يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 811|ئىنكاس: 1

قەلەمخان ياسىن: نەدە سەن بەخت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەدە سەن بەخت
(ھېكايە)
قەلەمخان ياسىن

     قۇلىقىم تۈۋىدىلا ئاڭلىنىۋاتقان يىغا- زارە ئاۋازىدىن  تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر قاپاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ  كۆزۈمنى ئاچتىم .ئەڭ ئاۋال كۆرگىنىم ئاپپاق كىيىم كېيىپ ، بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىۋالغان ئاپام بولدى . ئۈستۈمگە يېپىپ قويغان يوتقانمۇ ئاق ، مۇزدەك پىلاندوسكۇپنى بوينىغا ئېسىۋىلىپ يېنىمدىكىلەرگە  نېمىلەرنىدۇ دەۋاتقان ئايالنىڭ  ۋە قايغۇلۇق كۆزلىرىدە ماڭا قاراپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشىۋاتقانلارنىڭ  كېيىملىرىمۇ ئاق ... نېمە تولا ئاپپاقچىلىق بۇ ؟ مېنىڭ كۆزۈمگە ھەممىلا نەرسە ئاق كۆرۈنىۋاتامدۇ ياكى ...
ــ ئۇ كۆزىنى ئاچتى ،ــ كىمدۇ بىرىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى بىلەن ئۆيدىكىلەر يېنىمغا ئولاشتى . ئاق كېيىمى ئاز كەلگەندەك ،بېشىغىمۇ ئاق پوسما كېيىۋالغان بىرسى باش تەرىپىمدىكى  توختىمايلا تېتىلداپ تۇرۇۋاتقان ئاپىراتقا قاراپ ، دەپتىرىگە بىر نەرسىلەرنى يېزىشقا باشلىدى . كۆزۈمگە كىرىۋالغان ئاقلىقتىن بىزار بولۇپ ، كۆزۈمنى يۇمۇپ قايتا ئاچقىنىمدا بىر خىل رېتىمدا تامچىلاپ چۈشۈۋاتقان ئاسما ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ، ئاق خالات كېيىۋالغان دوختۇرلارنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ دېيشىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ ، ئۆزەمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى بىلدىم . لىكىن  دوختۇرلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاپام ۋە باشقا تۇققانلارنىڭمۇ ئاق كېيىم كىيىۋالغىنى نېمىسىدو ؟!
ــ قىزىم ،ــ ئاپامنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈۋىدىم،قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىم ئۆزەمگە بويسۇنماي تارتىشىپ قالدى .
ــ ئازراق قايناقسۇ ئىچىۋالغىن قىزىم ،ــ دېدى ئاپام ۋە چىندىكى قايناقسۇنى ماڭا بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئىچكۈزۈشكە باشلىدى . يىلىمان بولۇپ قالغان قايناقسۇ ۋۇجۇدۇمغا ماغدۇر كىرگۈزگەندەك بولۇپ  ، ئاپامنىڭ قولىنى تۇتتۇم .
ــ ئاپا ...
ــ ئاخىرى گەپ قىلدىڭ قىزىم ، مېنى بەك ئەنسىرەتكەن ئىدىڭ .
ــ قانداقراق تۇرىسىز ئاينۇر قىزىم؟
ــ ئاينۇر ...
_ــ ئاخىرى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز ئاينۇر …
قېشىمدا تۇرغانلارنىڭ ئەھۋال سوراشلىرىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ، ئاپامغا بۇرۇلدۇم :
ــ ئوڭ پۇتۇمنى مىدىرلىتىمالمايۋاتىمەن ئاپا ، ئاغىرىپ كېتىۋاتىدۇ.
ــ پۇتۇڭ سۇنۇپ كېتىپتۇ ، يەنە بىر نەچچە كۈن بەرداشلىق بەرسەڭ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .
ــ  پۇتۇم ...قانداق بولۇپ ؟
ــ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچىرغاندا شۇنداق بوپتۇ قىزىم .ــ ئاپام ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە ، ئاپپاق ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى كۆزىگە باستى ،ــ ھېلىمۇ خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ .
ــ  ماشنا ۋەقەسى ؟ نېمە ماشىنا ۋەقەسى ؟
ــ  بىمار ئەمدىلا ھوشىغا كەلدى ، ئەمدى ئۇنى تىنچ قويۇڭلار ،__ كۆزۈمنى ئاچقاندىن بېرى يېنىمدىن نېرى كەتمەي ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرگەن سېستىرانىڭ گېپى بىلەن  سۇئالىم جاۋابسىز قىلىپ ، ياتاقتىكىلەر بىر-بىرلەپ چىقىپ كېتىشتى .
      پۇتۇمدىكى گېپىس ئېلىنىپ ،قولتۇق تاياققا تايىنىپ ماڭالىغىدەك بولغاندا بالنىستىن چىقتىم . شۇ چاغدىلا  توي قىلغىلى ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان يولدىشىمنىڭ شۇ قېتىملىق ماشىنا ھادىسىدە تۈگەپ كەتكەنلىكىنى  ئاڭلاپ ئاپامنىڭ قۇچىقىدىن سېرىلىپ چۈشكىنىمدىن باشقىنى بىلمەيمەن ...
  ھوجرامغا سولىنىپ يېتىۋاتىمەن ، قېشىمغا كىم كىردى ، كىم چىقتى ، كىم نېمە دېدى ...كاللامغا كىرمەيدۇ . خىيالىمدا پەقەت  چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن توي قىلغان ۋە بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا بەخىتنىڭ ، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىڭ شەپىسىنى بېرىپ قويۇپلا تۇرمۇشۇمدىن غايىپ بولغان يولدىشىم مەرداننىڭ سىماسى ، مېھىر بىلەن قارايدىغان كۆزلىرى ،ئۈچ ئايدىن بېرى مېنى كۈلدۈرۈپلا تۇرىدىغان يومۇرىستىك گەپلىرى ... ئاھ خۇدا ! ئۇ شۇنچىلىك ياش ، شۇنچىلىك ساغلام ئىدىغۇ ؟ بىز تېخى ئەمدىلا  ھايات ئاتلىق بۇ ئۇزۇن يولدا مەڭگۈ بىللە مېڭىشقا قول تۇتۇشقان ئەمەسمىدۇق ؟!
بالنىستا ياتقان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنى سورىسام ئاپام « مەردانجانمۇ يارلىنىپتۇ ، يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس » دېسە ئىشەنگەن ، ماڭالىغىدەك بولغاندا ئۇنى كۆرۈپ چىقماقچى ئىدىم . لىكىن ... ئۇ كېتىپتۇ.ئاپىسىنى ، مېنى ... ھەممىنى تاشلاپ ، بىر ئېغىز « خوش » دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قاپتۇ ...
     مەرداننىڭ  قىرىقى نەزىرسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەردە تولا ياندۇرۇپ ، قەي قىلىپ بولالمايلا قالدىم ، تاماقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسام كۆڭلۈم ئاينىپ ، ئۈچەي باغىرىم چىقىپ كېتىدىغاندەكلا «ھۆ» قىلاتتىم . قولتۇق  تاياقتا ئاران مېڭىۋاتقان ھالىمغا، تاماق تۈگۈل قۇرۇق نانمۇ سىڭمەي قىيىنىلىپ كېتىۋتقىنىم مېنى   تېخىمۇ بىئارام قىلاتتى  . بۇ ھالىمنى بايقىغان ئاپام بىلەن قېينئاپام ئۆزىچە بىر گۇمانلارنى قىلىشىپ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى . دوختۇرنىڭ « قىزىڭلار ھامىلدار ئىكەن »دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تىڭىرقاپلا قالدىم .
ــ ئاللا تائاللا ئىگەمنىڭ كۆزى بار ئىكەن قۇدام ،ــ دېدى قېيىنئانام دوختۇرخانىدىن قايتىپ كېلىپ ئۈچىمىز ئايرىم بىر ئۆيگە كىرگەندە ،ــ دۇنيالىقتىكى بىر تاللا بالامنى ئېلىپ كەتكىننىڭ ئورىنىغا  ماڭا نەۋرە ئاتا قىپتۇ  .
بىر ئايدىن بېرى ئوغىلىنىڭ دەردىدە  قويغان تۇتقىننىمۇ بىلمەي ،تولا يىغلاپ  ئىلەڭ سەلەڭ بولۇپ يۈرگەن قېيىنئاپام مېنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ باشقىچىلا جانلىنىپ كەتكەن ئىدى .
ــ ئاينۇر ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن تۇرسا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت قىلىدىغان تۇرسا  بۇ بالىنى قانداق باقالايدۇ ؟ــ ئاپامنىڭ تەلەپپۇزىدىن نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى .
ــ ئاينۇر باقالمىسا مانا مەن باقىمەن قۇدام . بىر تال ئوغلۇمنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن يۈرەك پارىسىنى ئۆزەم بېقىپ قاتارغا قوشىمەن ،ــ قېيىنئاپامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپ ،ئورۇق تېنى تىتىرەپ  كەتتى  ،ــ بۇ بالىنى چۈشۈرۋىتىمىز دېمىسلە قۇدام ، خۇدا مېنىڭ يالغۇز قالماسلىقىم ئۈچۈن ئاتا قىلغان تەۋەرۈكنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىلى قويسىلا ...
   قېيىنئاپامغا ئىچى ئاغىردىمۇ ياكى تۇنجى بالىنى چۈشۈرۋىتىشىمنى راستلا خالىمىدىمۇ ئاپاممۇ بالىنى تۇغۇشۇمغا قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ،موھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيلا ، ئاپامنىڭ خاھىشى بىلەن توي قىلغان يولدىشىمدىن تۇل قېلىپ ، ئۇنىڭدىن يادىكار بولۇپ قالغان بالامنىڭ  ئىسمىنى « يادىكار » دەپ قويدۇم . قېيىنئاپام دېگىننى قىلىپ ، قىرىقىم توشقاندىلا، ئاپامنىڭ چىڭ تۇرغىنىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ چىقىپ ، ئانا-بالا ئىككىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ نەۋرىسىنى ئەركىلەتكەن چاغدىكى ئىچ –ئىچىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ كېتىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ ، ئاپاممۇ مېنىڭ ئاشۇ ئۆيدە تۇرۇشۇمغا قوشۇلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيان ئاپامنىڭ بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش ، بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىش كېسلى ئېغىرلىشىپ ،   ئولتۇرۇپ –قوپۇشى ۋە ھەركەت قىلىشى  قولايسىز بولۇپ قالغاندىن باشقا ، بېشى قىيىپ تۇرغاچقا  ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۆرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاچام ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپ ،  مەن قېيىنئانام ۋە يادىكار ئۈچىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قالدۇق .    لىكىن ...ئوغىلىنىڭ ئىچ ئاغىرىقى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەچكىمۇ ، يادىكار بىر ياشقا كىرىپ ، ئەمدىلا ئايىقى چىقىپ تەمتىلەپ ماڭغان  كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېيىنىئانام ئاخشىمۇ ئۇخلىغان پېتى ،ئەتىسى كۆزىنى ئاچمايلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى . بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۆز ئاپامدەكلا بولۇپ قالغان ، بۇ مېھىربان ئايالنىڭ كېتىپ قېلىشى ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەچكە ئېزىلىپ –ئېزلىپ يىغلىدىم . بىراق ، كەتكەنلەر كەلگەن بىلەن  كەتمەنگەنلەر كەلمەيدىكەن . كۆز ياشلىرىم قېيىنئانامنى تىرىلدۈرۈپ بىرەلمىدى .
    ئۇنىڭ باشقا بالىلىرى بولمىغاچقا بىز ئولتۇرۋاتقان چوڭ ئايۋان سارايلىق ھويلا ئارام ۋە ئاپامنىڭ ئۆيلىرى قوشۇلۇپ ، ئىككى چوڭ ئۆينىڭ ئېگىسىگە ئايلىنىپ قالدىم . ئەسلىدىكى كېسلىگە بوغۇم ياللۇغى كېسىلى قوشۇلۇپ   ھېلىدىن- ھېلىغا بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكىنى ئاز كەلگەندەك ، مېڭىش –تۇرۇشىمۇ تەسلىشىپ ،ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالماس بولۇپ قالغان ئاپام قۇدىسىنىڭ نەزىرىگە كېلىپ ،  يادىكار ئىككىمىزنىڭ يالغۇز قالغىنىغا چىدىماي ، ئاچامنىڭ ئۆيىگە يەنە كېتىشكە ئۇنىمىدى .لىكىن  ئاپامنى بۇ ھالىتى بىلەن بالامنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان ماڭا تاشلاپ قويۇشقا كۆزى قىيمىغان ئاچام  مېنى يادىكارنى ئېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە كېتىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، بۇ يەردىكى خىزمىتىمنى تاشلاپ كېتىشكە قىيالمىدىم .دېمىسىمۇ  ئۆرۈمچىگە بارسام نەدە ئۇنداق تۆمۈر تاۋاق ؟ ئاچامنىڭ دېگىنىدەك شەخسى دوختۇرخانىدىن بىرسىگە كىرىپ ئىشلىسەمغۇ بولار ، لىكىن  خىزمىتى بىلەن ئۆي ئىشلىرى ، باللىرى ۋە ئاپامغا ئاران يېتىشىپ كېتىۋاتقان ئاچامغا بالام بىلەن تېخىمۇ يۈك بولۇپ قالمامدىم . بالا باققۇچى تەكلىپ قىلغان ھالەتتىمۇ ، مېنىڭ ئالغان مائاشىم بىلەن تەڭ دېگىدەك ھەق ئالىدىغان بالا باققۇچىغا تاپقان پۇلۇمنى بېرىۋىتىپ ، گېلىمنى ئاچامغا ئېسىپ قويسام سەت ئەمەسمۇ ؟
    ئاخىرى   مېنىڭ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقان دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ  ئېتىبار قىلىشى بىلەن  دوختۇرخانا ئائىلىكلەر بىناسىغا  كۆچۈپ كىرگىنىمنى   ۋە بالامنى شۇ ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىر ئايالنىڭ بېقىپ بېرىشىگە تاپشۇرغىنىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاپام  مەندىن خاتىرجەم بولۇپ ئاچام بىلەن  كېتىپ قالدى .
    ئەمدىلەتىن تىلى چىققان بالامنىڭ گوڭىراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ ، ئۇنىڭ سۈت پۇراپ تۇرغان تىنىقلىرىنى پۇراپ ، دىيەلەيدىغان گەپلىرىنىڭ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن خوشال بولۇپ ، بىر-بىرىمىزگە ھەمىراھ بولۇپ ئۈچ يىل ئۆتۈپ ، يادىكار يەسلى يېشىغا توشتى . ئەمدى ئەتىگەن كەچلەردە ئۇنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىش ۋە كەچلىرى ئۇنىڭغا رەسىملىك كىتاپلارنى ئوقۇپ بېرىش ، ئۇنىڭ قەلەم تۇتۇپ كۆنۈشى ئۈچۈن ، رەسىم سىزغۇزۇش ئىشلىرى قوشۇلۇپ ، كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا يەر زىمىن ئاپپاق قار ئاستىدا قالدى . نەشتەردەك سوغاقنىڭ كاساپىتى تېگىپ ، يۆتىلىپ قىلىۋاتقان ، قىزىپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مەن ئىشلەيدىغان بالىلار بۆلۈمىدە كارۋات ۋە سېستىرا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بېرىپ ، ھەمىمىزلا سائەتنىڭ نەچچە بولۇپ كەتكىنى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرماي ، قاچان ئىش تۈگىسە شۇ چاغدا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، بالامنى يەسلىدىن ئالىدىغان ۋاقىتمۇ چىقىرالماي ، ھەر كۈنى دىگۈدەك ئەڭ ئاخىردا بېرىپ ، ئىشتىن چۈشەلمەي تىتىلداپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ ، بالامنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئىشتىن چۈشەي دېگەن چاغدا، ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ قالغان بىمار  بالىنى جىددى قۇتقۇزۇشقا ياردەملىشىپ ، بىمارنىڭ ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن  يەسلىگە قاراپ يۈگۈردۈم   . پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ، ھاسىراپ ـ  ھۆمۈدەپ سىنىپقا كىرگىنىمدە بالام بىلەن يەنە بىر قىز ئىشىككە قاراپ يىغلامسىراپ تۇراتتى . كەچ قالغان كۈنلىرىمدە پات-پاتلا ئۇچۇرشۇپ تۇرىدىغان بۇ قىزچاق ماڭا تونۇش بولۇپ قالغان ئىدى . خۇيى تۇتۇپ قالغان بالامنى بەزلەپ، سائەتكە قاراپ تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان موئەللىمدىن ئەپۇ سوراپ ، بالامنى يېتىلەپ مېڭىشىمغا قىزچاق ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى .
ــ ئاتا –ئانىڭىزنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ،ــ دېدىم قىزغا تەسەللى بېرىپ ،ــ بىردەم ساقلاپ تۇرسىڭىز ئاپىڭىز ھازىرلا كېلىدۇ .
ــ يادىكارمۇ كەتسە سىنىپتا ئۆزەم يالغۇز قالىدىغان بولدۇم ،ــ قىزچاقنىڭ قارا قاتتەك كۆزلىرىدىن يەنە ياش قۇيۇلدى .
ــ ئۇنداق دېمەڭ سەبىرە ، ــ دېدى موئەللىم قىزچاقنى بەزلەپ ،ــ يېنىڭىزدا مەن بارغۇ ، دادىڭىز كەلگىچە ، ئىككىمىز تېىلۋۇزۇر كۆرۈپ تۇرايلى ھە .
قىزچاقنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئۇنىماي ، يىغلاپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ ئىچىم ئاغىرىپ ، ئۇنى بەزلەپ تۇرغىنىمدا ئېگىز بويلۇق بىر ئەر كىرىپلا قىزچاقنى باغىرىغا باستى .
ــ مېنى بەك ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ قىزىم ، كەچۈرۈڭ ھە ، جىددى يىغىن ئېچىلىپ كەچ قالدىم .
ــ سىزنىڭ ھەر كۈنى جىددى ئىشىڭىز چىقىپ قالىدۇ ،ــ  دېدى قىز تۇمشۇقىنى ئۇچىلاپ  ،ــ يادىكار ئىككىمىز دائىم ھەممە بالىلارنىڭ كەينىدە قالىمىز .
ــ شۇنداق ،ــ باياتىن بېرى خاپا بولۇپ تۇرغان ئوغلۇم قىزچاقنىڭ گېپىگە ئەگەشتى  ،ــ باشقىلارنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ موھىم ئىشى چىقىپ قالمايدىكەن .
  ــ ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ قوزام ،ــ بالىلارنىڭ ئەيىبلەپ كېتىشىلىرىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ، بالامنى يېتىلىگىنىمچە سىرتقا چىقتىم . تۈنۈگۈن بىر كۈنلا ئېچىلىپ قالغان ئاسمان يەنە تۇتۇلۇپ ، زىمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى .
     توختىمايۋاتقان تاكسىلارغا نارازى بولۇپ ، تىتىلداپ تۇرغىنىمدا، ئالدىمغىلا كېلىپ توختىغان ماشىننىڭ تورمۇز قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ماشىنا ئەينىكى چۈشۈرلۈپ ، ئىچىدىن بايىقى قىزچاقنىڭ دادىسىنىڭ بېشى كۆرۈندى :
ــ ماشىنىغا چىقىڭلار ، مەن ئاپىرىپ قوياي .
ــ بولدى سىزنى ئاۋارە قىلماي .
ــ بۇنداق سوغاقتا تاكسى توسماقمۇ تەس . تىز چىقىڭ ، بالىغا سوغاق ئۆتۈپ قالمىسۇن .
       ۋىژىلداپ تۇرغان سوغاقتا تارتىشىپ ئولتۇرمايلا ماشىنىغا چىقتۇق .   
ــ يادىكارنىڭ ئاپىسى بەك ياخشى ئىكەن دادا ،ــ دېدى بىزنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ كەتكەن قىزچاق دادىسىغا قاراپ ،ــ بايا سېنى ساقلاپ يىغلاپ تۇرغىنىمدا ماڭا كەمپۈت بەردى .تېخى چاپىنىمنىڭ سېرىتمىسىنى ئېتىپ قويدى .
ــ ئاپاشقا  رەھمەت ئېيتتىڭىزمۇ ؟
ــ ياق ، رەھمەت دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
ــ ھېچقىسى يوق ، بۇندىن كېيىن يىغلىمسىڭىزلا بولدى .
ــ دادام كەچ قالسا كۈندە يىغلايمەن .
ـــ ئاپام كەچ قالسا مەنمۇ يىغلايمەن .
بالام ئىككىسىنىڭ گېپى ئاخىرلاشقىچە ئۆي ئالدىغا كېلىپ قالغاچقا ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق .
   بۆلۈممىزدە ياتىدىغان كىسەل بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ ، خىزمەت بېسىممۇ ئارتىپ بالامغا بەرگەن ۋەدەم ۋەدە بويىچىلا قالدى . ھەر كۈنى كەچتە ئالدىراپ ـ تىنەپ ، بالامنىڭ سىنىپىغا كىرگىنىمدە سەبىرە بىلەن ئىككسىنىلا كۆرەتتىم . كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرغاچقا ، مېنى كۆرگەن سەبىرە يۈگۈرگىنچە ئالدىمغا كىلىپ دادىسىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى سورايتتى .سەبىرەنىڭ دادىسى  ھەر كۈنى دېگۈدەك بىز بىلەن سىنىپتا ياكى يەسلى دەرۋازىسىنىڭ ئىچى سىرتىدا ئۇچىرىشىپ قالىدىغان بولغاچقا ، بۈگۈن قىزچاقنىڭ «سىلەر بىلەن دەرۋازا ئالدىغىچە چىققاچ تۇراي » دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىماي ، ئۇنى يېتىلەپ سىنىپتىن چىقتىم . لىكىن دەرۋازا ئالدىدىمۇ تولا چىقىپ تونۇش بولۇپ قالغان ماشىننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى .
ــ قانداق قىلارمىز ؟ـ-دېدىم ئوغلۇم بىلەن ئىككىسىنىڭ توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ ،ــ بۇنداق تۇرىۋەرسەك سىلەرگە  سوغاق ئۆتۈپ قالىدۇ .
ــ دادامغا تېلفۇن بىرەيلى .
ــ نومۇرىنى بىلەمسىز ؟
ــ بىلىمەن ، دادام ئۆگىتىپ قويغان .
ــ ۋەي ، سەبىرەنىڭ دادىسىمۇ ؟ ھە ، مەن يادىكارنىڭ ئاپىسى . ..سەبىرەنى سىنىپتىن ئېلىپ چىققان ئىدىم ، ھازىر بىز بالىلار باغچىسىنىڭ ئالدىدا سىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىمىز .
ــ مەن ھازىر سىرتتا ، سەبىرەنى كىمگە تاپشۇرۇپ قويۇشۇمنى بىلەلمەي تۇرغان . ھازىرچە قايتالمايدىغان ئوخشايمەن .ئېغىر كۆرمەي ئۇنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىتىپ تۇرامسىز ؟
ــ ماقۇل ، ئۇنى ئەكىتىپ تۇراي ، ئىشىڭىز تۈگىگەندە ئالغىلى بارارسىز .
ــ رەھمەت . سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
  ئىككى بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ ، ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە گۆش نانغا تۇتۇش قىلدىم . كەچلىك تاماققا سەل كەچ قالغان بولساقمۇ ، ئىككىسىنىڭ چۈچۈك پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، ناھايتى كۆڭۈللۈك غىزالاندۇق .
ــ ئاپىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ سەبىرە ،ــ سورىدىم تاماقتىن كېيىن ئۇلارغا مىۋە ئاقلاپ بېرىۋىتىپ .
ــ مېنىڭ ئاپام يوق .
ــ شۇنداقمۇ ؟ ــ ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن قىزچاقنىڭ يېتىم بولۇپ قالغىنىغا ئىچىم سېرىلدى .
ــ دادامنىڭ ئالدىدا ئاپامنىڭ گېپىنى چىقارماڭ ، دادامنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ .
ــ نېمىشقا ؟
ــ مەنمۇ بىلمەيمەن . دادام ئاپامغا ئۆچ ئوخشايدۇ .لىكىن دادام ماڭا بەك ئامىراق .
ــ ئەلىۋەتتە ئامىراق بولىدۇ دە . سىز دېگەن ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى تۇرسىڭىز .
ــ مەنمۇ دادامغا بەك ئامىراق . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ساقچى كېيىمى كېيگەن ھالىتى بەك چىرايلىق .
ــ ۋاھ ...داداڭ ساقچىكەندە ،ــ باياتىن بېرى تېلۋزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان ئوغلۇم گەپكە ئارلاشتى ،ــ مەن ساقچىلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن .
ــ سېنىڭ داداڭ نېمە ئىش قىلىدۇ ؟ــ سورىدى سەبىرە مەغرۇرلانغاندەك قىياپەتتە .
ــ مېنىڭ دادام ئۆلۈپ كەتكەن .
شۇ ئارىدا تېلېفۇننىڭ سىگىنال بېرىشى بىلەن  بالىلارنىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى .
ــ چوقۇم دادام مېنى ئالغىلى كەلدى ،ــ سەبىرە چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇردى.
ــ يادىكارنىڭ ئاپىسىمۇ ؟ بۈگۈن كىچە جىددى ۋەزىپە بولغاچقا ئۆيگە قايتالمىغىدەكمەن . شوڭا سەبىرە سىلەرنىڭكىدە ...
ــ ئەمسە سەبىرە بىزنىڭكىدە قونۇپ قالسۇن . خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۇنىڭغا ياخشى قارايمەن .
ــ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم . سەت بولدى ...
ــ ھېچقىسى يوق .
. ـــ دادىڭىزنىڭ ئىشى تېخى تۈگىمەپتۇ ، سىزنى ئېلىپ كىتەلمەيدىكەن ،ــ دېدىم  دادىسى بىلەن تېلفۇندا دېيىشكەن گەپلىرىمىزنى ئاڭلاپ مەيۈسلىنىپ قالغان سەبىرەگە ،ــ بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىدىغان بولدىڭىز .
ــ دادام كەچ قالسىمۇ كەلمەي قالمايتتى . مەن ھېچقاچان باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ باقمىغان .
ــ ساقچىلارنىڭ خىزمىتى مۇشۇنداق بولىدۇ قىزىم ، دادىڭىزغىمۇ ئامال يوق ،مەن  سىزگە چۆچەك ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلىتىپ قويىمەن .
ــ راستما ؟ مەن چۆچەك ئاڭلاشقا بەك ئامىراق .
ــ ئەمسە تېزدىن پۇتۇڭلارنى يۇيۇڭلار ، بىز بەسلىشەيلى ، سىلەر ئاۋال پۇتۇڭلارنى يۇيۇپ بولامسىلەر ياكى مەن ئاۋال پايپىقىڭلارنى يۇيۇپ بولىمەنمۇ ؟
ــ تېز بولايلى ...
ــ چوقۇم بىز ئۇتۇۋالايلى . بىز ئۇتۇۋالساق ئاپام بىزگە جىق چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ .
بالىلارنىڭ خوشال ھالدا  چوقۇرىشىپ ، بىر –بىرىگە ياردەملىشىپ پۇت يۇيۇۋاتقىنىغا قاراپ مەسلىگىم كەلدى .
ئەتىگەندە ئىككى بالىنى كېيىندۈرۈپ يولغا چىقىشىمغا سىگىنال بېرىپ تۇرغان تونۇش ماشىننى كۆرۈپ بالىلار ماشىنىغا يۈگۈردى .
ساقچى كېيىملىرى يارىشىپ كەتكەن قامەتلىك گەۋدە بىلەن تېچلىق سوراشقاندىن كېيىن ، مەنمۇ ماشىنىغا چىقتىم .
سەبىرەنىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتىنىڭ ناھايتى خۇشال ئۆتكەنلىكىنى ،يەنە تېخى مەن ئۇششاق ئۆرۈپ قويغان چاچلىرىنى دادىسىغا كۆرسىتىپ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشى بىلەن  بىر دەمدىلا يەسلى ئالدىغا كېلىپ قالدۇق .
ــ بالىلارنى مەنلا ئەكىرىۋىتىپ چىقاي ، سوغاقتا ماشىنىدىن چۈشۈپ يۈرمەڭ .
ــ سىزنى ئاۋارە قىلماي بولدى ،ئۆزەم ئەكىرەي ...
ــ مېنى ساقچى داداش ئەكىرىپ قويسۇنچۇ ئاپا ، __ بالامنىڭ بۇ گېپى بىلەن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىشقا تەمشەلگەن قوللىرىم توختاپ ، ئامالسىز بالىلارغا خوش ئېيتىپ ماشىنىدا قالدىم . ماشىنا ئەينىكىدىن بالامنىڭ سەبىرەنىڭ دادىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ، مەغرۇر ماڭغان قىياپىتىگە قاراپ ، تۇغۇلغاندىن بېرى دادا مېھرى كۆرمەي چوڭ بولغان بالامنىڭ بۈگۈن خۇددى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ يېنىدا ماڭغاندەك خۇشال ھالىتىگە قاراپ ، كۆزۈمگە « غىللىدە » ياش كەلدى .
    ـــ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا قاراپ ھەيدەمدىم ؟ ئۆيىڭىز شۇ دوختۇرخانىنىڭ  ئولتۇراق رايۇنىدا بولغانكىن شۇ يەردە ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن ؟
خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ ، سەبىرەنىڭ دادىسىنىڭ ماشىنىغا چىققىننىمۇ تۇيماي قالغىنىمدىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم :
ــ مېنى يول ئېغىزىدا چۈشۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . سىز ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ يەنە .
ــ مەن بايىلا ئىشتىن چۈشتۈم . بۈگۈن كەچكىچە باشقا ئىشىم يوق ،ــ ئۇ دوختۇرخانا ئالدىغا كېلىپ ماشىننى توختاتتى، ــ ھە راست ، ئىسمىڭىز نېمە ؟
ــ ئاينۇر .
ــ مېنىڭ ئىسمىم ئەركىن ، ئەمدى « يادىكارنىڭ ئاپىسى » « سەبىرەنىڭ دادىسى » دېمەي ، بىۋاستە ئىسىمىمىزنى چاقىرشساق بولامدۇ  ؟
ــ بولىدۇ .
  ــ كەچتە مېنىڭ ئىشىم يوق . بالىلارنى مەن بېرىپ ئەكىلەي ، سىز خاتىرجەم ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ئاينۇر .
ــ يەنە سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ؟
ــ بۇنداق دېسىڭىز مېنى خىجىل قىلىپ قويىسىز جۇمۇ . بەرىبىر بىر بالىنى ئەكەلسەممۇ ئەكىلىمەن . ئىككىسىنى بىراقلا ئەكەلسەم نېمە بولاتتى .
ــ ماقۇل ئەمسە  .
   شۇنداق قىلىپ ئەركىن بىلەن ئىككىمىز بىر –بىرىمىزگە ھەمكارلىشىپ يۈرۈپ ، بالىلارنى يەسلىدىن ئېلىشتا بۇرۇنقىدەك كەچ قالمايدىغان ، ئەركىنمۇ خىزمەت ئىشى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ كەتسە سەبىرەنى خاتىرجەم ھالدا ماڭا تاپشۇرۇپ قويىدىغان بولدى . كۈنلەر بىر –بىرىنى قوغلىشىپ ، يىللار ئۆتۈپ ، يادىكار بىلەن سەبىرە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا قەدەم قويدى . بۇ جەرياندا ئەركىن ئىككىمىزمۇ بىر –بىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشىدىن خەۋەردار بولۇپ ، خېلى يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالدۇق . ئۇ  ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسىنىڭ  كۆزگە كۆرۈنگەن ، نەمۇنىلىك ساقچىسى بولغان بىلەن ، تۇرمۇشتا تەلىيى كەلمىگەن ئىدى  . ئالى مەكتەپتە موھەببەتلىشىپ ، ئاتا –ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇنىماي توي قىلغان ئايالى ، قىزى تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىق بولغاندىلا سۈتتىن ئايرىۋىتىپ ،ئەركىنگە « خىزمەتنى دەپ ئۆي بىلەن كارى بولمىدى ،بالا بېقىشىپ بەرمىدى » دىگەندەك ئىللەتنى ئارتىپ ئاجىرىشىپ ،بالىنى تاشلاپ بېرىپ يۇرتىغا كەتكەن ئىكەن . قىزى ئۈچ ياشقا كىرگىچە ئەركىننىڭ يېزىدىكى ئاتا –ئانىسى  قاراپ بەرگەن بولسىمۇ ، كېيىن دادىسىنىڭ  كېسلى ئېغىرلىشىپ ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان  ئاپىسىغا يەنە ئېغىرچىلىقىنى سېلىۋىرىشنى خالىماي  قىزىنى ئۆزىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى . ئۇ يادىكارنىڭ ئىككى ئايلىق ھامىلە ۋاقتىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، بالامغا بەكلا كۆيۈنىدىغان ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنى ئېلىپ ئوينىغىلى ئېلىپ بارىدىغان بولدى .
  بەزىدە تېخى سەبىرەنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ ،يادىكارنى چاقىرىپ چىقىپ كەتسە ، نەچچە سائەتلەردىن كېيىن ،بالام « ساقچى دادام بىلەن سۇ ئۈزگىلى باردۇق ، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىۋالاي دەپ قالدىم » دەپ خوشلۇقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالەتتە قايتىپ كىلەتتى .مەنمۇ  بالامنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈنمۇ ياكى كىچىك تۇرۇپلا ئانا مېھىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سەبىرەگە ئامىراقلىقىمدىنمۇ ...ئىشقىلىپ دادا بالا ئىككىسىنىڭ دائىم كېلىپ تۇرۇشىنى ، تۆتىمىزنىڭ خوشال خورام ھالدا بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىمىزنى ، تاماقتىن كېيىن مىۋە يىگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىمىزنى خالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .
  زىمىستان قىشنىڭ قار مۇزلىرى ئېرىپ ، ئۆرۈك شاپتۇللار چىچەكلەپ ، تەبىئەت ھۆسنىگە تولىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كەچلىكى  سەبىرەنى ماڭا تاپشۇرۇپ قويۇپ ،ئىككى ھەپتىلىك كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ئەركىن ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلدى .
ــ سەبىرە ئۇخلاپ قالغان ئىدى ،ــ دىدىم تېلفۇندا  ئۇنىڭ بىلەن تېچلىق سوراشقاندىن كېيىن ،ــ سىزنى ئەتە كېلىدۇ دەپ ،ئۇنى ئۇخلىتىپ قويۇپتىكەنمەن .
ــ ئەمسە ئويغاتماڭ ، ئۇخلاۋەرسۇن . ئاينۇر…پەسكە چۈشسىڭىز بوپتىكەن ، مەن بىنانىڭ ئالدىدا ...
ــ بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، باشقا گەپ بولسا ئەتە دېيىشەيلى .
ــ چۈشمەمسىز ؟ موھىم گېپىم بار ئىدى .
ــ نېمىلا گەپ بولسا ئەتە دېيىشەيلى .
ــ سىز چۈشمىسىڭىز مەن چىقاي ئەمسە.
ــ ياق . سىز چىقماڭ بولدى ، مەن چۈشەي .
      تېلېفۇننى قويۇپ ، بالىلارنىڭ تېپىپ ئېچىۋەتكەن يوتقىننى ئوڭشاپ يېپىپ قويۇپ ، خوشنىلارنىڭ باشقىچە ئويدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئاياق تاۋۇشۇمنى چىقارماسلىققا تىرىشىپ ، پەلەمپەينى ئاۋايلاپ دەسسەپ پەسكە چۈشتۈم .ئون نەچچە كۈندىن بېرى پات -پاتلا كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ ، ئۇيقۇمنى قاچۇرغان ئۇ  كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغىنىدا سەل ھۇدۇقۇپ قالدىم .
ــ ئۇيقۇڭىزنى بۇزىۋەتمىگەندىمەن ؟
ــ ياقەي ...مەن تېخى ئۇخلىمىغان .
ــ ئاۋۇ يەردە بىر دەم ئولتۇرايلىچۇ .
ــ شۇنچە كەچتە ... سىزمۇ چارچىدىڭىز ، قايتىپ ئارام ئېلىڭ .
ــ بۈگۈن گېپىمنى دىيەلمىسەم ، قايتىپ كەتكىنىم بىلەنمۇ ئۇيقۇم كەلمەيدۇ . ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە ساقلاپ كەلگەن گەپلىرىمنى دېگىلى قويۇڭ ئاينۇر .
ــ بۇنچە كەچتە ...خوشنىلار كۆرۈپ قالسا ...
ــ كۆرۈپ قالسا نېمە بولىدۇ ؟ ئۆيىڭىزگە ئەسلى كىرگۈزمەيسىز ،بۇ يەردە پاراڭلاشساق خوشنىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ، گەپ تېپىشىدىن ئەنسىرەيسىز ، سىز خوشنىلىرىڭىزنىلا ئويلىماي ، مېنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ !ــ ئۇ شۇنداق دېگىنچە قولۇمدىن يېتىلەپ بىنا ئالدىدىكى كىچىككىنە باغچىغا باشلاپ كىردى . كۈندۈزى بالىلارنىڭ شاۋقۇن سۆرەنلىرى ، ياشانغانلارنىڭ ھال –مۇڭلىرى بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىدىغان بۇ يەر كوچا چىراقلىرىنىڭ نۇرىدا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى .
ــ قوللىرىڭىز مۇزلاپ كېتىپتۇ ، توڭلىدىڭىزما؟ــ ئۇ شۇنداق دېگەچ چاپىننى سېلىپ ،ئۈستۈمگە يېپىپ قويدى ،ــ ئاينۇر ،ــ  دېدى ئۇ بىر دەملىك جىملىقتىن كېيىن ،ــ  بالىلارنى بىرلىكتە باقايلى ، بىرى ئانىسىز ، بىرى دادىسىز ئۆتىۋەرمىسۇن .
ــ ھېلىمۇ بىر ئوبدان بېقىۋاتىمىزغۇ ؟__ئاغزمدا  شۇنداق دېگىنىم بىلەن
رېتىمىسىز سوقۇپ كېتىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ گۆپۈلدەشلىرى ئۆزەمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ھېلىمۇ ياخشى قاراڭغۇلۇقتا ئۇ مىنىڭ يۈزۈمنىڭ قىزىرىپ كەتكىننى ، بەدەنلىرىمنىڭ سۇس تىتىرەپ تۇرغىننى ئۇ كۆرمىدى .
ــ بىز توي قىلايلى ئاينۇر ...،ــ ئۇ تىتىرەپ تۇرغان مۆرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى ،ــ قىزىممۇ سىزنىڭ ئۆزىگە ئاپا بولۇشىڭىزنى خالايدۇ . مەنمۇ ....مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ...سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتسەم دەيمەن
  نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بالام بىلەن ئىككىمىزگىلا مەنسۇپ بولغان قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ ،مېنى تېنىچ قويمايۋاتقان ئادەمنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغان قىزىق قوللىرى   يۈرىكىمنى لەرزىگە سېلىپ ، ۋۇجۇدۇمنى ئېرتىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ، ئوغلۇمنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان ، قېيىنئانامنىڭ مېھىربانلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان ، مەرداننىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى  ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ ، ئىتتىكلا قولۇمنى تارتىۋالدىم :
  ــ بولمايدۇ ئەركىن .
ــ نېمىشقا ؟
ــ بۇنداق قىلسام بالامغا يۈز كىلەلمەيمەن.رەھمەتلىك قېيىنئانامغىمۇ يۈز كىلەلمەيمەن .
ــ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن . لىكىن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئويلايدىغان ، ئۆز بەختىڭىزنى تاپىدىغانغا تامامەن ھەقلىقسىز ئاينۇر . ھەر قانچە بولسىمۇ ياشلىق باھارىڭىزنى بۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز بولمايدۇ . يادىكارمۇ دادا مېھىرىگە قېنىپ ، يۈرىكى پۈتۈن چوڭ بولسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟
ــ ...
ــ يادىكاردىن خاتىرجەم بولۇڭ ،ــ مەندىن زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن ئەركىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى ،ــ مەن ئۇنىڭدىن ئۆزىگە دادا بولۇشۇمنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سورىدىم .
ــ سىز ...
ــ ئۇ چىن كۆڭلىدىن خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھەم تېخى شۇ چاغدىلا مېنى دادا دېدى . تېخى سەبىرە سىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپسى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدى .
شۇندىلا نەچچە كۈندىن بېرى سەبىرەنىڭ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي « ئاپا » دەپ كېتىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
ــ مېنىڭ پىكىرىمنى ئالمايلا نېمە قىلغىنىڭىز بۇ ؟
ــ شۇنداق قىلمىسام سىزنى قايىل قىلالمايمەندە .
ــ مەن كىرىپ كىتەي ، بالىلار ئويغىنىپ قالسا مىنى ئىزدەپ كەتمىسۇن ،ــ ئۇنىڭ چاپىننى سېلىپ بېرىپ ،ئۆي تەرەپكە مېڭىشىمغا ئۇ بىلىكىمدىن كاپپىدە تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى . ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ ، ئىسسىق نەپەسلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلغاندا ، ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم . قېپىدىن چىقىپ كەتكىدەك ھالدا كۈچلۈك سوقىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى قويۇپ ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھوجىرامغا كىرىپ دەرىزە ئالدىغا كەلدىم .   چوغ بولۇپ يېنىۋاتقان يۈزۈمنى مۇزدەك ئەينەككە يېقىپ ، پەسكە قارىدىم . ئۇ بىنانىڭ ئالدىدا تاماكا چەككىنىچە ئۆرە تۇراتتى . ئۇنىڭ غۇۋا يورۇقلۇقتىكى قامەتلىك گەۋدىسىگە نەزەر سالغاچ ، بايىلا لەۋلىرىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتكەن ئىسسىق تىنىقلىرىنى ئەسلەپ ، شېرىن مەسخۇشلۇق ئىلكىدە كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم ...  
     شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭدىن كەلگەن تېلفۇننىمۇ ئالمايدىغان ، سەبىرەنىمۇ « دادىڭىز ھازىرلا كېلىدۇ » دەپ قويۇپ ، مەكتەپتىن ئېلىپ چىقمايدىغان بولدۇم . بەزىدە يادىكارنىڭ «ئەجەپ يۈزسىز ئىكەنسەن ئاپا ، ساقچى دادام دائىم مىنى مەكتەپتىن ئەكىلىدىغان تۇرسا، سەن سەبىرەنى بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ كەلمىدىڭ ، ئۇلار مىنى ئوينىغىلى چاقىرسا چىققىلى قويمىدىڭ » دەپ ئەيىبىلىگىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ،ئۆزەممۇ بىئارام بولساممۇ ،لىكىن ئەركىننىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى ئالدىدا ئېرىپ كېتىپ ،ماڭا نىسبەتەن قورقۇنۇچلۇق بىلىندىغان ۋە  ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان  نىكاھ تۇرمۇشقا  قايتا قەدەم بېسىپ قى
ېلىشىمدىن  ئەنسىرەيتتىم .
  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالام بىلەن ئەمدى ئائىللىكلەر بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە « ئاپا» دېگىنچە سەبىرە يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى .
ــ ۋوي ، سەبىرە ...بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز  ،ــ دېدىم ئۇنى باغىرىمغا بېسىپ .
ــ دادام ئېلىپ كەلدى .
شۇندىلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئەركىننى كۆردۈم ،ۋە ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە سالام قىلدىم .
ــ قانداق ئەھۋالىڭىز ئاينۇر ؟ــ سورىدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ .
ــ ياخشى .
ــ بىر يەرگە بېرىپ پاراڭلىشىپ كىلەيلىچۇ ؟
ــ كەچتە ئىشىم بار ئىدى .بارالمايمەن .
ــ ئەمسە مۇشۇ يەردە پاراڭلىشايلى ، ياكى بولمىسا ئۆيىڭىزگە كىرەيلى . خوشنىلىرىڭىز كۆرۈپ قالسا ھېچنىمە بولماس .
ئۇنىڭ خوشنىلىرىمدىن ناھايتى ئېھتىيات قىلدىغانلىقىمدىن پايدىلىنىشى ئۈنۈم بەردى . دېمىسىمۇ ئىشتىن چۈشۈپ بى‍زگە قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم .
ــ يادىكار ، سەبىرە، سىلەر بۇ پۇلغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ تۇرۇڭلار ،ــ ئەركىن مېنىڭ ئىككىلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ نېرىدا ئويناۋاتقان بالىلارنى چاقىردى ،ــ مەن ئاپاڭلار بىلەن بىر يەرگە بېرىپ كىلەي .
بالىلار خوشال بولۇپ ، ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى دۇكانغا قاراپ يۈگۈردى .
ــ ماشىنىغا چىقىڭ ،ــ ئۇ ماشىننىڭ ئالدى ئىشىكىنى ئېچىشىغا ، تېزلىكتە ماشىننىڭ ئارقىغا چىقتىم .
ــ مەندىن نېمىشقا ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز ؟- دېدى ئۇ ماشىننىڭ كەيننى كۆرسىتىش ئەينىكىنى ماڭا توغىرلاپ .ــ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى شۇنچە رەنجىتىۋەتتىممۇ ؟
ــ نەگە بارىمىز ؟ــ ئۇنىڭ سۇئالىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ،گەپنى بۇرىدىم .
ــ بارغاندا بىلىسىز . ھازىلا يېتىپ بارىمىز .
ئۇ ماشىننى يېزا يولىغا بۇراپ ، بىر دەم ماڭغاندىن كىيىن ، ئائىللىكلەر جايلاشقان  مەھەللىنى كەينىدە قالدۇرۇپ  ، ئېتىزلىقلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ دەريا بويىغا كېلىپ ماشىننى توختاتتى . كۈندۈزىدىكى كۈچلۈك ھارارىتىنى تېخىچە يوقاتمىغان قوياش نۇرى سۆپ-سۈزۈك سۇدا جىمىرلاپ ،ياپ-يىشىل ياشىرىپ تۇرغان چىملار بىلەن قوشۇلۇپ ، ئەتىراپنى تېخىمۇ گۆزەل تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى .
ــ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بولامدىكەن ، قاراڭ ، سۆپ-سۈزۈك زۇمىرەتتەك سۇ ، ياپيېشىل چىم ، كۆپ-كۆك ئاسمان ، ساپ ھاۋادا ھاردۇقىڭىز چىقىپ روھىڭىزكۆتۈرلۈپلا قالىدۇ .
ــ راست چىرايلىقكەن ،ــ بۇ تەبىئى گۆزەللىكى روھى جەھەتتىكى ھارغىنلىقىمنى چىقىرىۋەتكەندەك بولۇپ ، كۆڭلۈم بىر خىل ئازادىلىككە تولۇپ ، يېنىكلەپلا قالغان ئىدى .
ــ بۇ يەر پاراڭلىشىشقا ئەپلىك ، خوشنىلىرىڭىزمۇ كۆرۈپ قالمايدۇ ،ــ ئۇ بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن گېپىنى داۋام قىلدى ،ــ ئاينۇر ، ماڭا راستىنلا پۇرسەت بەرمەمسىز ؟
ئۇنىڭ تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي بېشىمنى ئەگدىم .
ــ ھازىر كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ، سىز ماقۇل دىگىچە ساقلايمەن ،ھېلىمۇ بۇ گەپنى دىيەلمەي ، ئىچىمدە ساقلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن بولغان . ئەگەر سىز يەنە ساقلاڭ دىسىڭىز ساقلايمەن ، سىزنىڭ كاللىڭىزدىن ئۆتكىچە ، سىز ماقۇل دېگىچە ساقلايمەن ، بىراق بۇنداق ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ تۇرۋالماڭ ، بىز تونۇشقان ئۈچ يىلدىن بۇيان مەن بىلەن قىزىمنى  ئۆزىڭىزدىن ئايرىلالمااس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ ، ئەمدى بولغاندا بىزنى قىينىماڭ !
ــ ئەركىن ، مەن بىر شور پىشانە ئايال ،ــ نەچچە يىللاردىن بېرى ياش تۆكۈشتىن بىزار بولۇپ ، خېلى قەيسەر بولۇپ قالغان كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چۈشكەن ياش مەڭزىمگە كېلىپ توختىدى  ،ــ موھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا توي قىلدىم ، توي قىلىپ ئۈچ ئاي بولمايلا تۇل قالدىم . تېخى بېخ ئۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن موھەببىتم جۇدۇندا قېلىپ ئۈششۈك تەگدى .توي قىلىپ بىر يىل ئىچىدە يېقىن ئادەملىرىم كەينى –كەينىدىن مېنى تاشلاپ كەتتى . نەچچە يىلدىن بېرى جودالىققا ، يالغۇزلۇققا ، غېرىبلىققا ...ھەممىگە كۆندۈم . ھازىر  قەلبىمدە پەقەت ۋە پەقەت بالامغىلا بولغان مۇھەببەت بار . ئۇنىڭدىن باشقا موھەببەتنى مەن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. قايتا نىكاھلىق بولۇشتىن قورقىمەن .
ــ ھايات دېگەن شۇنداق بولىدىكەن ،ئويلىمىغان قايغۇ –ھەسىرەتلەر سىزنى ئازاپلىغىنى بىلەن، يەنە كۈتۈلمىگەن خوشاللىقلار سىزگە ئۈمۈد ئېلىپ كېلىدىكەن،ـ
ئۇ قولىنى سۇنۇپ ، باھارنىڭ غۇر –غۇر شامىلى قۇرۇتۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن يېشىمنى سۈرتتى ،ــ ئۆتمۈشىمىزدىكى ئاچچىق ئەسلىمە ئىچىدە ياشاپلا كەلگۈسىمىزنى ئويلىمىساق بولمايدۇ ئاينۇر ، مېنىڭ سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىدىغىنىمنى نەزەرگە ئالمىسىڭىزمۇ  ، مەندەك بىر مەغلۇبىيەتچىنىڭ  يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇشۇمغا مەيلى دېسىڭىزمۇ  ، ھېچ بولمىسا تۇغۇلۇپلا دادىسىز ، ئانىسىز قالغان ئاشۇ ئىككى بالىنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇڭ ، ئۇلارغا كەم قالغان مېھىر –مۇھەببەتنى تولۇقلاپ بىرەيلى . ئۇلارنى   ئاتا-ئانا مېھىرىدىن بەھىرمان قىلىش قولىمىزدىن كېلىدىغان  تۇرۇپ ، يەنە نېمىشقا ئۇلاردىن مېھىرىمىزنى ئايايمىز ، ئۇلارنىڭ يىتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ يۈرىۋىرىشىگە قاراپ تۇرىمىز ؟
  قوياش تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ ، كەچكى شەپەقنىڭ قېپ قىزىل نۇرى دەريا بويىنى قىزىللىققا پۈركىدى ،يىراقتىن كېلىۋاتقان مەيىن شامالدا ھىپىرلەپ قالغان كۆينىكىمدىن ئۆتكەن سوغۇقنىڭ تەسىردىنمۇ ياكى ئۇنىڭ يۈرىكىمنى لەرزىگە سالغان گەپلىرىدىنمۇ ، تىتىرەپ تۇراتتىم .
ــ قايتايلى ، - دېدىم ئۇنىڭغا گەپتە توسۇلۇپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ ، ــ بالىلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى .
ــ ئۇلارغا تاماق ئەكىلىپ بەردىم .
ــ قاچان ؟ــ ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم
ـــ بايا سىزنى ساقلاپ تۇرغاندا ئىشىك ئالدىدىكى كاۋاپچىغا كاۋاپ بويرۇتۇپ قويۇپ ، قىزىم بىلەن ئوغىلۇم چىقىپ ئېلىۋالىدۇ دەپ قويغان . ئۇلار دۇكانغا چىققاندا كاۋاپچى ئۇستام ئۇلارغا كاۋابنى بەرمەكچى ئىدى .
ــ بەك ئەتىراپلىق ئىش قىلىسىز جۇمۇ ،ــدېدىم  ئۇنىڭغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ .__ لېكىن يەنىلا قايتمىساق بولمايدۇ ، بالىلار تېخى كىچىك تۇرسا ، ئۇلارنى بۇنداق ئۇزاق يالغۇز تاشلاپ قويساق بولمايدۇ ،__ شۇنداق دىگىنىمچە ، تىزىرەك ماشىنىغا چىقىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىۋاتقىنىمدا  قانداقتۇ بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ ، يەردە ئولتۇرۇپلا قالدىم .
ــ پۇتىڭىز قايرىلىپ كەتمىگەندۇ ھە،ــ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئەركىن مېنى يۆلىدى
ــ پۇتۇم ھېچنىمە بولمىدى ،ــ دېدىم ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ چۈشكىنىمدىن ئوڭايسىزلىنىپ .
ــ ئېگىز پاشىنىلىق ئاياقتا بۇنداق يولدا مېڭىش ئەپسىز  .ئېھتيات قىلىڭ .
شۇندىلا ئۇنىڭ قولىنىڭ تېخىچە بېلىمدە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇرغىنىمنى سىزىپ ،ئۇنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان قولۇمنى تارتىۋالدىم .
لىكىن ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن بېلىمدىن تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە مىنى باغىرىغا باستى . ئۇنىڭ ئاتەشتەك تىنىقلىرى لەۋلىرىمنى كۆيدۈپ ئۆتكەن ئاشۇ دەقىقىدە ، ئۇنىڭ باغىرىدا ئېرىپ كېتىۋاتقىنىمنى ، ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرغىدەك ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى . ماي ئايلىرىنىڭ ئىللىق شامىلى ۋۇجۇدۇمنى قايتىدىن ئىللىتىپ ،چاچلىرىمنى يەلپۈپ تۇراتتى .
ــ كىتەيلى . ــ يېنىمىزدىلا ئاڭلانغان شىپىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كېىلىپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقتىم .
ــ يەنە بىر دەم تۇرايلىچۇ ؟ــ دېدى ئۇ قوللىرىمنى چىڭ تۇتقىنىچە ،ــ قاراڭ ئاي چىقىپتۇ ، مۇشۇنداق سۈتتەك ئايدىڭدا دەريا بويىنى سەيلە قىلساق نىمىدىگەن ياخشى !
ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن ئاي ، بىردىن ئىككىدىن كۆرۈنۈپ بارغانچە قويۇقلىشىۋاتقان يۇلتۇزلار تېخىمۇ نۇرلىنىپ ، ئەتىراپ سۈتتەك يورۇپ ، دەريا سۈيى مەرۋايىتتەك جولالىنىپ تۇراتتى . مۇشۇنداق ئايدىڭ كېچىلەرنى  ئەزەلدىنلا ياخشى كۆرسەممۇ ، لىكىن بىرەر قېتىممۇ بۇنداق ئاي نۇرىدا ، سۆيگەن ئادىمىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىش بىرەر قېتىممۇ نىسىپ بولۇپ باقمىغان ئىدى . لېكىن شۇنى دەپلا بۇ يەردە تۇرىۋەرسەممۇ بولمايتتى .
ــ بالىلاردىن ئەنسىرەپ قالدىم ،ــ ئۇنىڭ قىززىق قوللىرى ئارسىدىن قولۇمنى ئېلىپ ،ماشىنا يېنىغا كەلدىم .
ــ ئالدىغا چىقىڭ ،ــ ئۇ ئالدى ئىشىكنى ئاچتى ،ــ داۋاملىق كەينى ئورۇنغا چىقىۋالدىكەنسىز ،بۇ ئورۇننى سىزگە ئېلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولدى .
ــ ئوخشاشقۇ  قەيەردىلا ئولتۇرسام .
ــ ئوخشاش ئەمەس ! مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرسىڭىز باشقىچە بولىدۇ ، ــ ئۇ ماڭا  بېخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويغاندىن كېيىن ، ماشىننى قوزغاتتى ،ــ تويىمىزنى تىزىرەك قىلىۋىتەيلى ئاينۇرۇم .
ــ كىم سىز بىلەن توي قىلىمەن دەپتۇ ؟
ــ قوشۇلمامسىز ؟
ــ قوشۇلمايمەن .
ـــ ئەمسە ماشىننى سىز ھەيدەڭ .
ــ نېمىشقا ؟
ــ كېتىۋاتقان ماشىنىدىن ئۆزەمنى ئاتىمەن.
ــ ۋىيەي ، چىدىماسلىقىنى  ،ــ ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك ئەركىلەشلىرىگە قاراپ كۈلۈپ كەتتىم .
ــ دادامنىڭ كېسىلى كۈندىن –كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ،ــ دېدى   سالماق ھالىتىگە قايتىپ ،ــ مېنىڭ ناھايتى چىرايلىق ھەم ياخشى قىزغا  ئۆيلەنگىنىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىۋالسۇن . ماقۇلمۇ ؟
__ مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدىلا تويىمىزنى قىلىۋىتەيلى بولامدۇ ؟ــ ئۇ مېنىڭ سۈكۈت قىلغىنىمنى قوشۇلغانلىق دەپ چۈشەندىمۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ،ــ  سىزمۇ ئۆيدىكلىرىڭىزگە دىگەچ تۇرۇڭ ، مەنمۇ ئەتىلا بېرىپ ، دادام ئاپاملارغا ئېيتىمەن .
ــ  نېمانچە تېز ؟ مېنىڭ تېخى ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقىم يوق .
ــ نەدە تېز ، ھېلىمۇ نەچچە يىل بولدى سىزنى ساقلىغىلى .
بايا ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتكەن يول  قىسقىراپ ، بىر دەمدىلا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالدۇق .
ــ سەبىرەنى چۈشۈرۋىتەمدىم ياكى قونۇپ قالامدۇ ؟ــ سورىدىم ماشىنىدىن چۈشۈۋىتىپ .
ــ مەن چىقىپ ئېلىپ چۈشەي ، يا بولمىسا ئىككىمىزلا قونۇپ قالارمىز ؟ــ دېدى ئۇ شوقلۇق بىلەن كۆزىنى قىسىپ .
ــ ساراڭ ...ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ ھە ، مۇشۇ يەردە مىدىرلىماي تۇرۇپ تۇرۇڭ ، ئۇنى مەن چۈشۈرۋىتەي .
شۇ ئارىدا ئۇنىڭ يان تېلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى .
ــ ۋەي ، ئاپا ...نىمە ؟...دادام ئۇ ...مەن ھازىرلا باراي ،ــ ئۇ جىددى ھالدا ماشىنغا چىقىۋىتىپ  ماڭا دېدى ،ــ دادام ئۆزگىرىپ قاپتۇ ، سەبىرە مۇشۇ يەردە قونۇپ تۇرسۇن ...
ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئالدىراپ تىنەپ كېتىپ قالدى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا كېلىۋىتىپ ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى ئالدىدا  ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم .
ــ دادىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ــ سورىدىم ئۇنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىگە قاراپ .
ــ ئاخشام كىچىچە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاچقا ، ھازىر ئەھۋالى سەل مۇقىملاشتى . بىراق ھازىرمۇ كۆزىتىش ئۆيىدە يېتىۋاتىدۇ .
ــ ناشتا قىلدىڭىزمۇ ؟
ــ ھەئە ، ھازىر ناشتا قىلىپ كىرىشىم .
ــ مەن بىلەن بىللە دادامنىڭ قېشىغا كىرەمسىز ؟
ــ قانداق بولار ؟
ــ دادام سىزنى كۆرسە  بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن خوش بولسا ، كېسلى ياخشىلىنىپ قالامدۇ تېخى .
ئۇنى يەنە رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغاچقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ، كۈزىتىش بۆلۈمى ئالدىغا كەلدىم .
كۈزىتىش بۆلۈمىنىڭ ئەينەكلىك ئىشىكى يېنىغا قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى ئاق يۈزلۈك ئايال ئولتۇراتتى . ئايال بىزنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى –يو ،تېزلا چىرايى ئۆڭدى .
ــ نەگە باردىڭ ،ــ سورىدى ئايال ئاچچىق تەلەپپۇزدا ،ــ داداڭ شۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا ياتسا شۇنداقمۇ ئۇزۇن يوقاپ كىتەمسەن ؟
ــ ئاپا ... مەن چىقىپ كەتكىلى يېرىم سائەتمۇ بولمىدىغۇ تېخى،ـئەركىن يەنە نېمىلەرنىدۇ دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالدى،ــ خاپا بولمىغىنا ئاپا ، چارچاپ كەتتىڭ ، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالغىن .
ــ مەن كەتمەيمەن ، سەن قايتىپ خىزمتىڭگە بار .بۇ قىزمۇ ئىشىغا بارسۇن .
ــ بۈگۈن رۇخسەت سورىدىم . ئاپا ، بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاينۇر ،ــ ئاپىسىنىڭ  ماڭا سوغاق بولغان سوغاق مۇئاملىسىدىن ئوڭايسىزلانغان ئەركىن دەرھال مېنى تونۇشتۇردى ،ــ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ .
ــ سىز بۇ بۆلۈمدە ئىشلىمەيسىزغۇ دەيمەن ؟
ــ شۇنداق .مەن بالىلار بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن .ـ ئايالنىڭ سۆرۈن تەلەتىدىن ئەيمىنىپ يەرگە قارىۋالدىم .
ــ سىز گۈلسۈمخاننىڭ كېلىنى شۇغۇ ؟
ــ شۇنداق ،ــ رەھمەتلىك قېيىنئانامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ مېھىربانلىق يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى كۆز ئالدىمغا كېلىپ ، ئۆپكەم ئۆرۈلگەندەك بولدى .
ــ سەن بۇ قىزنى تونۇمسەن ئاپا ؟
ــ ئەلىۋەتتە تونۇيمەن . گۈلسۈمخان بىلەن  بىز بۇرۇن خوشنا ئولتۇرغان . ئۇنىڭ ئوغىلى مەردان مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغان تۇرسا ئۇلارنى تونۇماي قالامتىم ؟سەن مەكتەپكە كىرگەن يىلى بىز كۆچۈپ كەتتۇق . لېكىن گۈلسۈمخان ئىككىمىز تا ئۇ تۈگەپ كەتكەنگە ئىزدىشىپ تۇردۇق . مەردان مۇشۇ قىز بىلەن توي قىلىپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى ، بىچارە گۈلسۈمخانمۇ تۈگەپ كەتتى ،ــ ئەركىننىڭ ئاپىسى ماڭا ئاچچىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئېغىر ئوھ تارتتى ،ــ ياخشى ئادەملەر ئىدى ، ھەممىسى كېتىپ ھېچقانداق ئىز توزىمۇ قالمىدى . مەردان ئۆز قولى بىلەن سالغان ئۆيلەرمۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى ...ئېسىت ...ئېسىت...
ــ ئاپا ...بولدى ، ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ ئويلىما ، سېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي .
ــ مەن چىقاي ،ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ ،ــ دېدىم  ئايالنىڭ نارازلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئەيمىنىپ، __ دادىڭىزنى كىيىنچە يوقلاپ كىلەرمەن .
ــ چىقامسىز ؟ مەن ئۇزىتىپ قوياي .
ــ ئەركىن !ــ ئاپىسىنىڭ قاتتىق ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز چۆچۈپ كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق ،ــ سەن ئۇزىتىپ قويمىساڭمۇ ، ئۇ ئۆزى چىقىپ كىتەلەيدۇ ، ماڭ ...داداڭنىڭ يېنىغا كىر !
ــ مەن.ھازىرلا قايتىپ كىرىمەن ئاپا .
__ داداڭ ئاشۇنداق ھالدا ياتسا سەن خيالىڭغا كىرمەي يۈرۈيسىنا ؟!
__ ئاپا ! نېمانداق گەپ قىلىسەن ؟دادامنىڭ يېنىغا بەرىبىر بىزنى كىرگۈزمىسە …مەنمۇ بىر يەرگە كېتىمەن دېمىدىمغۇ .
_ بولدى ، ئاپىڭىزغا ھەمىراھ بۇلۇڭ ،__ئەركىننىڭ تەڭلىكتە قالغان ھالىتىگە قاراپ چاندۇرماي كۈلۈمسىرىدىم ،__ دوختۇرلارمۇ ھەر ۋاقىت سىزنى چاقىرىپ قېلىشى مومكىن .
  ئىشىكتىن چىقىۋىتىپمۇ ، ئىشخانىغا كىرىپ خىزمەت كىيىمىمنى كېيىۋىتىپمۇ ، ئەتىگەنلىك ئىش ئۆتكۈزۈش دوكىلاتنى ئاڭلاۋىتىپمۇ  ئەركىننىڭ ئاپىسىنىڭ سوغۇق چىرايى ،ئاچچىق ئاۋازى كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ،  ئالدىراش خىزمەتنىڭ باشلىنىشى بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ ،يەنە ھەر كۈندىكىدەك  يۆتەلگەن ، قىزىپ كەتكەن ، ئىچى سۈرگەن بالىلارنىڭ ئارسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكىننى تۇيمايلا قالدىم .ئىشتىن چۈشۈپ ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن يولغا چىقىشىمغا، ئاق ياغلىق ئارتىشىپ  دوختۇرخانا ئائىللىكلەر رايۇنىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئاياللارغا يولۇقتۇم .
ــ ئاينۇر …تېز بۇلۇڭ ، ئۆلۈم پەتىسىگە بارىمىز ،__ دېدى ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى ئايرىلىپ چىقىپ .
ــ  كىم تۈگەپ كېتىپتۇ ؟
__  ئاياللار بۆلۈمىدىكى ئامانگۈل دوختۇرنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپتۇ . بۇلۇڭ ، بۇ ياغلىقنى چىگىۋالسىڭىزلا ، ئۇچىڭىزدىكى كېيىملىرىڭىز بىلەن بارسىڭىز بولغۇدەك .
ئەتىگەندە كېيىۋالغان ئاق جىيەك تۇتۇلغان ، ئۇزۇن قارا كۆينىكىمگە قاراپ قويۇپ ، خىزمەتدىشىم سۇنغان ئاق ياغلىقنى بېشىمغا ئارتىپ مەنمۇ ئاياللار سېپىغا قوشۇلدۇم . ئۆلۈم بولغان ئۆيگە كىرىپ ، قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق –تۇغقانلىرىغا سەۋىر تىلەپ ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ قايتىپ چىقىۋاتقىنىمىزدا ، « ئاچا » دېگىنىچە يۈگۈرۈپ كەلگەن سەبىرە مېنى قۇچاقلىۋالدى .
__ سەبىرە ، سىز بۇ يەردە نېمىش قىلىسىز ؟ __  خۇددى چوڭلاردەك قارلىق كىيىم كېيىۋالغان  قىزچاققا قاراپ كۆڭلۈم ئۈيگەندەك بولۇپ ئەتىراپىمغا قارىدىم .
__ چوڭ دادام تۈگەپ كەتكەن  تۇرسا ،__ قىز قولى بىلەن ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتتى ،__ سىز بىلمەمسىز ؟ دادام سىزگە دېمىدىما ؟
__ مەن بىلمەپتىمەن ،__« تۈگەپ كەتكىنى ئەركىننىڭ دادىسىكەندە» دېگەن خىيال لىپپىدە ئۆتۈپ ، كۆزۈمگە ياش ئالغان ھالدا   قىزنى باغىرىمغا باستىم .
__ سەبىرە …قىزىم بۇ يەردىكەنسىزغۇ ؟ __ ئېگىز بوي ، زىلۋا چوكاننىڭ كېلىشى بىلەن قىز قولۇمدىن ئاجىرىدى :
__ ئاينۇر ئاچا ، بۇ مېنىڭ ئاپام ،__ قىز شۇنداق دىگىنچە بايىقى ئايالنىڭ قولىنى تۇتتى ،__ ئاپا ، بۇ مىنىڭ ئاينۇر ئاچام .
__ تېچلىقمۇ ؟ __ ئۇ ئايالنىڭ ياق …سەبىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ كىرپىكلىرى قايرىلىپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرىدىن سۇس كۈلۈمسىرەش ئەكس ئېتىپ ماڭا قولىنى سۇندى ،__ ئىسىمىم ساجىدە ، سەبىرەنىڭ ئاپىسى بولىمەن .
__ تېچلىقمۇ ؟__ ئەتىگەندىلا ئەركىننىڭ ئاپىسىدىن يىگەن «زەربە »، كۈندۈزدىكى ھارغىنلىق ،خىزمەتدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈم پەتىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا  ئەركىننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا قوشۇلۇپ ، تېخى تۈنۈگۈنلا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن لايىقىمنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى …بىرلىشىپ دەل جايىغا تەگكەن زەمبىرەك ئوقىدەك مېنى يىقىتىپ قويايلا دېگەن بولسىمۇ ، بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ ، سۇس تىتىرەپ تۇرغان قولۇمنى ئۇنىڭغا سۇندۇم .
__ چوڭ ئاپىڭىزنىڭ مىجەزى ياخشىمۇ  سەبىرە ،__ دېدىم ئايالنىڭ ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكلىرى جولالىنىپ تۇرغان ئاپپاق قوللىرىدىن قولۇمنى ئېلىپ .
__ چوڭ ئانامنى دادام دوختۇرخانىغا ئېپ كەتتى .
__ نېمە بولدى ؟__  سورىدىم ئەتىگەندىن بېرى ئېسىمدىن كەتمىگەن   « سۆرۈن چىراي » كۆز ئالدىمغا كېلىپ .
__ ئاپامنىڭ ئەسىلدىنلا سالامەتلىكى ياخشى ئەمەستى .دادامنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كېلىپ  يىقىلىپ قالدى .__ دېدى  سەبىرەنىڭ ئاپىسى گەپكە ئارلىشىپ .__ ئۇزۇن يىل بىرگە ياشىغان قەدىناسلار ئەمەسمۇ .
     ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ئېسىمگە كىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم . شۇ تاپتا ئەركىن قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ؟  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىنى 6 يېشىدىن تارتىپلا ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا ئېلىپ چىققانلىقىنى ، سۇ ئۈزۈشنى  ئۆگەتكەنلىكىنى ، كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى بىلەن ئات مىنىپ تاغقا بارغانلىقىنى …پەخىرلەنگەن ھالدا سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن دادىسىغا بەكمۇ ئامىراق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . « دادامنىڭ كېسلى ئېغىر » دېگەن چاغدىكى مەيۈس ھالىتى ،دادىسىنىڭ « قىزىل ئۆڭگەچ راكى » ئىكەنلىكىنى ،بېيجىڭدىمۇ داۋالاشقا ئامالسىز قېلىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ، كۆزىدىن ياش چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى…ئويلىغىنىمدا ئولتۇرالمايلا قالدىم . ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىش ئۈچۈن نومۇرلارنى بېسىۋىتىپ « مەن سەبىرەنىڭ ئاپىسى » دەپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مەرمەردەك يۈزلەر ،قەلەمدەك قاشلار ئاستىكى شەھلا كۆزلەر ، قاپ –قارا قوندۇز چاچلار تاشلىنىپ تۇرغان زىلۋا قامەت كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن « لاسسىدە » بوشاپ كەتتىم . سەبىرەنىڭ « بۇ مىنىڭ ئۆز ئاپام » دېگەن چاغدىكى خوشاللىق جىلۋە قىلغان كۆزلىرىدىن ئەمدى مېنىڭ ئارتۇقچە ئادەم ئىكەنلىكىم چىقىپ تۇرمامدۇ ؟ !...ۋاي  توۋا ، مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ؟… ئەركىننىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ  قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىگە كېلىشى نۇرمال ئىشقۇ ؟ ! ھە راست …ئەركىن « ئاچام سىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا يېڭىلا يۆتكىلىپ كەلدى ، كىلەر ھەپتىگىچە سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي »دېگەن ئىدى . ئاياللار بۆلۈمىدىكى يېڭىدىن كەلگەن ئامانگۈل دوختۇر ئەركىننىڭ ئاچىسى ئىكەندە…
ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن ئەركىن بىلەن يا كۆرۈشەلمەي ، يا تېلېفۇن قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم .
دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىسىنى بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى كەچتە ئەركىندىن تېلېفون كەلدى .
ــ  ئەركىن …،__ تىتىرەپ تۇرغان ئاۋازىم بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇم ،__ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
__ ئانچە ياخشى ئەمەس ،__ دېدى ئۇ بوغۇق ئاۋازدا ،__ ئاينۇر …دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم  …بۇ نەچچە كۈن ئىچىدە سىزنىمۇ  كۆرمىدىم ، پۈتۈن دۇنيادا يەككە ـ يېگانە قالغاندەك بولۇپ قالدىم ….
__ ئۇنداق دىمەڭ ئەركىن …دادىڭىزنىڭ كېتىپ قالغىنىغا مېنىڭمۇ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى …لېكىن، قانداق قىلىمىز  …كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدىكەن …
__ سىز  مېنى تاشلىۋەتمەڭ ئاينۇر ... بۇ دۇنيادا دادامدىن قالسىلا ئەڭ يېقىن ئادىمىم سىز …سىز بولمىسىڭىز مەن ئەمدى تۈگىشىپ كېتىمەن …
__ بۇنداق دېمەڭ  ئەركىن …،__ مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن جاسارەت ئۇرغۇپ تۇردىغان ، قارچىغىنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى تىكىلىپ قارايدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتىدىن ئىچىم سېرىلىپلا كەتتى ،__ بۇنداق دىمەڭ …مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن …سىزلا مىنى تاشلىۋەتمىسىڭىز …مەن مەڭگۈ سىزنىڭ قېشىڭىزدا بولىمەن . يەنە تېخى ئاپىڭىز ، قىزىڭىز ، ئوغلىڭىز يادىكار ۋە باشقا قېرىنداشلىرىڭىز …ھەمىمىز  سىزنىڭ قېشىڭىزدا ...  
      
ئەركىننىڭ  دادىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسى بېرىلىپ بولسىمۇ ساجىدەنىڭ كەتمەي تۇرۇۋىرىشىدىن ئىچىم سىقىلدى . دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ۋە قىزىنى بېقىپ كېتىۋاتقاچقىمۇ ياكى كونا ئوتلىرى يېلىنجاپ قالدىمۇ …ئەركىنمۇ ئۇنىڭ تۇرۇۋىرىشىگە قارىشى ئىپادىدە بولمىغاندەك قىلاتتى . دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقىپ تۇرىۋاتقان ساجىدە بىلەن ئۇچىرشىپ قالغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكى سەمىمى كۈلۈمسىرىشىنىڭ ئورنىغا ئالماشقان  غالىپلارچە كۈلكىسى مېنى تېخىمۇ بەك ئازاپلايتتى.

     كۈنلەر ئۆتۈپ يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرى ئاخىرلىشىپ . كۈز كىردى . سىنتەبىرنىڭ تەنگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئىللىق شامىلى يىراق –يېقىندىن ئېلىپ كەلگەن مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرنىڭ ھېدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ ، ئېغىزغا سېرىق سۇ يۈگۈرتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كەچتە ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلدى .
ــ  ئەركىن دادام كەلدى ،ــ  ياتاق ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىققان بالام خوشاللىقىدىن چاۋاك چالدى،ـ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇشۇمغىلا كەپتۇ . بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدىغان بولدۇم .ــ  بالام شۇنداق دىگىنىچە ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتى .
ــ تېچلىقمۇ يادىكار ؟__ ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، ئارقىدىنلا ئەركىننىڭ ئاچىسى كىرىپ كەلدى . نەچچە ئاي بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەش جەريانىدا خېلى ئوبدانلا چىقىشىپ قالغان ۋە ئەركىن ئىككىمىزنىڭ  مۇناسىۋىتىنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا تېخىمۇ ياخشى مۇئاملىدە بولۇۋاتقان بۇ ئايالنى يېقىن كۆرگەچكە ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم .
__ قانداق بولۇپ قەدىمىڭىز يېتىپ قالدى ئاچا ،__ دېدىم ئۇنىڭ ئالدىغا تاتلىق تۆرۈملەرنى تىزغاچ .
__ ئاكىڭىز كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتتى . بالىلارنىڭ ماڭا قارايدىغانغا چولىسىمۇ يوق تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىدۇ . شۇڭا سىز بىلەن مۇڭدىشىپ چىقاي دەپ كىردىم .
__ ئەخمەت ئاكامنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش ھە ؟
__ شۇنداق . خىزمەت دىسە جېننى سېلىپ بېرىشتىنمۇ يانمايدۇ ئۇ .
__ شۇنداق ئىشلىگەچكە رەھبەر بولالىغان دە .
__ شۇنداق ئىشلەپمىغۇ نەچچە يىل ھېلى ئۇ ناھىيىگە  ، ھېلى بۇ ناھىيىگە يۆتكىلىپ  كۆچۈپلا يۈردۈق ،ـ دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن ،ــ يادىكار ئوغلۇم ، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدىڭىزما ؟
__ ھەئە ، ئىشلەپ بولدۇم ،__ ئەركىننىڭ كەلمىگەنلىكىدىن دومسيىپ قالغان ئوغلۇم ئاستا يېنىمغا كەلدى،__ ئاپا ، پەسكە چۈشۈپ ئوينىسام بولامدۇ ؟
ــ  بولىدۇ بالام ، ئويناپ چىق . بەك كەچ قالما ھە .
ــ  ماقۇل .
ــ نىمىدىگەن ئەدەبلىك بالا بۇ ، ئەركىننىڭ ئامراق ئىكەنلىكى بىكار ئەمەسكەندە .__ دېدى ئۇ بالام چىقىپ كېتىشىگە ۋە  ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ پىيالىنى قويدى ،__ ئاينۇر ، ساجىدەنىڭ كەتمىگەنلىكىدىن ئىچىڭىز سىقىلۋاتامدۇ ؟
_ ياقەي ،ـ ئۇنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋالغىنىدىن قىزىرىپ يەرگە قارىدىم .
ــ بولدى يوشۇرماڭ ، مېنىڭمۇ ئىچىم سىقىلۋاتقان يەردە سىزنىڭ سىقىلماي قالامتى ؟ ئەركىنىدىن ئاغىرنىۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن . لېكىن ئەركىنمۇ ئامالسىز قالدى . ئاپام بىلەن سەبىرەنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇمۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالدى .
__ سەبىرەنىڭ ؟__«ئەركىننىڭ  ئاپسىنىڭغۇ مېنى ياقتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق . لېكىن سەبىرەگە نېمە بولغاندۇ ؟ ئۆزىنى بوۋاق ۋاقتىدا تاشلاپ كەتكەن ئاپىسى بىلەن قايتا جەم بولغاندا مېھىرنى ئۈزەلمەي قالغانمىدۇ يە؟»شۇ ئوي بىلەن ئەركىننىڭ ئاچىسىغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم .
__شۇنداق سەبىرەنىڭ ،__ئەركىننىڭ ئاچىسى ئۇلۇق كىچىك تىندى ،__ساجىدە قىزىغا « دادىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا ئاشۇ ئاينۇر قىسىلۋالمىغان بولسا بىر ئائىلە كىشلىرى ھازىرقىدەك سورۇلۇپ يۈرمەيتتۇق»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن ئوخشايدۇ . كىچىك بالا ئۆز ئاپىسىنىڭ گېپىگە ئەلىۋەتتە ئىشىنىپ قالىدۇ –دە .ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئامراقلىقىنى كۆرۈپ ، ئاپاممۇ ئېرىپلا كەتتى .ئاپام  « بالىنى يېتىم قىلماڭلار » دەپ كۈندە ئەركىننىڭ بېشىنى ئاغىرتىدو. مەن گەپ قىلىپمۇ قايىل قىلالمىدىم ئاپامنى .
__ شۇنداقمۇ ؟ سەبىرەنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگىنى بىكار ئەمەسكەندە .
ــ كىچىك بالا ئەمەسمۇ .ئاق –قارىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ .
   چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغىدەك جىمجىتلىقتا ھەر ئىككىمىز زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ قالدۇق . پات –پات ئوھسىنغان ئاۋازلارلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى .
ــ  ئاينۇر سىڭلىم ، سىزمۇ بىلىسىز ، دادام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ئاپام يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى . ئۇنى خاپا قىلىپ قويساق كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن  ئەنسىرەپ بىزنىڭمۇ  يۈرىكىمىز سۇ . ئەركىن ئۇكام ئانىسى ، قىزى ۋە ساجىدەنىڭ « يارىشىپ قېلىش » توغىرسىدىكى بېسىمغا چىدىماي تاس قالدى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى .
__ ئۇنىڭ شۇنچە دەردنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ يۈرگىننى بىلمەي ، ئۇنىڭدىن ئاغىرنىپ يۈرۈپتىمەن تېخى ،__ دېدىم ئېغىر ئوھ تارتىپ .
__ ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  چاندۇرماي يۈرگەن گەپ . ئۇنىڭ ھازىر سىزدىن باشقا كۆڭلى خوش بولغۇدەك ئادىمى يوق . ئۇنىڭغا كۆپىرەك تەسەللى بېرىپ قويۇڭ . ھەم ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقىت بېرىڭ . خۇدا بويرۇسا دادامنىڭ يىل نەزىرىدىن كېيىن تويۇڭلارنى قىلىۋىتىمىز .
  ئەركىننىڭ ئاچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ 3- كۈنى دوختۇرخانا ئالدىدا ساجىدە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدۇق .
__ تېچلىقمۇ ئاينۇر ،__ دېدى ئۇ يەنىلا مەغرۇر كۈلكىسى بىلەن ئالدىمغا كېلىپ .
__ تېچلىقمۇ ؟ __ مەنمۇ كۈلۈمسىرىدىم .
__ بىللە تاماق يىسەك قانداق ؟ ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ماقۇل بولدۇم .
ــ سىز يول باشلاڭ ،سىز يەرلىك بولغانكىن قايسى تاماقخانىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىز .
ــ ئەمسە  قىزىل گۈل تاماقخانىسىغا بارايلى ، ئۇ يەرنىڭ توخۇ قوردىقى بەك ئوخشايدۇ ،__ دېدىم تاماق يېيىش جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا ، يېقىن ئەتىراپتىكى تاماقخانىلارغا بېرىشنى لايىق كۆرمەي .
ــ  يىراقمۇ ؟
ــ  شۇنداق ، ناھىيە بازىرىدىن خېلىلا يىراق ، لېكىن بىزنىڭ ئالدىراش ئىشىمىز بولمىغانكىن ئالدىرماي بېرىپ يەپ كەلمەمدۇق !
__ ئەركىننى ئىزدەپ كىتەمدىكىن دەيمىنا ؟
__ خاتىرجەم بۇلۇڭ ، ئەركىن بايا يادىكارنى ئويناتقىلى چىقىپ كەتتى . ئىككى –ئۈچ سائەتكىچە قايتىپ كەلمەيدۇ .
  ئۇنىڭ بايىقى مەنسىتمىگەندەك نەزەردە قاراپ ، مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرغان يۈزلىرىگە ئاچچىقنىڭ قارا بۇلۇتى سايە تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپ ، مەنمۇ مەغرۇر كۈلۈپ قويۇپ تاكسى توستۇم . ۋە تېلېفون ئۇرۇپ  ئايرىمخانا زاكاس قىلدىم .
تاماقخاننىڭ چوڭ زالىغا قەدەم ئېلىشىمىزغا مىسرەڭ يۈزلىرى پارقىراپ تۇرغان 50 ياشلاردىكى ساقاللىق خۇجايىن كۈلگىنىچە ئالدىمغا كەلدى .
__ تېچلىقمۇ سېسترا قىزىم . ئەجەپمۇ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ،__ ئۇ ئۆزى پايپىتەك بولۇپ ، بىزگە ئېلىپ قويغان خانىگە باشلىدى ،__ ھە ، ئەركىنجان بىلەن بالىلار كەلمەپتىغۇ ؟
__ ئۇلارنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا كىلەلمىدى . ئۇلار  سىلىگە سالام ئېيتتى .
__ سالامەت بولسۇن ...سالامەت بولسۇن ،ــ  سىلەرگە يەنە بۇرۇنقىدەك يەرلىك توخۇ قوردىقى كەلسۇنمۇ ؟
__ ماقۇل .
خوجايىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ساجىدەنىڭ تۇتۇلۇپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ دىدىم :
__ بۇ يەرگە دائىم كېلىمىز . ئەركىن بىلەن بالىلار بۇ يەرنىڭ توخۇ قوردىقىغا بەك ئامراق.
ــ ئەركىننىڭ توخۇ گۆشى بىلەن خوشى يوقتى. قانداق قىلىپ يەيدىغان بولۇپ قالدىكىنە ؟
__ مەن ئامىراق بولغاچقا ئۇمۇ ئۆگىنىپ كەتتى .
__ شۇنداقمۇ ؟ بەك يامانكەنسىز . لېكىن بۇ يامانلىقىڭىز ئەمدى ئىشلىمەيدۇ ،ــ ئۇ بايىقى پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ يەنە مېيىقىدا كۈلدى ،ــ ئىككىمىز پات ئارىدا « يارىشىش »چېيى بېرىمىز .
ــ بۇ سىزنىڭلا قارارىڭىزدۇ ؟
ــ مېنىڭ قارارىم ئەركىننىڭمۇ قارارى . قېيىنئاپام بىلەن قىزىم مەن تەرەپتە تۇرسا ئۇ نېمە قىلالايتتى ؟ قېيىنئاپام ئەركىنگە :« ئاينۇر دېگەن شۇم ئاياق بىلەن توي قىلساڭ ،ئالدىڭدا ئۆلۈپ بېرىمەن »دېدى .قىزىممۇ « ئۇ بۇزۇق خوتۇن بىلەن توي قىلساڭ سېنى دادام دىمەيمەن »دېدى .
ــ نېمە دېدىڭىز ؟ __ قولۇمدىكى چوكا تاراققىدە چۈشۈپ ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .
__ شۇنداق . ئولتۇرۇڭ ، نىمانچە ئاچچىقلايسىز ؟
ئۇنىڭ بىرىنچى ھۇجۇمىغىلا بەرداشلىق بىرەلمەي  ئۆزەمنى يوقىتىپ قويىۋاتقىنىمنى سىزىپ ، جايىمغا ئولتۇردۇم ،ئۇ ماڭا چاي قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
ــ  ئاڭلىسام ئېرىڭىز سىز بىلەن توي قىلىپ نەچچە ئاي بولمايلا قازا قىپتۇ . قېينئانىڭىزمۇ سىز بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغاچقا تۈگەپ كېتىپتۇ . ئاپىڭىز ياش تۇرۇپلا بەل –پۇتى ئاغىرىپ ماڭالماس بولۇپ قاپتۇ . يەنە تېخى رەھمەتلىك قېيىنئاتامنى سىز يوقلاپ كىرىپ نەچچە سائەت ئۆتمەيلا جان ئۈزۈپتۇ . ئويلاپ بېقىڭە ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقلا توغىرا كېلىپ قىلىش ئەمەستۇ؟ قېيىنئاپامنىڭ ئەركىننى سىز بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمىغىننىڭ ئاساسى بار . ئۇمۇ بىر ئانا بولغانكىن ئوغىلنىڭ ئامانلىقىنى ئويلايدۇ دە .
ــ ئاغزىڭنى يۇم ئىپلاس !__ ئورنۇمدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىمنى ۋە ئالدىمدىكى چاينى ئۇنىڭ يۈزىگە قانداقلارچە چېچىۋەتكىنىمنى بىلمەيلا قالدىم. ئۇنىڭ ئەنسىز چېقىرغان ئاۋازىدىن يۈگۈرۈپ كىرگەن كۈتكۈچىلەرنىڭ ۋە « نېمە بولدى قىزىم » دەپ ئالدىمغا كەلگەن ساقاللىق خوجايىننىڭ نېمىلەرنى دېگىنى ئېسىمدە يوق ، پەقەت بىر كۈتكۈچىنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ تاكسى توسۇپ ، مېنى چىقىرىپ قويۇشى بىلەن ئۆيگە كەلدىم كۆزۈمگە  قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ، بېشىم قىيىپ تۇراتتى . كۆكىرىكىمنى قاماللىۋالغان قاتتىق نەرسە يا چىقىپ كەتمەي ، يا چۈشۈپ كەتمەي ئىچىمنى  تېخىمۇ بىئارام قىلاتتى . پىچاق تىققاندەك ئاچچىق ئاغىرىۋاتقان يۈرىكىم ھازىلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ، رېتىمسىز پۇلاڭلايتتى .
  « شۇم ئاياق » دېگەن سۆز مىڭەمنى تېشىپ ئۆتۈپ ، قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي جاراڭلاپ ، مىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ قىيناۋاتقان چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ يادىكار بىلەن ئەركىن كىرىپ كەلدى .
ــ  ئاپا …ئاپام ئىشتىن چۈشمىگەن ئوخشىمامدۇ   ؟
ــ  مەن تېلېفون ئۇرۇپ باقاي .
ــ  تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئۆيدە ئاڭلىنىپ تۇرىدىغۇ ، __ بالام شۇنداق دىگىنچە ھوجىرامغا كىردى ،ــ ئاپا …مىجەزىڭ يوقما ؟
ــ  ئاينۇر ، نېمە بولدىڭىز ،يىغ؛اپسىزغۇ ، بىرەر يېرىڭىز ئاغىرۋاتامدۇ ؟ــ  ئەركىن بېشىمنى قۇچىقىغا ئالدى ،__ ئاينۇر ،گەپ قىلسىڭىزچۇ؟ كۆزىڭىزنى ئېچىڭە …
ئەركىننىڭ تونۇش ھېدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇشى بىلەن باياتىن بېرى چىقالماي تۇرغان كۆز ياشلىرىم بىراقلا ئېتىلىپ چىقتى :
__ بۇ يەردىن كېتىڭ ئەركىن …ماڭا يېقىن يولىماڭ …مەن دېگەن شۇم ئاياق …كىمگە يېقىن كەلسەم شۇنى نەس باسىدۇ …
ــ  ئاينۇر …بۇ نېمە دىگىنىڭىز …..نەدىكى  قاملاشمىغان گەپنى قىلىپ .
ــ قاملاشمىغان گەپنى مەن قىلمىدىم ، ئاپىڭىز ، خوتۇنىڭىز ... يەنە باشقىلار...شۇنداق دېيىشىۋاتىدۇ .
ــ شۇ  ئەخمىقانە گەپكە مۇشۇنچىۋالا قىلىپ كەتتىڭىزما ؟ ئۇلارنىڭ سىزنى قەستەن زىتىڭىزغا تېگىپ ،ئىككىمىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولغىننى نېمىشقا چۈشەنمەيسىز ؟!
__ مەن چۈشەنمەيمەن …مەن ھېچنىمنى چۈشەنمەيمەن …مەن پەقەت  سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپى بويىچە سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشىم كىرەكلىكىنىلا چۈشىنىمەن .
__ گېپىمنى ئاڭلاڭ ئاينۇر …ئاپامنىڭ كېسلىدە ئازراق ياخشلىنىش بولسىلا ساجىدەنى كەتكۈزىۋىتىمەن . سەبىرە ، يادىكار تۆتىمىز جەم بولىدىغان كۈنگە ئاز قالدى . شۇ چاغقىچە ماڭا ۋاقىت بېرىڭ ، ھەرگىز ئايرىلىپ كېتىدىغان گەپنى قىلماڭ ….
     ئەركىننىڭ كۆڭلى ۋە بالامنىڭ دىلىنىڭ ئازار يەپ قالماسلىقى ئۈچۈن قايىتىدىن ئۆزەمنى رۇسلىغان بولساممۇ ،شۇ كۈندىن كېيىن  ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدىم  .مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ، بولغۇسى قېيىنئانامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ۋە ئەركىن ئۇنى قايىل قىلىپ  ، بىزنىڭ تويىمىزغا رازىلىق ئالغاندا  ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىنلىك سالاھىتىدە بېرشىنى مەقسەت قىلغان ئىدىم .شۇنداقلا ئۇنىڭ نەزىرىدە  «شۇم ئاياق » دەپ قارىلىپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىۋەرسەم ئۇنىڭ  ۋە سەبىرەنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈپ قېلىپ ، سەبىرە بىلەن كىيىنكى مۇناسىۋىتىمىزگىمۇ تەسىر يىتەتتى .
      
        كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى سارغايغان ياپىراقلارنى تۆكۈپ ، گۈل –گىياھلارغا ئۈششۈك چۈشۈپ ، بىنا ئالدىدىكى مەجنۇنتاللار سوغۇقتا شۈمشىيىپلا قالدى . ھەممە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئامانگۈل دوختۇر ماڭا تەسەللى بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ ، مېنىڭ قەلبىممۇ ئاشۇ كىچىككىنە باغچىدەك چۆلدەرەپلا قالدى .ئەركىننىڭ كۈندە ئۇرغان تېلېفۇنلىرى ، ئۆينىڭ ئالدىدا ساقلاشلىرى جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ ، ئۇ كۈندە كەچتە ھوجىرامنىڭ دېرىزىسى قارايدىغان يولدا پەيدا بولاتتى . مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇۋاتقىنىمغا ، ھامىنى بىر كۈنى باغىرىغا ئۆزەمنى ئاتىدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلغاچقا مۇھىم ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتمىگەن كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەيدا بولاتتى .( ئۇنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىدىن ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ تۇراتتى ).
   يەر جاھاننى ئاپئاق قار قاپلاپ ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغاقتا يوللار مۇز بولۇپ كەتكەندىمۇ ، ماڭا قەدىردان بولۇپ قالغان قارا كۆك ماشىنا ئۆزىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن قەدىناس جايىدا ئاپئاق  قارغا كۆمۈلگىنىچە  تۈن نىسپىگىچە تۇرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتمىدى .
ــ  ئاپام سەكىراتقا چۈشۈپ قالدى ،__ دېدى بىر كۈنى ئامانگۈل دوختۇر تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ،__ ئەركىن ئاپامنىڭ قىزىنى يېتىم قىلماي ، ساجىدە بىلەن يارىشىپ قېلىش تەلىپىگە  ئامالسىز ماقۇل بولدى ، ئۇ مۇشۇنداق قىلمىسا ئاپامنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتكىدەك .
          بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك بولۇپ ، تېلېفون قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ھامىنى بىر كۈنى « ئاپام بىزنىڭ ئىرادىمىزدىن تەسىرلىنىپ تويىمىزغا قوشۇلدى » دەپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە ،ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىدىم .ئەمدى نېمە بولدى ، ھەممىسى يوق بولدى . ئاپىسىنىڭ سەكىراتتىكى تەلىپىنى  ئۇ  قانداقمۇ رەت قىلالىسۇن ، ماقۇل بولغان ئىكەن ، چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك . بولمىسا ئاپسى ئالدىدا ئىككى دۇنيالىق قارا يۈز بولۇپ كەتمەمدۇ ؟!!!
     قۇپقۇرۇقلا بولۇپ قالغان كاللامدا نېمىنى ئويلاۋاتقىنىم ، نېمىنى ئېلىپ ، نېمىنى قويغىنىم ئېسىمدە يوق . ئەس يادىم جايىدا بولمىغاچقا يىلدا ئالىدىغان ئون بەش كۈنلۈك ئارىمىمنى ئېلىپ ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ مىڭ تەستە ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۈم . نەچچە يىللاردىن بۇيان شامالدەك تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىت  بۇ ئىككى كۈندە شۇنچىلىك تەستە ئۆتتىكى  سائەت ئىسترېلكىسى جايىدا توختاپ قالغاندەك ئىدى...مۇزدەك سوغاق كىرىپ تۇرغان دەرىزە يېنىدا تۇرۇپ ، ئىككى كۈندىن بېرى كەلمەيۋاتقان قەدىناس ماشىننىڭ بوش تۇرغان ئورنىغا قارىغاچ ، مۇز گۈللىرى قاپلىغان دەرىزە ئەينىكىنى « ئەركىن »دېگەن خەت بىلەن توشقۇزۇپ ، خەت يازىدىغان يەر قالمىغان چاغدىلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، يېنىمدا ئۈن –تىنسىز قاراپ تۇرغان ئوغلۇمنى كۆردۈم .
__ قايتىپ كەلدىڭما قوزام ،__ دېدىم ئۇنىڭ خەت ئوقۇيالايدىغان بولغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ سەل  ئوڭايسىزلىنىپ ،__ توڭلىغانسەن ، قورسىقىڭ ئاچتىمۇ ؟
ــ  ياق ، توڭلىمىدىم .
ــ  ئەمسە بىر دەم تېلۋىزۇر كۆرۈپ تۇرغىن ، مەن تاماق ئىتەي .
ــ  ئاپا ، ئەركىن دادام ئەمدى كەلمەمدۇ ؟
__ كېلىدۇ . ئىشى تۈگىسىلا كېلىدۇ .
ــ  يالغان ئېيىتىۋاتىسەن  . ئۇ كەلمەيدىكەن . بۈگۈن سەبىرە« ئىككى كۈندىن كېيىن دادام بىلەن ئاپامنىڭ تويى بولىدۇ . ئەتە ئاپامنىڭ يۇرتىغا بارىمىز » دەپ رۇخسەت سورىدى .
ــ  شۇنداقمۇ ؟ __ كۆزلىرىمدە لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى بالامغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ، ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم ،__ ئۇلار بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ قوزام ،__ دېدىم كەينىمدىن ئەگىشىپ كىرگەن بالامنىڭ بېشىنى سىلاپ .
__ لېكىن …
__ بولدى بالام،ئەمدى ئەركىن داداڭنى ئۇنتۇپ كەتكىن، بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلمايلى  !__ يىغلامسىراپ تۇرغان بالامنى ئاشخانىدىن چىقىرىۋىتىپ ئىشىكىنى تاقاپ تۇرۇشۇمغا ، ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى .
ــ مەن ئاچاي ، __ ئىشىك ئېچىش ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭغان ئوغلۇمنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ چىقىپ ، ئۇنى توستۇم ،چۇنكى بايا بالامغا گەپ قىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا  ئاشخاننىڭ دەرىزىسىدىن ئەركىننىڭ ماشىنىسىنى  كۆرگەن ئىدىم  ــ سەن ھوجىراڭغا كىرىپ كەت .
ــ  ئەركىن دادام بولۇپ قالسىچۇ ؟
ــ  يەنە شۇ گەپما ؟ مەن بايا نېمە دىدىم ؟__ تەلەپپۇزۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن چۆچۈگەن ئوغلۇم ، توختىماي جىرىڭلىۋاتقان ئىشىككە قاراپ قويۇپ ، بوينىدىن باغلىغاندەك مېڭىپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى .
ــ  ئاينۇر ،ئىشىكنى ئېچىڭ …سىزنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن ،ئىشىكنى ئېچىڭ …،__ سېغىنغان تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ  رېتىمىنى يوقاتقان يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشلىرى ئۆزەمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى  .شۇ تاپتا ئۇنىڭ باغىرىغا ئۆزەمنى ئاتقۇم ، نەچچە كۈندىن بۇيانقى يىغلىپ قالغان ھەسىرەتلىرىمنى ئۇنىڭغا تۆككۈم ، كۆز چاناقلىرىمغا پاتماي قالغان قالغان ياشلىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۆكۈپ  ئىچىمنى بوشىتىۋالغۇم كېلىپ تۇرسىمۇ ،  ئىشىك تۇتقۇچىغا نەچچە قېتىم بېرىپ بولغان قولۇمنى تارتىۋالدىم .
__ قايتىپ كېتىڭ ئەركىن ...قايتىپ بېرىپ تويىڭىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭ …ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ يۈرمەڭ !
ــ ئاينۇر …بۇ پەقەت ئاپامنىڭ خاتىرجەم كۆز يۇمۇشى ئۈچۈن ، شەكىلگىلا قىلىندىغان توي . ئاپامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈنلا بۇ تويغا قوشۇلدۇم …خاتىرجەم بۇلۇڭ ئاينۇر …ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساجىدە بىلەن ئاجرىشىپ ، سىز بىلەن توي قىلىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ …
__ سەبىرەنى قانداق قىلىسىز ؟ ….ئۇ ھازىرمۇ مەندىن قېچىپ يۈرسە ، سىز ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجىراشسىڭىز ، سەۋەبىنى مەندىن كۆرۈپ ، بىزگە تېخىمۇ نەپىرەتلەنمەمدۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى ، بىز ئەمدى كۆرۈشمەيلى ئەركىن ، مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن !.
ــ ئاۋال ئىشىكنى ئېچىڭ …باشقا گەپلەرنى ئۆيگە كىرىپ دېيىشەيلى .
ــ ئەمدى دېيىشكىدەك گەپ قالمىدى …قايتىپ كېتىڭ .
ــ  ئەركىن دادا ….
ــ  يادىكار ...ئىشىكنى ئاچ قوزام …
  ياتاق ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ، ئىشىكنى ئېچىشقا تەمشەلگەن ئوغلۇمنى ئىتتىرۋىتىپ ، ئۇنىڭ يىغلاشلىرىغا قارىماي ھوجىرىغا ئەكىرىپ ، ھوجىرا ئىشىكىنىمۇ تاقىدىم . چوڭ ئىشىك توختىماي چېكىلىپ  « ئاينۇر،يادىكار » دېگەن ئاۋاز خىلى ئۇزۇنغىچە ئاڭلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن  جىمىپ كەتتى . توختىماي ئىسەدەۋەتقان بالامنى بەزلەپ ، ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن  دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم . تاماكىنىڭ قېپ –قىزىل چوغى بىر يېنىپ ئۆچكەندىن كېيىن ، غۇۋا يورۇقلۇقتا ئۇنىڭ قامەتلىك گەۋدىسى كۆرۈندى . ئۇ مەن تۇرغان دەرىزىگە خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، يەرگە تاشلىغان تاماكا قالدۇقىنى دەسسەپ ئۆچۈرۋىتىپ ، ماشىننى ئوت ئالدۇردى.ماشىنا قىيىلىۋاتقان شۇ پەيىتتە ، يۈرۈكۈمنى بىرسى سۇغۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك ئاچچىق سىزىمدىن تولغىنىپ ، قاڭقىغان توپتەك  پەسكە يۈگۈردۈم . پەلەمپەيدىن ھاسىراپ چۈشۈپ ، يۈگۈرۈپ ئارقا ھويلىغا ئۆتكەن چېغىمدا ، ئۇ ئاللىقاچان كېتىپ قالغان بولۇپ ، پەقەت ماشىنسىنىڭ يېڭىلا قالدۇرغان ئىزى قارىيىپ تۇراتتى .
ــ  ئەركىن!!!! …
  ئۇ كەتكەن يولغا قاراپ قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن  . لەۋلىرىمگە تامغان قىرتاق ۋە مۇزدەك سۇدىن ئەندىكىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم . نە ئاي ياكى يۇلتۇزلار چىقمىغان زەڭگەررەڭ ئاسماندىن لەپىلدەپ قار چۈشۈۋاتاتتى . قار ئۇچقۇنى بىلەن بەسلەشكەندەك، چاناقللىرىمغا پاتماي ، بىر –بىرى بىلەن قىستىلىشىپ  چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ ، ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە سۆرەپ ئۆيگە كىردىم .ئۇيقۇلۇق ئاۋازى بىلەن  نىملەرنىدۇ  گۇڭىراپ ، ئىسەدەۋاتقان ئوغلۇمنىڭ  مەڭزىنى بويلاپ چاچلىرى ئارسىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ ، ئۇنىڭ يېنىغا قىڭغايدىم .
«بۈگۈن ئەركىن ئايالىنىڭ يۇرتىغا ، يەنى قېيىنئاتا قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ . ئەتە ئۇلارنىڭ تويى بولىدۇ …» قالايمىقان چۈشلەر ئىچىدىن ئويغانغاندىن باشلاپ كەچ كىرگىچە كاللامدا  مۇشۇ بىرلا خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بالامنى مەكتەپكە ماڭغۇزىۋىتىپ ، قولۇمغا ھېچ ئىش بارماي ، تېلزىۇرنى ئېچىپ باقتىم . كىتاب ئوقۇپ باقتىم . لېكىن ئىچىمنى مۆشۈك تاتلىغاندەك بىر خىل بىئاراملىق …نېمىگىدۇر ئىچىم تىتىلدايدۇ .بالامنىڭ تېزىرەك كېلىشىنى ، نېمىلا بولسۇن گەپ قىلىپ ، مېنىڭ دېقىتتىمنى ئازراق بولسىمۇ باشقا ياققا تارتشنى ئارزۇ قىلغانسىرى كۈن كەچ بولمايدۇ .
       ئاھ خۇدا !!! ئوغلۇم ئاخىرى كەلدى ، پەلەمپەيدىن ئۇنىڭ ئاياق تاۋۇشى ئاڭلىنىۋاتىدۇ . ئۇ كەلگىچە ئىشىكنى ئاچاي ،ئۇنىڭ بىلەن سىرتنى ئايلىنىپ كەلسەم ، كەيپىياتىممۇ ئوڭشلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس …
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ ، مەڭزىلىرى قىزارغان ئوغلۇمنى باغىرىمغا بېسىپ ، ئۇنىڭ ھىدلىرىنى پۇراۋىتىپ ، كۆزۈم تېخى يېپىمىغان ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ساجىدەگە چۈشتى .
ــ  پاھ! ئانا –بالا ئىككىڭلار نېمىدىگەن بەختلىك ،ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەكلا ھە !
ــ سىز ؟ …سىز قانداق بولۇپ …،ــ خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ دېگەن تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئۇۋلىۋىتىپ يەنە بىر قارىغىنىمدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان سەبىرەنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتىم ،__ سىلەر …بۇ ...ئەسلىدە سىز ئەركىن بىلەن يۇرتىڭىزغا كەتكەن ئەمەسمىدىڭىز ؟
__ ئەركىن؟ …ھېھ ! …يەنە تەپ تارتماي ئەركىننى تىلغا ئېلىۋاتامسەن ؟! ئۇ ئۆلدى …ئۇنى سەن ئۆلتۈردۈڭ ! ئاخشام ئۇ سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەچكە ، بۈگۈن ئۇ ئۆلدى …ساڭا يېقىنلاشقانلا ئادەملەرنى  نەس باسىدىغانغا ئەمدى تېخىمۇ ئىشەندىم !
__ نېمە ؟...،ــ بېشىمدىن كىرگەن بىر پارچە مۇز تاپىنىمغىچە تاراپ ، ۋۇجۇدۇمنى سوغاق تەر باستى …،__ ساجىدە، بالىلارنىڭ ئالدىدا  قالايمىقان گەپ قىلمىسىڭىزچۇ ؟
__ دادامنى تۆلە! …شۇم ئاياق …دادامغا سېنىڭ كاساپىتىڭ تەگدى ،__ چېقىراپ يىغلىغىنچە ئېتىلىپ كەلگەن سەبىرە ماڭا ئېسىلدى ، __ سېنىڭ كاساپىتىڭدىن دادام يوق بولدى …موماممۇ ئۆلۈپ كەتتى …ئۇلارنى تۆلەپ بەر …دادامنى تۆلە!!
  بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ، سەبىرەنىڭ مورلاشلىرنىڭ ئاغىرىقىنى سەزمەي ، ئۇلارنىڭ بېشىدىكى ئاق ياغلىققا قاراپ ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىمدا ، ئوغلۇمنىڭ سۈرلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى :
__ يوقال! …ھەممىڭ يوقال! … ئاپامنى قويىۋىتىش …بولمىسا چانىۋىتىمەن!! …،__ ئوغلۇمنىڭ قولىدىكى قىڭىراقنىڭ  « يالت –يۇلىت » قىلغان نۇرىدىن ئېسىمگە كېلىپ ۋاقىردىم :
__ يادىكار …بالام …پىچاقنى تاشلا!...پىچاقنى تاشلا !__ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ ،ئۇنىڭ قوللىرىنىى قايرىپ پىچاقنى ئېلىپ  يىراققا ئاتتىم . چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ساجىدە ئانا-بالا ئىشىك تۈۋىدە توپلىشىپ تۇرغان خوشنىلارنىڭ ئارىسىدىن سىغدىلىپ ئۆتۈپ  كېتىپ قېلىشتى .
__ نېمە بولدى ئاينۇر قىزىم ؟__ دېدى ئاياللار بۆلۈمىدىن يېڭىلا ئارامغا چىققان ئۇدۇل  خوشنام  خاسىيەتخان ئاچا يۇمشاق ئاۋازدا ،__ ئەركىنجاننىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن قىزى ئۇرۇشقىلى كەلگەن ئوخشىمامدۇ ؟
__ شۇنداق ،__ دېدىم لاغىلداپ تىتىرگىنىمدىن ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمەي . ئوغلۇممۇ چىرايى سارغايغان ھالدا ماڭا چىڭ يېپىشىپ تۇراتتى .
_ــ ئۇلار ئەركىننى …نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ …
__ ئەركىنجان ۋەقەگە ئۇچىراپتۇ قىزىم ، بۈگۈن ئەتىگەن ئازىسىگە بېرىپ كەلدۇق .سەكىراتتا ياتقان  جەننەتخانئاچاممۇ ئوغىلىنىڭ خەۋىرنى ئاڭلاپلا جان ئۈزۈپتۇ . سىزگە بەك ئېغىر كېلىپ كەتمىسۇن دەپ دېمىگەن ئىدوق .
__ يالغان !…يالغان ئېيىتىۋاتىسىز !…ئەركىن ئاخشام ساپ –ساق كەتكەن تۇرسا ….__ خوشنامغا چەكچىيىپ ، ئەسەبىلىك بىلەن ۋاقىردىم ،__ ھەممىڭلار يالغان ئېيىتىۋاتىسىلەر .
ــ  بۈگۈن ئۇلارساجىدەنىڭ چوڭ ئۆيىگە بارماقچى بوپتىكەن . ئەركىنجان ئاخشام چىقىپ كەتكەنچە كېچىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. كېيىن قاتناش ساقچى ئەتىردىكىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىدىغان يول ئېغىزىدا ئۇنىڭ جەسىدىنى بايقاپتۇ . ماشىنسى يول گىرۋىككىدىكى توساققا ئۇرۇلۇپتۇ دەيدۇ .
  خاسىيەتخان ئاچا ۋە باشقا خوشنىلىرىمنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگىنى قۇلىقىمغا كىرمىدى . پەقەت ئۇلارنىڭ چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرى ئارسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ، قەيەرگىدۇ بېرىشقا تىركەشكىنىم ، كېيىن قولۇمغا يىڭىنىدەك بىر نەرسىنىڭ سانجىلغىنىدىن باشقا ھېچنىمنى سەزمىدىم .

   روھى كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسدا بىر ئاي يېتىپ ، ئاچامنىڭ ئۆيىدە ياخشى كۈتۈنۈپ ، ئاپامنىڭ مېھىرى بىلەن پەپىلىشى نەتىجىسدە ئاستا –ئاستا ئەسلىمگە كەلدىم . دوختۇرخانىدىن يېزىپ بەرگەن دەم ئېلىش ۋاقتىم توشقۇچە بولغان ئارلىقتا ئاچام بىلەن يېزنەم يول مېڭىپ يۈرۈپ ، خىزمەت ئىشىمنى  ھەل قىلدى ۋە يادىكارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش رەسمىيتىنى بىجىردى . قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە مېنى ئۆزىنىڭ بوران –چاپقۇنلىرىدا توختىماستىن ئۇچۇرۇپ ، ئاخىرى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋەتكەن يۇرتۇمدىن يۈرەك –باغىرىم لەختە –لەختە قان ھالدا ئايرىلدىم .
      
  ھاياتلىق يەنىلا ئۆز يولىدا داۋام قىلماقتا ئىدى . قوياش يەنىلا سېخىلىق بىلەن ئىللىق نۇرىنى چېچىپ ، ئۆزىگە تەشنا جانلىق ۋە جانسىزلارغا ئىللىق ھارارىتىنى بەخش ئېتەتتى . تاتلىق پىچىرلاشلارغا ، ئاچچىق كۆز ياشلارغا گۇۋاھچى بولغان ئاي يەنىلا بۇلۇتلارنىڭ توسۇۋىلىشىغا تېرىكمەستىن  ئۈن –تىنسىز ھالدا كۆكتە ئېسلىپ تۇراتتى .

__ ئاپا ،بۇ يەردە  قوياشنىڭ چىققىننى  پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدىكەنغۇ ؟__ دېدىم كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە  دېرىزىدىن سىرتقا قاراۋىتىپ .
__ كۆرگىلى بولىدۇ ،ــ دېدى بالكۇندىكى گۈللەرگە سۇ پۈركۈۋاتقان ئاپام ،ــ  بۇ يەردە تۇرۇپ كۆرەلمىگىنىڭ بىلەن ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ قارىساڭ كۆرەلەيسەن . قوياشنىڭ چىققان ھالىتىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭ ھەرگىز بىرلا تەرەپتىن قاراپلا ئۈمۈدۈڭنى ئۈزىۋەتمە . بىر دەرىزىدىن كۆرەلمىسەڭ ، يەنە بىر دەرىزىگە قارا ، ئۇ يەردىنمۇ كۆرەلمىسەڭ ، سىرتقا چىقىپ قارا …پەقەت قەددىڭنى رۇسلاپ ، بېشىڭنى تىك تۇتۇپ قارىساڭلا قوياشنىڭ پارلاپ چىقىننى ھامان بىر كۈنى كۆرەلەيسەن !
   
تۈگىدى
     

           



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-9 19:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-22 00:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش