يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 4

ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



                         ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى


                                   ئوبۇلھەسەن ئەيسا

                 (مەكتىپىمىز تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى خىمىيە پەنلىرى دوتسېنتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە نۆۋەتتە كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى، ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىش سەۋەبى، ھەسەلنى ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلار نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ساپ ھەسەل؛ ساختا ھەسەل؛ گۈل مەنبەسى؛ ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىشى


ھەسەل ـ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ گۈل شىرنىسىنى يىغىپ، تەبىئىي ئېچىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان ساغۇچ ئاق رەڭلىك يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ «تېبابەتتە ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئوزۇقلۇق يېمەكلىك» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە؛ قەدىمكى گىرېتسىيەلىكلەر ھەسەلنى قارىماققا «ئىلاھنىڭ سوۋغىسىغا ئوخشايدۇ» دەپ تەرىپلىگەن. دۆلىتىمىز جۇڭگو قەدىمدىن باشلاپلا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل يىغىپ، ئۇنى ئەڭ ياخشى دورا، ئەلا سۈپەتلىك ئىچىملىك ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

1. ھەسەلنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى

1) دەرىجىسىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈش
1-دەرىجىلىك ھەسەل ـ گۈل مەنبەسى: لىجى دەرىخى، لوڭيەن، سىترۇس ئۆسۈملۈكلىرى (ماندارىن، لىمون، ئاپېلسىن قاتارلىقلار)، لىپا دەرىخى، ئاق ئاكاتسىيە، كەتىرا، تېۋىلغا چىۋىقى گۈلى قاتارلىقلار.
رەڭگى: سۇس رەڭلىك، ئاق رەڭلىك، سۇس كەھرىۋا رەڭلىك.
ھالىتى: سۈزۈك، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ياكى كىرىستال.
تەمى: تەمى يېقىملىق، ھەسەل مەنبەسى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدە پۇرىقىغا ئىگە.
2-دەرىجىلىك ھەسەل ـ گۈل مەنبەسى: جىگدە، يانتاق، چىلان، كېۋەز، ئاپتاپپەرەس، بېدە، يۇلغۇن، زاغۇن، ئەپيۈن گۈلى، تاغ گۈلى قاتارلىقلار.
رەڭگى: سېرىق رەڭلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك، سۇس كەھرىۋا رەڭلىك، كەھرىۋا رەڭلىك.
ھالىتى: سۈزۈك، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ياكى كىرىستال.
تەمى: تەمى تاتلىق، ھەسەل مەنبەسى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدە پۇرىقىغا ئىگە.
3-دەرىجىلىك ھەسەل ـ گۈل مەنبەسى: ساپىئۇم دەرىخى (دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى-جەنۇبى رايونلىرىدا ئۆسىدىغان سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئۆسۈملۈك دەرىخى) قاتارلىقلار.
رەڭگى: سېرىق رەڭلىك، سۇس كەھرىۋا رەڭلىك، قېنىق كەھرىۋا رەڭلىك.
ھالىتى: سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك ھالەتتىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ياكى كىرىستال.
تەمى: تەمى تاتلىق، غەيرىي پۇراق يوق.
2) فىزىكىلىق ھالىتىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈش
ھەسەل ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىمدا، سۇيۇق ۋە كىرىستالدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان فىزىكىلىق ھالەتتە بولىدۇ؛ ئەمدىلا ئايرىپ ئېلىنغان ھەسەل سۇيۇق ھالەتتە بولۇپ، سۈزۈك ھەم ئېقىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، كۆپ ساندىكى ھەسەل مەلۇم ۋاقىت قويۇپ قويغاندىن كېيىن ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قېتىپ كىرىستاللىشىدۇ، شۇڭا كىشىلەر دائىم ئۇنى سۇيۇق ۋە كىرىستال ھالەتتىكى ھەسەل دەپ ئايرىيدۇ.
كىرىستاللاشقان ھەسەلنى كىرىستال دانىچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن چوڭ كىرىستاللىق ھەسەل، ئۇششاق كىرىستاللىق ھەسەل ۋە يېپىشقاق كىرىستاللىق ھەسەل قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ كىرىستال دانىچىلىرىنىڭ دىيامېتىرى 0.5 مىكرومېتىردىن چوڭ بولغانلىرى چوڭ كىرىستاللىق ھەسەل، دىيامېتىرى 0.5 مىكرومېتىردىن كىچىك بولغانلىرى ئۇششاق كىرىستاللىق ھەسەل؛ كىرىستال دانىچىلىرى ئىنتايىن كىچىك بولغانلىرى قارىماققا بىر ماددىدەك بولۇپ، يېپىشقاق كىرىستاللىق ھەسەل ياكى مايسىمان كىرىستاللىق ھەسەل دېيىلىدۇ.
3) ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈش
ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىگە ئاساسەن يەككە گۈل ھەسىلى ۋە ئارىلاش گۈل (ھەر خىل گۈللەر) ھەسىلى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
پەسىلگە ئاساسەن ئەتىياز پەسلى ھەسىلى، ياز پەسلى ھەسىلى، قىش پەسلى ھەسىلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
يەككە گۈل ھەسىلى: مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىگەن مەزگىلىدە ھەرخىل يەككە گۈللەرنى ئاساسلىق گۈل مەنبەسى قىلىدۇ مەسىلەن، جىگدە چېچىكى ھەسىلى، يانتاق چېچىكى ھەسىلى، بېدە چېچىكى ھەسىلى، چىلان چېچىكى ھەسىلى، يۇلغۇن چېچىكى ھەسىلى، زاغۇن چېچىكى ھەسىلى، كېۋەز چېچىكى ھەسىلى قاتارلىقلار.
ئارىلاش گۈل (ھەر خىل گۈللەر) ھەسىلى: ئوخشاش بولمىغان ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىنى گۈل مەنبەسى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل شىرنىسىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى (ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى) ئېنىق بولمايدۇ، مانا بۇ ئارىلاش گۈل (ھەر خىل گۈللەر) ھەسىلى دېيىلىدۇ. ھەسەل مەنبەسىنىڭ ھەرخىل بولىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ سالامەتلىكنى ئاسراش ئۆنۈمىمۇ نىسپىي مۇقىم بولىدۇ، دائىم قوشۇمچە دورىلىق رول ئوينايدۇ.

2. ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىرقانچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

نۆۋەتتە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ھەسەللەرنىڭ تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي ساپلىرىمۇ بار، ساختىلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن تەس. ھەسەل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرقىسىم ئالدامچىلار ساختا ھەسەل ياساپ كەڭ ئىستېمالچىلارنى ئالدىماقتا. مەسىلەن، ئاق شېكەرنى قاينىتىپ قىيام قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يەنە قويۇقلاشتۇرۇش ماددىسى، خۇش بۇي (خۇش پۇراق) ماددىلار، پىگمېنت قاتارلىق خۇرۇچلارنى قوشىدۇ ياكى ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ساختا ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭ رەڭگى سۇس، ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ھەسەل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدا ۋىتامىنلار، ئامىنو كىسلاتالار، مىنېرال ماددىلار ۋە ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ئېنزىم قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل؛ كىشىلەر بۇنى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ. بىر قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇرمۇش قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەتلىك ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىش سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ، شېكەر قىيامىدىن ياسالغان بىر بوتۇلكا ساختا ھەسەل بىلەن ھەقىقىي ساپ ھەسەل ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بۇ ئىككى خىل ھەسەلنىڭ رەڭ، تەم، يېپىشقاقلىق دەرىجىسى قاتارلىق تەرەپلەردە ئوخشاش ئىكەنلىكى ئايان بولغان، ئەمما فىزىكا خىمىيەلىك ئېنىقلاش ئارقىلىق ئاندىن ئۇلارغا ھۆكۈم قىلغان.
بېيجىڭ ھەسەل مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنى كوچا ئارىلاپ ھەسەل ساتىدىغان سېتىقچىلارنىڭ ھەسىلى ئۈستىدە خىمىيەلىك ئانالىز ئېلىپ بارغاندا، ئانالىز قىلىنغان 10 خىل ئەۋرىشكە ئىچىدە 4 خىلىنىڭ تەركىبىدە ئارىلاشما ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، قالغان 6 خىل ھەسەل ئەۋرىشكىسى ئىچىدە 3 خىلىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان؛ ئاساسلىق سەۋەبى ھەسەلنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، مىكروب ئومۇمىي سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلار ھەسەل سېتىۋالغاندا، چوقۇم نام-ئاتىقى بار ئىشەنچلىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان تاللا بازارلىرىدىن مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشى، ھەرگىزمۇ ئەرزان، قولايلىق دەپ كوچا ئارىلاپ ھەسەل ساتىدىغان سېتىقچىلارنىڭ ھەسىلىنى سېتىۋالماسلىقى لازىم.
تۆۋەندە كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ  پايدىلىنىشى ئۈچۈن ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىرقانچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن، دوستلارنىڭ مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1) پارقىراقلىقى ۋە رەڭگىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى. ساپ ھەسەل سۇس ئاق رەڭلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك، كەھرىۋا رەڭلىك بولۇپ، سۇس رەڭلىكى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ؛ پارقىراقلىقى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ساختا ھەسەلنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، ئاق شېكەرنى قاينىتىش ياكى شېكەر قىيامىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، قارىماققا ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ئادەتتە ئاچ سېرىق رەڭلىك ياكى قېنىق سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساپ ھەسەل رەڭسىز بولىدۇ، ھەسەلنىڭ رەڭگى ھەسەل تەركىبىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل شىرنىسىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. شۇڭا، قېنىق رەڭلىك ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى سۇس رەڭلىك ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن مول بولىدۇ، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قېنىق رەڭلىك ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار سۇس رەڭلىك ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلاردىن مول بولىدۇ، ئەگەر سىز مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلىماقچى بولسىڭىز قېنىق رەڭلىك ھەسەلنى مۇۋاپىق تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن قارا بۇغداي ھەسىلى، جىگدە ھەسىلى، چىلان ھەسىلى قاتارلىقلار.
2) كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى. ئەگەر ھەسەل تەركىبىدە ئارىلاشمىلار مەۋجۇت بولسا، ھەسەلنىڭ سۈپىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا بىلەن فىرۇكتوزا بولۇپ، ئۇلار بىرقەدەر تولۇق كۆيىدۇ، كۆيگەندىن كېيىنكى قالدۇق كۈلى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ساخاروزا، كىراخمال قاتارلىق ماددىلار كۆيگەندە قالدۇق كۈلى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ.
كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى: قىزدۇرۇلغان تۆمۈر سىم (زىخ)نى ھەسەلگە كىرگۈزگەندە، گاز ياكى ھور پەيدا بولسا، ئۇ ساپ ھەسەل، ئەگەر قويۇق ئىس پەيدا بولسا ئۇ ساختا ھەسەل بولىدۇ. ئەگەر ساپ ھەسەل بولسا، تۆمۈر سىم(زىخ)نى ھەسەلگە كىرگۈزۈپ چىقارغاندىن كېيىن، زىخ ئىنتايىن پارقىراق بولىدۇ ياكى زىخنىڭ ئەتراپىغا يېپىشقان ھەسەل كۆيۈندىلىرى ئاز بولىدۇ، ساختا ھەسەلنىڭ كۆيۈندىلىرى كۆپ بولىدۇ.
3) ھەسەلنى سورۇپ بېقىش ئۇسۇلى: بۇ خىل ئۇسۇلدا يېڭى ـ تېخى كىرىستاللاشمىغان ھەسەلنى سورىغان ۋاقىتتا قاچىغا چۈشكەندىكى ھالىتى ناھايىتى ئەۋرىشىم، سوزۇلغان يىپچىسى ئىنچىكە، ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمەي ئۇلىشىپ چۈشكەن بولسا بۇ ياخشى، ساپ ھەم پىشقان ھەسەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4) كىرىستال دانىچىلىرىنىڭ ئاۋازىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: كىرىستاللاشقان ساپ ھەسەلنى ئېغىزغا ئازراق ئېلىپ چاينىغاندا دەرھال ئېرىپ كەتسە ساپ ھەسەل ھېسابلىنىدۇ. كىرىستاللاشقان ساختا ھەسەلنى چاينىغاندا خۇددى شېكەر چاينىغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ (گىرىچلايدۇ).
5) ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بېقىش ئۇسۇلى: ھەسەلنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىدىن بىر يېرىم ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر سىز سېتىۋالغان ھەسەلنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى روشەن ھالدا نورمال قىممەتتىن تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھەسەل تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپرەك ئىكەنلىكىنى، ھەسەلنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ساختا ھەسەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
6) پۇرىقىنى پۇراش ۋە تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۇسۇلى: ھەقىقىي ساپ ھەسەلنىڭ پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك ھەم خۇشپۇراق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئېغىزدا تەمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ، ساختا ھەسەلنىڭ ھېچقانداق پۇرىقى بولمايدۇ، تاتلىقلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ ياكى چۈچۈمەل غەلىتە تەمدە بولىدۇ.
7) سوغۇق سۇدا ئېرىتىش ئۇسۇلى: ساپ ھەسەلنى سوغۇق سۇدا چايقاپ ئېرىتكەندە سۇنىڭ يۈزىدە ئاقۇش بىر قەۋەت كۆپۈك پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ئاقۇش كۆپۈك پەيدا بولمىسا، بۇ ساختا ھەسەل بولىدۇ. بىر ئىستاكان سۇغا ئازراق ھەسەل قوشقان ۋاقىتتا، ھەقىقىي ساپ ھەسەل ناھايىتى تېزلا ئىستاكاننىڭ تېگىگە چۆكىدۇ، ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ، پەقەت چوكا بىلەن قوچۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېرىيدۇ. ئەگەر ساختا ھەسەل بولسا سۇدا ناھايىتى تېزلا ئېرىيدۇ.
8) تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: سۈپىتى ياخشى ھەسەلنىڭ سۇ تەركىبى تۆۋەن، يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولىدۇ؛ دېزىنفېكسىيەلەنگەن ئەينەك تاياقچە ياكى چوكىنى ھەسەلگە كىرگۈزۈپ چىقارغان ۋاقىتتا يىپسىمان ھالەتنى پەيدا قىلغان بولسا ھەمدە ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمەي ئۇلىشىپ چۈشكەن بولسا، بۇ سۇ تەركىبى تۆۋەن ساپ ھەسەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر پارچە ئاق قەغەزگە ھەسەل تېمىتقاندا، ئەگەر ساپ ھەسەل بولسا شارسىمان تامچە پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاسانلىقچە يېيىلىپ (ئارىلىشىپ) كەتمەيدۇ، ئەگەر سۇ قوشۇلغان ھەسەل بولسا ھەسەل تامچىسى ئاستا-ئاستا يېيىلىپ (ئارىلىشىپ) كېتىدۇ، يېيىلىش سۈرئىتىمۇ تېز بولىدۇ، بۇ قوشۇلغان سۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
9) تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: بىر قوشۇق ھەسەلنى يېرىم ئىستاكان سوغۇق يېشىل چايغا قوشۇپ ئارىلاشتۇرغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئېغىر مېتاللار تەرىپىدىن بۇلغانغان ھەسەل بولسا، يېشىل چاي تەركىبىدىكى تاننىن بىلەن ھەسەل تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللار خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، كۈل رەڭلىك، قوڭۇر رەڭلىك، قارا رەڭلىك تۇز تۈرىدىكى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، ئېغىر مېتاللار بىلەن بولغان بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
10) تەركىبىدىكى كىراخمالغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: ئىستاكانغا ئاز مىقداردا ھەسەل قۇيۇپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن بىرقانچە تامچە يود ئېرىتمىسى تېمىتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندا، ئەگەر ئېرىتمە كۆك ياكى قىزىل رەڭ، بىنەپشە رەڭگە ئۆزگەرسە، ھەسەل تەركىبىدە كىراخمال تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

3. ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىش جەريانى

كىشىلەر دائىم ھەسەل نېمە ئۈچۈن سۇيۇق ھالەتتىن قويۇق ھالەتكە ياكى قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ. ھەرقانداق ھەسەل ئەڭ دەسلەپتە كۆنەكتىن ئايرىپ ئالغاندا سۈزۈك سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ سۇيۇق ھالەتتىن تەدرىجىي ھالدا قويۇق يېپىشقاق ھالەتكە ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گىلۇكوزا كىرىستال يادروسى (كىرىستال دانىچىسى) بار بولۇپ، بۇ كىرىستال دانچىسىنى كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە، ئوخشاش بولمىغان ھەسەللەرنىڭ تەركىبىدىكى كىرىستال يادروسىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، سانى ئوخشاش بولمايدۇ، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى℃14~℃20 گىچە بولغاندا ھەسەل كىرىستاللىشىشقا باشلايدۇ. ھەربىر كىرىستال يادروسى بىردانە كىرىستال يادرو مەركىزىنى ھاسىل قىلىپ، شۇ كىرىستال يادروسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەسەل يادرو ئەتراپىغا يېپىشىپ ھەم ئۇيۇشۇپ قېتىشقان ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ–دە، بۇ خىل ئۆزگىرىش بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە، ھەسەل يېپىشقاق قويۇق ھالەتكە ھەتتا قاتتىق ھالەتكە كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەسەلنىڭ رەڭگى تەدرىجىي ھالدا قېنىق رەڭدىن سۇس رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىش جەريانى پۈتۈنلەي بىر خىل فىزىكىلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، كىرىستاللىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى خىل ھالەت تېمپېراتۇرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئالمىشىدۇ. ھەسەل گەرچە كىرىستال ھالەتكە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ھەسەلنىڭ سۈپىتى ۋە پايدىلىق رولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

4. ھەسەلنى ساقلاش ئۇسۇلى

ھەسەل ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، مېتاللار بىلەن ئاسان رېئاكسىيەلىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، شۇڭا ھەسەلنى ئەڭ ياخشىسى ئەينەك قاچا، سۈپىتى ياخشى سۈزۈك سۇلياۋ قاچا، ياغاچ قاچا ياكى فار-فۇر قاچىلاردا ساقلاش كېرەك. ئۇندىن باشقا ھەسەل قاچىلانغان قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ قۇرغاق، سايە، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ساقلاش كېرەك.
پايدىلانمىلار:
[1] ھەسەل توغرىسىدىكى ھەرخىل ساۋاتلار
http://baike.baidu.com/subview/1 ... 39&from=rdtself
[2] ھەسەلنىڭ كىرىستاللىشىشى
http://health.sina.com.cn/hc/2013-10-31/0701111409.shtml
[3] باشقا قوشۇمچە ماتېرىياللار.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


如何分辨真假蜂蜜

奥布力艾散•艾萨

摘  要:本文论述了目前使用最多的蜂蜜的主要种类、如何分辨真假蜂蜜、蜂蜜的结晶及蜂蜜的保存方法等内容。

关键词:纯蜂蜜;假蜂蜜;蜜源花种;蜂蜜的结晶

                          

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-12 13:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



             بۇ ماقالىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرسىڭىز بىر پۈتۈن مەزمۇننى

ئىگىلىيەلەيسىز. «ھەسەلنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى»


ۋاقتى: 2014-4-12 17:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممىتى بار ماقالىكەن، تىما ئېگىسىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-4-13 11:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئېگىسىگە رەھمەت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-15 10:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-15 10:48  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش