ئۆتۈۋادتقانلىغىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن،دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
مېھرىگۈل ھەقىقەتەن ئوڭلۇق قىز ئىكەن،ئۇ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ ئېغىزىمغا قارايتتى،ھەرقانداق بىر ئىش تۈپەيلىدىن
مەن بىلەن زادى تالاش تارتىش قىلمايتتى. ئۇ ئۆزى خالىمايدىغان بىرەر ئىش سەۋەبىدىن بولسىمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كۆزلىرىنى چوڭراق ئېچىپ قاراپ باقمىغان ئىدى.بىراق،ئۇ شۇنچە گۈزەل ۋە مۇلايىم بىر قىز بولسىمۇ ئۇنىڭغا زادى كۆڭلۈم چۈشكەندەك ئەمەس ،ئۇ قېشىمدا يوق ۋاقىتلاردا ئۆزۈم خىيال قىلاي دەپ ئويلاپ ئېسىمگە ئالمىسام ئۇنى ئۇنتۇپلا قالاتتىم.ئىچىمدە روھىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدەكلا بولۇپ قالغان خەلچەمنىڭ چوپچوڭ نۇرلۇق كۆزلىرى ،غەمكىن كۈلكىسى ۋە يەرنىڭ تېگىدىن قاراشلىرى كېچە-كۈندۈز توختىماستىن قەپەز ئىچىدىكى قۇشلاردەك پەرۋاز قىلاتتى،مەن ئۇنى ئويلاش ياكى خىيال قىلىش ئۈچۈن دىققىتىمنى يىغىشىمنىڭ ،ئۇنى ئېسىمگە ئېلىشىمنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى يوق ،ئۇ ھەرۋاقىت خىيالى دۇنيارىمدا مەن بىلەن بىرگە ياشاۋاتقاندەك ئىدى .مەن بۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن بەكلا ئادالەتسىز ئىش قىلىۋاتقاندەك بىر ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم،چۈنكى ،ئۆزۈم رازى بولۇپ توي قىلغان،ئۆيۈمدە خوتۇن قىلىپ ئۆتۈۋاتقان مېھرىگۈلنى ياخشى كۆرەلمىدىم،ئۇ يېنىمدا بولمىسا زادى خىيالىمغا كەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئۇنى قۇچاقلاپ يېتىپ خىيال قىلىدىغىنىم باشقىلارنىڭ خوتۇنى،بۇ مېنى مېھرىگۈلگە ئۇۋال قىلىۋاتقاندەك بىر ھېسياتقا كەلتۈرۈپ قويدى.شۇڭىمۇ مەن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ،قەلبىمدىن چىقىرىپ بېرەلمىگەن نەرسىلەر قولۇم بىلەن بولسىمۇ بېرىشقا تىرماشتىم.
بىر كۈنى دوستلار بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ قېلىپ ،ھاراقنى سەل كۆپراق ئىچىپ خىلى مەست بولۇپ قالدىم.بۇنىڭلىق
بىلەن ھەسرەت-ئەلەملىرىم ، پۇشايمانلىرىم ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىم تېخىمۇ بەك ئۆرتەندى،ئۆزۈمنى بەكلا ئازابلىنىپ ھەم ئۈمىدسىزلىنىپ تۈگىشىپ بىر يەرگە بېرىپ قېلىپ ،پات يېقىندا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ قېلىپ،ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى ئايالىمغا تۆكۈپ بېرىشىم كېرەكتەك سەزدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگەندە مەستلىكىمدىن لەپپەڭشىىپ ئۆرە تۇرالمايۋاتقان مېنى كۆيۈنۈش بىلەن يۆلەپ كارۋاتقا ئېلىپ كەلگەن مېھرىگۈلنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۈنسىز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلۈپ يىغلىۋەتتىم.ئۇ مېنى كارۋاتتا ئولتۇرغۇزۇپ كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىمنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ماڭا قاراپ قالدى.
-كەچۈرۈڭ!-دېدىم مەن ياشلىرىمنى سۈرۈتۈپ كۈلۈشكە تىرىشىپ.
-نېمە ئىش بولدى؟-دېدى ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىتىمدىن چۆچۈپ.
-مەن دەرت-ئەلەمدىن تۈگىشىپ كېتەي دېدىم...مېنىڭ سىزنى يەنە داۋاملىق ئالداۋەرگۈم يوق،-مەن يەرگە قاراپ
ياشلىرىمنى سۈرۈتۈپ سەل تۇرىۋىلىپ ئاندىن دېدىم،-مەن بۇرۇن سىز بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرىلا ...بىر قىزنى ياخشى كۆرەتتىم.مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەرمەن دەپ سىز بىلەن توي قىلغان...بىراق،مەن ھازىرغىچە ئۇنى خىيالىمدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم ...بۇنىڭدىن يۈرىكىم ھەردائىم ئوتقا سالغان قىلدەك تولغىنىپ ئازاب چېكىدۇ... بۇنىڭلىق بىلەن مەن بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ بۇ دۇنيادا داۋاملىق ياشاۋىرىشكە كۈچۈم قالمىغاندەك ،ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي تۈگۈشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.مېھرىگۈل،سىزنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ۋە ياخشى بىر قىز ئىكەنلىگىڭىزنى بىلىمەن،سىز مېنى ئىنتايىن قەدىرلەيسىز.لېكىن شۇنداق تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىمەن، ئۆزۈمگە ئۆلۈم تىلەيمەن... مەن زادى قانداق ياشاشنى بىلەلمەي قالدىم...
مەن ئۆكسۈشلىرىمنى بېسىۋالالماي سۆزدىن توختاپ تارام-تارام تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرۈتتىم.
-نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈدىغان ئادەم بىلەن توي قىلماي مەن بىلەن توي قىلغان؟-دەپ سورىدى مېھرىگۈل ماڭا
لەپپىدە قاراپ قويۇپ.
-مەن خەلچەم بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر-بىرىمىزگە كۆڭۈل بېرىپ ۋەدىلەشكەن،ئەمما،مەن ئالىي
مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقا قىزلار بىلەن ئارلاشتىم ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ خەت يازدىم.لېكىن،كېيىن كېلىپ ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىمنىڭ ئۇ ئىكەنلىگىنى بىلگەن ۋاقتىمدا ئاللىقاچان كېچىكىپتىمەن، ئۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بىرسى بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولۇپ بولغان ئىكەن. ئۇ ھازىرغىچە شۇ ئەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتىدۇ.
مېھرىگۈل بۇ گەپلىرىم بىلەن بىردەم يەرگە قارىغىنىچە ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالدى.مەن يۈرىكىم پارە-پارە
بولغىنىچە تاماكامنى چېكىپ جىمغىنە ئولتۇردۇم.ئۇ سەلدىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ:
-ئۇ ئىشلارنى ماڭا نېمە ئۈچۈن ئېيتىپ بېرىۋاتىسىز؟-دەپ سورىدى.
-كەچۈرۈڭ!مېنىڭ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى زېدە قىلغۇم يوق.لېكىن... لېكىن،مېنىڭ ياشاش ئىرادەم پۈتۈنلەي سۇنۇپ
،ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىم پۈتۈنلەي سوۋۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.روھىم پۈتۈنلەي تۈگەشتى،ئۆلۈم مېنى ئەگىپ يۈرگەندەكلا ھېس قىلىمەن.بەلكىم شۇ سەۋەپتىن ئۇزۇن ياشىيالماي ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن... مەن بۇلارنى پەقەت سىزنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق دەپ قاراپ ئېيتىپ بەردىم...مەن راستىنلا...مېنى كەچۈرۈڭ!
-مەن ...بويۇمدا قاپتۇ،بالىنى ئالدۇرىۋېتىمەنمۇ؟-دېدى ئۇ شۇ چاغدا ياشلىق كۆزىنى ماڭا تىكىپ.
-ياق!-مەن كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆتۈنۈش بىلەن دېدىم،-ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ!بۇ دۇنيادا مەن ئۇزۇن ياشىيالمىسام
بالام بولسىمۇ قالسۇن.ئەگەر سىزدىن كېيىن قېلىپ بالىنى يالغۇز بېقىپ بولالمايمەن دەپ ئويلىسىڭىز،مېنىڭ ئاتا- ئانام ھەم قېرىنداشلىرىم بالامنى بېقىشىپ بېرىدۇ.ئۆتۈنەي!بالامنى ساق-سالامەت يەڭگىسىڭىز!...
-بولدى،ھېچنەرسە دېمەڭ!...
مېھرىگۈل بىردىنلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.
مەنمۇ تاماكامنى چەككىنىمچە پەسكويغا چۈشۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئۇندىن كېيىنمۇ بىز بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشمىدۇق.ئۇ ساق-سالامەت بوشىنىپ ماڭا بىر ئوماق ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدۇم.يىللار شۇ تەرىقىدە جىممىدە ئۆتۈپ كەتتى،مەن قانچە ئازابلانغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن بولساممۇ دەرت-ئەلەمدە ئۆلۈپ كەتمىدىم.مانا بالىمىزمۇ چوڭ بولۇپ مەكتەپ يېشىغا كېلىپ قالدى. لېكىن،شۇنچە يىللاردىن بىرى قەلبىمنى دەرت-ئەلەم بىلەن تولدۇرغان چۈشلىرىم ئەمدى رېئاللىققا ئايلىنىدىغاندەك قىلاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 13:43
|