«ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى»نىڭ بۇ يىللىق تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە
جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى»نىڭ بۇ يىللىق تەربىيەلەش، كىتاپ ئوقۇش، ئەدەبىي سىمىنارىيە پائالىيەتلىرى ھازىردىن باشلاپ ئومۇمىيۇزلۇك باشلاندى. 4-ئايدا ئىككى نۆۋەت خەنزۇ تىلى بويىچە «نەسر»، «شىئېرىيەت» سىمىنارىيەسى ئۆتكۈزۈلدى. 5-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر تىللىرى بويىچە ئەدەبىي پائالىيەتلەر داۋاملىق يولغا قويۇلماقچى.
رەھبەرلىكنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بۇ يىلقى تەربىيەلەش، كىتاپ ئوقۇش، ئەدەبىي سىمىنارىيە پائالىيەتلىرىنى ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت،ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرناللار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارنى بىرلىك قىلىپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى.بۇنىڭدا ئاپتورلارنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى جايلار ئۆزلىرى ئىشلەيدۇ. «ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى»مىز قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيەلەش، لېكسىيە، مۇزاكىرە قاتارلىق كۈندىلىك ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
«ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى»مىز ھەر قېتىمدا 14 نەپەر يازغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،ھەرقايسى مىللەتلەرگە تەڭ ئېتىۋار بېرىلىدىغانلىقى، ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيەلەر سانىنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك بۇ يىل ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىمكانىيىتىمىز يوق كۇرۇسلارنى كېلەر يىلى داۋاملىق تەشكىللەيمىز.
جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، ژۇرناللارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىنى بىز بىلەن بىرلىشىپ تەشكىللىشىنى قارشى ئالىمىز!
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى