كەڭ تورداشلار :
شىركىتىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە مۇزىكا تور بىكىتى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز، ھازىر پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ھالدا ، تور بىكىتىگە نام قۇبۇل قىلىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، جاراڭلىق، ئۆزگىچىلىككەئىگە ياخشى تور نامىنى تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1.تور نامىغا قويىلىدىغان تەلەپ تۆۋەندىكىچە :
1)تور بىكەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مەزمۇنىغا (ئۇيغۇرچە مۇزىكا تور بىكىتى ) ماس كىلىشى لازىم.
2)باشقا تور بىكەت نامى بىلەن ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك.
3)دەبدەبىلىك، ئۆزگىچە، يېڭى ،روشەن، ئوقۇشقا ئەپلىك بولىشى كېرەك.
4)توردا ئىزدەشكە قولايلىق، چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان بولىشى كېرەك.
2.ماقالە ئەۋەتىش ئۇسۇلى :
1) خەت ساندۇقى
xjttcy@qq.com غا يوللاڭ .
2) مەزمۇنى : تور نامىنىڭ ئىسمى ھەم چۈشەندۈرۈلىشى ، ئىسم فامىلىڭىز، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى (QQ،تېلفون نومۇرى )
3.ئاخىرلىشىش ۋاقتى :2014-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
4.باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش :
1) ماقالە ئەۋەتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىركىتىمىز باھالاشقا تەشكىللەيدۇ. بىر ئادەم بىر قانچە نام بىلەن تەمىنلىسىمۇ بولىدۇ. تەكرارلانغان ناملار پوچتىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىش تەرتىۋى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
2)ئەۋەتىلگەن نام رەسمىي ئىشلىتىلسە 1000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىلىدۇ.
كۆپچىلىك ھەرىكەتكە كىلەيلى ، سىزنىڭ ياخشى پىكرىڭىزنى كۈتىمىز.
شىنجاڭ جەننەت يايلاق تور چەكلىك شىركىتى
2014-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى