كۆرۈش: 1494|ئىنكاس: 0

ماھىرە ئوبۇلقاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

IMG_1027-1.jpg

ماھىرە ئوبۇلقاسىم

ماھىرە ئوبۇلقاسىم،  1959يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنى شىنجاڭ قۇرغاس ناھىيىسى لوسگوڭ يىزىسىدا تۇغۇلغان.
1977يىلى 7–ئايدا ئىلى ئوبلاس قورغاس ناھىلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە تولۇق ئوتتۇرنى پۈتۈرۇپ،  1978–يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنى خىزمەتكە قاتنىشىپ،  2008–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى ئوقۇتقۇچىلىقدىن پىنسىيەگە چىققان،  پارتىيە ئەزاسى، ئۇنىۋانى ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرىجە.  
1988–يىلى 9–ئايدىن 1990–يىلى 7–ئايغىچە ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستۇتىدا تەرجىمە نەزىريەسىدىن بىلىم ئاشۇرغان.
1997–يىلىدىن 2000–يىلى 12–ئايغىچە شىنجاڭ چوڭلار ئالى مائارىپدا «ئالى دەرىجە تەرجىمە نەزىريەسىدىن» بىلىم ئاشۇرۇپ تولۇق كۇرىس دىپلومىنى ئىلىپ، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان.
2005 –يىلى «نوۋەتتە،يىزا ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر »دېگەن خەنزۇچە ئىلىمى ماقالىسى جۇڭگۇ ئاساسى مائارىپ ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنىپ ، مۇنەۋەر ئىلىمى ماقالا مۇكاپىتىغا ئىرشىكەن، شۇنىڭ بىلەن قوش تىل ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە،   «9يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى يىزا ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىش ئەھۋالىغان قارىتا ئىلىپ بىرىلغان جەمئىيەت تەكشۇرۇش»، «ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىككىنچى  تىل ئوقۇتۇشى بولغان خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشنىڭ قانۇيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك»دېگەن خەنزۇچە ئىلىمى  ماقالىلرى جۇڭگۇ ئاساسى مائارىپ ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنىپ، ئىككىلى پارچە ئىلمى ماقالىسى مۇنەۋەر مۇكاپىتىغا ئىرىشكەن. يەنى  «تەبىئىي پەنلەردىكى خاس ئاتالغۇلارنى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش دەرىسلىكىگە كىرگۇزۇش زورۇر»دېگەن خەنزۇچە ئىلىمى ماقالىسى ئاپتونۇم رايۇن بويۇنچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىپ، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئىلىمى ماقالا تاللانما توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنڭدىن سىرىت، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ،   «بۇ ھايات گۇزەل ئوكيانمۇ»، «مۇئاۋىن ئىلىمى مۇدىر»، دېگەن ئەسەرلىرى ئىلى دەرياسى ژۇرنلىدا، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»، «ھاكىمنىڭ سىزغا رەسىمى»،«ئالماس تويۇڭلارغا مۇبارەك»، دېگەن ئەسەرلىرى ئىلى گېزىتىدا،   «دادامنىڭ ئۇنتۇلماس ھېكايسى»، قاقچى بوۋاي» دېگەن ئەسەرلىرى  شىنجاڭ گېزىتىدا، «مامۇت بويتاق» دېگەن راسىت ئىشلار خاتىرىسى تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا   ئىلان قىلىنغان.
«چۆلنى بوستان  قىلغان ئايال» (خەنزۇچە)دېگەن ئەدەبىي ئەسىرى  جۇڭگۇ ئاياللىرى ژۇرنىلىدا،  «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشلەر»،(خەنزۇچە). «يۈرتۈمدىكى ئات بەيگە مەيدانى » (خەنزۇچە)، «چىمەن دوپپا»(خەنزۇچە)  قاترالىق ئەسەرلىرى ئىلى گېزىتىنىڭ خەنزۇچە سانىدا، شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە سانىدا  ئىلان قىلىنغان.
«مېنىڭ باشلىق بولغۇم بار»،    «توردا ئىككىنچى خوتۇن ئىلىش»،   «سىما گۇاڭ زادى قانداق كۈپنى چاقتى؟» ،   «قارا نىيەتلىك ئەر»،   «يولدىن ئادىشىپ قالماق»،   «يوقالغان ھايات»، «ئېغىز يۈگرۈكى باشقا» ، «تامدىكى قەھۋە»،« باي بىلەن گادەي»، دېڭىز ساھىلىدىن ئەينەك تەرگۈچى»، « باستېرى بىلەن ئايال ئاشپەز»، « ياغلىقدىكى ئۆمۈچىك تورى» قاتارلىق ئەدەبىي تەرجىملىرى تەرمىلەر ژۇرنىلى، ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنلى، شىنجاڭ گېزىتى، ئۇرۇمچە كەچلىك گېزىتى، ئىلى گېزىتى، ئىلى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان، 2005–يىلىلدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بولۇپ 30پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە، راسىت ئىشلار خاتىرىسى، نەسىر، ئەدەبىي تەرجىمىلەرنى ئىلان قىلغان.
جالالىدىن بەھرامنىڭ «ئامەت بىلەن ئاپەت» دېگەن روماننى دىلمۇرات تەلئەت بىلەن بىرلىشىپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ، بۇ يىل خەنزۇچە تەرجىمىسى نەشىردىن چىقتتى. «ئارزۇ داۋىنىدا» دېگەن ئىككى قىسىمىلىق رومىنى  نەشىردىن چىقىش ئالدىدا. 2013يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولغان.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 19:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش