كۆرۈش: 377|ئىنكاس: 4

نۇر مۇھەممەد توخنىياز:روبائىيلار ۋە پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
روبائىيلار ۋە پارچىلار  

نۇر مۇھەممەد توخنىياز



ياشايدۇ ئىجاتكار مېھنىتى ئۇزاق،

ئۆلسمۇ گەر جىسمى ۋاقىتسىز بىراق.

كۆڭلۈللەر تۆرىدە يادلىنار نامى،

ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا بۇلۇپ كۈي، قوشاق.



ئەقىلنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ھاراق،

نى، بالا –قازانىڭ تۈگۈنى ھاراق.

دۇنيادا ھاراقتىن پايدا تاپتى كىم،

بۇئاچچىق ساۋاقلار يەكۈنى ھاراق.



ئادەمگە يوققاندا مەرەز شۇم كېسەل،

تېتىماس ھەتتاكى يىسمۇ ھەسەل.

«تەن ساقلىق، زور بايلىق» دىگەن كونىلار،

سالامەت بولساڭلا بولار ھەممە تەل.



ئەرزىيدۇ تەر تۆكسەك ئانا يەر ئۆچۈن،

بۇشەرەپ، مەجبۇرىيەت، ھەر بىر ئەر ئۈچۈن.

ھەسسىلەپ نېئمەتلەر بىرەر ئانا يەر،

مەرت، جەسۇر،  ئوغلانلار،  تۆككەن تەر ئۈچۈن.



ھاياتلىق ئنسانغا كېلەر بىر قىتم،

كېتىمىز كەلگەندەك يالىڭاچ پېتىم.

كەتكۈچە نى قىسمەت ئۆتۈدۇ باشتىن،

قورقۇنچاق مىڭ ئۆلەر، باتۇر بىر قېتىم.



بەزىلەر بېرىلىپ پۇلغا ،دۇنياغا،

ھەتتاكى جېنىنى تىكىدۇ دوغا.

نەپسى بەك يامانىڭ قازىنى تۆشۈك،

ئاقىۋەت يۇتقىنى بۇلۇدۇ ئوغا.



ئەقىلنىڭ چىرىغى ئاچقۇچى پەندۇر،

پەن بىلەن نى قىيىن مۈشكۈلات ھەلدۇر.

بىلىملىك كىشلەر ھەرگىز خار بولماس،

ھەرقاچان، ھەرجايدا توققۇزى تەلدۇر.



بولسىمۇ گەر تىلىمىز باشقا،

ئەمەس ھەرگىز دىلىمىز باشقا.

بىر مەقسەتتە ياشايمىز ئىناق،

يىتىش ئۈچۈن مەنزىلگە، قاشقا.







بولسا ئەخلاق سۆزىمىز گۈزەل،

بۇلار چىراي ھۆسنىمىز گۈزەل.

ئەخلاق ئنسان كۆركى، زىننىتى،

ئەخلاق بىلەن ئۆمرىمىز گۈزەل.



بولساق ئىجل، ئىناق بىر نىيەت،

گۈللەپ، قۇدرەت تاپار يۇرت، مىللەت.

ئىناقلىقنىڭ قۇدىرتى چەكسىز،

ئىناق ئەلگە ياغار بەرىكەت.



ھايات مىسلى، شاۋقۇنلۇق ئېقىن،

بەزى چاغلار قۇياشلىق چېقىن.

قۇرام تاشقا سۇقۇلماي دېسەڭ،

دولقۇنلارغا ئاق بۇلۇپ يېقىن.



ھايات سىرلىق گۈزەل تېپىشماق،

قالار دائىم جاۋاپسىز بىراق.

شاتلىغى ئاز، قايغۇسى نۇرغۇن،

يۈرەكلەردە قالار دەرت، قاداق.









گۈزەللىك ئىنساننىڭ قەلبىدە ئەسلى،

چېچەكلەپ تۇرۇدۇ باھار قىش پەسلى.

پاكلىق ھەم ۋاپادىن نۇرلانسا ھايات،

كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ گۈزەللىك ۋەسلى.



بۇدۇنياغا تەڭ تۇغۇلغان ھەممىمىز،

تۇلۇپ ئارزۇ-ئامانلارغا قەلبىمىز.

چوڭ بۇلۇشۇپ ئەقلىمىزنى تاپقاندا،

ئوخشىمايلاقالدى ئەسلى، ۋەسلىمىز.               



گۈزەللەرنى قوغلاشماڭلار يىگىتلەر،

قىزغانماڭلار، تالاشماڭلار يىگىتلەر.

گۈزەللەرنىڭ كەينى تىكەن، ئالدى گۈل،

كۆڭۈل بىلەن ئويناشماڭلار يىگىتلەر.



چىرايلىقنىڭ نازى يامان، سەتلەرنىڭ ھالى،

ئەمەس ئېچكىم بۇدۇنيادا ئىللەتتىن خالى.

پەزىلىتى دۇرۇس بولسا بولدى ھەركىمنىڭ،

بولمىسىمۇ گەرچە ئايدەك گۈزەل جامالى.









دۇنياغا بىر كەلدۇق، كېتىمىز يەنە،

تۇپراقنى چىڭ باغاش ئېتىمىز يەنە.

بىرلىرى كېلدۇ، بىرلىرى كېتىپ،

بۇ شۇنداق قانۇنىيەت، شۇنداق ئەنئەنە.



يەردىگەن دېھقاننىڭ ئالتۇن قۇزۇقى،

يەرجىمى بايلىقنىڭ چەكسىز بۇلىقى.

دېھقان تەر ئاققۇزۇپ تېرىغاچقا يەر،

ئوخشايدۇ ئاۋامنىڭ تائام، ئۇزىقى.



ئەسكىنىڭ كۈنلىرى بارماس ئۇزاققا،

چۈشەر ئۇ، نەق ئۆزى قۇرغان تۇزاققا.

ئەل يۇرتنىڭ قىساسى تۇتقاندا بىر كۈن،

قالدۇ مەڭگۈلۈك، پۇشايمان، ئازاپقا.



ئەزەلدىن ھەقنى ھەق دىيىش ئادىتىم،

ھەق ئۈچۈن ئېگىلمەس زىنھار قامىتىم.

رازىمەن ھەتتاكى ھەقىقەت ئۈچۈن،

قۇلۇمدىن كەتسىمۇ بەخىت، ئامىتىم.









ئېگىلىدۇ سۇنمايدۇ پەقەت،

چۈنكى، ھامان غالىپ ھەقىقەت.

ھەقىقەتنى بۇرمىلىسا كىم،

كۆرمەس ئاخىر ياخشى ئاقىۋەت.



نىشانسىز كەتمەيمەن دېسەڭ جاھاندىن،

يانمىغىن زادىلا مۈشكۈل، داۋاندىن.

ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھارماي تىرىشساڭ،

مەقسەتكە يتېسەن شۇندىلا ئاندىن.



بىر ئۆمۈر توختىماي يازدىم كۈي، غەزەىل،

تۆلۈدۈم بۇيولدا ھېساپسىز بەدەل.

ئارمىنىم شۇئىدى يازمىشلىرىمدىن،

ئاۋامنىڭ قەلبىدە تىكلەنسە ھەيكەل.



ئانلار ئەڭ ئۇلۇغ، ئانا مۇقەدەس،

ئانىسىز ھاياتلىق ھېچ مەۋجۇت ئەمەس.

ئانىنىڭ ھۆرمىتى ھەممىدىن يۈكسەك،

ئانىنىڭ ئالدىدا شاھمۇ تۇرار دەس.









مىللەتلەر باراۋەر، ئۆتسە ئۆم، ئىناق،

ئۇرۇنسىز نىزادىن بۇلۇپ ھەم يىراق.

تىنچلىق، ئاسايىش سۈرۈدۇ ھۆكۈم،

ئەل-يۇرتنىڭ ئىشلىرى تېپىپ تېز روناق.



ئىنسانچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك ھايات،

بىلىمدۇر ھاياتقا چەكسىز كۈچ، قانات.

بۇچەكلىك ھاياتتىن قالغۇسى نامى،

ئەگەر كىم يارتسا ئىجات، كەشپىيات.



مەن يىغلاپ تۇغۇلغان، چوڭ بولدۇم كۈلۈپ،

راھەتكە، جاپاغا ھەممىگە كۈنۈپ.

ئەل بىلەن قەلبىداش، تەغدىرداش بۇلۇپ،

ھەق سۆزلەش ئەھدىمدۇر، كەتسەممۇ ئۆلۈپ.



ئەزەلدىن ئېگىز –پەس دۇنيانىڭ ئىشى،

شۇ ئىگىز–پەسلىكتە ياشايدۇ كىشى.

ئالدىراپ كۈلگەنلەر، قالدۇ يىغىلاپ،

بىمەھەل ئوڭۇغا تارتمىغاچ ئىشى.









چاچلىرىڭ مەزگىلسىز كەتكەچ ئاقىرىپ،

چىرايىڭ قارىداپ كەتتى تاتىرىپ.

ئاق چاچلار قېرىلىق بەلگىسى ئەمەس،

ئەۋزىلى،ئىدرىگىڭ تۇرسۇن ياشىرىپ.



بەزىلەر ئچىدە قاينىغاچ ئوغا،

ئىلكىدە بارىنى تىكسىمۇ دوغا.

مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغاچ ئاخىر،

ئاچچىقتىن يۇتقاندەك بولۇدۇ ئوغا.



تۇمانلىق كېچىدە يۇلتۇزلار بىرە،

كۆرۈنەر گاھ يوقاپ، گاھىدا خىرە.

ھەقىقەت يۈزىگە قونغاندا توزان،

سەۋىرنىڭ بوينىغا سالغۇلۇق گىرە.



دۇنياغا تۇغۇلغان چېغىدا ئادەم،

ئارقىدىن ئەگىشىپ كېلىدۇ ماتەم.

تۇغۇلماق ھەقتۇر ھەم، ئۈلۈممۇ بەرھەق،

ئۆلگەنغۇ ئاقىۋەت، لوقمانۇ، ھاتەم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 16:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-3 00:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-3 12:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش شائىر، يازغۇچى، مۇخپىر ئىنە دوستۇم نۇرمۇھەممەت توخنىيازنىڭ ئىجدىي ھاياتىنىڭ 35 يىللىقىنى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولغانلىقىنىڭ 19 يىلىقىنى، بۇ يۇرۇق ئالەمگە ئاپىردە بولغانلىقىنىڭ 47 يىللىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەش، ھەم بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە زور مۇئاپىقيەتلەر تىلەش، تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، خىزمىتىنىڭ ئوتۇقلۇق بولىشىنى تىلەپ ئۇنىڭ بىر بۆلۈك روبائىي ۋە پارچىلىرىنى يوللاپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2014-4-3 14:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  نۇرمەمەت ! شۇ تەبرىكلەرگە مەنمۇ شېرىك !!
ئىككىلىڭلارنىڭ ئىشلىرى ئاسايىش تاپقاي !!  ئىلھام تۇلپارلىرىڭلار چاپچىپ تۇرغاي !

ۋاقتى: 2014-4-3 16:04:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز نۇرمۇھەممەتنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،تۇرمۇشىغا بەخىتلەر يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش