يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 2

تەرجىمە ھىكايە:خىسلەتلىك دېكتور

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خسلەتلىك دىكتور
(ھىكايە)
شىنچى خوشى [ياپونىيە]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد تەرجىمىسى
مەلۇم بىر كۈنى،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات دىكتورى ئادەتتىكىگەئوخشاش،ئورگىنالغا قاراپ خەۋەر ئاڭلىتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېشى قېيىپ ،ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىدى : ــ تۆۋەندە بىر پارچە پارا بېرىش، پارا ئېلىش دىلوسىنى ئاڭلىتىمىز،مەلۇم بولىشىچە،Kكارخانىسى قەرەللىك ھالدا باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ ئالى ئەمەلدارىغا زور سوممىلىق پارا بەرگەن.
بۇ ئاخبارات دىكتورى بىردىنلا قاتتىق چۈچۈپ كەتتى. خەۋەر ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا غەۋغا كۆترىلدى.ئىستانسسا باشلىقى قاتتىق خاپابولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى: ئېلىشىپ قالدىڭىزمۇ؟ خەۋەر ئورگىنالىدا نەدىمۇ بۇنداق نەرسىلەر بار؟-كەچۈرۈڭ،مەن ئۆزۈممۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم.
-كاللىڭىزدىن چاتاق چىقتىمۇ ؟ سىز تېلېۋىزىيە ئىستانسسىغا زىيانكەشلىك قىلماقچىمۇ؟ مۇشۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ شۆھرىتىمىز يەر بىلەن يەكسان بولىدىغان بولدى.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتچىلەر قورققىنىدىن يۈزلىرى تامدەك تاترىپ كەتتى،ھېلىقى دىكتۇرمۇ خىزمەتتىن ھەيدىلىشنى كۈتتى. بىراق، ئۇلار ئەنسىرىگەن ئىشلارنىڭ ھېچقايسسى يۈزبەرمىدى. ئەكىسچە  شۇنداق بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ،بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھېلىقى بىر نەچچە يوقىرى ئەمەلدارنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ Kكارخانىسىنى    تەكشۈرۈپ،ناھايىتى تىزلا پارا بېرىشكە ئالاقىدار دەلىل ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرۈپ، گۇماندارلارنى دەرھال قولغا ئالغانلىقىنى بىلدى.                         بۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كەيپىياتى باشقىچە قايناپ كەتتى، ھېلىقى دىكتۇرمۇ ھەممىنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولدى.      
  ـ ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ ، دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راسىت ئىكەن ،سىز بۇنى قانداق بىلگەن ؟ -سورىدى ئىستانسىسا باشلىقى.     ـ ئۆزۈممۇ تازا ئېنىق بىلمەيمەن ،شۇ چاغدا پەقەت كاللامغاشۇنداق بىر ئوي كېلىپ قېلىپ،پوسوققىدە دەپ تاشلىدىم شۇ! دىدى دىكتۇر خۇشال ھالدا.   
   ـ بۇ بىر ئالاھىدە ئىقتىدار بولىشى مومكىن،بەلكىم سىزدە قانونغا خىلاپ قىلمىشلارنى سىزەلەيدىغان قابىلىيەت بولىشى مومكىن. مۇندىن كېيىن،سىزنىڭ تالانتىڭىزنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرىمىز،بىز سىزگە تايىنىمىز،يىگىت،ياخشى ئىشلەڭ! ئىستانسسا باشلىقى دىكتورنىڭ مۆرىسىگە شاپىلاقلىدى.
ئىككىنجى كۈنى خەۋەر ئاڭلاتقان  چاغدا بۇ دىكتۇر يەنە بىلجىرلىدى: ــ بۇلتۇر باج ئوغۇرلغان ئالدىنقى ئون نەپەر كىشىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى.....     ئارقىدىنلا ئۇ،  ئۇلار ئوغۇرلىغان باجنىڭ سوممىسىنى خەۋەر قىلىپلا قالماي،بەلكى يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ باج ئوغۇرلاش ۋاستىسىنىمۇ تەپسىلى بايان قىلدى.باج مەھكىمسىدىكىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى ۋە ھېچقانچە كۈچىمەيلا دەلىل ئىسپاتنى قولغا چۈشۈردى.شۇنىڭ بىلەن بۇ دېكتورنىڭ خەۋەر پرۇگراممىسى ھەممىنىڭ قارشى ئېلىشغا ئېرىشتى،كۆرۈرمەنلەر تۇشمۇتۇشتىن تېلېفون قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى. - قالتىسكەنسىز،سىز ھەقىقى قەھرىمان،بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلنىپ ، جەمئىيەتتىكى ئاشۇ چىركىن كىشىلەرنى تازىلايلى ،يارايسىز!
بۇ دىكتۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا قونۇپ،ھەركۈنى ئۈچ ۋاق خەۋەرئاڭلاتتى ، ھەر قېتىم ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان پارتىلاش خاراكتېرىلىك خەۋەرنى ئاڭلاتقاندا،ئۇ سان-ساناقسىز مەدھىىيىگە ئىگە بولاتتى.
ئۇ مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلەۋىرىپ ،ئۆزىنى كاردىن چىقارغىلى تاسلا قالدى ،ئۇ ئۆيىگە قايتىپ بىر مەزگىل ئارام ئالماقچى بولدى.                             
  ئۆيىگە قايتىش يولدا، ئۇ كىملا بولمىسۇن ئۇنى كۆرسىلا ئالدىراپ- تىنەپ قېچىۋاتقانلىقىنى ھەيران قالغان ھالدا بايقىدى.      
ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بەلكىم شىركەتنىڭ كوماندىرۇپكا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولىشى،بەزىلىرى يالغاندىن كىسەل بولىۋېلىپ خىزمەتكە بارمىغان بولىشى،بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك قىلغان بولىشى ، بەزىلىرى ئاياللارنى گوللىغان بولىشى مومكىن.ئىشنى قىلىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ باشقىلار بىلمەيدىغان بىرەر «مەخپىيەتلىكى» باردە! كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ داڭلىق دىكتورىغا يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغان،ئۆزىنىڭ «ھىكايە» سنىڭ كىلەر قېتىملىق«قىززىق خەۋەر» بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
بۇ دىكتۇر قاتتىق ئەلەم ھىس قىلىپ، دەردىنى تۆككىدەك بىرەر ئادەم تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.   
   -نېمە بولمىسۇن ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى،بىراق ئۆيىدە ئايالى كۆرۈنمەيتتى، شىرە ئۈستىدە بىر باغاقچە تۇراتتى:  - قەدىرلىكىم،  خەير-خوش،  ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ، مېنىڭچە سىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدىڭىز ، مېنى كەچۈرۈڭ!

“特别关注”2010年9期
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 9-سانى
بۇ ھىكايە ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى  سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-5 10:49:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە  ياخشى  ،تىتىملىق تەرجىمە قىلنىپتۇ!

ۋاقتى: 2015-3-9 17:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىققان ھېكايىكەن، تەرجىماننىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش