ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
1
يار ماڭا قەست ئەيلەبان غەۋغا قىلۇر،
قەستىدىن كۆڭلۈمنىمۇ شەيدا قىلۇر.
چۈشلىرىمدە بەزمىلەر قۇرغان بىلەن،
ئويغىنار بولسام شۇئان سەۋدا قىلۇر.
گەر ئۆپۈپ ئاياغىنى قۇللۇق قىلاي،
شۇندىمۇ ھەم نە ماڭا پەرۋا قىلۇر.
تاش ئاتار قوغلاپ مېنى بوسۇغىدىن،
تاشلارى جانىمغا جان پەيدا قىلۇر.
ئەل ئارا ئىشقىمنى ئاشكار ئەتكۈدەك،
ئاھ نېتەي ئاخىر مېنى رەسۋا قىلۇر.
باش ئېلىپ مەجنۇن كەبى كەتسەم يېراق،
يار ئۆزىن ئەغيارغا ھەم لەيلا قىلۇر.
مەيخانە ئەھلى كەبى بەگزات بىھۇش،
ئېشقىنى كىمگە بېرىپ دەئۋا قىلۇر.
2
كېزەرمەن دەشتۇ سەھرانى ماڭا بىر ھەمناۋا بارمۇ؟
ئېشق مەيزابىنى ئىچتىم مۇنىڭدەك زور بالا بارمۇ؟
نىگاھى خەنجىرى باغرىم ئارا روھىمنى ئۆلتۈرسە،
مەسىھادەك شۇئان تىرگۈزگىلى كىم دىلرەبا بارمۇ؟
قەسىرى پايەسىگە باش قويۇپ ئۇندا ياتار بولسام،
ئاياغى ئاستىدا نىمجان تېنىمگە بورىيا بارمۇ؟
پەقەت چېھرى خېيالىدىن ۋۇجۇدۇم تاپقۇسى رىغبەت،
مەگەر كۆرمەككە ئىنتىلسەم بارارىمغا رىزا بارمۇ؟
مېنى مەسخىر قىلار ئەھلى ئۇشاقتىن بىخەۋەر زاتلار،
ئېشق دەۋاسىدىن كەچكىن دېگەنلەردە ۋاپا بارمۇ؟
قەلەندەرلەر ماكانىدا ھاياتىم مەشئىلى ئۆچسە،
ئەجەبكىم دەردى دىلخۇنغا دېمەك شۇنداق قازا بارمۇ؟
مۇغەننى چال نەۋالاردىن پىراقىمغا تاپاي تەسكىن،
نېتەي بەگزات گىرىفتارى بالايىغا داۋا بارمۇ؟
3
يار قەدەم ئالمىش باشىن ئەگكەي شۇئان بارچە پەرى،
نە پەرىكىم ھەم مەلەكلەر ئول يارغا بولغاي نەۋكەرى.
مەن تەمەننا قىلغالى ھېچبىر نەزەر سالغانى يوق،
ۋەھ ئەجەب ھەر باقىشىدىن باغرىمغا ئۇرغاي نەشتەرى.
گەرچە فەرھاد تاش يۇنۇشتىن تارتتىلەر كۆپلەپ جەفا،
بىر كۆرۈپ شېرىن جەمالىن ئەيلىگەچ چۇن دىلبەرى.
كۆرسەلەر ئول يارنى تۈندە ھەم كۆرۈرلەر سايەسىن،
ئاھ چېكىپ فەرھاد ئۇرار باغرىغا شۇ دەم خەنجەرى.
زۇلفىنى يايغان مەھەل ياپقاي ئارەزىنى قۇياش،
تۈن ئارا يەر مۈلكىدە ئول پەرىۋەشلەر ئەختەرى.
ئىستەبان يار لەئلىدىن ئىچكۈم كىلۇر بىر جام شەراب،
گۇيا جەننەت ئىچرە ھەم ئىچكەن كەبى ئاب كەۋسەرى.
سەن ئېشق دەئۋاسىدىن كۆپ تەئنىگە بولدۇڭ دۇچار،
يازمىشى بەگزاتقا شۇنداق ئەزلى ئەزەلدۇر دەفتەرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 22:44