كۆرۈش: 1418|ئىنكاس: 17

ئەخەتجان تۇردى: شەرقنىڭ بەش تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«شەرقنىڭ بەش تارىخى» ھەققىدە
ئەخەتجان تۇردى

ئۆز تارىخىنى بېلىش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن پەرھىز ۋەم قەرز.ئۆز تارىخىمىزنىڭ بەزىلىرى ھەرخىل شەكىلدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ ئەمما تېخى كۆپلىرى بىز ئۈچۈن تېخى قاراڭغۇ.
   مەشھۇر تاتار تارىخچىسى قۇربان غالىي خالىدى ئەنە شۇنداق بىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان، ئەمما ئىشەنچىلىك تارىخ ئەسەرلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك ئالىمدۇر.
  قۇربان غالىي خالىدى 1829-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ روسىيە تەۋەسىدىكى ئاياگۆز ناھىيەسىدە بىر تاتار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1913-يىللاردا چۆچەك شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
   ئۇ 1874-يىلى چۆچەككە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە 36 يىل ئىماملىق قىلغان،ئىككى يىل قازى بولغان. غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ بىر قاتار جايلىرىغا ساياھەتكە بارغان.تارىخىي ۋەقەلەرگە ئالاھىدە قىززىقىپ ،تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە كۆپلىگەن تارىخىي ماتىرياللارنى توپلىغان.كېيىن توپلىغان بىرىنجى قول ماتىرياللىرى ئاساسىدا 21 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ  «تاۋارىخى خەمىسەئي شەرقىي» (شەرقنىڭ بەش تارىخى) نامىدا ناھايتى مەشھۇر بىر تارىخ ئەسىرى يازغان.1910-يىلى قازان شەھرىنىڭ  ئۆرنەك باسمىخانىسىدا تاتار تىلىدا بېسىلىپ چىققان. بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ،غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئۆرۈپ-ئادەت، دىنىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى زور قىممەتكە ئىگە.
  «شەرقنىڭ بەش تارىخى» توققۇز بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ،كۆپلىگەن تارىخى ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ،ئىسلام دىنىنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانلىرى ھەققىدە ناھايتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار.
   مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىتاب يېغىش خۇمارىم كۈچلۈك. بەزىدە تاساددىبى ئېسىل كىتابلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ نۆۋەت تەتىلدە ئۆيگە قايتىقىنىمدا   مەلۇم بىرىدە «قىسەسۇل ئەنبىيا» نىڭ 1890-يىللاردا كۆچۈرۈلگەن چاغاتايچە نۇسخىسى بىلەن «تاۋارىخي خەمىسەئي شەرقىي» نىڭ 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە شافىگرا فتا بېسىلغان نۇسخىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ بۇكىتابلارنى ئىزدېدىم.  ئاخىرىدا  «تاۋارىخي خەمىسەئي شەرقىي » بىلەن نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) نىڭ 1911-يېزىلغان ،1956 –يىلى كۆچۈرۈلگەن « تارانچى تۈرۈكلىرىنىڭ تارىخى» دېگەن ئەسىرىنى تېپىشقا مۇشەررەپ بولدۇم.
  خالىدىنىڭ «شەرقنىڭ بەش تارىخى»نىڭ  1-قىسمى جەمئىي 200 بەت بولۇپ ، ئىككى بابتىن تەشكىل تاپقان. 1- بابى «فەرغانە خانلىرىنىڭ بايانى» بولۇپ ئاساسلىقى بەدۆلەت( ياقۇپبەگ) نىڭ تەزكىرسى خاتىرلەنگەن. 2- بابى «ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى» بولۇپ بۇنىڭدا ئافاق خوجا، تۇغلۇق تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ئاشكارلانمىغان ئىش- پائالىيەتلىرى ۋە ئالتە شەھەردىكى تۇرمۇش، ھاكىمىيەت ئەھۋالى خېلى تەپسىلى خاتىرلەنگەن.
  مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ يۇرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇرۈمچىدىكى مەلۇم شەخسى كىتابخانىدىن قۇربان غالىي خالىدىنىڭ « تارىختىن يېڭى خاتىرىلەر» دېگەن كىتابىنى ئۇچراتتىم ۋە دەرھال سېتىۋالدىم.بۇ كىتاب 1989- يىلى رازىق دولاتنىڭ تەھرىرلىك قىلىشى،ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك قىلىشى ۋە ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندىنىڭ كىرىش سۆز يېزىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تاتار تىلىدا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان.بۇ ئاپتورنىڭ ساياھەت خاتىرسى بولۇپ ماناس، سانجى،رۇمچە، تۇرپان،ئاستانە، لۈكچىن قاتارلىق جايلارغا بارغاندا يازغان خاتىرلىرىدۇر. بۇ ساياھەت خاتىرسىدىمۇ نۇرغۇن تارىخى ئۇچۇرلار بار.
     ئۇنىڭ «شەرىقنىڭ بىش تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئەق داڭلىق بولۇپ ،خوجىلار دەۋرىدىن باشلانغان شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىشەنچىلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 11:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-6 13:00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ؛- شۇ ماكان ۋە شۇ زاماننىڭ مەڭگۈ ئۆڭمەس پاكىتىدۇر.ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىرىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-4-6 13:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تارخنى بىلش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى

ۋاقتى: 2014-4-6 13:42:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇردىن كۆپ بەھىرلەندۇق، بولسا «شەرقنىڭ بەش تارىخى»نىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللىسىڭىزمۇ بولاتتى، كۆپچىلىك بەھىرلەنسە.

ۋاقتى: 2014-4-6 14:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتىكى تارىخنى تۇنۇتۇپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-4-6 18:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە 1782-يىللاردا قولدا كۆچۈرلگەن تۈركى «قىسەسۇل ئەنبيا»بار.بەك تەستە ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم.يەنە كىلىپ،ھازىرقى«قىسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ جىق يەرلىرى قىسقارتىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.

ۋاقتى: 2014-4-8 14:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇنئاي يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 18:16
مەندە 1782-يىللاردا قولدا كۆچۈرلگەن تۈركى «قىسەسۇل ئەنب ...

قولىڭىزدىكى ئۇيغۇرچىمۇ ياكى تۈركچىمۇ؟

ۋاقتى: 2014-5-3 17:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى قاچان كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولارمىز

ۋاقتى: 2014-5-3 18:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە «تاۋارىخى خەمىسەئي شەرقىي»نىڭ فوتوكوپىي نۇسخىسى بار.

ۋاقتى: 2014-6-25 19:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a.abdulla يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 18:27
مەندە «تاۋارىخى خەمىسەئي شەرقىي»نىڭ فوتوكوپىي نۇسخىس ...



    ئۆز  تارىخىنى ئاز-تولا  بىلمىگەن  ئادەم -ئەمادۇر . ياخشى  تېمىلارغا  تۇتۇش  قىپسەن ،

  قولۇڭ  بەرىكەتلىك  بولغاي ! ساڭا  قارايدىغان  كۆز  ئىچىدە   كۆز  بار .

ۋاقتى: 2014-6-25 20:35:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز

ۋاقتى: 2014-6-25 20:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئۆز تارىخىنى بېلىش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن پەرھىز ۋەم قەرز››

‹‹پەرھىز››نى ‹‹پەرز›› دەپ توغرىلاپ قويۇڭ. ‹‹ۋەم›› مۇ بار.

ماقالە ياخشى ئۇچۇرلاردىن تەركىبلىنىپتۇ، ساقلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2016-1-28 23:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم، بۇنى كىتاب قىلىپ نەشىريات تەرىپىدىن چىقىرىشقا تەرەددۇت قىلىپ باقسىڭىز بولماسمۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-28 23:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم، بۇنى كىتاب قىلىپ نەشىريات تەرىپىدىن چىقىرىشقا تەرەددۇت قىلىپ باقسىڭىز بولماسمۇ؟

ۋاقتى: 2016-4-5 10:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش