ئوسمان ئەزىم شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
يالقۇن ئەزىزى
ئۆزبېكىستان شېئىرىيتنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان شائىر ئوسمان ئەزىم1950-يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرۇھىيتنىڭ سۇرخان دەريا ۋىلايتى بايسۇن تۈمەندە تۇغۇلغان . 1972-يىلى تاشكەنىت دۆلەت ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ژۇرنالسىتلىق فاكۇلتىتنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ 1979-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى«ئىنساننى چۈشۈنۈش» نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن،« ھالەت»،« ئاقىۋەت»،«كۆزگۈ»،«سۈرەت پارچىللىرى»،«ئويغۇنۇش ئازاۋى»،« بار ئىكەندە يوق ئىكەن»،« ئاجايىپ ئەژدىرھا»،«غۇسسە»،« ئۇزۇن تۈن»،« كۈز»،«ئوسمان ئەزىم شېئىرلىردىن سايلانما» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلار توپلىمى، بىر قىسىم ھىكايلىرى ، «جادۇ» قاتارلىق نەسىرى ئەسەرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
شائىر ئوسمان ئەزىم ئۇندىن باشقا«بىر قەدەم يول»« ئالپامىشنىڭ قايتىشى» قاتارلىق دىرامىلارنى،« ئەلشىر نەۋايى»«سۆيگۈ» قاتارلىق كىنو سىنارىيسىنى يازغان. ئوسمان ئەزىم چەتئەل شائىرلىرىنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭمۇ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
شائىر ئوسمان ئەزىم يۇقارقى خىزمەتلىرى ئۈچۈن 1982-يىلى گروزىيەنىڭ ماياكوۋىسكى نامىدىكى دۆلەت مۇكاپاتى ، 1998-يىلى« دوسىتلىق»ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 2000-يىلى ئۇنۇڭغا « ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» دىگەن نام بېرىلىپ ئالاھىدە تارتۇقلانغان. شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئىلگىرى بۇ مۇنبەردە« ئۆزبېكىستان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما»دىگەن تېما ئاستىدا ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق« تەرجىمىسدە»قىسمەن ساقلانغان مەسىللەر كۆزدە تۇتۇلۇپ تېمنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم. بۇ قېتىم شائىرنىڭ شېئىرلىرنى« تەرجىمىسدە»ساقلانغان مەسىللەرنى قايتا تۈزتۈپ چىقىپ ئوقەرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە قايتا سۇندۇم.
تەسۋىر
كۆزۈڭ قارا سېنىڭ، قاشلىرىڭ قارا،
يۈزلىرىڭ ئاق سېنىڭ، كۈلۈشلىرىڭ ئاق.
قولۇڭدا تۇرغان تاشلىرىڭ قارا،
ماڭا غەمكىن بېقىپ تۇرۇشلىرىڭ ئاق.
ئۇنتۇشىڭ قارا سېنىڭ، ھىجرانىڭ قارا،
سېغىنشىڭ ئاپپاقتۇر، خەتلىرىڭ ئاپپاق.
قارادۇر يۈرىگىڭ، ئاق-مىھىر ئارا،
ماڭا تاشلاپ كەتكەن دەرتلىرىڭ ئاپپاق.
شام ۋە سەھەردىكى ۋاقتىمدۇر قارا،
سېنى دەپ تۆككەن ياشلىرىم ئاپپاق.
سېنىڭ ھەم مېنىڭ ھەم بەختىمىز قارا،
ئوتتۇز تۆت يېشىمدا چاچلىرىم ئاپپاق.
ئىشەن يۈرەك ئاقتۇر، قارىدۇر تەقدىر،
ئاق-قارا بوياقلار بىزنىڭ باغلاردا.
مەن مىليون بوياقنى بىلەتتىم ئاخىر،
ئىككىمىز بەختىيار بولغان چاغلاردا.
بىكار،يالغان
بىكار،يالغان پاتمىغان،
مۇھەببەتنىڭ قۇياشى.
تۈن كەلدى! دەپ دادلىغان،
بىۋاپالار كۆز يېشى.
مەن بارىمەن،بۇ جېنىم-
سېنىڭكىدۇر... ئۆكسىمە.
تۈندىن قورىقما، ئاق تاڭنىڭ،
بىر پارچىسى كۆكسىمدە...
ئەمدى شېئىر يازمايمەن
ئەمدى شېئىر يازمايمەن،ئاڭا بېغىشلاپ،
ئەمدى خىيالمىنى ئويلاپ يىغلايمەن.
ئانا،قارلىق كېچە ئاپئاق پەرىشتە،
بۆسىلەر ئالماقتا ئەزىز ماڭلايدىن.
ئەمدى مەكتۇبلەر پۈتمەيمەن- تامام!
زەنجىربەنت قىلىمەن تەلۋە قايغۇنى.
ئانا، قارلىق كېچە قۇتۇرغان شەيتان،
ئېلىپ كەتمەكتەدۇر قۇچاغلاپ ئۇنى.
نىھات، قاچانلىققا چىقىدۇ قۇياش،
نۇرغا چۇلغۇنىدۇ بۇ سوغۇق دۇنيا؟
ئەمدى مەن ئۆلگىچە بېرىمەن بەرداش،
ئەمدى بۇ ھاياتىم مېنىڭكى تەنھا.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-2 22:01