كۆرۈش: 1131|ئىنكاس: 6

روس ئالىمى توگۇشېۋاۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

روس ئالىمى توگۇشېۋانىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە دائىر تەتقىقاتلىرى
جاڭ تيېشەن
تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

    روسىيە ئالىمى تۇگۇشېۋا 1932-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ يېڭى قازانكا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلى 9-ئايدىن 1953-يىلى 6-ئايغىچە لېنىنگراد دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا تۈرك ئەدەبىياتى (فىلولوگىيەسى) ئۆگەنگەن. 1953-يىلى 9-ئايدىن 1957-يىلى 3-ئايغىچە سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنىدا ئاسپىرانتلىققا كىرگەن ھەمدە «تاتار تىلىدىكى چەكلەنمە سۆزلەرنىڭ تەرتىپى» ناملىق ماقالىسى بىلەن كاندىدات دوكتۇرلۇق (ماگېستىرلىق) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1957-يىلى 3-ئايدىن 1966-يىلى 3-ئايغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىنىڭ ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1966-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىدە (كېيىن روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى سانكىت پېتېربورگ شۆبىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولغان. 1977-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئالىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.  
    مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە نۇرغۇن تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بار، بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ۋەسىقىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار خېلى بۇرۇنلار روس ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغىغان ھەمدە بۇ جەھەتتە ياخشى بىر ئىلىم ئەنئەنىسى  شەكىللەنگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە روسىيەدە تۈرك تىلى ۋە ۋەسىقىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەشھۇر ئالىملاردىن رادلوف، مېلىئورانېسكى، سامويلوۋىچ، باسكاكوف، دىمتىرىي، كونونوف، مالوف، بىرنېشتىيام، كىلىياشتورنى قاتارلىقلار بار، بۇلاردىن تۇگۇشېۋا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىمدۇر.
    توگۇشىۋا دەسلەپ ناجلىيايوف باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» (1969-يىلى لېنىنگرادتا نەشر قىلىنغان) نى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇ تەتقىقاتتا مول ھوسۇللۇق دەۋرگە كىرىپ، سالمىقى بار نۇرغۇن ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى كەسپداشلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. تۆۋەندە ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.
    1. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» ھەققىدىكى تەتقىقاتى. بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى دۆلەت ئىچى ـــ سىرتىدا ساقلانماقتا، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:  (1) دۆلەت كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى. بۇ نۇسخا  1930-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە جەنۇبي شىنجاڭدىن تېپىلغان، تىكىپ تۈپلەنگەن، ئۇزۇنلۇقى 44 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 18 سانتىمېتىر، تۆت تەرىپىدە قىزىل سىزىق بار، بۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە خەت يېزىلغان، ھەر بىر يۈزىدە 27 قۇر خەت بار، جەمئىي 248 ۋاراق بولۇپ، 23 ۋارىقى خېلى مۇكەممەل ساقلانغان، قالغانلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن. بۇ نۇسخىنى گېرمانىيەلىك ئالىم ئاننا مارىيا فون گابائىن 1932-يىلى بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئېلىپ كېتىپ 1946-يىلى قايتۇرۇپ بەرگەن. 1951-يىلى بېيجىڭدا  فوتۇ نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. (2) جوسىف خاكىن (Joseph Hackin) 1932-يىلى شىچۇن ئارخېئولوگىيە ئەترىتى سۈرىيەدىن بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ قولغا چۈشۈرگەن، ئاران 8 ۋاراق ساقلىنىپ قالغان. (3) فىرانسىيەنىڭ گۇيمىت مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى   جەمئىي 123 ۋاراق. (4) روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى سانكېت پېتېربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى 5-،6-،8-،10-جىلىدلارغا تەۋە. ئەمما بۇلارنى كىم،  قاچان، قەيەردە قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇسخىلار ئوخشاش بىر تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھەر يەردە پارچە-پۇرات ھالەتتە  ساقلىنىپ قىلىشىدۇر ، خالاس.   
قەدىمكى ئۇيغۇرچە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن مۇھىم تىل ماتېرىياللىرى ساقلانغان. بۇ ۋەسىقە ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە غەربى يۇرتنىڭ تارىخ -جۇغراپىيەسىنى تەتقىق قىلىشىدىكى قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالىدۇر. توگۇشېۋا روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكېت پېتېربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ھەققىدە يۈرۈشلۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كۆپلىگەن ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى.
      1974-يىلى تۇگۇشېۋا «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى› نىڭ 10-جىلىدى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ( بۇ ماقالە «شەرق يازما ۋەسىقىلىرى : تارىخ ــ فىلولوگىيە تەتقىقاتى يىلنامىسى» نىڭ 1971-يىللىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، موسكۋا، ئىلىم-پەن نەشرىياتى، 253- 296-بەتلەر)، بۇ ئەسەردە ئۇ روسىيەدە ساقلىنۋاتقان SIUig 6 –نومۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقە ــــ «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ 10-جىلدىنىڭ يەتتە ۋارىقى (14 بەت) قىسىمىنىڭ ترانسكىرپىسىيەسى، روسچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، سۆزلۈك ۋە گرامماتىكا ئىندېكىسى، ئىزاھاتى ھەمدە ئەسەرنىڭ مىشكوف تەرىپىدىن تاماملانغان، خەنزۇچە ئەسلى نۇسخىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان نوقتىلار توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما جەدۋىلى قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويغان. 1980-يىلى توگۇشېۋا «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى› ھەققىدە تەتقىقات»  ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدرۇغان، كىتاب 260 بەت بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرىش سۆز، ترانسىكىرپىسىيە، روسچە تەرجىمىسى، ئىزاھات، خرونولوگىيەلىك ئىزاھات، سۆزلۈك جەدۋىلى ( بۇنىڭغا سۆزلۈك جەدۋىلى، ئەسلى ئەسەردە كۆرۈلىدىغان يەر ناملىرى كىرگۈزۈلگەن)، قوشۇمچە ( بۇنى خەنزۇشۇناس مىشكوف ئىشلىگەن)، ئەسلى ئەسەرنىڭ فوتۇ نۇسخىسى ۋە قىسقارتىلغان سۆزلەر جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1991-يىلى يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى›نى نەشىر قىلدۇردى(1991-يىلى موسكۋادا ئىلىم-پەن نەشرىياتى نەشر قىلغان). بۇ كىتاب 591 بەت بولۇپ، كىرىش سۆز، ترانسىكىرپىسىيە، روسچە تەرجىمىسى، ئىزاھات، سۆزلۈك جەدۋىلى، يەر ناملىرى، قىسقارتىلغان سۆزلەر ۋە ئەسەرنىڭ  فوتۇ نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. ئاپتور بۇ ئەسەردە روسىيەدە ساقلىنۋاتقان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ 5-،6-،8-،10-جىلىدلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلغان.
توگۇشېۋا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك روسىيەدە ساقلىنىۋاتقان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ھەققىدە كۆرۈنەرلىك تەتقىقاتلارنى  ئىشلەپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مۇھىم ساۋاتلارغا ئىگە قىلدى شۇنداقلا ئۇنىڭ  ئەسەرلىرى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا زۆرۈر ئوقۇشلۇققا ئايلاندى.
      2. «تۈرك تىلىدىكى ‹ئاق نېلوپەر نوم بېتىگى » (موسكۋا پەنلەر ئاكادېمىيەسى «شەرق ۋەسىقىلىرى» نەشرىيات شىركىتى 2008-يىلى نەشر قىلغان) پۈتۈن كىتاب 207 بەت بولۇپ، كىرىش سۆز، ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ترانسىكىرپىسىيەسى، رۇسچە تەرجىمىسى، ئىزاھات، مۇندەرىجە ( سۆزلۈك جەدۋىلى، قىسقارتىلما سۆزلەر) ۋە ئەسلى ئەسەرنىڭ فوتۇ نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «‹ئاق نېلوپەر نوم بېتىگى›» ناملىق بۇ ئەسەرنى 4-ئەسىردە ياشىغان لۇشەنلىك خۇييۈەن يازغان، ئۇنىڭدا ئامىتوباغا (بۇدقا) تېۋىنىش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇ مەزھەپ ئىبادەتخانا ئىچىدىكى كۆلچەككە نىلوپەر تېرىغاچقا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.  جۇڭگو بۇددىزىم تارىخىدا بۇ مەزھەپ ئامىتوبۇنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ ئۆلگەندىن كېيىن «غەربتىكى پاك (باقى) دۇنيا» غا قايتىدىغانلىقىنى تەسەببۇس قىلغاچقا، بۇ يەنە ئامىدىزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئۈچ مۇھىم ئەسىرى بار :  (1) «ئامىتابھا نومى»(Amitabha sutra)، 1 جىلد. (2) «سۇكھاۋاتىۋ يۇھا سۇترا» (Sukhavativyuha Sutra)؛، ئىككى جىلىد (3) «ئامىتايۇر دىيانا سۇتراسى» (Amitayur- dhyana sutra)، بىر جىلىد.
«‹ئاق نېلوپەر نوم بېتىگى قەدىمكى ئۇيغۇرچە « Yürüng lianhua  cäcäk tärgini nom ärdini» دېيىلگەن، خەنزۇچە مۇشۇ ناملىق ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغان. تەخمىنەن 11-10 ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن . بۇ ۋەسىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇددا دىنى پاك دۇنيا مەزھىپىنىڭ تارقىلىش تارىخى ۋە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىلىشىمىزچە، بۇ ۋەسىقىنىڭ پارچىلىرى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇرپاندىن تېپىلغان. كېيىن فرانسىيە، تۈركىيە ۋە روسىيەلەرگە سېتىۋېتىلگەن. چەت ئەللەردە ساقلىنۋاتقان پارچىلىرى ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىندى. بېيجىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىمۇ بىر نەچچە ۋارىقى ساقلانماقتا، لېكىن بۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس[1].
3. «مانى دىنى مۇرتلىرىنىڭ تۆۋەنامىسى» ( كوسرويىۋ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان، 2008-يىلى پېتېربورگدا نەشر قىلىنغان،82 بەت) . پۈتۈن كىتاب كىرىش سۆز، ترانسىكىرپىسىيە، تەرجىمە، ئىزاھات، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى، ئەسەرنىڭ فوتۇ نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ۋاقىتلاردا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 840-يىلىدىن كېيىن مانى، بۇددا ۋە نىستۇرىيان دىنلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، مانى  دىنىغا دائىر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ۋەسىقىلەر ساقلانغان. «مانى دىنى مۇرتلىرىنىڭ تۆۋەنامىسى» شۇنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى قەدىمىي ھەم ئاددىي ، 15 خىل تۆۋە-دۇئانامە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى مانى دىنى مۇرتلىرىنىڭ دىنىي تۇرمۇشىنى بىلىشتە مۇھىم بىرىنچى قول ماتېرىيالدۇر. بۇ ئەسەر تەخمىنەن 11-10-ئەسىرلەردە شىنجاڭدا كۆچۈرۈلگەن. ھازىر SIDI/si3159 نومۇر بىلەن روسىيە شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكت پېتېربورگ شۆبىسىدە ساقلانماقتا.
4. «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ  دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تۈرك ئەدەبىي تىلى : ئەدەبىيات ـــ ئىسىتىلىستىكا قۇرۇلمىلىرى» (2001-يىلى سانكت پېتېربورگدا نەشر قىلىنغان، 176 بەت) بۇ كىتابتا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى تىل ئسىتىلىستىكىشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان 9-14-ئەسىرلەردىكى ۋەسىقىلەردە خاتىرلەنگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرى، يەنى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇڭغولىيە ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تىلى بايان قىلىنغان.كىتاب كىرىش سۆز، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق  قۇرۇلمىسىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى (تەكرارلىق ۋە تەڭداشلىق، ئىپادىلەش شەكلى، كۈچەيتمە، مىتافورا شەكلى، ۋەزىن ئېلمىنتلىرى، « ol » سۆزىنىڭ رولى، ägin,yarlïqa,      ötün پېئىللىرىنىڭ رولى، مۇقىم ئىپادىلەش شەكلى، ئىدىئوم، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى› نىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار)، شېئىرىي تىلنىڭ قۇرۇلمىسى، دىندىن خالىي ۋەسىقىلەر (ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر ۋەسىقىلەر) نىڭ قۇرۇلمىسى، خۇلاسە، ئەسلى تېكست، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە قىسقارتىلما سۆزلەر دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلاردىن تۈزۈلگەن.
5. « سانكت پېتىربورگدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ‹ Dasakarma pathapasavadana›  نومى ھەققىدە تەتقىقات» (شىراتورى كوراكىچى ۋە فۇجىتا يۇشىمۇكېلار ھەمكارلاشقان ، ناكانىشىبېتسۇ مەتبەئەچىلىك جەمئيىتى 1998-يىلى نەشىر قىلغان، 377 بەت كىتاب) بۇ كىتابتا تەتقىق قىلىنغان ۋەسىقىلەر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكېت پېتىربورگ شۆبىسىدە ساقلانغان، ئاپتور ياپونىيەلىك كەسپداش بىلەن بىللە 1997-يىلى نىشىدا مىگىئونىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلىپ بىرىلغان «ياپونىيە-رۇسىيە ئورتاق ھەمكارلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئەدەبىي ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى» قاتارىدا تاماملانغان. بۇ كىتاب مۇقەددىمە ( ۋەسىقىنىڭ ژانىرى، ۋەسىقىلەرنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى)، تىرانسېكىرپىسىيە، تەرجىمە، ئىزاھات، سۆزلۈك جەدۋىلى، پايدىلانغان ماتېرىياللار ۋە ئەسلى ئەسەرنىڭ فوتۇ نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.
6. «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» ( «شەرق ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 2-جىلد 3-سان)، 8-5- بەتلەر). بۇ ماقالىدە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پېتىربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۆت ۋەسىقە پارچىسى تەتقىق قىلىنغان. 1- ۋەسىقىگە SIKRI6 دەپ نومۇر قويۇلغان، ھەر ئىككىلا تەرىپىگە خەت يېزىلغان، قالدۇق پارچىسى22 × 26 سانتىمىتېر كېلىدۇ. بىر يۈزىدە 10 قۇرلا خەت ساقلانغان،ئالدىنقى تۆت قۇردا تۆت ئادەمنىڭ ئىسمى خاتىرىلەنگەن، ئۈچىنىڭ ئىسمىدا Šila (راھىب) دېگەن خەت بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇلار مەلۇم بىر دىنىي گورۇھنىڭ ئادەملىرى بولۇشى مومكىن. مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، بۇ شېئىرىي ئەسەر بولۇشى مومكىن. يەنە بىر يۈزى بۇددىزىمغا ئائىت بولۇپ، ئوخشاشلا 10 قۇر خەت بار، سانسىكىرت يېزىقى بىلەن يېزىلغان تارانى نوملىرى ئىكەن.
2- ۋەسىقىگە si kri 145 دەپ نومۇر قويۇلغان، ئاران ئىككى قۇر خەت ساقلىنىپ قالغان، 21.5×19.5 سانتىمىتېر چوڭلۇقتا. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ پارچىسى (بۆلىكى) بولۇشى مومكىن. ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نوقتا قاراقۇرۇم (Qara Qorum) نامى تىلغا ئېلىنغان. قاراقۇرۇم تېغى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. تەكلىماكان قۇملۇقى قاراقۇرۇم تېغى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار مەركەز قىلىنىپ ئولتۇراقلاشقان تۇرپان بىلەن بەشبالىقنى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش ناملارنى قوللانغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. قاراقۇرۇم تېغىنىڭ نامىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە كۆرۈلۈشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.
3- ۋەسىقىگە sikriv606 دەپ نومۇر قويۇلغان،  بەش قۇر خەت ساقلانغان، 15.5×14.5 سانتىمىتېر چوڭلۇقتا، ئۇنىڭدا ئائىلە ئىقتىسادى چىقىمىغا ئائىت مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
4- پارچە ۋەسىقىگە si kriI420 دەپ نومۇر قويۇلغان بولۇپ، 13.5 ×26 سانتىمىتېر چوڭلۇقتا. 12 قۇر خەت ساقلانغان. ۋەسىقىدىكى ئادەم ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە Šila  سۆزى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ۋەسىقىدە مەلۇم دىنىي گورۇھنىڭ ئىقتىسادى چىقىمىغا ئائىت مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرالايمىز.
7. «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىندىن خالىي ۋەسىقىلەرنى يېشىپ ئوقۇشقا تولۇقلىما» ( «شەرق ئەدەبىي ۋەسىقىلىرى . تارىخ فىلولوگىيەشۇناسلىقى تەتقىقاتى يىلنامىسى 1977-1976» 1984-يىلى موسكىۋادا ئىلىم پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، 240- 246-بەتلەر). 1928-يىلى رادلوف قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر (دىندىن خالىي) كۆپلىگەن ۋەسىقىلەرنى توپلىغان ۋە ئېلان قىلغان[2]. كېيىنچە مۇشۇ تۈردىكى نۇرغۇن يېڭى ماتېرىياللار تېپىلغاچقا، ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ۋەسىقىلەرنى قايتىدىن تەتقىق قىلىش ئىلىم ساھەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش بولۇپ قالغان. ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پېتىربورگ شۆبىسىدە ساقلنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ تۆت پارچە ۋەسىقىگە 31a Kr3، 3kri 32b، 3Kr 33a ( بۇ ئۈچ پارچە ۋەسىقە كروۋدىروف توپلانمىلىرى ئىچىدە ساقلانماقتا) ۋە B36 ( بۇ ۋەسىقە گېرونۋېدىل توپلانمىلىرى ئىچىدە ساقلانماقتا) دەپ نومۇر قويۇلغان، بۇ ماقالىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۆت پارچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر ۋەسىقىنىڭ ترانسىكىرپىسىيەسى، روسچە تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتى بېرىلگەن. بۇ تۆت پارچە ۋەسىقە رادلوف ئېلان قىلغان «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن (رادلوف ئۇلارغا Usp112، Usp120، Usp111 ۋە Usp36 دەپ نومۇر قويغان).
8. «سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» ( «شەرق ئەدەبىي ۋەسىقىلىرى. تارىخ فىلولوگىيەشۇناسلىقى تەتقىقاتى يىلنامىسى»، 1972-يىلى موسكىۋادا ئىلىم-پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، 315-339-بەتلەر.  بۇ ماقالىدە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكېت پېتېربورگ شۆبىسىدىكى  SIKr2/5نومۇرلۇق 11 ۋەسىقە (22بەت) پارچىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى «ساددراما پۇندارىكا سۇترا» ۋە «ۋاجراسسىدىكا پراجىنا پارامىتا سۇترا» غا ئائىت .
توگۇشېۋا يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ئەسەرلەردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. سەھىپە ئىھتىياجى سەۋەبىدىن تۆۋەندە مۇھىم دەپ قارىغان ئىلمىي ماقالىلەر ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى.  
«قىپچاقلار ــــ ئۇلار كىملەر؟»، بۇ ماقالە «توكيو ئۇنۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 23-سانىدا ئېلان قىلىنغان، 114-بەت.  
«ئورقۇن رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈتاشلار ھەققىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئىزاھات»، بۇ ماقالە 1998-يىلى ئىستانبولدا نەشر قىلىنغان «كلاۋسۇن رۆھىربورننىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن، 1998-يىلى، 411-417-بەتلەر.
«كۆك تۈركلەر بىلەن توخرىلارنىڭ مۇناسىۋىتى»، بۇ ماقالە ئەنقەرەدە چىقىدىغان «تۈركلەر» ناملىق ژورنالنىڭ 2002-يىللىق 8-سانىغا بېسىلغان،152-156-بەتلەر.  
« ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى› ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسىخسى»، بۇ ماقالە توكيودا چىقىدىغان «ياۋرو-ئاسىيا تىلشۇناسلىقى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان، 79-104-بەتلەر.  
«قەدىمكى تۈركلەر قانداق ئىلاھقا چوقۇنغان؟»، بۇ ماقالە موسكىۋادا چىقىدىغان «ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان، 144-155-بەتلەر.
«بابور»، بۇ ماقالە موسكىۋادا چىقىدىغان «ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان، 117-145-بەتلەر.  
« روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكېت پېتېربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر نەچچە پارچە ۋەسىقە ھەققىدە»، بۇ ماقالە «سانكېت پېتېربورگ شەرقشۇناسلىقى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان، 215-238-بەتلەر.
«قەدىمكى ئۇيغۇرچە بىر پارچە شېئىرنىڭ پارچىسى توغرىسىدا»، بۇ ماقالە 2004-يىلى بېرلىندا چىققان «تۇرپانغا قايتا سەپەر» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، 155-157-بەتلەر.
«شىنجاڭدىن تېپىلغان ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە دائىر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، بۇ ماقالە سانكېت پېتېربورگدا چىقىدىغان «شەرق ۋەسىقىلىرى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان، 815-بەت.
«ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە دائىر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر پارچە ۋەسىقە»، بۇ ماقالە 1996-يىلى بېرلىندا نەشر قىلىنغان «تۇرپان، خوتەن ۋە دۇنخۇاڭ» ( قوشۇمچە نامى : « ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىم ۋە تۇرپانشۇناسلىق») ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، 353-359-بەتلەر.
«گرونۋېدىل توپلانمىلىرى ئىچىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەت-چەكلىرى»، بۇ ماقالە 1983-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق  كىتابقا بېسىلغان،209-220-بەتلەر.  
«سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىككى پارچە ۋەسىقە»، بۇ ماقالە «سوۋېت تۈركلوگىيەسى» ژورنىلىنىڭ 1975-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان، 92-101-بەتلەر.  
«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، بۇ ماقالە 1997-يىلى موسكىۋادا  نەشىر قىلىنغان «دۇنيادىكى تىللار» ناملىق كىتابقا بېسىلغان، 54-63-بەتلەر.
« مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۈركىي تىل ۋەسىقىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»، بۇ ماقالە «سوۋېت تۈركلوگىيەسى» ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان، 86-94-بەتلەر.
«ئۇيغۇر تېكىنلىرىنىڭ (شاھزادىلىرىنىڭ) ئۈچ پارچە خېتى»، بۇ ماقالە «ۋېنگىرىيە شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1971-يىللىق 24-جىلد 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان، 173-187-بەتلەر.
«ئورقۇن تۈرك تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى»، بۇ ماقالە 1978-يىلى نەشر قىلىنغان «تۈركلوگىيەگە دائىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى. 1974 » غا كىرگۈزۈلگەن، 114-124-بەتلەر.
«ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر تىللىرىدىكى ol  سۆزى توغرىسىدا»، بۇ ماقالە لېنىنگرادتا چىقىدىغان «تۈركلوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق سانىغا بېسىلغان، 277-288-بەتلەر.
«ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە كۆرىلىدىغان tägin,yarlïqa, ötün پېئىللىرى توغرىسىدا»، بۇ ماقالە 1988-يىلى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابقا بېسىلغان، 36-46-بەتلەر.
ئىزاھاتلار
[1] گېڭ شىمىن : «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى، 312-بەت.
[2] رادلوف (روسىيە) : «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، لېنىنگىراد، 1928-يىلى.   
قوشۇمچە :
بۇ ماقالەنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى «غەربى يۇرت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورى : جاڭ تېيشەن (مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى ئورنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يىتەكچىسى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى)
مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 01:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-6 16:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ياخشى ماقالىكەن.

ۋاقتى: 2015-3-2 21:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن، ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشىگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-4-28 20:07:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بەكلا يۇقۇرى ئىكەن .ئەجىرىڭىزگە بەركەت بەرسۇن!!!!!!

ۋاقتى: 2016-4-5 18:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
رەھمەت!
يېڭى بىلىمكەن!!


ۋاقتى: 2016-4-7 00:00:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت يىڭى بىلىمكەن،توگۇشىۋا دىكەن بۇئادەمنىڭ مىللىتى ياپونمۇ قانداق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-8 00:04:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ تاتار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش