كۆرۈش: 1012|ئىنكاس: 0

ئابدۇللا مەتقۇربان

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
DSC_5849.JPG

ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ تەرجىمىھالى
     ئابدۇللا مەتقۇربان، ئۇيغۇر، 1959-يىلى 25-سىنتەبىردە چىرا ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، 1967-يىلدىن 1972- يىلغىچە چىرا توغرىكالى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ، 1972-يىلدىن 1977-يىلى 7- ئايغىچە چىرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 12-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدىن ئۆتۈپ ، 1978-يىلى2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 1983- يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندە نەتىجىسى ئەلا بولغانلىقتىن ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۆزى ئوقۇغان ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تاللانغان ۋە بۇ فاكۇلتېتىنىڭ چەت ئەللەر ئەدەبىياتى كافېدراسىغا تەقسىم قىلىنغان . 1986-يىلى 9-ئايدا لىكتور ،  1999-يىلى 6-ئايدا دوتسېنت بولغان . 1985-يىلى 9-ئايدىن1986-يىلى6-ئايغىچە نەنجىڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ، 1999-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 6-ئايغىچە شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا چەت ئەللەر ئەدەبىياتى بويىچە ئىككى قېتىم بىلىم ئاشۇرغان . خىزمەتكە قاتناشقاندىن بويان مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي تېخنىكۇم ، تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىغا «چەت ئەللەر ئەدەبىياتى تارىخى» ، «شەرق ئەدەبىياتى تارىخى» ، «20-ئەسىر غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى» ، «چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەردىن بەھىرلىنىش» ، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «بالىلار ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي بايان»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي بايان»، «غەرب مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى»، ھازىرقى ۋە بۆگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىي يۆلىنىشىدىكى ماگىستىر ئاسپرانتلارغا «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىن لىكسىيەلەر»، «شەرق ئەدەبىياتى تارىخىدىن لىكسىيەلەر»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوبزورى»قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ .
     ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئالىي مائارىپنىڭ دەرسلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ئەدەبىيات  تەتقىقاتىدا كۆرۈلىدۇ.
1. دەرسلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئەمگەكلەر: ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بېكىتىلگەن ماتېرىيالى «چەت ئەل ئەدەبىياتى ـــ ياۋروپا-ئامېرىكا قىسمى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى 10-ئاي نەشرى) ، « چەت ئەل ئەدەبىياتى ـــ ئاسىيا-ئافرىقا قىسمى» ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى 10-ئاي نەشرى) ، مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان  ئىمتىھان  ئۈچۈن  بېكىتىلگەن ئالىي تېخنىكۇم دەرسلىكى « چەت ئەل ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2011-يىلى 10-ئاي نەشرى)، تولۇق كورس دەرسلىكى «چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى»لەرنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان ؛ ئالىي مەكتەپلەر ، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك بولغان «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 7-ئاي نەشرى) ، ئالىي پىداگوگىكا مەخسۇس كورسلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى دەرسلىكى بولغان «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2004-يىلى 6-ئاي نەشرى)لەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان؛ مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان  ئىمتىھان  ئۈچۈن  بېكىتىلگەن دەرسلىك « چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى»(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2011-يىلى 10-ئاي نەشرى)نىڭ تەرجىمىسىگە باش تەرجىمان سۈپىتىدە يېتەكچىلىك قىلغان. يۇقىرىقى دەرسلىكلەر پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەردە  ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
    2. ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى مېھنىتى: بۇ ئومۇمەن 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قىسمەن چەت ئەل ئەدەبىياتى ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئابدۇللا مەتقۇربان  20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا قىزىققان، 1982-يىلى 4-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان، پىشقەدەم ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولاتنىڭ «ياخشىراق يازايلى، قىسقىراق يازايلى»ناملىق بىرىشورىسىغا يازغان ئىلمىي ئوبزورى ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان . تولۇق كورسنى پۈتتۈرۈش باكلاۋېرلىق دېسىرتاسىيەسىنى مەرھۇم پروفېسسور ئابلەت ئۆمەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە  «ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق تېمىدا تاماملىغان. شۇندىن ئېتىبارەن ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ئاساسلىق ماقالىلىرى تۆۋەندىكىچە :
   ★ «ۋەتەن قۇربانلىرىغا تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارىسى ــ ‹قاينام ئۆركىشى› رومانى ھەققىدە»،  «شىنجاڭ ياشلىرى» 1983-يىللىق 1-سان
   ★ «‹قارا ۋە ئاق داستانىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە»، «تارىم» 1984- يىللىق 4-سان
  ★ «ئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمى ھەققىدە مۇلاھىزە»، «تارىم»1985-يىللىق 5-سان
   ★ «نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تۇتقان ئورنى»، «تارىم»، 1985-يىللىق 9-سان
   ★ «نىجات تراگېدىيەسىنىڭ مەنبەسى ــ زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە› ھېكايىسى ھەققىدە»، «تارىم» 1987-يىللىق 11-سان
  ★ « ‹سىنتەبىر خاتىرىلىرى› ھېكايىسى ھەققىدە»، «تارىم» 1989-يىللىق 2-سان
★ «ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى ــ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ‹سۇتۇق بۇغراخان›رومانى ھەققىدە»،  « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1989 - يىللىق 1-سان
   ★ «قۇم باسقان دېڭىز» پوۋېستى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم، «تارىم» 1989-يىللىق 9-سان
   ★  «‹تۈندىكى چاقماق› رومانى ھەققىدە»،«شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى» 1990- يىللىق1 ــ2 – سانلىرى
   ★«‹يەنە سىزنى سۈيەتتىم› ھېكايىسى ھەققىدە»، «تارىم»1991-يىللىق 5-سان
   ★ «ياشلار ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «تارىم»1993-يىللىق 3-سان
   ★ «بالىلىرىمىز مۇشۇنداق ئەسەرلەرگە مۇھتاج: ئەخمەتجان قۇرباننىڭ ‹يالغانچى تۇسۇق›ناملىق ئەسىرى ھەققىدە»، «تارىم» 1993-يىللىق 6-سان
  ★ «كىچىككىنە تەسىرات: مەتتۇرسۇن ئېلىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى كۆرۈپ»، «تارىم» 1994-يىللىق 6-سان
   ★ «ئەلقەم ئەختەم ئىجادىيىتىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى »، «تارىم» 1994-يىللىق 8-سان
★«‹باراۋەرلىك ئورنى› ياخشى يېزىلغان ھېكايە»، «شىنجاڭ ياشلىرى» 1994-يىللىق 10-سان
  ★ «‹ئوربىتا› ھەققىدە» «تارىم»، 1995-يىللىق 5-سان
  ★ «مۇبالىغىنىڭ كۈچى ۋە ھېكايىدىكى دولقۇن»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، 1996-يىللىق 2-سان
  ★ «ئۇنتۇلماس خاتىرە» : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننى ئەسلەپ «شىنجاڭ ياشلىرى» 1996-يىللىق 4-سان
★ «ئەل ئوغلىغا ئوقۇلغان مەدھىيە»، (ئالىمجان رەجەپنىڭ دېھقان كارخانىچى كېرەم ئىمىن ھەققىدىكى ئەدەبىي ئاخبارات ئەسىرى ھەققىدە)، «تارىم» 1996-يىللىق 4-سان
   ★  «يەنە ‹سالغا تېشى› ھەققىدە»، «تەڭرىتاغ» 1996-يىللىق 5-سان
   ★  «‹ئەدەبىي قىممەت ۋە تارىخىي قىممەت› ــ يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرگە خەت»   «تەڭرىتاغ»1997-يىللىق 5-سان
★ « زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىدىكى ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىك»، «شىنجاڭ گېزىتى» 1997-يىلى 21-نويابىر سانى
   ★ «سېيىت ھاجىدىن نىياز ھېكىمبەكىچە»،  «تارىم» 1997-يىللىق 12-سان
   ★ «كونا – يېڭى خامېلىون»، (ئابلىز قارى ۋە ئوچىمىلوف ئوبرازلىرى ھەققىدە) «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1998-يىللىق 1-سان
   ★ «‹تۇزان قەسىدىسى› ھەققىدە»، «تارىم» 1998-يىللىق 3-سان
   ★ «‹كېسىلگەن توغراق› ھەققىدە»، «تەڭرىتاغ» 1998-يىللىق 5-سان
   ★ «نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمى ھەققىدە مۇھاكىمە»، «شىنجاڭ گېزىتى» 2000-يىلى 22-سىنتەبىر سانى
★  «سەنئەت گۈزەللىكى، سەنئەتتىكى شەكىل ۋە سەنئەت چىنلىقى ھەققىدە قايتا مۇھاكىمە»، «تارىم» 2001-يىللىق 1-سان
   ★ «بىر پارچە ھېكايە ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2001-يىللىق 14-ئاپرىل سانى
   ★ «مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان بىر شېئىر ـــ تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ ‹سېغىنىش›ى ھەققىدە»،  «تەڭرىتاغ» 2001-يىللىق 4-سان
   ★«‹بانكا بولاشنىڭ تۆتىنچى تەدبىرى›ھەققىدە»، «تارىم» 2001-يىللىق 9-سان
     ★ «‹جۇدالىق كۈيى›ھەققىدە»، «تەڭرىتاغ» 2003-يىللىق 1-سان
     ★ «مېنىڭ نەزەرىمدىكى مۇھەممەد پولات»، «تەڭرىتاغ» 2004-يىللىق 4-سان
     ★  «‹ئانا يۇرت›رومانى ھەققىدە»، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2004 - يىللىق 3-سان
    ★ «‹كىچىككىنە گۈل دۇكىنى› ھېكايىسى ھەققىدە» «تارىم» 2004-يىللىق 4-سان
★ «مۇھەممەد پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە»، خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 4-سان
  ★«يەنە ‹ئۆستەڭ بويىدىكى چەۋەنداز› ھېكايىسى ھەققىدە»،  «تارىم 2006- يىللىق 6-سان
  ★ «‹تۈگىمەس ناخشا›نىڭ 50 يىلى»، «شىنجاڭ گېزىتى» 2006-يىلى 26- ئاۋغۇست سانى
  ★«ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ھەققىدە»، «تەڭرىتاغ» 2006-يىللىق 5-سان
  ★ «‹ئۆزلىك ۋە كىملىك› ھەققىدە»، «شىنجاڭ گېزىتى» 2007-يىلى 10- فېۋرال سانى
  ★«بەرقىي ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007-يىللىق 1-سان
★ «بىر ھېكايە ، بىر سۆز »،  «شىنجاڭ ياشلىرى» 2008-يىللىق 1-سان
★«‹ھىجران› رومانى ھەققىدە»، «شىنجاڭ گېزىتى»2008-يىلى 1-مارت سانى
★«پولات ئاماننۇرى ھېكايىلىرى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى گېزىتى» 2008-يىللىق ئۆكتەبىر سانى
   ★ «شائىرلىقتىن تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگىچە»، «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» 2008-يىللىق 2-سان
★«ئەبەيدۇللا ئىبراھىم رومانلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2009 - يىللىق 1-سان
★ «بىر قىسىم ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يارىتىلغان ئەرلەر ئوبرازى ھەققىدە»،  «تارىم» 2009-يىللىق 3-سان
★«‹قايتا نىكاھ› رومانى ھەققىدە»، «تارىم» 2009-يىللىق 10-سان
  ★ «‹تومان تارىغان سەھەر› رومانىدىكى تەسادىپىيلىقلار ھەققىدە»،  «شىنجاڭ گېزىتى» 2010-يىلى 17-ئاپرىل سانى
★ «ماھىنۇر ئابدىلىم ئەسەرلىرىدىكى تېما خاسلىقى ھەققىدە»، «تارىم» 2010-يىللىق 8-سان
★«‹شەھلا كۆز› رومانى ھەققىدە»، «تارىم» 2011-يىللىق 5-سان
★«ئاياللار تېمىسىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» 2012-يىلى 28-ئىيۇل سانى
★ «‹گۈلباغ›دىكى رەڭدار چېچەكلەر» («شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى گېزىتى»دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى گېزىتى» 2012-يىللىق ماي ۋە ئىيۇن  سانلىرى
  ★ «مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرى ھەققىدە»،  « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2012 - يىللىق 2-سان
  ★ «‹قەدىر كوچىسى›رومانى ھەققىدە»،   «تارىم» 2012-يىللىق 10 - سان
  ★«مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ بىر قىسىم پوۋېست ۋە ھېكايىلىرى ھەققىدە»  «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2012 - يىللىق 3-سان
★«‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى گېزىتى›نىڭ ‹گۈلباغ›سەھىپىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2013 - يىللىق 3-سان
★ «بىر قىسىم ئەسەرلىرىمىزدىكى ئېكولوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلار ھەققىدە»،   «تارىم» 2013-يىللىق 8-سان
★ «‹دادامنىڭ بەشىنچى بالىسى› نەدە؟»،  «تەڭرىتاغ» 2013-يىللىق 5-سان
★ «يەنە ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى «گۈلشەن» بېتى
      ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت بىر قىسىم ماقالىلىرى 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر» دېگەن نامدا  توپلام قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ «ئانا ئەدەبىياتقا مۇھەببەت» ناملىق ئىككىنچى كىتابىنى نەشرىياتقا تاپشۇردى .
   چەت ئەل ئەدەبىياتى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئىزدىنىشلىرى :
    * «چېرنىشېۋىسكى ۋە ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى ‹سەنئەتنىڭ رېئاللىققا بولغان ئىستېتىك مۇناسىۋەتلىرى› ھەققىدە»، «شىنجاڭ سەنئىتى» 1984-يىللىق 4-سان
   *«گۈزەللىك ۋە سۆيگۈ ئىلاھەسى ــ ۋىناس»، «شىنجاڭ ياشلىرى» 1990-يىللىق 5-سان
  *«ھازىرقى زامان غەرب بۇرژۇئا ئىنسانپەرۋەرلىكى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» 1991- يىللىق 9-سان
   *«سەمىمىي ئۈمىد ـــ ‹دون كخوت› رومانىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە »، «تىل ۋە تەرجىمە» 1991-يىللىق 3-سان
*«پىسىخىك ئانالىز ھەققىدە»، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1993 - يىللىق 4-سان
    * «مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلىسەپەسى ھەققىدە»  «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1993-يىللىق 1-سان
* «مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى ھەققىدە»،«شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995 – يىللىق قوشۇمچە سان
  *«مودېرنىزم ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995 – يىللىق 1- سان
  * «‹تەيتانىك ناملىق پاراخوت› فىلىمىدىكى تەسادىپىيلىقلار ھەققىدە»، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» 1998-يىللىق 9-سان
  *« ‹ئاياللار ئىستېلاسى›رومانى ھەققىدە»، «شىنجاڭ گېزىتى» 1999-يىلى 9-يانۋار سانى
*«سارترېنىڭ ‹تەقىب› درامىسى ھەققىدە»  « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2002 – يىللىق 2- سان
  * «20-ئەسىردىكى روس – سوۋېت ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2002-يىللىق 4-سان
   *«چىخوپنىڭ دەسلەپكى ھېكايىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2004-يىيللىق 4-سان
  * «‹شاھنامە› ۋە ئۇنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2005 – يىللىق 2- سان
   * «2007-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە دورس لېسسىڭ»،  «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2007-يىيللىق 6-سان
   * «ئەدەبىي تەرجىمىلەرنىڭ نەمۇنىسى ــ ‹سۇنغان قانات› »،  «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2008-يىيللىق 1-سان
    3 ، ئابدۇللا مەتقۇربان تەرجىمە ساھەسىدىمۇ بەزى ئەمگەكلەرنى قىلغان :
     A كىتابلار:
    *«ۋاپادار كىچىك ئەجدىھا» (چاۋشەن خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم بىلەن ھەمكارلىقتا)، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988-يىلى كۈز نەشرى
   *«دۇنياغا مەشھۇر ھېكايە-چۆچەكلەردىن تاللانما» (2) ۋە (3)كىتاب، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 1999-يىلى 4-ئاي نەشرى
   * «جۇڭگو بالىلار قامۇسى ــ دۇنيا باغچىسى»، مىللەتلەر نەشرىياتى ، جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى 2008-يىلى 9-ئاي بېيجىڭ نەشرى
    B ماقالىلار :
    *«لېي فېڭ خاتىرىلىرىدىن سەككىز پارچە»، «شىنجاڭ ياشلىرى» 1990-يىللىق 5-سان
   *«نىكسوننىڭ ماۋزېدوڭ ۋە جۇئېنلەي ھەققىدىكى ئەسلىمىسى»،  «شىنجاڭ ياشلىرى» 1991-يىللىق 10-سان
    *«ۋىكتور ھيۇگۇ : بالزاكنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»،  «دۇنيا ئەدەبىياتى» 1997--يىللىق 2-سان
   * «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭگو»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» 1998-يىللىق 5-سان
   *«پۇشكىن ۋە قۇربان بارات ئىجادىيىتى ھەققىدە»، «تارىم» 2000-يىللىق 2-سان
   *«سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئىستېتىك قىممەت ــ رۇس سىمۋولىزىمچى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە»   «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2000--يىللىق 6-سان
* «تەنقىد ئورمانلىقى ـــ ژىئان مارى گۇستاف ل كلوزىونىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»،  «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2009--يىللىق 3-سان
   4، ئابدۇللا مەتقۇربان يەنە 1996 ـــ1997-يىللىرى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەر تەتقىقاتى» ناملىق دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسىغا قاتنىشىپ، بۇ تېمىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئائىت قىسمىنى يېزىپ تاماملىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى توغرىسىدا» نامىدىكى كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، 2000-يىلىدا ئازات سۇلتان، نۇرمۇھەممەد زامان، جاڭ مىڭلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى «211 قۇرۇلۇش» تۈرىنىڭ تەتقىقات تېمىسىدىن بىرى «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا  قاتناشقان، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن نامدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى7-ئايدا نەشىر قىلىنغان .
  ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ «ئوربىتا» پوۋېستىغا  يازغان ماقالىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «يېڭى دەۋىردىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەسرلىرىدىن تاللانمىلار» دېگەن يۈرۈشلىك كىتابنىڭ «ئەدەبىي تەنقىد»تومىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50-يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلىنغان.
   5،  ئابدۇللا مەتقۇربان  ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم مۇنەۋۋەر ئەسەر ئاپتورى، ئىلغار خىزمەتچى، ئىلغار پەن تەتقىقات خادىمى، مۇنەۋۋەر كۇمپارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى قاتارلىق ناملاردا تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان.
    ئابدۇللا مەتقۇربان 1997-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيەسىگە ئەزا بولغان،  1998ــ 2000-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى چەت ئەل ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ، 2003-يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىييات نەزەرىيەسى كافېدراسىنىڭ مۇدىرلىقىنى، 2006-يىلدىن بويان ھازىرغىچە فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەتبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرلىقى بىلەن فاكۇلتېت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سىكرىتارلىقىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى چەت ئەللەر ئەدەبىياتى كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش