يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 1

ئاققاش(ت): ئۈسكۈنە دەۋرى(ھىكايە) __ شىنچى خوشى[ياپونىيە]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈسكۈنە دەۋرى
(ھىكايە)
شىنچى خوشى[ياپونىيە]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى

تاڭ سەھەر، Sئەپەندى ئويقۇدىن ئويغىنشىغا ياستۇقىنىڭ يېنىدىكى تىڭشغۇچ ئورنىتىلغان ئۈسكۈنەبوش ئاۋازدا :ــ خەيرىلىك ئەتىگەن،ئاخشام تولىمۇ ئوبدان ئۇخلىدىڭىز، كۆتىرەڭگۈ، جۇشقۇن ھالەت بىلەن خىزمىتىڭىزگە ئاتلانغايسىز ، ــ دېدى.
بۇ كىچىككىنە تىڭشىغۇچ Sئەپەندىنىڭ ياستۇقىدىكى ئۇيقۇنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە ئۇلاغلىق بولۇپ،ئۇ S ئەپەندىنىڭ ياخشى ئۇخلىغان- ئۇخلىمىغانلىقىنى توغرا تەھلىل قىلىپ بىرەلەيتتى.ناۋادا Sئەپەندىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى يىتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇسى چالا قالسا ئۇيقۇنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئۇنى ياخشى ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلاتتى،ياكى ئۇنىڭغا دورىنى قانداق ئىشلىتىشنى دەپ بىرەتتى.
Sئەپەندى كەيپى چاغ ھالدا كىيىمىنى كېيىپ كارىۋاتتىن چۈشتى.كۆڭلىدە:« ئەجەپ ئوبدان زامان بولىۋاتىدۇ دېسە؟بۇرۇنقىلار بەلكىم تۇرمۇشنىڭ ھازىرقىدەك مۇنداق قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ  چۈشىدىمۇ كۆرەلمىگەن بولىشى مومكىن»دەپ ئويلىدى.
Sئەپەندى يۈز-كۆزىنى يۇيغاندىن كېيىن ئايالى بىلەن ئەتىگەنلىك غىزاغا كىرىشتى.بۇ چاغدا قۇلاق تۈۋىدە يەڭگىل بىر ئاۋاز ياڭرىدى:ــ قەھۋەدىن بىر ئىستاكان ،سۈتتىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ،يەنە پىشلاقتىن بىر تال يىسىڭىز كۇپايە...بۇ تورۇسقا بىكىتىلگەن ئوزۇقلۇق تەھلىل قىلىش ئۈسكۈنىسى ئەتىگەنلىك ناشتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى توغرا ئۆلچەپ چىققاندىن كېيىن تىڭشغۇچ ئارقىلىق يەتكۈزگەن كۆرسەتمە ئىدى. Sئەپەندى بۇرۇنقىدەكلا تىڭشىغۇچتىن كەلگەن بۇيرۇقنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.مۇشۇنداق بولغاندا يا سەمرىپ يا ئورۇقلاپ كەتمەي،تەن ساغلاملىققا كاپالەتلىق قىلغىلى، كۈچ قۇۋۋەتنى  ئۇرغۇتقىلى بولاتتى.
Sئەپەندى ئۇزۇقلۇقى تەڭپۇڭ بولغان ناشتىلىقنى يىگەندىن كېيىن خىزمەتكە مېڭىشقا تەييارلىق قىلدى.ئۇ ئاپتۇماتىك ئاياغ سۈرتۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئايىغىنى پاكىزە سۈرتتى،گالىستوك تاللاش ئۈسكۈنىسى بىلەن شۇ كۈنلۈك ھاۋارايى ۋە كيىمىگە ماس كىلىدىغان گالىستوكنى تاللىدى.
Sئەپەندى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى جاي-جايىغا يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشىكتىن چىقاي دېيىشىگە ئايالى ئۇنىڭغا:ــ ئۆيدىكى تالۇن ساقلاش ئۈسكۈنىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ،شىركەتكە بارغاچ ئۇنى رېمۇنتخانىغا بىرىپ قويۇڭ،ــ دېدى.
تالون ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئۆيدىكى بارىلىق تالۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ  ساقلايتتى. بۇ قولايلىق ئۈسكۈنە بولغاندىن كېيىن Sئەپەندىنىڭ ئۆيىدە  تالون تاپالماسلىق تۈپەيلىدىن مالنى قايتۇرالمايدىغان،ئالماشتۇرىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى.
Sئەپەندى تالون ساقلاش ئۈسكۈنىسنى قولىغا ئېلىشىغا ئايالى يەنە:ــ ھەراست،تۆنۈگۈن رېمۇنت قىلىشقا بېرىپ قويغان ئىشىكنىڭ تاقالغان تاقالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى بۆگۈن چۈشتىن كېيىن ئوڭشاپ بەرمەكچى ئىدى،ئىشتىن چۈشكەندە ئالغاچ كېلىشنى ئۇنۇتماڭ،ــ دېدى.ئىشىكنىڭ تاقالغان تاقالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى Sئەپەندى سىرىتقا چىققاندا ياكى ئۇخلىغاندا ئىشىكنىڭ تاقالغان تاقالمىغانلىقىنى ئەسكەرتەتتى.ھېلىمۇ ياخشى بۇ ئۈسكۈنە بولغاچقا Sئەپەندى يېرىم كىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ دەرۋازىنىڭ تاقالغان -تاقالمىغانلىقىنى تەكشۈرمەيدىغان بولدى.
Sئەپەندىنىڭ ئايالى ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن كاشىلىلارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى  بىلەن ئۆيدىكى بارىلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقتى.ئەگەر قايسى ئۈسكۈنىدىن چاتاق چىققان بولسا ئەتىسى ئەتىگەندە Sئەپەندىنى شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشقا ماڭغىچەئوڭشاشقا بېرىپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى.ھېلىمۇ ياخشى بۇ ئۈسكۈنە بولغاچقا تۇرمۇش شۇنچە قولايلاشقان ئىدى.شۇڭلاشقا ئۈسكۈنىدە بىرەر چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا ئوڭشىتىش كېرەك،بولمىسا تۇرمۇش قالايمىقانلىشىپ كىتەتتى.ئەمەلىيەتتە،بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ،  ياسىلىشى ئىنچىكە بولۇپ، چۈشەندۈرۈش قەغىزىدە 3يىل ئىچىدە چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى. ئەمەلىيەتمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى.ھازىرغا قەدەر ئۆيدىكى ئۈسكۈنلەرنىڭ كۆپىنى بەش يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى ئېشىپ مىڭدىن ئاشقان ئىدى.شۇڭلاشقا ھەركۈنى بىر نەچچە ئۈسكۈنىدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ ئوڭشىتىشقا توغرا كىلەتتى.
شۇ تاپتا Sئەپەندى قولتۇقىغا تالۇن ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى قىستۇرغىنىچە خۇشال-خۇرام  ھالدا ئىشقا كىتىپ باراتتى. قۇلاق تۈۋىدىكى  قاتناش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈسكۈنىسى ئۇنىڭغا ئىشقا بېرىش يولىدىكى قاتناش ئۇچۇرىنى دەپ بېرىۋاتاتتى. Sئەپەندىنىڭ چىرايىدا مەمنۇنلۇق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. كۆڭلىدە:« ئەجەپ ئوبدان زامان بولىۋاتىدۇ دېسە؟بۇرۇنقىلار بەلكىم تۇرمۇشنىڭ ھازىرقىدەك مۇنداق قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ  چۈشىدىمۇ كۆرەلمىگەن بولىشى مومكىن»دەپ ئويلىدى.

مەنبە:«ئوقۇرمەنلەر»(读者)ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانى   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 12:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-13 01:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش