چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
ماتېرياللاردىن مۇھەممەد ھوشۇر تەييارلىغان
ھېكايە سەنئەتنىڭ بۇلاپ كېلىنگەن بالىسىدۇر.
ھېنرىي جەيمىس( ئامېرىكىلق يازغۇچى ۋە تەنقىدچى)
بىر ھېكايە قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن مەنا ئىزدىگەن بىر فورمىلادىن ئىبارەت، بىر ئۇچۇم سۇدىن بىر ئوكياننى بىلەلەيمىز.
جون ئېدگار ۋايدمەن(ئامېرىكا يازغۇچىسى)
بىر پارچە ھېكايە بىر ئىستاكان سۇ بولسا، بىر پارچە رومان بىر دەريا سۇدۇر. بىر ھېكايە بىر تال ئۇرۇق بولسا، بىر رومان بىرپارچە ئورمانلىقتۇر. ھېكايە خۇددى ئاتۇمغا ئوخشايدۇ.ئاتوم بولسا پۈتكۈل ئالەمنىڭ مەخپىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.
بېن ئوكرى(نېگىريەلىك يازغۇچى)
پروزا دەسلەپكى باسقۇچتا خۇددى شىئېر ۋە دراممىغا ئوخشاش بىر خىل ئاممىۋى سەنئەت ئىدى...بىراق ھېكايە بولسا خۇددى رومانغا ئوخشاش بىر خىل زامانىۋى سەنئەت شەكلىدۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ (ھېكايە) شىئېر ۋە دراممىغا قارىغاندا بىزنىڭ ھاياتلىق پوزىتسىيىمىزغا تېخىمۇ ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
فرانك ئو كوننار(ئېرلاندىيە يازغۇچىسى)
ھېكاينىڭ ئۇزۇن بولۇشى ھاجەتسىز، بىراق ئۇنى قىسقا يېزىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقت كېتىدۇ.
ھېنرىي داۋىد سروۋ (ئامېرىكا ياغۇچىسى)
ھېكايە بىر پارچە ئەسەر بولسا رومان بىر خىل ھاياتلىق ئۇسۇلىدۇر.
تونى باربارا (ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە مائارىپچى)
ماتېرياللاردىن مۇھەممەد ھوشۇر تەييارلىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-17 23:28