قىسقا ھېكايىلەر
ئېنگلىزچىدىن ۋاپايى تەرجىمىسى
چىرايلىق نەرسە
پاترىشا كرەيجىن
بۇ موماينىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ چېھرىدىكى يېشىغا ماس بومىغان سۈزۈكلۈككە ۋە ئۇنىڭ چېچىغا زەن سالدىم، ئۇنىڭ چاچلىرى ئەسلىمەمدىكىدىن بەكرەك قېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ماڭلىيىدىكى ئەندىشىنىڭ سىزىقچىلىرى ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنى ئەپچىللىك بىلەن يوقىتىۋىتىشنى ئويلىدىم. ئۇنىڭ لەۋلىرىدە تەبەسسۇم ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھېكايىلىرى تامامەن ئۇنىڭ يۈزلىرىگە يېزىلغانىدى.
رەسىمدە يەنە بىر ئەرمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇ موماينىڭ كەينىدە ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ چاچلىرىنى سۆيۈۋاتاتتى. ئەرنىڭ تومۇرلىرى ۋە قورۇقلىرى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، بىلەكلىرىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ باقتىم.
يولدىشىم ھەققىدىكى خىياللىرىم بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق بىر نەرسە كۆرۈندى.
__________________________________
‹ئەڭ قىسقا ھېكايىلەر›دىن.
بالىسىز ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر كۈنى
م . ستەنلى . بۇبىن
«بىز راستىنلا مۇشۇنداق بىر دۇنيادا بالا چوڭ قىلىمىزمۇ؟» سوراشتى ئۇلار.
________________________________
‹ئەڭ قىسقا ھېكايىلەر›دىن ئېلىندى.
بىر كۈنى ئاشىق ئەر ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتى. ئاخىرى ئۇ بىر كوچا ئاغزىغا كېلىپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئېھتىيات بىلەن سولغا ۋە ئوڭغا قارىۋەتتى، ئاندىن يەنە سولغا بىر قارىدى. بۇ يول پاكىزە ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوچىنى كېسىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بىر ئاپتوبۇس كېلىپ ئۇنى سوقۇۋەتتى.
________________________________-
___ مايكېل . ج . ستەۋىنس
‹ئەڭ قىسقا ھېكايىلەر› دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 21:03
|