ئابلا ئەخمىدى1935-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1950-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن.1953-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ مىللەتلەر باسما زاۋۇتىدا،شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا،شىنجاڭ شىنخۇا 1-باسما زاۋۇتى ،قەشقەر گېزىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشچى ،تەھرىر،مۇخبىر، سىياسىي تەربىيە گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى،مەخسۇس بەتلەر گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.2002-يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«تۆشۈك مۇنچاق» (رومان)،«ئادىراسمان چېچەكلىگەندە»،«داۋالغۇش»(رومان)...قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.ئۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن تەرىپىدىن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى مۇكاپاتى» ،«قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت خادىمى» ،«ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس»،«مەملىكەت بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى مۇنەۋۋەر تالانىت ئىگىسى»قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-27 01:32