ماتىماتىك
ئوسمانجان مۇھەممەت
ماتىماتىك ئىھ ماتىماتىك،
سان ئوقۇڭغا نىشانلىساڭچۇ.
قۇربان بولاي كوردىناتىڭدا ،
شەرتلەر قويۇپ قىينىمىساڭچۇ .
بىز بولايلى ئىككى ئەزالىق ،
فورمۇلاغا چۈشمەيلى پەقەت .
كۆپ ئەزالىق ئازدۇرار چوقۇم ،
ھەممە بىلەر بۇبىر ھەقىقەت .
ئارىمىزغا قويۇلسۇن تەڭلىك ،
تەڭسىزلىكتە بولار ئاداۋەت .
يېشىممىز بىر بولسۇن پەقەت ،
چەكسىز يېشىم ئەمەس قانائەت .
بىز ياشايلى تەكشىلىكتىكى ،
ئۆزگىرىشچان بىر نوقتا بولۇپ .
سەن ئۆزگىرىپ تۇرساڭ ئەگەردە ،
ئەگىشەي مەن كەينىڭدە تۇرۇپ .
مەخرەج بولۇپ ئالساڭ گەر ئارام ،
قوغداپ تۇراي سۈرىتىڭدە مەن .
ئارىمىزدا مەۋھۇم بىر سىزىق ،
باغلاپ تۇرسۇن رھىمىزنى تەڭ .
بولغىن چەمبەر- ئەڭ گۈزەل ئۆزى ،
قەلبىڭدىكى بىر نوقتاڭ بولاي .
ئىللپسقا ئۆزگەرسەڭ ئەگەر ،
كۇنۇس بىلەن بېشىڭغا قوياي.
بولۇپ قالساق تەتۈر تاناسىپ ،
بىز ياتايلى ئىككى چارەكتە .
ئۈزۈلمەيدۇ رىشتىمىز ئەمما ،
تەڭلىمىمىز باردۇر يۈرەكتە .
ئىخچاملايلى ئوخشاش ئەزانى ،
ھاسىللەش بوپقالار قىيىن .
ئوخشاشلىقلار تەكرارلانسا گەر ،
ئايرىمىلىق بولار بىر تىيىن .
يۈرەلمەيمىز مەڭگۈ پارالىل ،
بىز ياشايمىز يۇمۇلاق شاردا .
كېسىشكەچكە چىقار تىئورما ،
كېسىك ،بۇلۇڭ ،تاناسىپلاردا .
تەرىپىمىز كۆپلەشكەنسىرى ،
ئىنتىلىمىز چەمبەرگە چەكسىز .
خوردا بولۇپ ئاشۇ چەمبەردە ،
مەڭگۈ ئارام ئالىمىز شەكسىز .
تىز كەلگىنە شۇڭا دىلدارىم ،
رادىكالغا كىرىپ كېتەيلى .
ئىككى يىلتىز چىقىرىپ ئۇندىن ،
ئەلجەبىرگە ھەسسە قوشايلى .
2014-5-
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-12 01:46
|