«ماناس»تىن پارچە
(يۈسۈپ ماماي ئېيتقان ۋاريانتنىڭ قىسسە بېشى)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساھىپبەگ ئالى
ھە........... ھەي
مەن ئېيتاي باتۇر ماناسنى،
روھى ئۇنىڭ قوللىغاي،
ئېيتقىنىم يالغان بولمىغاي،
گاھى قىسسە، گاھى چىن،
يارەنلەرنىڭ كۆڭلىچۈن
يېنىدا يۈرگەن كىشى يوق،
يالغىنى بىلەن ئىشى يوق،
كۆكجال[1]ىڭدەك كىشى يوق،
قورقۇش بىلەن ئىشى يوق.
گاھى چۆچەك، گاھى چىن،
كۆپچىللىكنىڭ كۆڭلىچۈن،
كۆرۈپ تۇرغان كىشى يوق،
كۆپەيتكەن بىلەن ئىشى يوق،
گۈلدۈرلىتىپ ئېيتساق بىز ،
كۆپچىللىكنىڭ كۆڭلى توق،
ئەجداتلارنىڭ تارىخىنى،
ئېيتمىغان بىلەن بولامدۇ،
ئاتىدىن قالغان مىراس دەپ،
ئېيتىلىپ كەلگەن قىسسە بۇ؛
ئېيتىپ ئاڭا قانمىساق،
ئەپسۇس!، ئېسىت! بولمامدۇ؟
بوۋىلارنىڭ تارىخىنى
باشلايدىغان چاغ كەلدى،
ئەمدى ئېيتمىساق بولامدۇ؟
ئاتىلاردىن قالغان گەپ،
ھەممىنى يەڭگەن پەھلىۋان گەپ،
ھەممىسىدىن ئۇلۇغ گەپ،
گۈل – غۇنچىدەك سۇلۇۋ [2]گەپ،
ئەجداتلاردىن قالغان گەپ،
باللىرى يىغىپ ئالغان گەپ،
ئۇرۇقلاپ دائىم ئۆنگەن گەپ،
ھۆرمەتلەپ، خەلقى كۆنگەن گەپ،
رىۋايەتتىن ئۇققان گەپ،
دىلىمىزگە يۇققان گەپ،
قېرىلار ئېيتىپ بەرگەن گەپ،
بىرىنى قويماي تەرگەن گەپ،
قانچە ئەسىر ئۆتسىمۇ،
قالماي بىزگە كەلگەن گەپ.
ئالەمدە يوق سۈرلۈك گەپ،
ئاسماندا كۈندىن نۇرلۇق گەپ،
ئايدىن روشەن، ئېنىق گەپ
ئېيتىۋەرسە تۈگىمەس،
ئارتىدىن يەنە تۇغقان گەپ،
شۇندىن بېرى قارىساق
تۈمەن – تۈمەن ئەل ئۆتتى،
سان –ساناقسىز يىل ئۆتتى،
پىلگە مىنگەن ئەر ئۆتتى
بىلىگى توم شئر ئۆتتى
داستان بولۇپ، ئۇنتىلماي
ماناس كەبى كىم ئۆتتى!؟
شۇندىن بېرى قارىساق،
تاغ ئۇپراپ يەر بولدى،
يەر يىرتىلىپ ساي بولدى،
ساي ئۆزگۈرۈپ ساس بولدى،
ئاتىمىز ماناسقا ئوخشاش
ئېيتىلىپ كەلگەن ئاز بولدى،
ساس قوزغۇلۇپ كۆل بولدى،
كۆللەر قۇرۇپ چۆل بولدى،
ئېدىرلىق يەرلەر ھاڭ بولدى،
ئاق مۆڭگۈ[3] مۇزلار بۇزىلدى،
ئارسلان ماناس تارىخى
ھازىرغىچە سوزۇلدى.
باتۇر ماناس قىسسەسى
بۇزۇلمىغان ئەل بىلەن،
شىۋىرغانلىق يەل بىلەن،
بۇلبۇلدەك شىرىن تىل بىلەن،
بوغۇلماس تەمكىن ئۈن بىلەن،
ئەجدىرھادەك سۈر بىلەن،
قاپلىغان قىيان – سەل بىلەن،
قىقاس – چۇقان ئۈن بىلەن،
پەلەككە يەتكەن دۈڭ بىلەن
ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن سۆز،
ئاسقار تاغدىن ئاشقان سۆز،
ئارتىدىن قوغلاپ يېتىلمەي،
ئاسماندا بۇلۇت شاشقان سۆز!
ئىر[4] دېڭىزىن كەچكەن سۆز،
ئالتۇندەك مىسرالىرىنى
ئاقىنلار بىردىن تەرگەن سۆز،
بالدىن تاتلىق شىرىن سۆز
ھەممىسىنى يەڭگەن سۆز،
تاغ – داۋاندىن بوراندەك
گۈكۈرەپ ئۇچۇپ ئۆتكەن سۆز،
بۇ قىسسەنىڭ ئىچىدە،
ھىلىگەر كۆپ، ئالىپ[5] كۆپ،
تۈرلۈك يوسۇن، ئادەت كۆپ،
پەخەس بولغىن خالايىق!
ئاشۇرۇپ ئېيتقان يەرلەر كۆپ،
ئالتۇنى كۆپ، كۈمۈش كۆپ،
ئاتلىنىپ ياۋغا يۈرۈش كۆپ،
جاپاغا سالغان خورلۇق كۆپ،
جاندىن ئۆتكەن زورلۇق كۆپ،
شامالدىن يۈگرۈك ئېتى كۆپ،
پىشكەلى كۆپ، سائىتى كۆپ،
ئوق تېشەلمەس تونى كۆپ،
ئوپال تاغدەك زورى كۆپ،
ئوق چىشلەپ قىلغان قەسەم كۆپ،
ئۇنداق – مۇنداق ئامال كۆپ،
چىرپىق كەسمەي شەرتى كۆپ،
ئېيتىپ بىلىپ بولغۇسۇز،
قورالىنىڭ نامى كۆپ،
ئامال – چارە، ئۈلگە كۆپ،
نەسىھەت كۆپ، كۈلكە كۆپ،
پالچىسى كۆپ، ئىزچى كۆپ،
چېچەنى كۆپ، سىنچى كۆپ،
بوز تورغايدەك ۋىچىرلاپ،
ئەپلەپ ئېيتقان ئىرچى كۆپ،
ئالەمگە سىغماي قالغۇدەك،
بايلىغى كۆپ مۈلكى كۆپ،
بەندىدىن ئاشقان ئۇزى كۆپ،
پەرىدىن ئالغان قىزى كۆپ،
ئۆزگۈرۈپ كېتەر ئىشى كۆپ،
ئۆلمەي يۈرگەن كىشى كۆپ،
ساڭورلۇق[6] ئالتۇن قۇشى كۆپ،
سايدىكى قۇمدىن سانى كۆپ،
ساقلىنىپ كەلگەن ئۇشبۇ گەپ.
قىرغىزنىڭ ساقلاپ كەلگىنى،
سەلتەنەتلىك قاراكۆك[7]
يۈز يىلدا بولۇر يەر يېڭى،
ئەللىك يىلدا ئەل يېڭى،
ئۇلام ئۇقسا، ئۇقسام دەپ،
ئۇققان سېرى گەپ يېڭى.
نەچچە ئەسىر ئۆتسىمۇ،
ئەسكىرىپ[7] قالماي يەنىلا
ھازىرغىچە ئەڭ يېڭى.
بۇنى مۇندا تاشلايلى،
يولۋاس ماناس باتۇرنىڭ
قىسسەسىدىن باشلايلى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
[1]كۆكيال ـــــ بۆرە، بۇ يەردە ماناسنىڭ سۈپىتى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.
[2]سۇلۇۋ ـــــ گۈزەل ، چىرايلىق
[3]ئاق مۆڭگۈ ــــ تاغ چۇقۇلىرىدىكى قىشى – يېزى ئېرىمەيدىغان مۇزلۇق.
[4] ئىر ــــ شېئر، نەزمە، ناخشا
[5]ئالىپ ــــ باتۇر، گىگانت
[6]ساڭورلۇق ـــــ قۇشنىڭ بوينىدىكى يۇمشاق پەيلىرى
[7]قاراكۆك ــــ ماناسنىڭ يەنە بىر خىل سۈپىتى،
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ماناس»(يۈسۈپ ماماي ۋاريانتى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1984-يىل9-ئاي قىرغىزچە نەشىرىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساھىپبەگ ئالى
تەرجىمان : قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكولتېتىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 11:29
|