- UID
- 12
- يازما
- 126
- ھوقۇقى
- 1
- 真实姓名
- سائادەت ساتتار ئايتۇغ
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 607
- تىزىملاتقان
- 2012-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئەينىدىن قارى ئاكا نەچچە جامائەتنىڭ ھەمراھلىقىدا قاسىمئاخۇن ئاكىلارنىڭكىگە سەمەتجانغا توختىگۈلنى سوراپ ئەلچىلىككە كەلدى.ئەلچىلەرمۇ ئاددىلا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ كەلگەن،ساھىپخانلارمۇ ئاددىلا كۈتىۋالغان بولسىمۇ بۇ مەسلىھەتلەر شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلدى.جامائەت قاسىمئاخۇن ئاكا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قۇتلۇق كۈننىڭ بىرىدە بۇ ئىككى ياشنىڭ نىكاھ پەتىسىنى ئوقۇپ قويۇشنى پۈتۈشۈپ قايتىشتى.
كەچتە قىزىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائەت قىلىشىنى ھەۋەس بىلەن تىڭشاپ ئولتۇرغان مايسىخان ئانا قىزى بىلەن تەڭ دۇئاغا قول كۆتۈردى،ھەرئىككىكلا ئاجىزە ئوخشاشلا بۇ نىكاھنىڭ بەختلىك،ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى تىلەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا دۇئا قىلىشتى.
توختىگۈل كۆزلىرىنى ئانىسىدىن ئەپقېچىپ،ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئاستاغىنە بېشىنى قويدى.
قىزىنىڭ چاچلىرىنى بار مىھرى بىلەن سىلاپ،بارماقلىرى بىلەن تاراپ ئولتۇرۇپ:
-جېنىم قىزىم بۈگۈن ئەلچىلەرگە ماقۇل بولدۇق.سىزنىڭ نارازىلىقىڭ يوقتۇھە؟-دەپ سورىدى ئانا قەستەنگە بىلمەسكە سېلىپ.
-سىلەر نىمە دىسەڭلار شۇ،-دىدى قىز بىر ئاز گەپ قىلالماي ئوڭايسىزلانغاندىن كىيىن.
-سىز بىزنىڭ تىكەندەك يالغۇزلا بىر تال قىزىمىز،ئەسلى جەمەتى جىقراق بىرەر ئائىلە بىلەن قۇدىلاشساقمۇ بىزدىن كىيىن قالغاندا يىتىمسىرىماي ئۆتەتتىڭىز،لېكىن سىزنى ئۆزىمىزدىن بۇنداق بالدۇر ئايرىغىمىز يوق ئىدى.نىمىلا دىگەن بىلەن قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش بىزنىڭ قەرزىمىز،ھامىنى بولىدىغان ئىش قىزىم،شۇڭا سەمەتجاننى بالا قىلىۋېلىپلا بىرگە ياشايلى دەپ ئويلاشتۇق.بۇ بالىمۇ ئىسىل خەقنىڭ بالاي-ۋاقىسىدەك قىلىدۇ.چىرايىدىن ئىمان نۇرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ.ئۇلۇغ خۇدايىم بېشىڭلارنى باش قىلىپ ئۆمۈرۋايەت خوشال-خورام،ئىجىل ئۆتكىلى نىسىپ قىلار،بىزدىن كىيىن قالساڭلارمۇ مۇشۇ ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي ،يايلا-قۇيرۇقلۇق بولۇپ ياشىغىلى نىسىپ قىلار.
ئۇ كۈنى ئانا-بالا ئىككەيلەن يېرىم كېچىگۈچە مۇڭداشتى.قىز سەمەتجان توغرىلىق ھىچنىمە دىمىگەن بولسىمۇ ئانىسىغا خۇددى ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كىتىپ قايتا جەم بولغاندەك تويماي قارايتى،ئۇ خالايدىغان مەزمۇندا كۆپرەك مۇڭدىشىپ،كۆڭلىنى ئېچىشقا تىرىشاتتى.ئانىسى يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاپ قالغاندا بولسا ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ خىياللىرىغا بەنت بولۇپ تاڭ سۈزۈلگۈچە كۆزلىرىگە ئۇيقۇ ئىلىنمىدى.ئۇ بەزىدە شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ ھاياجانلانسا،بەزىدە تۇرۇپلا نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ خاۋاتىرلىنەتتى.تۇرۇپلا بالىلىقىدىن مۇشۇنداقلا خوشلىشىدىغانلىقى،مىھرىگۈل مۇئەللىملەر....خىيال ئىكرانىدا پەيدا بولاتتىدە كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى.شۇ تاپتا كۈيۈمچان ئۇستازى بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ يېنىدا بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟!نىكاھ كۈنى مىھرىگۈل مۇئەللىم توختىگۈلنىڭ چاچلىرىنى ئۆرۈپ،ئوسمىلارنى قويۇپ،سۈرمىلەرنى ئۆز قولى بىلەن تارتىپ قويسا،گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن توختىگۈلنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ،باغرىغا بېسىپ كەتسە،ئۇنىڭ بەختىدىن سۆيۈنۈپ ئوماققىنە زىناقلىرىنى چىقىرىپ مەمنۇنلۇق ئىچىدە كۈلۈپ كەتسە.......
لېكىن بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان تاتلىق خىيال ئىدى خالاس.توي كۈنى بېكىتىلىپ كىگىز-پالازلار قېقىپ سېلىندى.توختىگۈلنىڭ ياتاق ئۆيى،ئۆيدىكى ئەڭ ياخشى،يىڭى ھىساپلىنىدىغان بىساتلار بىلەن چىرايلىق،مىھرى ئىسسىق ھوجرا قىلىپ جابدۇلدى.نىكاھ ئوقۇلىدىغان كۈنى،ئانىسى پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ ئەينى چاغدا دادىسى ئېلىپ بەرگەن خورمىرەڭ كۆينىكىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، چاچما ياغلىقىنى تېپىپ چىقىپ بېشىغا ئارتتى. جامائەت ۋە خوشنا-خۇلۇملار ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنلۈك تەمىناتى بولمىش بىر چىنىدىن قوناق ئۇنىنى كۆتۈرۈشۈپ،قاسىمئاخۇنلارنىڭكىگە يىتىپ كىلىشتى.ئەترەتنىڭ چوڭ قازىنى ھويلىغان ئېسىلىپ ھەممەيلەننىڭ قوناق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىتىلگەن ئۇماچنى كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ نىكاھ پەتىسىنى ئوقۇپ ،ئىككى ياشنىڭ باش قوشقانلىقىنى قۇتلۇقلىشىپ قايتىشتى.
كەچتە يەڭگىلەرنىڭ بىرمۇنچە ۋەز-نەسىھەتلىرىنى،ئىزىپ-ئىچۈرۈشلىرىنى خىجىللىق بىلەن ئوڭايسىزلىق ئىچىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان توختىگۈل ئۇلار چىقىپ كىتىشى ئۇھ...دەپ ئۆزىنى سەل يىنىكلىگەندەك ھىس قىلدىيۇ،كونا بولسىمۇ پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ،چاچ-ساقاللىرىنى پاكىز قۇردۇرۇپ،بۇرۇتلىرىنى ئىنچىكە ياسىتىپ خېلىلا ئىسكەت كىرىپ قالغان سەمەتجاننىڭ (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)دەپ كۈلۈمسىرەپ كىرىشى بىلەن يۈرىكى يەنىلا ئەنسىز سوقۇپ،ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-قىزنىڭ ئاۋازى شۇنداق تىترەپ كەتتىكى گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئۆزىمۇ ئارانلا ئاڭلىيالىغۇدەك بوش ئاۋازدا تاماملىدى.
سەمەتجان سۇپىنىڭ قىرىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ خۇددى بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانداق خېلى ھازاغۇچە ئېغىز ئاچالماي،قىزغا يەر تىگىدىن نەچچە قېتىم قاراپ قويۇپ گەپ قىلىشقا ئۆمەللىگەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ يەنە جىم بولۇپ قالدى.
قىزنىڭ يۈرىكى خۇددى كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەنسىز تېپچەكلەيتتى.بايىقى يەڭگىلەر ئېيتقان بەزى گەپلەر ئۇنى قورقۇنچلىق ۋەھىمىلەرگە ئىتتىرەتتى.
-سىزنى ئەمرىمگە ئالالىشىمنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىغان ئىدىم.-دەپ سۆز باشلىدى سەمەتجان تىترەڭگۈ ئاۋازدا،-ئاتا-ئانىڭىزنىڭ مىنى يوقسۇل،مۇساپىر كۆرمەي،قۇبۇل كۆرگىنىگە بىر ئۆمۈر قۇللىقىنى قىلساممۇ ئەرزىيدۇ.بۇندىن كىيىن سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئوخشاشلا مىنىڭ ئاتا-ئانام،جېنىم تېنىمدىلا بولسا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،كۆزىڭىزدىن ياش چىقارماي،قەدرىڭىزنى قىلىپ ئۆتۈشكە ئاللاھ ئالدىدا ۋەدە بېرىمەن.ئاتا-ئانامدىن كىچىكلا يىتىم قېلىپ،قېقىلدى-سۇقۇلدى بولۇپ مۇشۇ ياشقا كەلدىم،خۇدايىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ سىلەرنى ماڭا يەتكۈزدى.بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئائىلە مىنىڭ ئائىلەم،پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشىلىقىڭلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.بۈگۈن سىزنى ئەمرىمگە ئالدىم،لېكىن،سىزگە ياغلىق چاغلىق بىرەر تويلۇق سوۋغات ئالالمىغىنىمدىن ئالدىڭىزدا مەڭگۈ قەرزدارمەن.يىگىت باشتا تىترەڭگۈ ئاۋازدا دۇدۇقلاپ باشلىغان سۆزىنى بارغانسىرى ھاياجانلىنىپ راۋان سۆزلەشكە باشلىدى.
-سىزنى تۇنجى ئۇچراتقاندىلا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان.ئەگەر مۇشۇ قىز ماڭا نىسىپ بولۇپ قالسا ئۆمرۈمدە ئارمانسىز ياشىغان بولاتتىم،دەپ خىياللارنى قىلغان بولساممۇ،ئۆزۈمنىڭ ھالى شۇ تۇرسا دەپ پىنھانلاردا ياش تۆكۈپ ئۇلۇغ اللاھتىن ئاسانچىلىق تىلەپ يۈرگەنىدىم.بۇ ئۆيدىن خوشلىشىپ ئەينىدىن قارى ئاكاملارنىڭكىگە بېرىپ ئەتىسى دۇتتار چېلىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ سالدىم.ئەينىدىن قارى ئاكامنىڭ ئايالى بېشىمنى سىلاپ ،نىمە بولغىنىمنى يېنىشلاپ سورىغاندىن كىيىن دەردىمنى تۆكۈپ بېرىۋىدىم.ئەينىدىنقارىكامغا دەپتۇ.ئەتىسى ئەينىدىنقارىكام:-بالام،يوقسۇللۇق بىر دەۋردە ھاجىتىڭ چۈشۈپ ئالدىمىزغا كىلىۋىدىڭ ھىچبىر تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ بولالمىدۇق،ئاتا-ئاناڭ رەھمەتلىكلەر تولىمۇ ئىسىل كىشىلەر ئىدى،تىرىكچىلىكتە تۈزۈكمۇ ئىزدىشىپ بولالمىغانىدۇق.ئەمدى بولسىمۇ بېشىڭنى سىلاش بىزنىڭ قەرزىمىز بالام بېشىڭنى قاتۇرما قاسىمئاخۇنمۇ گەپ يىمەيدىغان ئادەم ئەمەس،ئىمامئاخۇنۇم ۋە نەچچە جامائەتنى ئېلىپ بېرىپ ئېغىز ئېچىپ باقاي-دىۋىدى خوشاللىقتىن ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم.نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇلار سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارنى ئېلىپ بارغاندا ھاياجاندىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم...
سەمەتجاننىڭ گەپلىرىنى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ تىڭشاۋاتقان توختىگۈل ئۇ كۆز يېشى قىلغاندا تەڭ ياش تۆكتى،ئۇنىڭ بەزى ۋەدىلىرىدىن سۈيۈنۈپ،قەلبى لەرزىگە كىلىپ،نىمە دىيىشىنى ۋە نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي بىر پىيالە چاينى ئۇنىڭغا ئىكتىرام بىلەن سۇنىۋىدى،يىگىت پىيالىنى قىزنىڭ قولى بىلەن قوشۇپ قوشقوللاپ تۇتۇۋېلىپ قىزنىڭ كۆزلىرىگە مەستخۇشلۇق بىلەن تىكىلىپ قارىدى....
توختىگۈل نىكاھ ھەققىدە تولىمۇ دىلىغۇللۇق ۋە خورلۇق ئىچىدە ئويلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ،بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلەندى.نەچچە كۈنگۈچە ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايىغا باش كۆتۈرۈپ قارىيالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ چېھرىدىكى رازىمەنلىك ئەكىس ئىتىپ تۇرغان بەخت نۇرىنى سەزگەن ئاتا-ئانا ئوخشاشلا ھاردۇقى چىقىپ مەمنۇنلۇق ئىچىدە ئۇلارغا تېخىمۇ بەخىت تىلەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىشتى.نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن نۇرلىنىپ تېخىمۇ ھۆسنىگە تولغان پەرى سۈپەت توختىگۈلگە قارىغانلىكى كىشىنىڭ مەسلىكى كىلەتتى.گۈزەللىكىگىلا ئەمەس يۈزىنىڭ تۆۋەنلىكىگە،ئېرىنى ھايا بىلەن ھۆرمەتلىشىگە،ھويلا ئارامنى سىرىپ سۈپۈرۈپ سۇ سېپىپ قاتۇرۇپ تۇرۇشلىرىغا،ھويلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتار قويۇلغان تەشتەكلەردىكى گۈللەرنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ،بەس-بەستە ئېچىلىۋاتقان گۈللەرگە ئوخشاش دىللارنى سۈيۈندۈرۈشلىرىگە......ھەممىنىڭ زوقى كىلەتتى.سەمەتجانمۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ھەقىقى ئائىلىنىڭ مىھرىگە قېنىپ،ئۆز بەختىنىڭ چۈش ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىپ پات-پات ئايالىنىڭ يېنىغا پەيدا بولۇپ چاخچاقلارنى قىلاتتى.ئۆرۈمە چاچلىرىنى سىلاپ،مەڭزىلىرىنى چىمدىپ ئەركىلىتىپ قوياتتى.توختىگۈل گەرچە ئۇنىڭ ھالال جۈپتى بولسىمۇ خىجىللىقتىن قىزىرىپ نازلىق كۈلۈمسىرەپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ يەنىلا داۋام ئەتمەكتە ئىدى.ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئۇلارنىڭ باش قوشقىنىغا ئىككى يىل بولاي دىگەن بولسىمۇ تېخىچە قىزىدىن بىرەر خۇشخەۋەر بايقىمىغان بوۋاي-موماينىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇشقا باشلىدى.(بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈن قىزىمىزنىڭكىگىمۇ كىلىپ قالارمۇ؟...)دەپ خاۋاتىرىلىنەتتى مايسىخان ئانا.بۇنداق چاغلاردا قاسىمئاخۇن ئاكا ئايالىغا ۋە ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ(يېشى كىچىك بولغاچقا تېخى ۋاقتى ئەمەستۇر بەلكىم،خۇدايىمدىن تىلىسە بەرمەيدىغان بەندىسى يوق.ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىدا ياراتقان ئىگەم يايلا-قۇيرۇقلۇق بولۇپ ئۆتكىلى نىسىپ قىلار).دەيتتى-ۋە ھەربىر-نامىزىدا قىزىنىڭ بەختىنى،تىنچلىقىنى،بالىلىق بولۇپ ھەممەيلەننىڭ دەردىگە دەرمانلىق تېپىلىشىنى تىلەيتتى.
ئەلۋەتتە بۇ غەملەردىن توختىگۈلمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.سەمەتجان ئىزچىل بۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچماي يۈرگەن بولسىمۇ،ئۆز-ئۆزىدىن خۇدۇك ئېلىپ،ئازاپلىنىپ ئۆزىنى خۇددى ئېرى ئالدىدا گۇناھكاردەك ھىساپلاپ،تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىۋاتقان توختىگۈل بۇ كۈنلەرنى كېچىلىرى ئۇخلىماي دىگۈدەك اللاھقا سېغىنىپ پەرزەنت تىلەش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتاتتى.
داشقازان تامىقى توختىتىلىپ،ئەزالار ئايدا 24كىلوگرامدىن ئاشلىق تەمىناتىدىن بەھرىلىنىپ، ئۆزلىرى قازان ئاسىدىغان ۋاقىتلار يىتىپ كىلىۋىدى،ئەترەتتىن ئۆي ئورنى يوقلارغا بىر يېرىم مودىن ئولتۇراق ئۆي ئورنى تەقسىملىنىپ بېرىلدى.شۇ قاتاردا سەمەتجانلارغىمۇ ئۆيلۈك يەر بېرىلدى.قاسىمئاخۇن ئاكا،مايسىخان ئانىلار كۆپ ئويلىنىپ،مەسلىھەتلىشىپ بالىلارغا ھە-ھۇ دەپ ئۆي سېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.سەمەتجانمۇ بۇ مەسلىھەتكە قوشۇلۇپ ئەترەت ئىشىدىن بىكار بولغان پەيتلىرىدە مۇخپۇل بىلەن كېسەك قۇيۇپ ئۆي سېلىشقا تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى-ۋە كۈزگۈچە ئەپچىلگىنە قورا چۆرۈپ ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىم تۇرغۇسى بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلقى ۋە دەۋەت قىلىشى بىلەن يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى.ھويلىسىغا مىۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى تىكىپ،ئالقانچىلىك كۆكتاتلىقىغا ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىۋالغان توختىگۈل بۇ كىچىككىنە جەننىتىدىن تولىمۇ سۈيۈنۈش ئىچىدە،ھەر-بىر تۈپ گىياھقا ئالاھىدە مىھرى بىلەن پەرۋىش قىلاتتى.ئەتىگىنى ئېرى بىلەن بىللە ئەمگەككە چىقىپ كەچتە بىللە قايتىپ،كىچىككىنە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ھەر-ئىككىلىسى بىردەم ئالدىراش بولۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن توختىگۈل ئېرىگە كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى.مىھرىگۈل مۇئەللىم نېرۋىسىدىن ئاداشقاندىن كىيىن بىر كۈنى توختىگۈل ئۇنى يوقلاپ بارغىنىدا،ئانىسى بىرمۇنچە كۆز-يېشى قىلغان ۋە مىھرىگۈلنىڭ ئامراق كىتاپلىرىنى كۈندە يىرتىپ يىغلايدىغىنىنى،بىر كۈنلەردە قىزىنىڭ ئەسلىگە كىلىپ قېلىپ نادامەتتە قالماسلىقىنى ئويلاۋاتقىنىنى ئېيتىپ،قالغان كىتاپلارنى ئىككى تاغارغا قاچىلاپ توختىگۈلگە بەرگەن ئىدى.
بەزى كىتاپ ۋاراقلىرى ئۈستىگە يېزىلغان ئەينى چاغدىكى پەرھات مۇئەللىم مىھرىگۈلدىن كىتاپ ئارىيەت ئالغاندا يىزىپ قويغان كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى كۆرگىنىدە توختىگۈل ئازاپلىق كۆز-ياشلىرىنى توختىتالماي ،ئېرىنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتەتتى.ئەر-ئايال ئىككىسى بوش ۋاقتى چىقسىلا بېرىپ مىھرىگۈل مۇئەللىمنى يوقلاپ كىلەتتى.توختىگۈل بارغۇچە ئۇستازىنىڭ كۈلۈپ ئالدىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ،خوشال بارغان بولسا،قايتاشىدا يەنىلا ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئۈمىتسىزلىنىپ قايتاتتى.ئۇلار توي قىلغاندىن بېرى سەمەتجاننىڭ بىر يۇرتلۇق شاگىرتى مۇخپۇل ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغان ئىدى.ئۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىققاندىن كىيىن مۇخپۇل ئۆز ئوغلىدەك ئىچىكىشىپ كەتكەن،قاسىمئاخۇن ئاكا،مايسىخان ئانىلارنىڭ تەلىۋى بويىنچە ئۇلارنىڭكىدە قالدى.بەزىدە مەھەللىكىلەرنىڭ كىگىزلىرىنى ئېتىشكە توغرا كەلگەندە سەمەتجان ئىككىسى تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئىشلەپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا توختىگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە قايتىپ كىلىپ قوناتتى.
|
|