دادامنى ئەسلەپ
(راست ئىشلار خاتىرسى)
ئايشەم سادىر
دادام تۈگەپ كەتكىلى 20ىيىل بولغان بولسىمۇ دادامنىڭ بەستىلىك بويلىرى، قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلىرى، يىنىك ،بىلىنە بىلىنمەس قا را قۇيۇق چاچ _ ساقاللىرى، بۇيىدىكى كىيىمنىڭ ، پاكىزە رەتلىك تۇرقى ، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، كىيم تىككەچ :
ساددىر مەنۇ ، سادىر مەن ،
سادىر بولماي ، نېمە مەن؟
تاغ يۇلىنى سورىساڭ،
ھەممە جاينى بىلىمەن .
............
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
15 ياشتا ئاتالغان .
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا ،
قۇمۇلخانغا پالانغان.
.........
يامۇلدا تولا يېتىپ ،
چېچىم بىر قۇچاق بولدى.
يامۇلنى تىشەر چاغدا ،
قۇۋۇرغام پىچاق بلدى.
........
يامۇلنىڭ ياغاچلارى ،
ئىگىز قارىغاي چەنزە.
يامۇلدىن قېچىپ چىققان ،
سادىر ئۈزى خوخەنزە.
.......
دەپ ئېيتقان : << سادىر پالۋان قوشاقلىرى >> - ھىچ يادىمدىن كەتمەيدۇ . مەكتەپتە ئىشلىگەن ۋاقتىمدىمۇ ، مۇشۇ قوشاقنى بالىلارغا تۆت سائەت ئۈتۈپ ، يادقا ئالغۇزۇپ، سۇدەك بىلدۈرۈۋەتكەنتىم ، چۈنكى مىنىڭ دادامنىڭ ئىسمىمۇ سادىر بولغانلغى ئۈچۈن ، مەن ئۈزەمنى سادىر پالۋاننىڭ قىزى دەۋالاتتىم ، ھەمدە دادامدىن تولىمۇ سۈيۈنەتتىم ، پەخىرلىنەتتىم ، ھازىرمۇ سادىر ئىسملىك ئادەم بولسىلا ئىسمىغا قىزقىمەن ، بالىلارمۇ كىچىك بولغاچقا ، فەمىلەممۇ سادىر بولغاچقا ،<< مۇئەللىم ! سىىز سادىر پالۋاننىڭ قىزىما ؟، >> - دەپ سوراپ تۇرىۋالاتتى. << سادىر پالۋان قوشاقلىرى >> ئىمتىھانغا يادقا يېزىش چۈشسە سىنىپىمدىكى ئاشۇ 1 _ سىنىپ بالىلىرى باشقا سىنىلاردىن ياخشى ،تۇلۇق ھەم توغرا يىزىپ بىرەتتى.
دادام شۇ يىللاردا ھەركۈنى دىگۈدەك << سادىر پالۋان قوشاقلىرى >> نى شۇنداق مۇڭلۇق ، شۇنداق يېقىملىق ،جاراڭلىق ، لەرزان .ئېيتاتتىى . دادام خۇشخۇي ، كىچىك پېل ، خۇشچاقچى ، ئۇيۇن - تاماشاغا ئامراق ، سەنئەت خۇمار بولغاچقا .
نەدە مەشىرەپ باركەن دىسە شۇ جايغا بېرىپ ئوتتۇردىن چۈشمەي دىگۈدەك ئۇسسۇل ئويناپ ھەم قىزىقچىلىق قىلىپ،مەشىرەپنى بەك قىزىتىۋىتەتتى، دادام پۈتۈن سۇرۇننى بېشىغا كىيپ، ئۇسسۇل ئوينايتتى. ھەمدە ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ ، پۇللاڭڭىدە ئۈزىنى ئاياللار ئارىسىغا : << ۋۇي! ۋۇي ! ۋۇي! ... ئاپلا بېشىم قېيىپ يىقىلىپ كەتتىما ! >> - دەپ ھەييارلىق قىلىپ، ئۈزىنى تاشلايتىدە - ھەممە ئاياللار چۇقۇرشۇپ، كۈلۈپ ، ھوشىدىن كىتەي دىگۈدەك كۈلۈشۈپ ، ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كىتەي - دەپ قالاتتى. ھەمدە :<< خەپ ماشۇ ئۇستامنى ! مەشىرەپلا بولسا ئۇسسۇل ئوينىمىسا تۇرالمايدۇ ، ئۇستام مەشىرەپكە كەلىمسە ، مەشىرەپ قىزىمايدۇ ، ئەرلەر بار يەرگىمۇ يىقىلماي ، تېخى ئاياللار ئولتۇرغان يەرگە كەلسە بېشى قېيىپ يىقىلغان بۇلۇپ بىزگە ئۈزىنى تاشلايدۇ >> - دەپ دادامنىڭ شوخلىغىدىن خوش بۇلۇشۇپ ھەرخىل قاتتىق چاقچاقلارنى قىلىشاتتى.. شۇنىڭ بىلەن مەشىرەپ تېخىمۇ قىزىپ ئەۋجىگە چىقاتتى. بۇ ئىشلارغا بەك ئۇزۇن ( 50 يىلدەك) بولغان بولسىمۇ شۇ چاغلار دىكى سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي خۇددى ھازىر بۇلىۋاتقاندەك ، كىنو لىنتىىسىغا تىز ىغاندەك ، كۈز ئالدىمدا نامايەن بۇلۇپ ، بەزىدە يىغلاپ تۇرۇپ : << ھەي دادام ئەمدى بولسىچۇ؟ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئەجەپ قەدىرىگە يەتمەپتىكەنمىز >> - دەپ ئۈزەمچە بىردەم كۈلۈپ ، بىردەم يىغلاپ سالىمەن ، كېچە - كۈندۈز كىيىم
تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم تىكەتتى . كىيىملەرگە دەزمال سالاتتى. كىيىم تىكسىسىلا ھەرخىل ناخشا - قوشاقلارنى ئېيتاتتى.،كىيىم تىككەندە ئەتىراپتىكىلەرنىڭ كىيىمنى بېكارغا رەخمەتكە تىكىشتىن سىرىت ، يىراق -يىراق جايلاردىنمۇ : << سادىر ئۇستام كىيىم تىككىلى ئۇستا >> - دەپ دادامنى نە - نەلەردىن ئىزلەپ كىلىپ كىيىم تىككۈزەتتى. مەشىىرەپ دىسە تۇرالمايدىغان دادام غا بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ؟ مىنى مەشىرەپكە كۆتۈرۈپ، ئاپىرىپ ، كۆتۈرۈپ ئەكىلەتتى .
مەشىىرەپ دىسە ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا چېپىپ بېرىپ ئۇسسۇل ئوينىمسا تۇرالمايتتى. ئۇسسۇلغا چۈشسە مىىنى :<< جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ قىزىم >> - دەپ ئىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ، ئۇسسۇل ئوينايتتى. مەشىرەپتىن مېنى بىر كۈنمۇ ئايرىپ قويمايدىغان دادام بۈگۈن ئەجەپ قاتتىق ئىشلەپ كەتتا ؟
مەن شۇلارنى ئويلاپ ، كىيىملەردىن كىسىپ چىقىرىۋاتقان ئۇششاق پۇرۇشلاردا قو چاققا ئىشتان ، كۆينەك تىكىپ ئوينايتىم ، بەزىدە داداممۇ ياردەملىشىپ ماشىنىسىدا بىردەمدىلا تىكىپ بىرەتتى ، قوچاقنىڭ يۈزىگە تۈگمە ، بېشىغا ئاپپاق پاختىلارنى تىقىپ باش ياساپ قوچاقنىڭ كۈزىنى قارا يىپتا تىكىپ قوچاق ياساپ بىرەتتى ، دادامغا : << دادا بۈگۈن نىمىشقا مەشىرەپكە بارمايمىز ؟ >> - دەپ نەچچە قېتىم دىگۈم كەلسىمۇ ، لىكىن دادامدىن قورقۇپ ئېغىزىمنى ئاچالمايتىم. چۈنكى دادام شوخ، خۇشخۇي بولغان بىلەن ئاچچىغى كەلسە ئازىراق گۇنا ئۆتكۈزۈپ قويساق ئادەمنى ئىنچىكە سۆگەت قىپچىسى بىلەن يۈرەكتە قالغىدەك ئۇرۇۋالاتتى . لىكىن ئاپام يوق بولغاچقا بەك كۈيەتتى.، ئاپامدىن ئالتە ئايلىق يىتىم قالغاچقا ، دادام بىزنىڭ كىيىمىمىزنى ئۈزى بىرقوللۇق تىكىپ ، چوڭنى كىچىكلىتىپ ، كىچىكلىرىمىزگە كىيگۈزەتتى ، كونا كىيىمنى كىچىكلىتىپ تىككەن بىلەن بەك ئوماق ، بەك چىرايلىق كىيىم بىلەن بېقىپ ئاپامنىڭ يوقلىغىنىمۇ بىلندۈرمەي چوڭ قىلغانتى. شۇنداق قىلمىسىمۇ بىز ھېلىقى ئۈچ باققان بالىسى بىلەن سەككىز بالا ئىدۇق ، مەن بالىنىڭ ئەڭ كىچىگى ئىدىم . دادام ھاراق ئىچمەيتتى ، تاماكا چەكمەيتتى ، ئەنئەنىۋى ئۆرپە - ئادىتىمىز بۇيىچە ھەر كۈنلۈك ئىبادىتىنى تاشلىمايتتى. دادام كىيىم تىكىشكە ئۇستا بولغاچقىمۇ ، مەن چوڭ بۇلۇپ ئىسىمنى بىلسەم ، دادامنى كىشىلەر << ئۇستام >> دەيدىكەنتۇق .
دادام بۈگۈن مەشىرەپ بارلىغىنى بىلسىمۇ ، خىيالىدىمۇ يوق ماشىچىلىق قىلۋاتاتتى. ئۆي يولنىڭ ياقىسىدا بولغاچقىمۇ، كىشىلەر دادامنىڭ ماشىنچىلىق قىلغانلىغىنى ناخشا ئېيتقىنىدىنلا بىلىۋالاتتى. ئاڭلىغانلار : << ئۇستام قوپسىلا مەشىرەپكە بارىمىز ، مەشىرەپ سىلە بولمىسلا قىزىمايدۇ ! >> - دەپ مەجبۇرلىسىمۇ قۇپمىدى . دادام ئۇلارغا : << مەن ھازىر ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ كىيىمىنى تىكىۋاتىمەن . سەنئەت ئۆمىگىدىكىلەر پات يېقىندا مەھەللىمىز گە كىلىپ بىزگە ئۇيۇن قۇيۇپ بىرىدىكەن ، شۇڭا بۇ كىيىملەرنى ( بىرە يۈ ز كىشلىك تەك كىيىمنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ) ۋاقتىدا تىكىپ پۇتتۈرۋاتمىسام بولمايدۇ>> - دەپ ، بەك چىڭ تۇرۇۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن كىرگەنلەرمۇ بۇ ئۇستام مەشىرەپكە راست بارمىغىدەك ، بۈگۈن مەشىرەپ ئۇستام يوق قىزىمايدىغان بولدى - دەپ ، كۆڭلى يرىم ھالدا چىقىپ كىتىشەتتى، . مەن شۇندىلا دادامنىڭ مەشىرەپكە بارمىغانلىق سەۋەبىنى چۈشەنگەن ئىدىم .
دادام راستىنلا ئۇ سەنئەت ئۆمىگىنىڭ كىيىمنى قالتىس چىرايلىق تىكىۋەتكەن ئىدى . كىيىنگىچە دادامنىڭ كىيىم تىكىشتىكى داڭقى چىقىپ كۇچا سەنئەت ئۆمىگىدىن ، ئاقسۇ سەنئەنئەت ئۆمەكلىرىدىن كىلىپ كىيىم تىككۈزۈدىغانلار كۆپ بۇپكەنتى . ئۇ سەنئەتچىلەر ، دادام دىگەندەك مەھەللىمىزگە كىلىپ ، ئۇيۇن قويدى ، دادامنىڭ خوشنىسى ھەم تۇققىنى نامان ناسىر ئاكام . بۇرھان ناسىر ئاكاملارنىمۇ كۆردۈم . ئۇلارنىڭ سەھنە كىيىمنى دادام تىككەنلىگىنى بىلگەن ، دادامنىڭ خوشنىلىرى ، ئەل - ئاغىنىلىرى : <<پاھ، پاھ، قاراڭلار !!! ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنى سادىر ئۇستام تىكتى جۇمۇڭلار >> -دەپ ، دادمنى ماختىشىپ كىتەتتى . مەن شۇ چاغلاردا بەك كىچىك بولغاچقىمۇ دادامنى ئانچە چۈشەنمىسەم كېرەك .
دادام ماشىنچىلىققا بەك ئۇستا بولغاچقا دادامنى كىشىلەر بك ھۆرمەتلەيتتى .شۇڭا دادامنى كىشىلەر << ئۇستام >> دەپ ئاتىغانلىغىنى كىيىنچە چۈشۈنۈپ يەتتىم ، ھەمدە دادامنىڭ بەك ئىسىل مىجەزلىك ، خۇشپىل ، كەمتەر ، ئالىجاناپ پاك ئادەملىگىنى ما نا ئەمدى تېخمۇ چۈشۈنۈۋاتىمەن..
ئەينى يىللاردا كىيىمى يوق يوقسۇز خوشنا - خۇلۇملىرىغا كىيىملىرىنى بىرەتتى . بالىلىرىنىڭ كىيىمى بولمىسا ، ئۈزى قىيىنچىلىق تارتقان بولسىمۇ بىز ياخشى كۈرۈدىغان كىيىملىرىمىزنىۇ بىرىۋىتەتتى، بىزنىڭ ئائىلىدە ئىسىمنى بىلسەم چوڭ دادام، دادامنىڭ كۈزى كۆرمەيدىغان ئۆگەي ئاپىسى ، ئىنىس ئۈلەپ كىتىپ قارايدىغان ئادەم يوق ئىككى بالىسى، ئاچامنىڭ قىزى، بىز بەش بالا بۇلۇپ ، 11 جان ئادەم يالغۇز ئاشۇ ئىشچان ، تىرىشچان ، چىقىشقاق دادامنىڭ قۇلىغا قارايدىغان تۇرۇغلۇق ، كىشىلەرگە ياردەم بىرەتتى ، دادامغا قاراپ : << كۆڭلى كۆكسى كەڭ، ئۇيۇنچى ، شوخ كىشىلەر كېسەلمۇ بولمايدىكەن ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈدىكەن>> دەپ ئويلاپ قالدىم . دادام 15 يېشىدىن باشلاپ ، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللۇنۇپتىكەن ، شۇندىن بۇيان بىر ئۆمۈر تىككۈچىلىك قىلىپ ، نامىراتلارغا ئۆيدە با ر كىيىم - كېچەك ، رەخلەرنى :<< مىنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرنەچچە يىتىم -يىسىر ، كۈزى كۆرمەيدىغان ئۆگەي ئانام بار ، قېرى دادام بار ، ئاشۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقساممۇ چوڭ ئىش >> - دىمەي ، جاپا تارتىپ دۈمچۈيۈپ ، توپ - توپ كىيىم تىكىپ تاپقان تۆت ـ تۆكتۆك پۇلىنى كىشىلەرگە ياردەم بىرىشكە ئىشلىتەتتى . بۇلارنى مەنمۇ چوڭ بۇلۇپ ، ئۈزەمگە قالمىسىمۇ باشقىلارغا ياردەم بەرگىنىمدە دادامنى دۇراپ قالغىنىمنى بالىلىرىمنىڭ مىنى ئېيىپلاشلىرىدىن .سەزدىم..
مەن كىچىگىمدە دادامدەك شوخ ، سەنئەتخۇمار ئادەم بۇلىمەن ، ياكى كىنو ئەرتىسى بۇلۇپ كىنوغا ئاۋاز بەرسەم ، سەنئەتچى بۇلۇپ ، دادام ئەرتىسلەرگە تىكىپ بەرگەندەك كىيىملەرنى كەيسەم ناخشىنى بۇلۇشىغا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئوينىسام ، دۇتتار چالسام، ياكى ئاكاردىيون چالسام >> ....دەپ نۇرغۇنلىغان خام خىياللارنى سۈرەتتىم. لىكىن دادامغا ۋارىس بۇلۇپ ماشىنچى بۇلۇپ ، كىيىم تىكىپ كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى ئويلىماپتىمەن. ، پەقەت بالىلىرىمنڭلا كىيىمنى تىكىپ بەردىم . مەن دادامنىڭ پەقەت مەشىرەپ بولسا تۇرالمايدىغان ، ئۇسسۇل ئويناپ ھارمايدىغان قىزىقچىلىغىنى تارتتىم بولغاي ، مەنمۇ دادامدەك ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، دۇتتار چېلىش ، باشقىلارغا قاپاق تۈرۈش ئەمەس كۈلۈپ تېلىقىپ قالغۇدەك خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغان مىجەز - خۇلقىنى تارتىپ قالدىم. ، مىنىڭمۇ ھازىر ھىچ يەرىم ئاغرىمايدۇ ، ھىچقانداق كېسىلىم يوق ، ھەقىقەتەن كەڭ قورساق ، ، ئاددى - ساددى تۇرمۇش كەچۈرسە،،چىقىشقاق بولسا، سالامەتلىككە پايدىسى بارلىغىنى ھىس قىلدىم . يەنە كىشىلەرگە ياردەم بىرىدىغان مىجەزىنىمۇ ئېپقالىم . داداممۇ بىرەر يىرى ئاغرىماي،
قان بېسىمى يۇقۇرى دىگەن گەپنى ئاڭلماي، يۈرەك كېسىلى دىگەن گەپ -سۆزنىمۇ ئاڭلىماي ، ئاخىرىدا قېرىلىقتىن ئاجىزلاپ 90 ياشتىن ئاچقاندا ئالەمدىن ئۆتتى.. بىراق ئارا يىراق بولغاچقا كۈرۈشكۈنۈمگە بىر ئاي بولغانتى ، لىكىن گۆدەكلىكتە دادامنىڭ يۈگۈرۈپ يۈرگەن تىتىك ھالىتىنى كۈرۈپ ، دادام مەڭگۈ شۇنداق تىتىك، شۇنداق شوخ، پاكىز ، جەزبىدار تۇرغان ئوخشايدۇ _ دەپ ئويلاپ قالسام كېرەك ، دادام مەڭگۈ ئۆلمەي تۇرىدى - غۇ ، دەپ ئويلۇدۇ ممۇ ؟ ئەپسۇس ئىسسىق يۈزىنىمۇ ، سوغاق يۈزىنىمۇ كۈەلمەي ، مىيتىنى ئەچىقىپ بولغاندا بېرىپتىمەن . پەقەت ئۈچ نەزىرى ، يەتتە نەزىرى، 40 نەزىرى ۋە يىل نەزىرىدە : << ۋا ي دادا !!! مەن كورلىدىن كەلگەندە نەۋىرلىرىڭىزنى قۇغۇن - تاۋۇز بىلەن مىھمان قىلمىدىڭىزمۇ ؟
ئىشەك ھارۋىڭىزغا چىقىرىپ : << تۇققانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسۈتۈپ قۇياي قىزىم ،دەپ ئاشۇ ئۈزىڭىزدەك نەگە تارتسا ، شۇ يەرگە ماڭىدىغان يۇۋاش ئىشىكىڭىزنى ھارۋىغا قېتىپ ، ئاشۇ ئاددى ھارۋىڭىزدا بىزنى ئۆيمۇ - ئۆيگە ئاپارمىدىڭىزمۇ ؟ بىز خۇددى ماشىنىدا ئولتۇرغاندەك خوشال ئولتۇراتتۇققۇ ؟ ھەممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشكىلى بارغىنىڭىزمىتى ؟ بىزدىن كىيىن قالساڭلار ئاشۇ تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە بارمىساڭلار نەگە بارىسلەر ؟ دىگىنىڭىزمىتى ؟ بۇ سىزنىڭ ئاخىرقى سۈزىڭىزمىتى ؟ بىز كەلسەك كىم ئالدىمىزغا چىقىدۇ ؟ دادا !!!
_ دادا !!.... سىىز بېقىۋاتقان باللىرىڭىزنى كىمگە تاپشۇردىڭىز ؟ بز قانداق قىلىمىز دادا ؟ .... مەن ئاشۇ تەرىقىدە توختىماستىن يىغلاۋاتاتتىم.. دادامنىڭ تۇنۇش _ بىلىشلىرى ، تۇققانلار، بىزگە تەسەللى بىرىپ ، قانداق قىلىمىز بالىلىرىم ؟ بۇ ئۈلۈم ھەممىمىزگە بار ، ئۇستامنىڭ مىجەزى ئۇچۇق _ يۇرۇق بولغاچقا ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەچكە ھىچ يەرلىرى ئاغىرماي بىزنىڭ دادىمىزدەك نېمە سورىساق شۇنى بىرىپ ، ياردەم قىلاتتى . مانا كەڭ قورساقلىغىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى ، بىز ئۇ ياشقىچە ياشىيالايمىزمۇ ؟ خۇدا ئۈزى بىلىدۇ ، بالىلىرىم سىلەرمۇ داداڭلارغا پۇلى بارلار پۇل ئەۋەتتىڭلار ، پۇلى يوقلار كۈچ چىقىرىپ ئۆيگە ، پات _ پات كىلپ ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ، يوقلاپ تۇردۇڭلار ، ھېلىمۇ ئۇبدان باقتىڭلار ، ھەممەڭلارنىڭ ئۈيى بار ، ئۈزەڭلارنى يوقۇتۇپ قويماڭلار ، تىرىكلەر ياشىمىساق بولمايدۇ . ئۇستام بىزنىڭمۇ ياخشى ياردەمچىمىز ئىدى . كۆپ يىتىم بالىلارنى ئۇبدان بېقىپ، تەربىيلەپ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ، كونا بولسىسىمۇ خۇتۇن كىشىمۇ تىكالمايدىغان ئۇبدان كىيىملەرنى تىكىپ ،كەيدۈرۈپ ، سىلەرنى پاكىزە ، تەرتىپلىك چوڭ قىلدى ، باشقا دادىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ ، ھۈنىرى بولغاچقا 10 نەچچە جان ئادەمنى ياخشى باقتى . يەنىلا بىزدىن سىلە رنىڭ تۇرمۇشىڭلار ياخشى ، ئەزىلى - ئەزەلدىن ياخشتى ، ئەمدى يىغلىماڭلار ...
تەرەپ - تەرەپتىن دادامنىڭ ياخشى - خۇلقى مىجەزلىرىنى سۆزلەۋاتقانلارنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇراتتى .
2014 يىلى 5 _ ئاينىڭ 1 _ كۈنى كورلا شەھەر يېڭىشەر مەركىزى مەكتەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 01:47