بىر گۈزەل ئۇيغۇر قىز بولغاچقىلا سەن
گۈلبەدەن نۇرى
بىر ئوتلۇق قىز بولۇپ كەلگىنىڭ ئۆچۈن
ئېھ قاقاس چۆللەرنى پۈركىدىڭ گۈلگە
لىققىدە ھاياجان قاپلىدى پۈتۈن
سەن ئەگەر بىر تال تاش تاشلىساڭ كۆلگە
بىر ئوتلۇق قىز بولۇپ كەلگىنىڭ ئۆچۈن
سەن ئۆچۈن ئاچىدۇ رەڭدار كېپىنەك
ئاسماندەك زەڭگەر ھەم ماۋى بەرگىنى
ئايىقىڭ ئاستىدا قالسا گۈل- چېچەك
خۇشاللىق ئىلكىدە بېرەر جېنىنى
سەن ئۆچۈن ئېچىلار رەڭدار كېپىنەك
ئەي سېنىڭ قوللىرىڭ گويا گۈل چىمەن
سالغۇسى كېلەر ھە قۇشلارنىڭ ئۇۋا
مەن سېنى يازماقچى بولسام ھەم ئەگەر
تۇيۇلار قەلىمىم شۇنچىلىك غۇۋا
ئەي سېنىڭ يۈزلىرىڭ گويا گۈل- چىمەن
ئەي، سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتىماق بولۇپ
پارلايدۇ تاغلارنىڭ چېكىسىدە تەر
مىڭ قېتىم لاۋۇلداپ، غەيرەتكە تولۇپ
جان بەرمەك ئىستىمەس ساڭا قايسى ئەر؟
ئېھ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتىماق بولۇپ
...
بىر دۇرۇس قىز بولۇپ كەلگىنىڭ ئۆچۈن
پاكلىق ھەم ھاياتلىق تۆكۈلدى سەندىن
ۋە يەنە ئۇيغۇرنىڭ بولغىنىڭ ئۆچۈن
سەن ئۆچۈن بىر پارچە شېئىرقالدى مەندىن
بىر گۈزەل ئۇيغۇر قىز بولغىنىڭ ئۆچۈن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-17 11:19