نەۋايىنىڭ بىر مۇئەمماسى ھەققىدە
مۇھەممەد ئەلى
نەۋايىنىڭ "غەرايىبۇس سىغەر" دىكى "فەردلەر" قاتارىدا
بۇ گۇلشەن ئىچرەكى يوقتۇر بەقا گۇلىگە سەبات،
ئەجەب سائادەت ئېرۈر چىقسە ياخشىلىق بىلە ئات.
"مۇئەمما" سى ئۇچرايدۇ.
ئەمىسە بۇ قانداق گەپ؟ "فەرد" بىلەن "مۇئەمما" ئوخشاشمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، كىلاسسىك شېئىرىيەتتە، "فەرد" شەكىلگە، "مۇئەمما" مەزمۇنىغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇئەممالار " فەرد" شەكلىدىمۇ، "بىر بەند"لىك شەكىلدىمۇ يېزىلىدۇ.
مۇئەمما قانداق نەرسە؟
"مۇئەمما"نىڭ لۇغەت مەنىسى "سىمۋوللۇق سۆز" بولۇپ، سۆز ئۇيۇنى ئارقىلىق مەخپىي ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىر يىشىم قائىدىسىگە ئاساسەن يېشىپ چىقىرىلىدۇ. ئارۇزنىڭ خالىغان ۋەزىنلىرىدە يېزىلىدۇ.
نەۋايىنىڭ يۇقارقى "مەئەمما"سىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
بۇ گۈلشەننىڭ ئىچىدە بەقا (مەڭگۈلۈك) گۈلىگە سەبات (يوقىلىش) يوقتۇر، ياخشىلىق بىلە ئات (ياخشىلىق دېگەن ئات) چىقسا ئەجەپ ياخشى ئېرۈر.
"گۈلشەن"نىڭ ئىچىدە "گۈل" يوقالمىسۇن، "سەئادەت" تىن "ئات" چىقىپ كەتسۇن دېيىلگەندە، شۇ بۇيىچە "گۈلشەن سەئادەت" تىن، "ش، ن، ا، ت" ھەرپلىرى چىقىرىلىپ تاشلانسا (چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىملا كۆزدە تۇتۇلسۇن) ، ئېشىپ قالغىنى "گۈلى سەد" (بەخىت گۈلى) بولىدۇ. دېمەك، نەۋايى بۇ مۇئەمماسىدە "بەخىت گۈلى" دېگەن پىكىرنى يۇشۇرغان.
نەزەرىيە بىلىملىرىنى "بۇلاق "ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 1-2- سانلىرىدىكى قۇربانجان ئابدىقادىرنىڭ ماقالىلىرى ۋە زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ "كانسىپىك"دىن كۆرۈڭ.
مۇئەممانى نەۋايىنىڭ "غەرايىبۇس سىغەر" دىن كۆرۈڭ.
ئەسكەرتىش: كىلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، بۇ خىل شەكىللەرنى قوللانغاندا، نەۋايىنىڭ بۇ ھەقتىكى نەزەرىيە ۋە تېكسىتلىرىنى ئاساس قىلىپ، قائىدىگە چۈشكەن ھالەتتە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش زۆرۈردۇر. شۇ نوقتىدىن، بۇ خىل كىچىك ۋە نازۇك نوقتىلارنى بىلىشىمچە دەپ باقتىم. ئىزدەنگۈچىلەر ۋە قەلەمكەشلەر ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-1 03:56