يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 1

بوستان: يۈشەنگە بېغىشلايمەن(ئەينەن ۋەقە يېزىلغان ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈشەنگە بېغىشلايمەن
(ئەينەن ۋەقە يېزىلغان ھېكايە)
يې مېي (تۇجيا)
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
ئاتام  يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئېلىپ ئاخىرى يۈشەنگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىز يۇرتىمىزغا دائىم قايتىدىغان بولدۇق. لۇشى تۈزلەڭلىكىدىكى بۇغداي مايسىلىرى كۆپ-كۆك ۋە ئۇزۇن بولۇپ، مايسىلار ھەر يىلى مۇشۇنداق ئۇزۇن ئۆسۈدۇ. باشاق چىقىرىدۇ، توق دان تۇتىدۇ. يەنە قوناق، كۆممەقوناق، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، ئاچچىق گۈلبىنەپشە، سېمىز ئوت، مامكاپ، قاشلىقئوتلار ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يۈشەنلىكلەر بىلەن بىللە بۇ زېمىننى ساقلاپ كەلگەن.
(1)
ئەشۇ يىللارنىڭ قىش كۈنلىرى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بىپايان زېمىن ئۇزاققا سۇزۇلغان ئىدى. سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز مۇز تۇتۇپ كەتكەن قارلىق دالىدا ناھايىتى يىراق جايلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، شەندوڭنىڭ دوڭئا دىگەن يېرىگە قاراپ سەپەر قىلدۇق. مەن جەنۇپنىڭ نەمخۇش تاغ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغانمەن. گەرچە شىمال شامىلىنىڭ ئاچچىق سوغۇقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان بولساممۇ، بىراق دوڭئاغا، جۈملىدىن يۈشەنگە، كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئاتام ئېيتىپ بەرگەن ئەشۇ يۇرتىمىزغا قايتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلۈم شۇنداق ئىللىق ئىدى.
ئاتام ئەزەلدىن قاتتىققول، ئەمما ئېغىر-بېسىق بولغاچقا، يۇرتىمىزنىڭ گېپى چىقىپ قالسىلا چىرايىدا دەرھال ئۆزگۈرۈش بۇلاتتى. ئۇ ئاجاۋ ھەققىدە سۆزلەپ كېلىۋېتىپ، يۈشەندىكى قارا چىلان دەرىخى ۋە خۇڭخې دەرياسىدىكى چوڭ كارىپ بېلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى. ئاتامنىڭ بايانلىرى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان بىر پارچە سۈرەتكە ئوخشاش بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ئەسلىمىمىز بولۇپ قالغان ئىدى. ئاتام بىزدىن:
ــ ئۆسمۈر بۇرادەرلەر، يۈشەن قەيەردە؟، ـــ دەپ سورايتى.
يۈشەن دوڭئادا بولۇپ، دوڭئادا ناھىيە تەسىس قىلىنغانلىقى ئەڭ دەسلەپتە «ئەمىنىيە دەۋرى» ناملىق كىتاپتا كۆرۈلىدۇ. دوڭئا ناھىيەسىنىڭ شەرقى تەيشەن تېغىغا، جەنۇبى خۇاڭخې دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. خۇاڭخې دەرياسى يۈشەننى ئايلىنىپ شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. ئەينى يىلى دوڭئانىڭ شاھى تۆھپىكار تالانت ئېگىسى ـــ ساۋجى جاھاندىن بىخەۋەر يۈرگەن ئادەم بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئوقۇغان نەزمىلىرى تاغ تىزمىلار ۋە تۇپراققا سىڭىپ كەتگەن، خۇاڭخې دەرياسى لەرزىگە كەلگەن، قۇشلار ۋىچىرلاپ ئۇچۇپ يۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىز «سېغىزخان يۇرتى» دىگەن چىرايلىق نامغا نائىل بولغان.
جاھاندىكى نۇرغۇن داڭلىق تاغلارغا سېلىشتۇرغاندا يۈشەن تېغى  كىچىك بىر تاغ ھېساپلانسىمۇ، بىراق تاغ ئانچە ئىگىز ئەمەس، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار كۆپ، قانچىلىغان پالۋانلار مۇشۇ تاغدا جان ئۈزگەن. خەنۋۇدى يۈشەن تېغىدا تۇرۇپ: «سەي قاپىقىغا مەدھىيە» ناملىق نەزمىنى ئوقۇغان.
  يۈشەن تېغى قەدىمدە «ۋۇشەن تېغى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خەن سۇلالىسى يۈەنگاڭنىڭ 3-يىلى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا يار ئېلىپ كەتكەن. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇلار خۇيې دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، خۇئەيخې دەرياسى بىلەن سى دەرياسىنى بېسىپ كىتىپ، سانسىز پۇقرالار يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. خەنۋۇدى 100 مىڭ ئادەمنى سەپەرۋەر قىلغان بولسىمۇ، يارنى ئېتەلمىگەن. خەنۋۇدى كېيىن يەنە بىر قېتىم شەرقنى كۆزدىن كۈچۈرۈشكە بارغاندا يۈشەن تېغىغا كېلىپ، دەرياغا چۈكۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن نەزىر چىراق  ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ۋۇبەيگۇەنگە: ئادەملىرىنى تەشكىللەپ، ياغاچلارنى ئېلىپ كېلىپ، دەريادىكى يار ئېلىپ كەتكەن توسمىنى ئىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. خان سالنامىچىسى سىماچيەن پەرمانغا بىنائەن، خەنۋۇدىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. دەريادىكى توسمىنى ئىتىشنىڭ جاپاسىنى تارتقان، قەلەمدار-ئەلەمدار بەگلەر ۋە نەچچە ئونمىڭ دېھقان-ئىشچىلار خەنۋۇدىنىڭ نازارىتى ئاستىدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ، نۇرغۇن يىل زىيان سالغان يار ئېلىپ كەتكەن توسمىنى ئەتكەن. سىماچيەن بۇ ئەھۋاللارنى «ئېقىن-ئۆستەڭلەر ھەققىدە بايان» غا خاتىرلەپ «تارىخنامە»گە كىرگۈزگەن.
ئاتام يۈشەن تېغى توغرىسىدىكى قەدىمدىن-ھازىرغىچە بولغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ. ئاتام ئۇزۇن يىللار مابەينىدە يۇرتىغا ئاران ئىككى قېتىملا قايتقان بولۇپ، 1947-يىلى خۇبېينىڭ جەنۇبىغا كېتىپ، تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن 1957-يىلى يۇرتىغا ئاران بىر قېتىملا قايتقان. ئۇ يەنە 20 يىلدىن كېيىن ئاران دىگەندە يۇرتىغا ئىككىنچى قېتىم قايتقان.
   ئاتام يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى پىشانىسىگە ئۇيۇۋالغان بولۇپ، يۈشەنگە كۆپ قېتىم سالام خەت يازغان. ھەر قېتىم تاۋۇز چاغىنى ۋە چاغان كەلگەندە ئاتام ئۆزى يالغۇز بىر چەتتە تۇرۇپ توختىماي تاماكا چىكەتتى، ھەتتا تاماكا ئىسىنىڭ تەسىرىدە يۆتۈلۈپ كەتكۈچە چىكەتتى. ئۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىسىمۇ، بىراق بىز ئۇنىڭ يۇرتىنى سېغىنغانلىقىنى بىلەتتۇق. بۇ يۈشەنگە بولغان سېغىنىشىمىزنى قوزغىغان بولۇپ، دوڭئاغا ۋە يۈشەنگە بېرىش بىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ئارزۇيىمىزغا ئايلانغان ئىدى.
(2)
1981-يىلى چاغاندا مەن سىڭلىمنى ئېلىپ يۇرتقا بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان بولساممۇ، بىراق يەنىلا ئاتامدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالدىم. بىراق ئاتام مېنىڭ بۇ تەكلىپىمدىن خۇشال بولدى ھەم ئەنسىرەپ قالدى، خۇبېينىڭ ئەنشى دىگەن يىرىدىن ۋۇخەن بىلەن تەيئەن ئارقىلىق دوڭئاغا بېرىپ، ئاندىن يۈشەنگە قايتىشقا توغرا كىلەتتى. مۇساپە شۇنداق ئۇزۇن بولغاچقا، ئاتام بىزگە بىر قانچە يول لىنىيەلىرىنى لايىھەلەپ بەردى.
   يول بۇيى ئۇياق-بۇياققا چايقىلىپ يۈرۈپ ھارپا كېچىسىدىن بۇرۇنقى قاش قارايغان پەيتتە، بىز ئولتۇرغان «تەنئەن» ماركىلىك نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ئىغاڭلىغىنىچە دوڭئا ناھىيە بازىرىغا كىردى.
  بىر دەمدىلا قاراڭغۇ چۈشكەن بولغاچقا، يۇرتىمىزدىكى بۇ ناھىيە بازىرىنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆرەلمىدۇق. بىز بىر-بىرىدىن پاكار ئۆيلەرنى، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى كىچىك تۇرخۇنلاردىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ئاپئاق ئىسلارنى، بىر دېرىزىدىن قايتىۋاتقان سېرىق رەڭلىك چىراق نۇرىنى كۆردۈق. مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ جەنۇپنىڭ ھاۋاسىدەك نەم ئەمەسلىكىنى، كۆمۈر ئىسى بىلەن ئوتۇن ئىسىنىڭ پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن ھاۋانىڭ ناتۇنۇش ۋە يېقىملىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن ئەشۇ چىراق نۇرى ئاستىدا تۇغقانلىرىم بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ مېنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى، بىراق ئارلىقىمىز يېقىن تۇرۇغلۇق كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىدىم. ئۇلارنىڭ مېنى چاقىرىشىنى، ئەشۇ ئىسسىق ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئاتامنىڭ تەلەپپۇزى بۇيىچە، ـــ بۇ گۇاڭلەنمۇ؟، ـــ دەپ سورىغان بولسا دەپ ئويلىدىم.
فاڭ گۇاڭلەن مېنىڭ بۇرۇنقى ئىسمىم بولۇپ، تۇغۇلغاندا ئاتام يۈشەن كەنتىدىكىلەرنىڭ «فاڭ» فامىلىسىنى مېنىڭ فامىلەم قىلىپ قويغان ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە ناھىيەلىك ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر مېھمانخانىدا قوندۇق. چۈشۈمدە بىرسىنىڭ تۇيۇقسىز: ـــ گۇاڭلەن، گۇاڭلەن، دەپ چاقىرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، چۆچۈپ ئويغۇنۇپ دېرىزىدىن قارىسام تاڭ يۇرۇپ بولغان ئىكەن. بىنا ئاستىدىكى كوچا ۋاراڭ –چۇرۇڭ بىلەن تۇشۇپ كىتىپتۇ. ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئادەملەر كىرىپ-چىقىۋاتقان بولۇپ، بىر كىچىك يايمىدا پىشۇرۇلىۋاتقان پىلتە قۇيماقنىڭ مىزىلىك پۇرىقى شامالغا ئارىلىشىپ تەرەپ-تەرەپكە تارىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا يان تېلېفۇن ۋە تور بولمىغاچقا، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىككىنچى تاغام، ئالتىنچى تاغام ۋە چوڭ ئاكام گۇاڭمىنغا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇن ۋە تېلگىرامما ئارقىلىق خەۋەر قىلغان ئىدىم. تېلگىراممىدا يىتىپ بارىدىغان تەخمىنەن بىر كۈننى دىگەن بولغاچقا، ئۇلار ھەر بىر مېھمانخانىغا كىرىپ بىزنى ئىزدەپ، توختىماي: ـــ گۇاڭلەن، گۇاڭلەن، ــ دەپ چاقىرىۋاتاتتى.
مەن: ـــ ھە، ھە، دېدىم.
بىر يىگىت بىرمۇنچە پىلتە قۇيماقنى كۆتۈرۈپ، بېنانىڭ پەلەمپىيىنىڭ ئاغزىدا پەيدا بولدى، ئۇ  بىر تەرەپتىن  ئەتراپقا قاراپ، بىر تەرەپتىن چاقىردى. مەن بىر تەرەپتىن جاۋاپ بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئالدىمغا مېڭىپ، ئاتامنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ ئادەم قاڭشارلىق، شەندوڭلۇقلارنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان بىر جۈپ كۆزى بار، ئىگىز بوي ئادەم بولۇپ، چېكىلىكى ئۇزۇن ۋە ئۆڭۈپ كەتكەن يېشىل شەپكە كىيىۋالغانىكەن. ئۇ ناھايىتى ئۇرۇق بولغاچقا، كىيىملىرى بەدىنىگە چوڭ كېلىپ قالغانىدى. بىز ئاكامنى پەقەت سۈرەتتىنلا كۆرگەن بولۇپ، ئاتام يۈشەندىن ئايرىلىپ جەنۇپقا ماڭغاندا ئۇ ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقانىكەن. ئۇ يۈشەندە چوڭ بولۇپ دېھقانچىلىق قىلىپ ئائىلىنى بېقىپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئۆيلىنىپ بالا-جاقىلىق بولۇپتۇ. ئۇلار بىلەن بولغان ئارلىقىمىز ناھايىتى يىراق بولغىنى بىلەن، بىراق تومۇرىمىز بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاتامنىڭ ئوغلى، بىز ئاتامنىڭ پەرزەنتلىرى، ھەممىمىز يۈشەندىكى ئەشۇ قەدىمقى يىلتىزدىن چۈشكەن مىۋىلەر ئىدۇق. بىز بىر-بىرىمىزگە بېشىمىزدىن-ئايىقىمىزغىچە سەپ سالدۇق، ئاكام كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا:
ـــ سىڭىللىرىم، دېدى.
بىز: ـــ ئاكا، دېدۇق.
ئاكام قولىدىكى پىلتە قۇيماقنى سۇنۇپ:
ـــ سىڭىللىرىم، قېنى قىزىقىدا يەڭلار، دېدى.
مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئېغىزلىرىدىن قىپ-قىزىل قاننىڭ تەپچىرەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاكامنىڭ قولىنى  تۇتماقچى بولغىنىمدا، ئاكام:
ـــ سىڭىللىرىم ئۆيگە قايتايلى، دېدى.
(3)
شۇنىڭدىن كېيىن بىز يۇرتىمىزغا دائىم بارىدىغان بولدۇق.
  مەن دوڭئانىڭ قىياپىتىنى بارا-بارا ئېنىق كۆرۈۋالدىم. تۇنجى قېتىم يۈشەنگە كەلگىنىمدە، يۈشەننىڭ قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگىنىمدە دوڭئا چۈمبەردىسىنى ئېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسى بۇيىدىكى ئالتۇنغا ئوخشايدىكەن، بۇ ئالتۇن شەپەقتە سۈزۈك نۇر چېچىپ تۇرىدىكەن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بوينى قاتتىقلىشىپ كەتكەن خۇاڭخې دەرياسى دىگەن بۇ ئەجدىھا ـــ قاقاسلىققا ھاياتلىق ئاتا قىلىپ كەلگەن. ئەمما نۇرغۇن ۋاقىتلاردا دەريا سۈيى تېپ-تېنچ ئېقىپ كەلگەنىدى.
يۈشەندىكى خۇاڭخې دەرياسى توسمىسىنىڭ ئەتراپىدا فاڭ جەمەتىنىڭ كونا قورولىرى، چوڭ ئاكامنىڭ قورولىرى بار ئىدى. مەن كونا قورودىن سەيلىگە چىقىپ، ئاستا-ئاستا دەريا توسمىسىغا يامىشىپ چىقتىم. كەڭ دالا ناھايىتى جىمجىت بولسىمۇ، بىراق بوران ئاۋازى دەريا سۈيىنىڭ ئاۋازىغا قۇشۇلۇپ پىچىرلاشقاندەك ئاۋازلارنى چىقىراتتى. يۇقۇرى-تۆۋەن ئۇچۇۋاتقان قۇشلار تالانت ئېگىلىرىنى دوڭئاغا چاقىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ تارتىشىش كۈچىمىدۇ، ياكى ئىقلىمنىڭ مېھرىمىدۇ، ۋە ياكى تارىختىكى تەساددىبىيلىقمىدۇ؟، بۇ زېمىن شۇنداق چوڭ بولغاچقا، شۇنچە كۆپ قەھرىمانلار، مەردلەر ۋە غالىپلارنى سىغدۇرالامدىغانمىدۇ؟.
مەن شامالدىن سورىسام، شامال قىزىپ كەتكەن يۈزۈمنى گويا ئاھ ئۇرغاندەك سىپاپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن دەريادىن سورىسام، يالاڭئاياق پۇتۇمنى سۈيىگە باشلىدى، سۇلار پۇتۇمنى ئايلىنىپ ئۆتتى، توختىمىدى، يەكلىمىدى. چىرۇ زېمىنى ئەمەلىيەتتە، قەدىمدىن بۇيان قەھرىمانلار، ئۆلىمالار توپلاشقان زېمىن ھېساپلانغان. خۇاڭخې دەرياسى چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكىدىن باشلىنىپ، چىرۇ زېمىنىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلگەن. ئۇپۇققا تۇتاشقان قارلىق تاغنىڭ سۈيى ئارقىلىق قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل تۇپراقتا تۈرلۈك تۈمەن جانلىقلارنى بېقىپ، سانسىزلىغان ئىرادىلىك كىشىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. دوڭئا بۇنىڭدىن شاتلىققا چۆمگەن.
  بىر  قېتىملىق  جىددى  ئائىلە  يىغىنىدا، فاڭ جەمەتىنىڭ كونا قورولىرىغا ئاكامنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ناھايىتى يۇقۇرى ئابرويلۇق ئىككىنچى تاغام ئەسلىدىنلا مۇشۇ كونا قورودا ئولتۇرىۋاتقان ئىدى. ئاتام ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتقا قايتىپ كىلەلمىگەن بولغاچقا، ئاتامنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئىككىنچى تاغام بىر قوللۇق ئۇزاتقان ئىدى. جەمەتىمىزنىڭ كونا قوروسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىگىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ئىككىنچى تاغام، ئالتىنچى تاغام، يەنە شەنخەيگۇەننىڭ شەرقىدىكى جىلىندىن قايتىپ كەلگەن تۆتىنچى تاغام ۋە بەشىنچى تاغاملار بۇ كونا قورونى تۇنجى ئوغۇلنىڭ پەرزەنتىگە بىرىش كېرەك، دەپ قاراشتى. ئاتام قايتىپ كىلەلمىگەن بولغاچقا، كونا ئۆينى تۇنجى ئوغۇلنىڭ پەرزەنتى بولغان گۇاڭمىنغا بىرىدىغان بولدى. ئۇلار ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بۇيىچە بىر ۋاراق كېلىشىم پۈتۈپ، ھەر بىرەيلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا قىزىل رەڭلىك سۇرۇقتا كېلىشىمگە بارمىقىنى بېسىشتى. كېلىشىمگە كونا قورونىڭ پاسىلىنىڭ قانچىلىك كەڭ ئىكەنلىكى، قانچە ئېغىز ئۆي بارلىقى ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك يېزىلدى.
كونا قورو ئەمەلىيەتتە كىچىك بولۇپ، شىمالىي تەرەپتە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي، شەرق ۋە غەرپ تەرەپتە ئىككى ئېغىزلىقتىن يان ئۆي، يەنە بىر ئات ئېغىلى بار ئىدى. چوڭ ئاكام بىر تۇياق ئات باققان بولۇپ، ئاتقا تاشلارنى سۆرىتىدىكەن. كېيىن بىز چوڭ ئاكامنىڭ تاشنى يۈشەندىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. ئەينى يىللاردا باغلاقتىن ئەمدىلا بوشانغان دېھقانلار بەس-بەستە باي بولۇشقا باشلىغان ئىكەن. چوڭ ئاكام ئازراق پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشنى ئويلاپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى جىمغۇر، بىراق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولغاچقا، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ھويلىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئاتنى سۇغۇرىدىكەن، ئاندىن جادا ئورغاق بىلەن يېڭى ئوت-چۆپ ئۇرۇپ كېلىپ ئاتقا بىرىدىكەن. ئات بۇ ئوت- چۆپلەرنى يەپ بىرمۇنچە تېزەكلەيدىكەن. ئاندىن كېيىن ئاتنى ئېلىپ يۈشەنگە ماڭىدىكەن. تاشنى ئۆي سالىدىغان دېھقانلار ياكى شەھەرلىكلەرگە سېتىپ، ھەر كۇپ تاشتىن ئىككى يۈەن پۇل تاپىدىكەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ئاكام بىلەن يۇرتداشلار يۈشەن تېغىدىكى تاشنىڭ بىر دانىسىگىمۇ تېگىشكە بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپتۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاغنىڭ شەرقى ئېچىلىپ بىر تىك ھاڭ شەكىللىنىپتۇ، كولىغانسېرى يەر شارائىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇلار بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىر قانچە يىلغىچە نۇرغۇن قېتىم پۇشايمان قىلىپتۇ. يۈشەن تېغىنى قانداق كولاش كېرەك؟. چوڭ ئاكام ئاتنى سېتىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئاتنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ بىرى خۇبېيغا، يەنە بىرى دوڭئا ناھىيە بازىرىغا كەتكەن ئىكەن. ئۇ بۇغدايلىقتا ئايلىنىپ يۈرۈپ، كۈتۈلمىگەندە ئاتىسىنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىر قانچە گۈرجەك سېرىق توپىنى ئۇسۇپ قەبرىگە تۈكۈپ، توپىنى كۈچەپ چىڭداپتۇ. چوڭ ئاكام بۇغدايلىقتا تېنچ ياتقان ئاتىسىغا قاراپتۇ.
ئاتام يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئېلىپ ئاخىرى يۈشەنگە قايتىپ كەلدى. 1994-يىلى ئاتام جاخېسىغا، چوڭ ئاكام جەنۇپقا بېرىشنى مەسلەھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ ئەرۋاھىنى دوڭئاغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى خۇاڭخې دەرياسى بۇيىدىكى يۈشەن تېغىنىڭ باغرىغا دەپىن قىلدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىز يۇرتىمىزغا دائىم قايتىدىغان بولدۇق. لۇشى تۈزلەڭلىكىدىكى بۇغداي مايسىلىرى كۆپ-كۆك ۋە ئۇزۇن بولۇپ، مايسىلار ھەر يىلى مۇشۇنداق ئۇزۇن ئۆسۈدۇ. باشاق چىقىرىدۇ، توق دان تۇتىدۇ. يەنە قوناق، كۆممەقوناق، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، ئاچچىق گۈلبىنەپشە، سېمىز ئوت، مامكاپ، قاشلىقئوتلار ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يۈشەنلىكلەر بىلەن بىللە زېمىننى ساقلاپ كەلگەن.
(4)
     بىز كەنتتە ئۆيمۇ-ئۆي ئايلىنىپ يۈرگەن، قۇياش نۇرلىرى ئىللىق كۈنلەردە ئىككىنچى تاغام يۈشەندىكى فاڭ جەمەتىنىڭ ئائىلە شەجەرىسىنى ئېلىپ چىقىپ بىزگە كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن بىز فاڭ جەمەتىنىڭ فامىلىسىنىڭ تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2300 يىل بۇرۇن بار بولغانلىقى، بەش خىل نۇسخىدا ئائىلە شەجەرىسى يازغانلىقىنى بىلدۇق. ئەڭ بۇرۇنقى ئائىلە شەجەرىسى گۇاڭشۈ يىللىرىدا يېزىلغان، ئۇنىڭدا فاڭ فامىلىلىكنىڭ قەدىمقى شاجىنلىق ئىكەنلىكى، يۈۋۇنىڭ 5-يىلى (1258-يىلى) دوڭئا ناھىيەسىدىكى يۈشەنگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1946-يىلىدىكى ئائىلە شەجەرىسىدە: بۇنىڭدىن 40 نەچچە يىل بۇرۇن ياش قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نۇپۇسنىڭ ئاشقانلىقى، شۇڭا ئائىلە شەجەرىسىنى قايتا يېزىش كېرەكلىكى، يېزىشقا نازارەت قىلغۇچى، يېزىشنى داۋالاشتۇرغۇچى، كۆچۈرگۈچى قاتارلىق خادىملارنىڭ ئىچىدە ئاتام ـــ فاڭ يىگۇينىڭ يېزىشقا نازارەت قىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەنسىپىنىڭ «نايىپ ۋەزىر»، دەپ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆردۈم. مەن ئاتامنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدىن باشقا، يەنە مەنسىپى بارلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم. بۇرۇن ئەلەمدار زاتلارنىڭ مەنسىپى بولغان، ئاتام كەمبىغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللىرى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ مەنسىپىنى ئۆزى قويۇۋالغانمۇ، ياكى ئاتىسى قۇيۇپ قويغانمۇ؟، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى. ئەمما 1946-يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ياپونلارنى ئۆلتۈرىدىغان ئۇزۇن مىلتىق ئۆشنىلەردە ئېسىقلىق تۇرغان بولسىمۇ، شەجەرە يېزىش ئىشىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. شەجەرە يېزىش بۇ كەنتتىكى قېرى-ياشلارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئىش بولغاچقا، «دۆلەتنىڭ تارىخى، زېمىننىڭ تەزكىرىسى، ئائىلىنىڭ شەجەرىسى» بولغاندەك، ئۇلار بۇ دۆلەت ئىشى، ئائىلە ئىشى ۋە جاھاننىڭ ئىشىنى بىر-بىرىگە باغلىۋالغان. دۆلەتنىڭ تارىخى بولسىلا تارىختىن ساۋاق ئالغىلى بولىدۇ. ئائىلىنىڭ شەجەرىسى بولسىلا ئۇ توختاپ قالمايدۇ، جەمەتنىڭ نەسەبى قالايمىقان بولۇپ كەتمەيدۇ، چوڭلار بىلەن كىچىكلەرنى تەرتىپلىك ئايرىپ، چوڭ ئاتا ۋە چوڭ تاغىلارغا بالا بولغان ۋارىسلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ. جەمەت ئىچىدىن چىققان دانىشمەنلەرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى، مېھرىبانلىقى ۋە نەتىجىسىنى تارتۇقلاپ، ئۇنى ئەجداتتىن-ئەۋلاتقىچە ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ. 1942-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئەڭ جاپالىق بولغان بولۇپ، دوڭئا تەۋەلىكىدە ئۇدا ئۈچ يىل تەبىئى ئاپەت ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەن. قۇرغاقچىلىق، سېرىق چېكەتكە ئاپىتى، بۇغداي مايسىلىرى سۇلۇشۇش كېسىلىنىڭ تەسىرىدە كۈزدە زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئېلىنماي، پۇقرالار قەھەتچىلىككە ئۇچراپ ئېتى‍زلار قاقاسلىشىپ كەتكەن. نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ پانالىق ئىزدىگەن، سوغۇقتىن ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. پۈتۈن ناھىيە پۇقرالىرى ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ناھىيە چېكەتكە تۇتۇش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە چېكەتكە تۇتۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، تۇتقان چېكەتكىنىڭ جىڭ سانغا ئاساسەن مۇكاپات تارقاتقان. بىر تەرەپتىن يەنە قورچاق قۇشۇننىڭ غالجىرلارچە تازىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداپ، ئىجارە ۋە ئۆسۈم كېمەيتكەن...... ئارقىدىن يەنە ئائىلە شەجەرىسى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇلار ھەقىقەتەن ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان.
بۇ ئائىلە شەجەرىسى ۋە تەزكىرىلەر ــ شاتلىققا چۆمگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدۇ. 1949-يىلى ئاۋغۇستتا قالدۇق ياپونىيە قورچاق بازىسى بىتچىت قىلىنىپ، دوڭئا قايتۇرىۋېلىنغان. ئارقىدىن ليۇبوچېڭ، دېڭ شياۋپىڭ چوڭ قۇشۇنى خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرلىگەن. ناھىيەدىكى  پۇقرالار ئىشىك شاللىرى ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرنى ئىئانە قىلغان. ناھىيە بۇيىچە 1946-يىلىدىن بۇيان، ئالدىنقى سەپكە ياردەمگە بارغان دېھقان ئىشچىلار 160 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا، قوراشتۇرۇلغان جازا 30 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. دوڭئا ۋە يۈشەندىكى يۇرتداشلار نۇرغۇن ئۇلاق ھارۋىلىرى، قول ھارۋىلىرى بىلەن قۇشۇنغا  ئەگىشىپ پىڭخەن يول بويلىرى، لۇشىنىڭ جەنۇبى ۋە شۈجو  قاتارلىق جايلاردا  ئۇرۇش قىلىپ، دۆلەت بىلەن ئائىلىنى بىر تال يىڭنە بىلەن بىر تال يىپتەك تۇتاشتۇرۇپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا باسقان. يۈشەن، دوڭئا ۋە شەندوڭدا ئەينى يىللاردا قانچىلىغان يۇرتداشلار قول ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىپ ماڭغان. ئەر، ئايال ۋە قېرى، ياشلار، قەھرىتان سوغۇقتا جاپالىق كۈنلەرنى ئۇزۇتۇپ بەختىيار كۈنلەرنى كۈتىۋالغان.
ئاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلار، ئۇرۇش ئىچىدىكى يۇرتداشلار، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇربان بولغان يۇرتداشلار سىلەر ئەشۇ ۋاقىتتا قانداق ھېسسىياتتا بولغان ئىدىڭلار؟.
مەن ۋاپا بىلەن جاپانى ئېنىق ئايرىشنىڭ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دۆلەت ۋە ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ، ھەمدە ھايات-ماماتلىق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ دوڭئالىقلارنىڭ تومۇرىدا، يۈشەنلىكلەرنىڭ يادىدا ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئىككىنچى تاغام ئائىلىمىزنىڭ شەجەرىسى ھەققىدە توختالغاندا: «باي بولغاندا مەغرۇرلانماسلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغاندا بوشۇشۇپ كەتمەسلىك، تەنبىھ بىرىلىدىغانلار بىلەن ئەخلاق پەزىلەتلىكلەرنى ئېنىق ئايرىش، ئۇرۇق-تۇغقانلار قان-قېرىنداشلاردەك بولۇش» دىگەنلەرنى سۆزلەپ بەردى. بۇ سۆزلەر كىشىلەرگە كوڭ پۇزىنىڭ «ئالىجاناپلار خاتىرجەم كېلىدۇ، مەغرۇرلانمايدۇ، پەسكەشلەر تەكەببۇر كېلىدۇ، خاتىرجەم بولالمايدۇ» دىگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ چىرۇ زېمىنىدىكى كۇڭزىچىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىماتى بولۇپ، يۈشەندىكى يۇرتداشلارغا سىڭىپ كەتكەن.
(5)
يۈشەندىن ساۋزىجەن چىقىپ، نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ئىجاد قىلغان. ساۋزىجەن يۈشەندە ئوقۇغان، نەزمە يازغان، ئۇ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزگەن،  ئۆمۈربۇيى ئىگىلىك بەرپا قىلىپ، ئالتۇن ۋە تاش ئابىدە تۇتقان تۆھپىكار كىشىدۇر. ئۇ دوڭئانى 40 يىلغا يېقىن قامال قىلغان خاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. تاغ تېشىپ سۇ باشلاش ئۈچۈن، مىڭدى خانغا: «تىلەمچىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى جەدۋىلى»نى يوللاپ، 10 مىڭ مو بوز يەر ئېچىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئۈژمە ئۆستۈرۈپ پىلە بېقىپ، پىلىدىن ئاق يىپەك توقۇغان. دوڭئادا چوڭقۇرلۇقى ئالتە-يەتتە جاڭ كېلىدىغان قۇدۇق قېزىپ، سۈيىدە يىل بۇيى يىلىم قاينىتىپ، ھۆكۈمەتكە ئولپان تاپشۇرغان. ساۋزىجەن يەنە «يۈشەندىكى بۇددالارغا مەدھىيە» ناملىق كۈينى ئىجاد قىلغان.
ئاتام ياشىغان دەۋر ئىگىز-پەس دەۋر بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز بېكار يۈرمەيتى. ئۇ سىپايە ئادەم ھېساپلانمىسىمۇ، بىراق ئۇ بىر دانە بامبۇك نەينى ئىگىز تامغا ئېسىپ قوياتتى، ھەتتا بىر تال سېرىق لېنتىنى نەينىڭ بېشىغا چىگىپ قويۇپ، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان جايدا ساڭگىلىپ قۇياتتى. توساتتىن ئاتام ئۇ نەينى ئېلىپ ئېھتىيات بىلەن چالغاندا، كۈچەپ چالغاندەك ۋە نەينى چېلىپ بۇزۇپ قۇيۇدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بىز كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ نىمىنى چېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەمىگەنلىكتىن، ناھايىتى ھەيران قالغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ چالغان نەي ئاۋازىنىڭ ھەممە يەرگە ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نەي چېلىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ ئاتامغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدۇق.
ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئاندىن بۇ نەينىڭ ئاتامنىڭ نېيى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم، چۈنكى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاتامنىڭ «يۈشەننىڭ بۇدداسىغا مەدھىيە» ناملىق كۈينى نەي بىلەن ئورۇنلىغانلىقىنى ئاڭلاشقا ئادەتلەنگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى دوراپ باققان.  ئۇ قورال ۋە ئوتىغۇچ تۇتقان بىر جۈپ قولى بىلەن سۈكۈتكە تولغان كۆڭلىنى بىزگە ئىزھار قىلاتتى. «بۇدداغا مەدھىيە» نىڭ ـــ تېكىستى بار بۇددا كۈيى ئىكەنلىكى، «بۇدداغا مەدھىيە»دە: بۇدساتىۋانىڭ ئۈچ چوڭ ساۋابى، پاكىزلىق،  ئايرىلىش ئىستىكى، مېھىر-شەپقەتنىڭ كۈي ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە بۇددا دىنى ھىندىستاندىن جۇڭگوغا تارقالغاندا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا ناخشا ئېيتقان. ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ـــ ساۋزىجەن تېكىست يېزىپ كۈي ئىشلەشتە، ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ، بولۇپمۇ دوڭئا ۋادىسىدىكى ئەل ئىچى قوشاقلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېكىست بىلەن ئاھاڭنى بىرلەشتۈرۈپ، پىششىق يادلاپ، بۇددا نومىنى يادا ئوقۇغاندا ئاۋاز بىلەن تېكىستنى بىرلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈي تېز تارقالغان. تاڭ سۇلالىسى يىللىرىدا بۇ كۈي ياپونىيە، كورىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تارقىلىپ، كىشىلەر تەرپىدىن  ئۇنىڭغا «يۈشەننىڭ باياناتى» ياكى «يۈشەن» دەپ نام بىرىلگەن.
مەن ھەممىگە گۇۋا بولالايدىغان خۇاڭخې دەرياسىغا نەزەر سېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نىمىلەرنى قىلىشىمىز  كېرەكلىكىنى ئۆزەمدىن سوراپ باقتىم.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ھەر قېتىم دوڭئاغا، جۈملىدىن يۈشەنگە قايتىپ بېرىپ، بۇ بىپايان زېمىننىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تۇتۇپ باقتىم. بۇلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھاۋالىسى ئىدى. دوڭئالىقلار تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، يېڭى گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتتى.
يۈشەندىكى  خىلمۇ-خىل ئىشلار
كۆك دېڭىزدەك ئۈژمەزارلىقلار، دەۋر ئۆزگىرىشى، يۈشەن بىلەن ئەشۇ گۈزەل كىشىلەر، ماقالىلار بىلەن ئاۋازلار بىرلىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يۈشەن يالغۇز خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداۋاتقان بىر تاغ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ بولۇپ قالدى.
يۈشەندە ياشاۋاتقان ئەۋلاتلار يۈشەنگە ئامراق. يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كىشىلەر مەيلى قانچىلىك يىراققا كەتسۇن، بىر قانچە دەۋر ئۆتۈپ كەتسىمۇ، تومۇرلىرى تەبىئى ھالدا تۇتۇشۇپ كىتىدۇ، قەلبى ھەمىشە تەلپۈنىدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق.

يېمېي ـــ ئايال، مىللىتى تۇجيا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بادوڭ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. يۇرتى شەندوڭنىڭ دوڭئا دىگەن يىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، « مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى.

بۇ ئەسەر «نۇر گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 29-نۇيابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
致鱼山
(非虚构)
叶 梅
    父亲终于回到了鱼山,带着他始终的眷念。那以后,我们便常常回到老家看望,鲁西平原上的麦苗青悠悠的,它们年年岁岁就这么随风而长、抽穗、饱满,还有玉米、高粱、黄豆、黑豆,还有苦地丁、马齿苋、蒲公英、节节草,它们与一代代鱼山人相守在大地上。

     那年的冬天很冷,白雪覆盖的平原大地悠远舒展,我和妹妹在冰雪中辗转千里,向着山东东阿而行。在南方温润的山水里长大,第一次感到北风的凛冽,但我们心里却热呼呼的,因为是回东阿,回鱼山村去,从小就听父亲说,那是咱的老家。
    我们的父亲平素严峻而不苟言笑,唯有提到他的家乡,脸上的表情才会立刻活泛起来,他会说到阿胶,说到鱼山村的黑枣树,黄河的大鲤鱼,父亲的描述是一幅幅让人向往的图画,成为我们儿时的骄傲。少年的伙伴会问,鱼山在哪里?
     鱼山在东阿,东阿置邑,始见《春秋》,东依泰山,南临黄河。黄河绕着鱼山盘旋东流而去,当年的东阿王,一代风流才子曹植安睡于斯,他的诗情浸染着山脉土壤,使黄河在此缠绵,鸟儿盘旋呢喃,因此老家又有喜鹊之乡的美称。
    相比天下无数名山大川,鱼山只能算一座小山,但山不在高,有仙则灵,有多少风流尽在此山。一代英主汉武帝曾站在鱼山之上,慨然吟唱《瓠子歌》:“瓠子决兮将奈何,浩浩洋洋兮虑殚为河。殚为河兮地不得宁,功无已时兮吾山平。吾山平兮巨野溢,鱼弗郁兮柏冬日……”
   鱼山古来又叫吾山,汉元光三年,黄河在这一带决口,东南注巨野,入淮泗,令无数百姓流离失所,汉武帝先是发动十万人堵决未成。后又再次东巡亲临鱼山,沉白马玉璧于河,祭祀河流然后命文武百官及随从都去负薪背柴,塞河堵决。太史令司马迁随侍武帝,也亲身体验了负薪塞河的劳苦,文武百官和数万民工在武帝的亲临督责下奋勇争先,最终堵塞了为害多年的决口。司马迁将此记入了《河渠书》载入《史记》。
     古往今来,父亲的鱼山有说不完的故事。但在很多年里,父亲仅回过两次家乡。他从1947年南下去到湖北,因为种种原因,直到1957年才回了一次鱼山,第二次更是在三十年之后。
    父亲的乡愁刻在他的额头上,穿梭在他与鱼山的一封封家书里。每逢中秋、春节,他会独自一旁,狠狠地抽烟,直到自己在烟雾中呛得剧烈咳嗽起来。他虽一语不发,但我们都知道他是在思念故土,这多少次地激起我们对鱼山的向往,去往东阿,去往鱼山,成为我们儿时的梦。

  1981年春节,我和妹妹提出要回老家,父亲仍然无法分身,但他对我们的提议兴奋又担心,从湖北恩施经武汉、泰安到东阿,再回鱼山,漫长的路程啊,父亲热切地帮我们设计了好几条路线。
     一路辗转,除夕前的黄昏,我们坐着泰安的班车终于摇晃着进了东阿县城。
     夜色似乎就在那一瞬间降临,看不清这座老家县城大的模样,一片银白的世界里,只隐约见一排排低矮的房屋,房顶上小小的烟囱升起缕缕白烟,一个个窗口射出黄色的灯光。我深深地吸了一口气,那不同于南方湿润、带着煤烟和柴火味道的空气陌生而又亲切。我想,那些灯光下就有我的亲人,他们与我不再是远隔千里,我们近在咫尺,或许我的一声呼唤,他们就会从那些温暖的窗门里探出头来,用父亲的口音询问:那是广兰吗?
     房广兰是我的原名,是出生时,父亲依照鱼山村房氏的排行给取的名字。当晚住在县城车站对面一家旅社,睡梦中果然听得有人叫:广兰!广兰!惊醒过来冲到窗前,天刚蒙蒙亮,楼下的街面上哜哜嘈嘈的,车站已人来人往,一溜小摊炸油条卖煎饼,香味随风飘来。那时候没有手机、网络,只有长途电话和电报,我们临行前给二叔六叔和大哥广民拍了电报,只说了大概日子,他们一家家旅社寻过来,不断地呼唤。
     “广兰,广兰!”一声声一声声,我说“哎,哎,哎!”
   一个男子手里捧着一堆油条,出现在楼梯口,一边张望一边呼唤,我一边答应一边迎上去,只见他酷似父亲的国字脸,端正的鼻梁,一双山东人细长的眼睛,戴着个塌了帽檐褪了颜色的蓝帽子,瘦瘦的,衣服在身上晃荡。大哥——!我们只从照片上见过他,父亲离开鱼山南下时,他才一岁多,他在鱼山长大,种地养家,娶妻生子,这一切,离我们很遥远,但我们血脉相连,又是这样的近,他是父亲的儿子,我们是父亲的女儿,我们都是鱼山那根古老的根系上结出的果。广民,我们的哥哥,我们相互打量,他欲笑却含着眼泪说,妹妹啊?我们说,大哥!
     大哥伸出手,说,“妹妹啊,你们快吃果子,趁热。”我一眼看见他的手,冻裂的口子红红的冒着血丝,我一把想拉住大哥的手。大哥说,妹妹呀,咱家走。

     从那以后,我们常家走。
  渐渐的,我看清了东阿的模样。第一次来到鱼山时所见的冰雪覆盖,此后揭去了面纱,原来黄河如金,夕阳下粼粼闪光,千百年来,这条桀骜不驯的巨龙,它的血性它的刚烈它的澎湃滋养了万里荒原世代生灵,而多半时候,它沉着祥和,呈一种大智慧,大气象。
     鱼山百年河堤之下,是房家老宅,大哥的家。我从老宅漫步爬上河堤,旷野寂静,但有风声河水声传递着千年物语,那造字的仓颉、盖世的项羽、风华绝伦的奇才曹子建全都最终归于东阿,是天地的吸引,还是风土的眷恋,历史的偶然?抑或只有这片土地的深厚才容得下如此的英雄豪杰,如此的千年雄风?
     我问风,风拂过我发烧的脸庞,像是慨叹;我问河,甚至赤足趟进河水里,它们细小地绕过我的脚踝,不加逗留,不加理论。事实上,齐鲁大地自古以来便是大雄大儒荟萃之地,它吸纳着黄河从青藏高原一路携带而来的百般滋养,那是连接天际的雪山之水,红土地黄土地青土地万种灵物之气,浩浩荡荡,仰之弥高,钻之弥坚,成就了无数仁人志士,留下了他们的精魂。沿黄的东阿,莫不如是啊!
   经过了一场严肃的家庭会议,房家老宅正式确定由大哥继承。威望很高的二叔原本也住在老宅,我父亲未能回来侍候他们的父母,连给二位老人送终也都是二叔一手操持,但在家族商讨老宅的最后主人时,二叔六叔,还有打小闯关东从吉林赶回来的四叔五叔,都一致认为应该给长房,既然他大爷——指我父亲,不能回来,那就交给长孙房广民。他们按照传统的做法写下了一张合约,当着中人的面,郑重地各自按下了鲜红的手印,界有多宽,房有几间,写得清楚明白。
     老宅其实不大,北房三间,东西厢房各两间,还有一马棚,大哥养了一匹马,赤黄相间,孔武有力,大哥用它拉石头。后来我们才知道,大哥拉的石头采自鱼山,那些年,刚刚松开束缚的农民开始跃跃欲试发财致富,得弄点钱儿啊——大哥说。他的二小子沉默寡言,一身好气力,每天早起先是呱叽呱叽从院子的一口深井里打上水来,自己喝也给马饮,然后大铡刀咔嚓咔嚓铡出一堆新鲜草料,马吃过草便拉出一辆架子车,上了鱼山。石头卖给修房的庄户或是城里人,每立方挣两块钱的力资。
    再后来,大哥和乡亲都意识到鱼山的石头一块也不能再动了。那山的东侧经过多年开采已成一面绝壁,再挖就要破了风水——事后若干年,他们一次次后悔,鱼山怎么能挖呢?大哥那时卖了他的马,眼神里久久不舍。他的两个儿子,一个在湖北,一个去了东阿县城,接他去,但他只是转一转便又回了鱼山。他仍然瘦长的个子,在麦地里逡巡,不时到父亲的坟前看一看,用铁锨加上几锨黄土,用力拍紧。麦田里的大哥,守候着安睡的父亲。
     父亲终于回到了鱼山,带着他始终的眷念。1994年父亲驾鹤西去,大哥赶到南方,商量之后决定将父亲的魂魄接回东阿,让他安歇于黄河岸边、鱼山脚下。那以后,我们便常常回到老家看望,鲁西平原上的麦苗青悠悠的,它们年年岁岁就这么随风而长、抽穗、饱满,还有玉米、高粱、黄豆、黑豆,还有苦地丁、马齿苋、蒲公英、节节草,它们与一代代鱼山人相守在大地上。

     我们在村里串门,阳光明媚的日子,二叔拿出一本鱼山房家的族谱让我们看。这才得知,房氏得姓于约公元前2300年前,所修家谱已有五版,最早见于光绪年间,“房氏,古夏津人。于戊午年(1258年)迁居于东阿县之鱼山。”此后1946年修谱记载:“迄今四十余年,人丁繁衍,户口增益,理应重修。”监修、续修、缮写等人员中,竟有父亲房翼贵的名字:“监修:翼贵字佐臣……”,我惊讶地知道父亲除了姓名还有字,过去似乎只有那些文雅之士才会有名号,父亲出身于贫寒之家,且兄弟姐妹众多,他的“字”是自己取的还是他的父亲授予的呢?不得而知。
     但可以想象的是,1946年抗战刚结束不久,打日本的长枪还扛在肩上即动手修志,这事在全村老少心目中一定非常重大,“国有史,地有志,家则有谱”,他们将国事家事天下事连在了一起。“国有史,则可以史为鉴。家有谱,且常续不辍,则可以使族人世系不紊,长次辈分有序,宗络承继相属分明,族间贤能者之功德,业绩昭彰不泯,不以世代久远而忘记。”此前,抗战最为艰苦的1942年至1943年,东阿一带连续三年天灾不断,“大旱,蝗虫成灾,麦枯,秋苗薄收,民变产度荒。外出逃荒者,冻饿而死甚多。”全县百姓一边为生存而奋斗,“县组织捕蝗指挥部和捕蝗队,按捕蝗斤数发奖”,一边还要对付日伪军的疯狂扫荡,同时还要保护土地,减租减息……接着还要修谱!他们要做的事可真多啊。
     但幸亏有了这些谱和志,我们在莺歌燕舞的今天,才得以清晰地回望过去。1949年8月,残留的日伪据点被拔除,东阿全境收复。接下来,刘邓大军渡黄南进,县境乡民扒门板、捐木料,全县自1946年以来,投入支前民工16万人次,担架3万架次及大批畜力车、手推车,东阿及鱼山的乡亲随军转战平汉路沿线、鲁西南、徐州等地,将国与家融进了一针一线、一步一个脚印。鱼山——东阿——山东,当年有多少乡亲推着小车,男女老少,寒天冻地,送走月亮,迎来太阳啊。
     灾难之中的乡亲,战争之中的乡亲,忘我牺牲的乡亲,你们那时是怎样的情怀?
     一次次叩问,我们只能遥遥的感知:善恶分明,源远流长,家国恋,生死情,全在东阿人的血脉里,全在鱼山人的记忆中。二叔说到族谱上的家训:“富而不骄,贵而不舒。能明驯德,以亲九族。”这让人想起孔夫子“君子泰而不骄,小人骄而不泰”——发源于齐鲁之地的儒家学说,果然渗透在鱼山的家园里。

     鱼山有了曹子建,更添了许多的话题,爱说曹子建在鱼山读书、赋诗,度过他一生中最为旷达的时光;爱说他“戮力上国,流惠下民,建永世之业,流金石之功”的抱负,年近四十被封为东阿王之后,移山移水移衙门,向明帝上《乞田表》,获得准许垦田万亩,植桑养蚕,炼阿胶织阿缟,“东阿有井,大如轮,深六七丈,岁常煮胶,以贡天府者。”
     还爱说曹子建创造的“鱼山梵呗”。
     我父亲生活的年代波澜起伏,他没有多少闲空,也不是一个风雅的人,但他却有过一只竹箫,高挂在墙上,甚至有一条鲜黄的丝绦系在箫头,醒目地垂下来。偶尔的,父亲会取下那只箫,小心地吹着,好像一用劲,就会吹破了似的。我们都还很小,听不出他吹的是什么,只是好奇得很,但听他吹得满地凉月,一汪清水,便又觉得吹箫的这个人不像是父亲。
     事隔多年之后,我才明白父亲的箫,或许是因为小时候听惯了“鱼山梵呗”的吹奏,情不自禁也想仿效之。他一双拿枪握锄的手,将一腔默默的心思传给了我们。
     或者,他原本还想告诉我们,梵呗是一种带词的佛教音乐,赞叹诸佛菩萨的三宝功德,为清净、离欲、感恩、歌咏的表达。最初随佛教从印度传入中国时,少为人传唱。才高八斗的曹子建亲自撰文制音,大量采用了中原本土尤其是东阿一带的民间小调,音词结合,朗朗上口,竟使佛经在唱诵时声文并茂,得以迅速流传,唐朝年间便传至日本、韩国及东南亚,被人们命名为“鱼山声明”或“鱼山”。后人有《东阿王赞》曰:“七步诗八斗雄,和平妙音世界同,梵呗源真宗。”
     古时的人们,便期待一曲曲妙音,能穿越时空,在不同族群之间搭起温馨的彩虹。我眺望于见证这一切的黄河,问自己,今天的我们该做些什么呢?近些年来,我一次次回到东阿,回到鱼山,触摸到这片土地的温度,它们传递着祖先留下的嘱托。东阿人,在勤奋前行,添加着新的美妙之声。
     鱼山种种。
    沧海桑田,星移斗转,鱼山与那些美妙的人以及文章、声音已融为一体。于是,鱼山不仅仅是一座相守于黄河的山,更是耸立在无数人心中的山。
     生活在鱼山的世世代代,爱着鱼山,即使离家的人儿,也无论走得再远,隔了几代,自然会有血脉相连,时常会心向往之,“揽辔以抗策,怅盘桓而不能去”(曹植《洛神赋》)。对于我来说,也正是如此呵。

    叶梅 女,土家族。出生于湖北巴东,籍贯山东东阿。中国作家协会主席团委员,《民族文学》杂志主编。
《 光明日报 》( 2013年11月29日   14 版)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 00:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتقا بەرسە بولىدىكەنغۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش