باھاردىكى سېغىنىش
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
ئاھ ئۇرۇپمەن سېغىنىشتىن پىغانلىق،
باغدا يۈرۈپ قاراپ قالدىم چېچەككە.
كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چىققان جۇدالىق،
سۇئال بولۇپ قۇيۇلماقتا يۈرەككە.
قالدى نى نى تىلەكلىرىم باھارسىز،
ئېچىلالماي كۆڭۈل سىرىم غۇنچىلاپ.
كېتىپ قالدى ياشلىقىممۇ قارارسىز،
ئاقار دىلدىن دەرد ھەسرىتىم تامچىلاپ.
توزۇپ كەتتى يېرىم ھايات كۈتۈشتە،
قايتالامدىم تايدەك يۈرگەن چاغلارغا.
خىيال، كەچمىش قالدى يىراق ئۆتمۈشتە،
نۇرى تەگمەي يۈرەكتىكى داغلارغا.
ئويچان يۈرەك تۇرار دائىم چوقانلاپ،
ئەسكە سېلىپ گۈل ياشلىقنى كۈنۈ-تۈن.
چىقارمايمەن ئاق بايراقنى ئالدىراپ،
بىزگە ۋىسال نىسىپ ئەتە يا ئۆگۈن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-14 09:30