ئامىنە ھېكىم 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىسىدە زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.باشلانغۇچ،تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى ناھىيلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ،1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ،تاماملىغاندىن كىيىن 1986-يىلدىن 1989-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ بالىلار مائارىپى كەسپىدە ئوقۇغان.1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە شىجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
ئامىنە ھېكىم 1987-يىلى «قەشقەر گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئەقىدە» ناملىق نەسرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر«تارىم»،«تەڭرىتاغ»، «قەشقەر»«جۇڭگۈ مىللەتلىرى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«باج ئىشلىرى» ،«شىنجاڭ گىزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى»«قەشقەر گىزىتى»قاتارلىق گېزىت -ژورناللاردا 100 پارچىغا يېقىن شېئىر ،نەسىر،ھېكايە،ئوبزورلىرى،ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 1993-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان « ‹ھايات دولقۇنلىرى › نەسرى ئەسەرلەر مۇسابىقىسى» دە «تىلسىزنىڭ تىلىكى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نەسىرلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،1994-يىلى مەزكۇر ژورنال ئۇيۇشتۇرغان «مىكرو ھېكايە،مىكرو ماقالە مۇسابىقىسى»دە «ھەمرا» ناملىق ھېكايىسى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
2012- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىدىپىن « قۇم ئارال » ناملىق ھىكايلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان .
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 16:05