يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 11

مەمەت ئۆمەر(ت): ئىككى ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Story     Three Good Friends

  
  One day, a monkey rides his bike near the river. This time he sees a lion under a tree. The lion runs at him. He is afraid and falls into the river. He can’t swim. He shouts. The rabbit hears him. He jumps into the river. The rabbit swims to the monkey, but he can’t help him. Luckily, an elephant comes along. He is very strong. He helps the rabbit and monkey. Three friends are very happy. They go to the elephant’s home.
Then, three of them become good friends
.



ھېكايە-ئۈچ دوسىت




بىر كۈنى، بىر مايمۇن دەريا بويىدا ۋېلىسىپىت ھەيدەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ دەرەخنىڭ ئاستىدە بىر شىرنىڭ
بارلىقىنى بايقاپتۇ. شىر ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەپتۇ، مايمۇن قورقىنىدىن ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپتۇ.  ئۇ سۇ ئۈزۈشنى
بىلمىگەنلىكتىن قاتتىق ۋاقىراپ تاشلاپتۇ. توشقان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ سۇغا سەكرەپتىيۇ- بىراق مايمۇننى قۇتقۇزۇشقا ئامال قىلالماپتۇ. بەخىتكە يارىشا، بىر پىل بۇ يەرگە كېلىپ قېلىپ ناھايىتى قەيسەرلىك بىلەن مايمۇن بىلەن توشقاننى قۇتقۇزۇۋاپتۇ.
مايمۇن بىلەن توشقان پىلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياخشى بىر ۋاخلىق تاماققا داخىل بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۈچى ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قاپتۇ.
.
Story    A Good Boy


Little Robert asked his mother for two cents. "What did you do with the money I gave you yesterday?"   "I gave it to a poor old woman," he answered.   "You're a good boy," said the mother proudly. "Here are two cents more. But why are you so interested in the old woman?"  "She is the one who sells the candy."


ھېكايە- ياخشى بالا




كىچىك روبېرىت ئانىسىدىن ئىككى موچەن سورىدى.
-تۈنۈگۈن بەركەن پۇلنى نېمىگە ئىشلەتتىڭ؟- سورىدى ئانىسى.
-مەن ئۇ پۇلنى بىر مومايغا بەردىم- دېدى كىچىك روبېرىت
-ياخشى بالام-دە،سەن! ئالا، ساڭا يەنە ئىككى موچەن بېرەي- دېدى ئانىسى پەخىرلەنگەن ھالدا-، بىراق سەن ئۇ مومايغا نېمە سەۋەبتىن بۇنداق يېقىنچىلىق قىلىسەن؟
-چۈنكى ئۇ موماي كەمپۇت ساتىدۇ-دېدى كىچىك روبېرىت




مەنبە: ئىنگىلىزچە <بالىلار ھېكايلىرى> ناملىق كىتابتىن مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر ئوقۇلمىسى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 00:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-2 00:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېلېۋىزىيەدە مۇخبىرلىقتا ۋاقتىمدا Story نى سىنئالغۇ، تېلېكامېرا ئاتالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتەتتۇق. ئەسلى ھېكايە ئاتالغۇسىما؟

ۋاقتى: 2014-5-2 04:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنجى ھىكايە يۇمۇردەكلا قىلدىغۇ.

ۋاقتى: 2014-5-2 19:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىيە ئىلگىركىدىنمۇ بىرنېمە بوپ كېتىپتۇجۇما ئاداش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىكىم شەمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 19:08  


ۋاقتى: 2014-5-2 20:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مەمەت ئۆمەر، ھەقاچان مېنىڭ پىكىر قىلىشىنى خالىمايسىز. شۇنداق بولسىمۇ سىزگە ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن بىرقانچە ئېغىز سۆز قىلاي؛

بىرچاغلاردا ئىنگلىزچە شېئىرلارنى يېزىپ يۈرگەن ئىدىڭىز، مانا ئەمدى قېسقا ھېكايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپسىز. بو بىر ياخشى يۈزلىنىش. ئەمما يۇقارقى ئىككى ھېكايىنى ئوقىۋىتىپ سىزدىكى قاتتىق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئوقۇرمەنلەردىكى تۇترۇقسىزلىق، ۋە قاراقۇيۇق ماختاشقا كۆنۈپ كەتكەن بەغەرەزلىككە ئىچىم پۇشىۋاتىدۇ. قاراڭ، تەرجىمىڭىزدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى سىزدە ئىنگىلىزتىلىنىڭ گىرامماتىكىسى جۈملىدىن زامان شەكلىگە بولغان تونۇش بەك ئاجىز ئىكەن. ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۇيغۇرتىلىدىكى بىلىمىڭىزنىڭ ناچارلىغى، يازغان خەتلىرىڭىزنىڭ قاملاشمىغانلىقىغا قارىغاندا بۇ ئەيىپلىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. مېنىڭچە سىز يەنىلا ئىلگىركى ئۇسلۇبتا قان تېمىپ تۇرىدىغان بىرنېمىلەرنى يېزىۋەرسىڭىز بوپتىكەن. ھېچ بولمىسا چەتئەل تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان چوڭلىرىڭىز سىزنى ماختاپ، ئۇچۇرپ بەرسە كەيپىياتىڭىز بولسىمۇ ياخشى تۇراتتى. ھە قاچان تەرجىمىدىن تەپسىلى مىسال ئىلىپ سىزنى خېجىل قىلىپ ئولتۇرۇشۇمنى خالىمايسىز-غۇ دەيمەن!...


ۋاقتى: 2014-5-3 00:56:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللاي دېسە تېخى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 01:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، ئابدۇمىجىت ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭ ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ ئوقۇشلىرىڭ ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟ مەن چىن كۆڭلۈمدىن ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن يېزىدىكى خىزمىتىمدىن بىزار بولدۇم، يىراقلارغا قېچىپ كەتكۈم، بىر مەزگىل باشقا يەرلەردە ياشاپ باققۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولىۋاتىمەن... بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانغا قاتنىشىمەن. خىزمەتنىڭ جىددىيچىلىكى، تۇرمۇشتىكى تۈگىمەس ئىشلار، ۋە روھىمدىكى قالايمىقانچلىق سەۋەبلىك بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۇنتۇپىمەن.. ھازىر قايتىدىن ئۆگىنىۋاتىمەن... شۇڭا سەندىن تەلەپ قىلىدىغىنىم: تىرىشچانلىقىم يىتەرلىك ئەمەس، بىلىدىغانلىرىم ئاز.  ماڭا كۆپلەپ تەلىم بېرىپ يول كۆرسىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.
               
                                                                                                        ھۆرمەت بىلەن: ئىنىڭ خەتەردىن




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 01:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر چوڭ بولدۇم. باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، مۇھەببەتتە يەنە مەغلۇب بولماسلىقىنى، باشقىلار تاشلاپ كەتكەندە ئازاپلانماسلىقىنى، چوڭنىڭمۇ، كىچىكنىڭمۇ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم. باشقىلاردىن ياردەم سورىسام ئۇلار ماڭا ياردەم قىلمىسا رەنجىمەيدىغان بولدۇم. بارىغا قانائەت قىلىدىغان، ئۆتىۋاتقان كۈنلەردىن ئۆكۈنمەيدىغان بولدۇم. سەندىن رەنجىمەيمەن ئاكا، سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرگۈممۇ يوق. پەقەت جىقراق نەرسىلەرنى بىلسەم دەپ ئويلايمەن. ئامان بول!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 01:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەددۇق ئاكا، سېنىڭ ھەقىقىي  ئەركىشدەك ئىسيانكار ئىنكاسلىرىڭنى كۆپ سېغىندىم. سېنىمۇ ياخشى كۆرىمەن ئاكا. سەنمۇ ئۆلۈپ قالماي ئامان يۈر.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Story تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 01:13  


ۋاقتى: 2014-5-3 19:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى ھەم «دەۋرنىڭ ۋىجدانى »كەن.ئۇ ئاخىرى مەمەت ئۆمەردەك ئەسەبىي قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان،ئەمما،قاياققا مېڭىشنى تازا ئېنىق بىلەلمىگەن بىر تىرىشچان تالانت ئىگىسىنى توغرا يولغا باشلىۋالدى.مەن مەمەت ئۆمەرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە ئابدۇمىجىتنىڭ ئۇنىڭغا زېرىكمەي يازغان ئىنكاسلىرىنى تولۇق ،ئىزچىل ئوقۇپ كەلگەن ئىدىم.
مەمەت ئۆمەرمۇ ئاخىرى پىشىپ يېتىلىپتۇ .مەن بۇ تېمىنىڭ بېشىنى كۆرۈپ:«ھەي ئېسىت،مەمەت ئۆمەر ئىنىم  بۇ ئەھمىيەتسىز مەزمۇندىكى تەرجىمىنى قىلىپ يۈرگىچە،ئاشۇ لۈكچەكسىمان ،ئەسەبىي شېئىرلىرىنى يېزىۋەرسىمۇ بوپتىكەن...»دەپ ئويلىغان بولسام،ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت بىلەن مەمەت ئۆمەرنىڭ سۆھبىتىنى كۆرۈپ،كۆڭلۈم پاللىدە ئېچىلىپ قالدى.ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم.
ئابدۇمىجىت ،ئەمدى تەربىيلىگەندىكىن ،ياردەم قىلغاندىكىن ئاخرىغىچە قىلىپ،مەمەت ئۆمەرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىڭ...

ۋاقتى: 2014-5-3 21:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Story يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 01:13
تەسەددۇق ئاكا، سېنىڭ ھەقىقىي  ئەركىشدەك ئىسيانكار ئىن ...


   سالام ئېنىم مەمەت ئۆمەر، بۇ قېتىم قارشىمدىن چىقىپ ماڭا مەن كۈتمىگەن جاۋابنى بىرىپسەن. بىر تەرەپتىن خۇرسەن بولسام يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق مەغلۇب بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم...

ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىمىزگە ئايانكى بىزدە يامان نىيەت بولغان ئەمەس، سەن شېئىرغا، ئىجادىيەتكە قانچە كۆيۈپ، ئەسەبىي بولغان بولساڭ، بىزلەر ھەم قىرىنداشلىرىمىز تەقدىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە ئىزتىراپلىق ئويلارغا پىتىپ شۈنچە ئەسەبىي بولغانمىز. تۈگىمەس جاھالەت، نادانلىق، ساختا كۈلكىلەرنىڭ ئاخىرلىشىپ، ھەقىقى مەنىدىكى يېڭىلىق، ئىسلىھات، ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىشىنى چىن كۆڭۈلدىن تىلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ساڭا ئوخشاش تەبئىي ئىقتىدارى بار، ھېچ بولمىسا ئىلىمگە، ئەدەبىياتقا قىزىقىشى بار ئەركەكلەرنى كۆرسەك، زوقلىنىپ كېتىدىكەنمىز. ئاددىغىنە يازمىلىرىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلار ئىچىدىن ساڭا ھەقىقى كۆيۈنۈش نەزىرىدە يېزىلغان يازمىلاردىن خۇرسەن بولۇش بىرگە سېنى ھەدەپ دەيدەيگە سىلىپ، ئۆز سەنەملىرىگە دەسستىپ، «مايمۇن ئوينىتىش»نى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئوغىمىزنى قاينىتىدىكەن. ئەدەبىياتىمىزدا، دىيارىمىزدا شۇنداق زامانلار بولغان ئىكەنكى، ھەقنى بىلگەنلەر شۈنچىلىك ياۋاش، يۈرەكسىز.      بىلىمسىز،  نامەرت، جاھان كويىغا كىرىۋالغانلار بولسا شادىمان، ئىشلىرى ئوڭ، ھەم يوغانچى...شۇ سەۋەبىتىن تەجەللى ھەزىرەتتىن، ئا.مۇھەممەتئىمىنلەرگىچە ئۆز ئەسەرلىرىدە جاھان ئەخلەتلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ، رەنجىپ، ئازاپ بىلەن قەلەمنى قاماللىغىنىچە دۇنيادىن كېتىشىپتۇ.


   ئەمما بۈگۈنكى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. قارىساق ھەربىر شەيئى ئەسلى قانۇنىيتى بويچە ئۆزىدە كەم نەرسىلەرنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلاپ بىرىپتۇ. شەرق غەربنىڭ تۈگىمەس تالاش تارتىشلىرى، ئەسلى بىر دۇنيانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى ئوخشاشلا زەرەتلەپ ئۆزلۈك ئويلىنىشلىرىنى قوزغىماقتا. نەتىجىدە بىر مەزگىل شەرق ۋە ئاسىيا ئەللىرى قاتارىدا قېسىلغان، نامراتلىق، نادانلىق پاتقىقىدا ئىڭرىغانلارنىڭ دىلى ئازتۇلا ئىلىم، قولى ئازتولا پۇل، كۆزى ئازتولا دۇنيا كۆرۈپ ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىلىم-مەرىپەت، باراۋەرلىك، چىن ئىتىقاد ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ ھال قانداقتۇر يىراقلاردا ئەمەس جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ  ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە، چوڭ چوڭ شەھەر، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئاللىقاچان روياپقا چىقىپ، دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپدىن توختىماي تەكىتلىنىۋاتىدۇ. گەرچە ساختا تونغا، ئورۇن مەنسەپكە ئىرىشىۋالغان بىر توپ جان باقتىلار ھە دەپ جاھاننىڭ ياخشىلىنىشغا توسقۇن بولىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ «بوز خالتىلىرى بىگىزنى ئارتۇق يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىغى» بىر ھەقىقەت...


   شۇڭا، سەن، مەن ۋە بىزگە ئوخشىمغان نەچچە يۈزلىگەن، مىڭلىغان يېڭى دەۋىر زىيالىيلرى دەۋىر بەرگەن ئەقىل بىلەن دېيىشكە تىگىشلىك گەپلەرنى دادىل دەيدىغان، تىلى باشقا، دىلى باشقا مەۋجۇتلۇق ھالىتىدىن تىلى بىلەن دىلى بىرلەشكەن، كۆز، قۇلاق، ئېغىزلىرى بىلەن مىڭېسى تۇتىشىغان ئەدىبلەردىن بولۇپ، ھەقىقى رەۋىشتە ئىلىمنى، يۇرت-ۋەتەننى قوغدايدىغان زامان كەلگەندەك قىلىدۇ.


   توغرا، سەن ھەقىقەتەن چوڭ بوپسەن. ئىنكاسلىرىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى رىئاللىق ساڭا نورغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇرۇپتۇ، بولسا بىر توي قىلغان بولساڭ ئىدىڭ، ئائىلىنىڭ سىناق بۇرچلىرى ئالدىدا تېخىمۇ پىشقان ئادەم بولغان بولاتتىڭ. (ئەمما بۇنىڭغا ئالدىرىما، بۇ ئىشلار ھامان بولىدۇ).
  مەن ئۆتمۈشنى، سېنىڭ ئىجادىيەتلرىڭنى سەن ئۈچۈن بىر سىناق، چىنىقىش، پىشىپ يىتىلىش باسقۇچلىرى دەپ بىلىمەن. شۇنداقلا بىزنىڭ قەدىرلىك يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ سىناق، چىنىقىش، پىشىپ يىتىىش باسقۇچلىرى ئىدى- دەپ بىلىپ كەلدىم.


    ساڭا ئوخشاشلا بىزنىڭمۇ بالىلىق باسقۇچلىرىمىز بولغان، مۇنبەر يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلار ئىدى. دوستۇم رەشىدنىڭ تەۋسيەسى بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىردىم. كىرە- كىرمەيلا مەنمۇ ئاشىق، ئۇيغۇرزادە ئېسىملىك زاتلار بىلەن قاتتىق زاكۇنلاشتىم. «سالغا تېشى»نى ئىنگىلىزچىگە ئۆرۈپ سالغىنىم ئۈچۈن، «تېراگىدىيە» تېمسىدا ئازراق سۆزلەپ سالغىنىم ئۈچۈن ھەتتا ئىنگىلىزچە تور مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرداشلار كۆرسۇن دېگىنىم ئۈچۈن مۇش- پەشۋالار تەرەپ تەرەپتىن تىگىشكە باشلىغىنى ئېسىمدە. شۇ چاغلاردا ئەيبۇ ئەپەندى قاتارلىق مۇنبەر مەسئۇللىرى مېنى ھېمايە قىلغان، ماڭا پۇرسەت بەرگەن ئىدى. ئۇلار ساڭا ھەم نورغۇن پۇرسەتلەرى بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن.


   ئاندىن مۇنبەر يېڭى بەتلەرگە كۆچتى، خوش بولدۇق، كېچە -كېچىلەپ مۇنبەر ھەققىدە، قانداق ئەسەر يوللاش ھەققىدە ئىزدىنەتتۇق. ئەدەبىيات سورۇنلىرى، يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز ئارىسىغا بوينىمىزنى قېسىپ كېرىپ بىر ئېغىز ئۆمۈدلۈك پاراڭ ئاڭلاشقا تەشنا بولاتتۇق. ئەلۋەتتە نورغۇنلىغان كۆپنى كۆرگەن، ئەۋلادلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان ئۇستازلار بىزنى ئارىغا ئىلىپ يېتەكلەپ ماڭدى. ئەمما يەنە بىرقىسىم چوڭاملار، ئاللىقاچان ئۆز ئىڭىدا مەشھۇرلۇق پەللىسىگە يىتىپ ئىشىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدۇق. ئەپسۇسكى ئۇ كۈنلەردە تورنى قېزىتىش شۇلارنىڭ ئىشى ئىدى. تەرەپ- تەرەپ بولۇپ، ئاقماس پاراڭلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىى تور سەركىسىدەك سېزەتتى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئەيبۇ ئەپەندى ھەم كۆپ ئەمگەكلەرنى قىلدى. كۆپ تىرىشتى. بۇنى بىلىپ تۇراتتۇق. ئەمما خۇدايىم بەرگەن بىر سويۇقلۇق، سورۇننىڭ گۈلى...ھاراق ئارىغا ناھايتى كەڭرى بىر ھاڭنى پەيدا قىلىپ قوياتتى. نورغۇن سورۇنلارغا پاراڭ ئىزدەپ بارغان ياش بۇغۇنلارنىڭ بوتۇلكا ئىغىزى ئېىچىلىشى بىلەن، ئاچچىق- ئاچچىق، ئېغىر- ئېغىر تېنىقلىرى بىلەن سۈمكىلىرىنى يۈدۈپ قەلبىدىكى غايىۋى ئەدىبلىرى بىلەن سىرداشقىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىغا كۆپ گۇۋاھ بولغانمەن. ھەم بولىۋاتىمەن...


ئەشۇ كۈنلەردە مېنى ئىزدەيدىغان كۆڭۈنگۈچىلەرمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار ھېچ قىلماي مېنى كۈزىتىپ ئولتۇرغاندەك ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئاتايىتەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مېنى توردۇنياسىدىن ئايرىلىشقا، تور بىلەن ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ۋاقىت بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ بىلىمىمنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىشىتى. ھەقىقى قابىلىيەتنى مەتبۇئات، گېزىت ژۇرناللاردا ئىلان قىلغان ئەسەرلەر بىلەن ئۆلچەيدىغانلىغى بىلدۈرۈشتى. سېنىڭچە بىز ئۇلارنىڭ بۇ پاراڭلىرىغا شۈنچە ئاسان چىن پۈتەرمىدۇق؟ بىزنىڭ بوينىمىزنىڭ ئۈستىدىكى باش ئاتىلىق بىرنەرسە، نورغۇن مەتبۇئات، ژۇرنال، گېزىتلەرنىڭ ئەمىلىيتىنى، ئەستايدىل، ئېچى كۈچلۈك تەھىرىر، مۇھەرىرلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنىڭ تېگىگە يىتەلمەسمىدى؟
   شىنجاڭ مەدەنىيتى 2013-يىللىق 3-سانىدىكى «جەمئىيەتنىڭ قىياپىتى ۋە يازغۇچىنىڭ روھى ھالىتى» دېگەن سۆھبەت خاتىرەمنى ئىلان قىلىدىم. شۇ سۆھبەتتە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۈگۈنكى مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە تور ئەدەبىياتى ھەققىدە بەرگەن جاۋابلىرىغا دېققەت قىلغان بولىشىڭ مۆمكىن.

   -بوپتۇ دېدىم ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ماڭا بولغان كۆيۈنۈش دەپ بىلىپ، بىر مەزگىل تور دونياسىدىن ئايرىلىپ تۇردۇم. ئەمما ئازاپ بىلەن شۇنى ھېس قىلدىمكى تور-بۈگۈنكى دۇنيانىڭ، ئۇچۇر دۇنياسېنىڭ جان تومۇرى ئىكەن.نورغۇن مەسىلىلەر كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن كىتابلار، توپا بېسىپ كەتكەن كۈتۈپخان ئۆيلىرىدە ئەمەس بەلكى تور راي سېناش ئورۇنلىردا، بىلوگ، ئۇچۇر قاناللىرىدا، زىيالىيلار يېغىلغان چوڭ- چوڭ ئۇنۋېرستېتلارنىڭ چوڭ ئىكرانغا ئۇتتۇرلاپ قويولغان يۇمىلاق ئۈستەللىرىدە ھەل بولىدىكەن. بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىش، چەتلەشتۈرۈش، ئەينى دەۋىرلەردىكى كىتاب، ژۇرناللاردىن ئايرىۋىتىشتىن ھېچ پەرىقسىز بىر ئىش ئىكەن....بۇ يەردە شۇنى دېيىش كىرەككى، مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ناھايتى كۆپ رەھمەت ئيتىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئون نەچچە يىل ئوقۇپ ئۈگىنەلمىگەن نەرسىلىرىمنى، ھەم ئۇيەرلەردە ئۈگەنگەن نەرسىلىرىمدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بەردى. ساڭا ھەم بىرىدىغانلىغى ئېنىق...


  دەل شۇنداق كۈنلەردە مۇنبەردە سەن پەيدا بولدۇڭ. ئەمىلىيەتتە سېنى ھە دەپ دەيدەيگە سىلىۋاتقان بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئازتولا پىكىر ئىختىلابى بولغانلىغى راست، بۇ ھال سەن ئارقىلىق تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى دەپ ئويلايمەن. شۇ چاغلاردا ئابدۇمىجىت قاھىرى، بۆركۈت، زۇلتاپ، سەن ۋە باشقا بىرقانچە باللار پەيدا بولدۇڭلار، ئەمىلىيەتتە مەن بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن ئىدىم. چۈنكى قەشقەر مەدەنىيتىمىزنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتىدە ھەرقانداق سورۇندىن قالماسلىغى، ئىلىم ، ئۇچۇر، دۇنيا ھەققىدىكى ھەرقانداق سۆھبەتلەردە داستىخاننىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئىلىشى كىرەك ئىدى. بىز تەلەيسىز بولغاچقا قەشقەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدۇق. ئۆرۈمچىگە خاس، ئىلىم، پىكىر، دۇنيا قاراشقا ئىگە بولدۇق. بىز قىلالمىغان ئىشلارغا سىلەرنى بار دەپ قارايتتىم. شۇڭىمۇ خوتەن ئالى تېخنىكۇمى بىلەن قەشقەر پىداگوگېكا ئېنىسېتېتوتىدىن چىققان مۇنبەرداشلارغا سەل قاتتىق، كىنايىلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ قالغىنىم راست....


مانا ئەمدى، مۇنبەردە سىلەرمۇ كۆپ كۆرۈنمەيسىلەر، قايناپ تۇرىدىغانلار ھەم يوق. مەن ھەرقاچان مۇنبەرگە پىنھان باققان رۇجەكلەردىن بەگزات، ئەرافات، ھەزىرەت ئەلى، بوزلان، زۇلتاپ، بۆركۈت، كەتمەنباي، ئاشىق، ئۇيغۇرزادە، رەشىد، جاڭگال، پەرۋۇزان قاتارلىق ئەزىزلەرنى سىغنىمىز. مۇختەر قۇربان، جاللات، غازى، كۈيزار ۋە كۆكتولۇن، ئابدۇرېشىت ئىلى، تەلقىنلارنىڭ ئۆزىگە خاس خېسلەت، ھېكمەتلىرى، دادىل پىكىرلرى بىلەن ئەسلەپ قالىمەن. چىن قەلبىمدىن ھېس قىلىمەنكى ئەدەبىياتىمىز جۈملىدىن تور ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن بۇلاردىن بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدىكەن. ئەپسۇسكى بىرقسىمىمىز ئاللىقاچان تۇرمۇش ۋە يېڭى ئارزولار قوينىدا قەلەمنى تاشلاپ بولغان بولىشى مۆمكىن...


قارىسام ئېچىڭ پۇشۇق، «بىلىمىم ئاز ئىكەن. چوڭنىڭمۇ، كىچىكنىڭمۇ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم» دەپسەن. مېنىڭچە بۇ گەپلەر ئانچە توغرا ئەمەس. ئەمىلىيەتتە سېنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ قوبۇل قىلىۋاتقان، بىلىۋاتقان ئۇچۇر بىلىملىرىمىز دەۋىر، زامان تەرەققىياتىدىن كۆپ يىراقتا. ھەممىنىڭ گىپىنى ئاڭلاش ھاجەتسىز. پەقەت ھەقنىڭ، چىن تۇيغۇلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا قولاق سىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن. «بارىغا قانائەت قلىش»نىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنىڭ ھەققى رەۋىشتە بايقايدىغان بولساق ئېنىم، ئۇيغۇر بولۇشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن. خىزمىتىڭدىن بىزار بولما، ئامال قىلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسەڭ، گەرچە ساڭا بەرگۈدەك بىلىمىمىزنىڭ تايىنى بولمىسمۇ سېنى ئىلىم مەركەزلىرىدە يالغۇز قويماي، ئالدىڭغا چېقىپ، كۆڭلۈڭدىكىدەك ئىلىم پۇرسەتلىرىگە ئىرىشىشىڭ ئۈچۈن ھەمدەم بولىمىز. باشقىلاردىن سېنى «مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىغا كېلىدىكەن» دەپ ئاڭلىۋىدىم. ئەمما بۇ يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلىقىڭنى دەپسەن. نەقەدەر گۈزەل ئوي ھە!...


ئەگەر، ئائىلە، سالامەتلىك ۋە باشقا ئىنسانىي غەملەرنى سېنى ۋاقىتلىق قويۇپ بىرىدىغانغا كۆزۈڭ يەتسە بۇ يەرگە كەلگىن. پايتەخىتتە سەن ئويلاپ باقمىغان سېناقلارمۇ، سەن ئويلاپ باقمىغان پۇرسەتلەرمۇ شۈنچە كۆپ. بەلكى خەۋىرىڭ باردۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى ماگىستىر، دوكتۇر ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىنىڭ چەتئەل تىلى تۈرىگە تۈرك تىلىنى قاتتى. مېنىڭچە ساڭا ئوخشاش يىگىتلەر 4-ئايدىن 5-ئايغىچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قويسا 100 نومۇرلۇق ئىمتىھاندا 80دىن يۇقىرى نومۇر ئالىدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل. (ئەمىلىيەتتە ئۆتۈش ئۆلچىمى ئىنگلىزتىلى 45، تۈرك تىلى 55 دىن پەقەت بولمىغاندا 60 دىن ئىشىپ كەتمەيدۇ) ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىنگىلىزتىلىدىن بەرسەڭمۇ تۈرك تىلىدىن بەرسەڭمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە ئۈگۈنۈش پۇرسەتلىرىمۇ بار. كەسىپتە قىينالمايسەن دەپ ئويلايمەن.


خەيىر، سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم. ئادەم بىرى ھاياجانلانغاندا، يەنى بىرى ئاچچىقلانغاندا ئەقلىنى يوقىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ھاي بەرمىسەم يەنە سۆزلەيدىغاندەك قىلىمەن. ئۈزۈمنى بېسىۋىلىشىم كىرەك. چۈنكى دۇنيادا ئەڭ قورقۇقوچلۇق ئىش «پىكىرىڭنى تەلەپ قىلمىغان ئادەملەرگە پىكىر بىرىش، ئىلىمنى كىرەك قىلمايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئىلىم دىن ئېغىز ئېچىش» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن.


ئەگەر يازغانلىرىم ئۆچۈرىلىشىدىن بۇرۇن سەن كۆرەلىسەڭ، شۈنچە نەرسىلەرنى يازغان ئەجرىم بىكار كەتمىگەن بولىدۇ. خەيىر ئامان بولغىن.










بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 21:56  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 22:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، ئابدۇمىجىت ئاكا. ماڭا قالدۇرغان خەتلىرىڭنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىقتىم ھەم شۇنداق تەسىرلەندىم، چىن ۋە سەمىمي سۆزلەر بوپتۇ .  ساڭا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن... ئامان بول!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش