كۆرۈش: 822|ئىنكاس: 0

ئابلېز ئۆمەر ھاجى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
照片 015.jpg

ئابلېز ئۆمەر ھاجى1967-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان، قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزا قاراتال كەنتىدىن. 1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئالى تېخنىكوم دېپلومى ئالغان. 1999-يىلى 12-ئايدا ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگىچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى تەرپىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلى (تەرجىمانلىق) كەسپىدىن تولۇق كۇرۇس دېپلومى ئالغان. ھازىرقى ئۇنۋانى مۇھەررىر.
ئابلېز ئۆمەر ھاجى 1988-يىلى 9-ئايدا ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. 1992-يىلى 7-ئايدا «قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىگە يۆتكەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق، مۇخبىرلىق ۋە كورىكتورلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەرجىمانلار جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، بىردىن-بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ژورنال_ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ تەكلىپلىك تەرجىمانى، «قۇمۇل گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك يېزىلاردىكى پارتىيىلىك كادىرلار يىراق مۇساپىلىك مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، سىياسى كېڭەش قۇمۇل شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ نەشىر ئەپكارى_ «قۇمۇل تارىخ ماتېرىياللىرى» مەجمۇئەسىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى. ئۇنىڭ «شۇنداق بىر قىسسە بار دارۋاز ھەققىدە» (ئەدەبىي ئاخبارات، 1994-يىلى 4-نۆۋەتلىك)، «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.» (تەپسىلى خەۋەر، 1998-يىلى 8-نۆۋەتلىك) قاتارلىق ئاخبارات ئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى»، «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نىمە پايدا»، «كىمنىڭمۇ نامرات ياشاۋەرگۈسى كەلسۇن» قاتارلىق ئاخبارات ئەسەرلىرى ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «زامانىمىز ئاخباراتچىلىرى» قاتارلىق كەسپىي ژۇرناللاردا ۋە «قۇمۇل گېزىتى» دە ئاخبارات كەسپىگە دائىر بىر مۇنچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئابلېز ئۆمەر ھاجى كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاپقا ئامراق، كۆڭلىدە كەچكەنلەرنى يېزىشقا ھېرىس ئىدى. بالىلىق قەلبىدە يىلتىزلانغان بۇ قىزىقىش ئۇنى بارلىقىنى ئاخباراتچىلىققا، ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقىغا ۋە تەرجىمانلىققا ئۆزىنى بېغىشلىغان كۆپ قىرلىق كەسپىي خادىمغا ئايلاندۇردى. ئۇ 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، بولۇپمۇ ئاخباراتچىلىق كەسپىگە قەدەم قويغان 20 يىلدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆگەندى، ئىزدەندى، ئاخبارات كەسپىدە شان-شەرەپ قازانغان ئۇستاز، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە كەسپىي ئىستىلىنى ئۆرنەك قىلىپ، مەيلى تەھرىرلىكتە بولسۇن ياكى مۇخبىرلىق ۋە تەرجىمانلىقتا بولسۇن ئۆزگىچە يول تۇتۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى_ «غۇنچە بىز» ناملىق شېئرى«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1986-يىلىدىكى «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شېئىر ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتى. 1990-يىلى ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە «ئۈچ توپلام» خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندا مۇشۇ گۇرۇپپىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «ئاراتۈرۈك خەلق قوشاقلىرى»، «ئاراتۈرۈك خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئاراتۈرۈك خەلق چۆچەك-رىۋايەتلىرى» نى توپلاش، رەتلەش، نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشتى. بۇ توپلاملارنىڭ دەسلەپكى ئىككىسى 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇ «قۇمۇل گېزىتى» گە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن گېزىتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئاپتورلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، «ئىۋىرغول گۈلزارى» سەھىپىسى تەسىس قىلدى. ئۇ چاغلاردا ئەدەبىي ئەسەر يازىدىغانلار ساناقلىقلا ئىدى. گېزىتنى قۇمۇلنىڭ سىرتىدىكىلەر بىلمەيتتى. ئۇ ئەدەبىيات بېتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ بەت ئارقىلىق يەرلىك ئاپتورلارنى تەشكىللەش، يېتەكلەش بىلەن بىرگە، قۇمۇلنىڭ سىرتىدىكى قەلەمكەشلەرگە خەت يېزىش، تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق ئەسەر مەنبەسىنى كۆپەيتتى. بىر مەزگىللىك خىزمەت جەريانىدا ئەدەبىيات بېتى ئارقىلىقلا گېزىتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى، ئوقۇرمەنلەرنى كۆپەيتكىلى  بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەتراپلىق پىلانلاش، پىكىر ئېلىش ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق «جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش»، «مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش»، «تۇرمۇش يېتەكچىسى»، «جەمئىيەت ۋە مائارىپ»، «يېشىل ئارال»، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» قاتارلىق مەخسۇس بەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بەتلەر گېزىتنىڭ مۇھىم بەتلىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئۇ لاياقەتلىك گېزىت خادىمى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. بۇ جەرياندا خەنزۇچە كەسپىي ماتېرىياللارنى ۋە خەنزۇچە گېزىت-ژورناللارنى كۆپلەپ ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «زامانىمىز ئاخباراتچىلىرى»، «مۇخبىرلار ئىشى» دىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى ئوقۇپ ئوزۇق ئالدى. 25 يىلدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ئەسەرلىرى، مۇلاھىزە ماقالىلىرى 1000 پارچىدىن ئاشتى. بىر قىسىملىرى ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئاخبارات كەسپىگە بولغان قىزىقىش، قىزغىنلىق ئۇنى ھەقىقىي بىر ئاخبارات خادىمى قىلىپ تەربىيەلىدى. شۇنداق بولغاچقا 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە «تەقدىرداش» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مەسئۇل مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل كورىكتورى بولدى. 2003-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «جۇڭگو ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخىسلەر قامۇسى»نى يېزىش خىزمىتىگە قاتناشتى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2006-يىللىق ياش قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتناشتى. 2008-يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 3-ئايغىچە لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلەندى.
ئابلېز ئۆمەر ھاجى مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە قۇمۇلدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ ۋە ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى 1996-يىلى «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا، «سۆيگۈ تۇغقان خىياللار» ناملىق چوڭ ھەجىملىك شېئىرى، 1990-يىلى «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئالتۇن روجەك» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تۇرپان»، «كىرورەن» ، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تەقدىرداش»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «تۇرپان گېزىتى»، «قۇمۇل گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسىرى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئون مىڭ پارچىدىن ئاشتى. «سۆيگۈ تۇغقان خىياللار»ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن 1991-يىلى نەشىر قىلىندى. ئۇ «سۈكۈتنىڭ سىرى» ناملىق ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى توپلىمى، «چاقچاق نامە» ناملىق شېئىرىي چاقچاقلار توپلىمى، «ئويناق كۈيلەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قۇمۇل شىۋىلىرىگە ئىزاھات» ناملىق تەتقىقات كىتابىنى نەشىرگە تەييارلىدى، «قۇمۇل بالىلار ئويۇنلىرى»، «قۇمۇلنىڭ كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك خاسلىقى» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى، «قۇمۇل چاشمىچىلىقى» ناملىق ئەسىرى ۋە «قۇمۇل شەھىرىگە ساياھەت» ناملىق بىئوگراپىك ئەسىرى نەشىرگە تەييارلاندى.
ئابلېز ئۆمەر ھاجى ئۆز نۆۋىتىدە مەسئۇلىيەتچان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ 1991-يىلى قۇمۇلدا تۇنجى بولۇپ «ئاراتۈرۈكتە نورۇز» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى. 2000- ۋە 2008-يىلى ئۆسمۈرلەر يېزىقچىلىق كۇرسى ئاچتى. ئىككى قېتىملىق كۇرستا قادىر ئارسلان، يۈسۈپ ئىسھاق، ئەركىن قادىر (مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)، ئابلىكىم ھەسەن، دىلمۇرات تەلئەت، نۇسرەت تۇردى قاتارلىق نوپۇزلۇق كىشىلەر لېكسىيە سۆزلىدى. 2000-يىلى «باغداش» رېستۇرانىدا «جۇڭخۇا يىغىپ ساقلاش چولپىنى» ئەخمەت تۆمۈرگە تون كەيدۈرۈش پائاليىتىنى ئۆتكۈزدى. 2000-يىلى 10-ئايدا تۆمۈرخان روزى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىدا نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە توپلاش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. 2003-يىلى «باغداش» رېستۇرانىدا پېشقەدەم مۇقامچى، سازەندە روزى سوپىغا تون كەيدۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش