كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 0

ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
111111.jpg

مەملىكىتىمىز، ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان مەرىپەت بېغىدىكى ھارماس تۇلپار، دوكتۇر، فىرافىسور، ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئارسلان ئابدۇللا 1955-يىلى قومۇلدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە قومۇلنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قومۇل ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1971-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە قومۇل ۋىلايەتلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1974-يىلىدىن 1976-يىلى 9-ئايغىچە قومۇل ۋىلايەتلىك «راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانى»دا «دېھقانلارنىڭ قايتا  تەربىيىسى»نى ئېلىپ، دېھقانچىلىق قىلغان. 1976-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى  فاكۇلتېتىدا ئۆزبېك تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. بۇ جەرياندا، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماگېستېر ئاسپرانتلىق دەرسلىرىنى تولۇقلاش سىنىپىدا، تۈرك تىلى سىنىپىدا، جوڭگو ئىستىلىستىكا تەتقىقاتى سىنىپىدا ئوقۇغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 9-ئايغىچە ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىتا بىلىم ئاشۇرغان ۋە ئاسپرانتلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، كافېدرا مۇدىرى، فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1998-يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2001-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ فىلىلوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1992-يىلى دوتسېنت، 1997-يىلى ماگېستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، 2001-يىلى پروفېسسور، 2008-دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولغان. ھازىر  ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، شىنجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتايشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى، «211 قۇرۇلۇشى»نىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى، جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پوست دوكتورلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى دوكتورلۇق نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى، قوشۇمچە شىنجاڭ ئانتروپولوگىيە- مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تەڭرىتاغ-ئىۋىرغول مەدەنىيىتى ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى جەمىيىتى،  جۇڭگو ئالتايشۇناسلىق جەمىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»، «تارىم»، « تىل ۋە تەرجىمە»،  قاتارلىق ژورناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى .
ئۇ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ژورناللاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، «قۇتادغۇنىلىك ئىستىلىستىكىسى»، « ئۇيغۇر فامىلىلىرى تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئۇيغۇر فامىلىلىرى قوللانمىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشر قىلدۇرغان. 40 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە، ھىكايە، ئوچېرىكنى ۋە بىر قىسىم تارىخىي ئەسەرلەرنى ھەم بىر روماننى تەرجىمە قىلغان. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات پروگراممىلىرىدىن " غەربى يۇرتتىكى تىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىرى"، " قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى"، "شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە تەتقىقات" قاتارلىقلارنى تاماملىغان، ھازىر "ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىق ئارخىبى" ناملىق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات پروگراممىسىغا، "ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى"دىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە كەسىپ قۇرۇلۇشى پروگراممىسىغا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئوقوتۇش كوللېكتىپى پروگراممىسىغا رېياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇنىڭ 4 پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە، 12 پارچە ئەسىرى شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى «مۇنەۋۋەر تەتقىقات» نەتىجىلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 1990-يىلىدىن ھەزىرغىچە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمەنىيە، روسىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئاۋستېرىيە، ئىتالىيە، ئىران، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان ۋە لېكتور، پروفېسسورلۇق سالاھىتى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، فرانسىيىنىڭ ئالىي تەجرىبە-تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن.
كىشىلەرنىڭ بەخىتكە بولغان قارشى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر بەختىنى ھوقۇقتىن ئىزدىسە، بەزىلەر بىلىم ئىگىلەشتىن ئىزدەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھوزۇر-ھالاۋەتتىن ئىزدەيدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئارزۇ ئوخشىمايدىغان ئىلمىي ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن. بىلىم ئىگەللەشتىن ئۆز بەختىنى ئىزدىگەنلەرلا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ۋەتەن_خەلقنىڭ ئورتاق بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولىدۇ. بۇ بەخىت  ھەقىقى خەلىق ئېتىراپ قىلىدىغان بەخىتتۇر.
مەرىپەت بېغىدىكى ھارماس تۇلپار ئارىسلان ئابدۇللا 31يىللىق ھاياتىنى ئەنە شۇنداق ۋەتەن خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بېغىشلىغان. ئۇ ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەتىيجىلىرى ئارقىلىق ئىلىم-پەن دۇنياسىنى تېخىمۇ يورتۇپ، تاتلىق مىۋىلىرىدىن خەلىقنى ھوزۇرلاندۇردى.
ئادەم ھاياتى خۇددى مىۋىلىك كۆچەتكە ئوخشايدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق كىچىكىدىنلا ياخشى پەرۋىش قىلىنغان مىيۋىلىك كۆچەت. ئۆزى ياراتقان مىۋىسىدىن خەلققە شىرنە سۇنغان ھارماس باغۋەن، ئۇ 30يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا خەلقئارا، مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە زور تەسىرگە ئىگە بولدى. ئىجتىمائىي پەن سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا زور تۆھپىلىرى بىلەن كاتتا مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولدى. قىينچىلىقى بار نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئېلىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان، مېھرىبان، كۆيۈمچان باغۋەن، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن ياراملىق دادا. ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى توغرا يولغا باشلاشتىكى مۆتىبەر، خىزمەتداشلىرى، قۇلۇم_قوشنىلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان جامائەت ئەربابى، پىشقان، كۆزگە كۆرۈنگەنلا ئەمەس، كۆزنى چاقنىتىدىغان، قۇياشقا ئوخشاش چەكسىز مېھرى مۇھەببىتىنى ۋەتەن_خەلققە بېغىشلىغان تىرىشچان تۆھپىكار دەپ تەرىپلەشكە ھەقلىقمىز. ئۇ خەلقىمىزنىڭ پەخىرى، ھازىر ئۇ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە رەئىس مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش