«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى ھەققىدە
باي ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇپ تەستىقلاپ، مەخسۇس مەبلەغ، ئادەم كۈچى ئاجرىتىشى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ بىۋاستە ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق، نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغىلى 9 يىل بولغان «مۇزات دولقۇنلىرى»ئەدەبىي ژۇرنىلى 2010- يىلى ئىچكى قىسىمدا قايتا نەشىر قىلىندى. قايتا نەشىر قىلىنغان 2 يىلدىن بۇيان باي ناھىيەسىدىكى كەڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت سورۇنىغا ئايلاندى، شۇنداقلا، ئاپتورلارنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ،باي ناھىيەسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئىناقلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ژۇرنالنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ناھىيە ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
«مۇزات دولقۇنلىرى» قايتا نەشر قىلىنغاندىن بۇيان چىققان 9 سان ژۇرنالدا ناھىيەلىك 4 رەھبەرلىك كوللىكتىپىدىكى رەھبەرلەردىن تارتىپ دېھقانلارغىچە، ئالى مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىرىدىن تارتىپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بەلگۈلىك تەسىرگە ئىگە قەلەمكەشلەردىن تارتىپ، تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ھەۋەسكارلارغىچە 300 دىن ئارتۇقراق ئاپتورنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بۇ ژۇرنال سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىپ، قەلەمكەشلەرگە پۇرسەت، سورۇن، شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئىلھام، مەدەت بەردى. بۇ ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشى باي ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەتەققى قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
17 -نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 6- ئومۇمى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتى ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت چوڭ تەرەققىياتى، چوڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.
باشقۇرغۇچى ئورۇن:
باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى
«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
ئېلخەت:
muzatdolkunliri@163.com
763126417@qq.com