يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 3

مۇھەممەد تۇراپ(ت): ۋاتكان موزېيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاتكان مۇزېيى
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
ۋاتكان مۇزېيى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى مۇزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئېلىمىزدىكى خان سارىيى مۇزېيىنىڭ ئون ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. ۋاتكان مۇزېيى 12 كۆرگەزمىخانا ۋە بەش سەنئەت كارىدورىدىن تەركىپ تاپقان. مۇزېيغا مىسىر، گىرىتسىيە، رىمنىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە سەنئەت گۈللەنگەن دەۋرلەردىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى توپلانغان بولۇپ، قىممەتلىك گۆھەرلەر ساقلانغان مۇزېي ھېساپلىنىدۇ.
بىرىنچى كۆرگەزمىخانا ياۋروپا كلېمېنس دىڭ سەنئەت سارىيى بولۇپ، ئۇ يەردە «لاۋئوكون ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى» ناملىق ھەيكەل ساقلانغان. بۇ 1506-يىلى رىمدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمقى گىرىتسىيە ھەيكەللىرى توپى بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمقى گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ ياغاچ ئات بىلەن تىرويانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىقىدەك ئەپسانە ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. لاۋئوكون ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى دېڭىز يىلىنىغا باغلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى تىروي كاھىنلاردىن بولغان لاۋئوكون تىرويانلارنى «گىرىتسىيەلىكلەرگە ئىشىنمەڭلار، ھەم سوۋغىسىنى ئالماڭلار»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق تىرويانلار بۇ ئاگالاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي، گىرىتسىيە باتۇرلىرىنىڭ چوڭ ياغاچ ئېتىنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىرىپ پاجەلىك ھالدا مەغلۇپ بولغان. بۇ ھەيكەلنىڭ تىراگىدىيەلىك ئۈنۈمى بىلەن بۇ يەرگە كۆرگەزمە قىلىنغان گىرىتسىيەنىڭ «راۋاققا نەزەر سالغان ئاپوللو» ناملىق يەنە بىر ھەيكىلىدە ئىناقلىق، گۈزەللىك، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە سېلىشتۇرۇش ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىككى پارچە ئەسەر گۈزەل سەنئەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇڭا ئۇ مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن گىرىتسىيەنىڭ داڭلىق ھەيكىلى ھېساپلىنىدۇ.
راپېلنىڭ رەسىمخانىسىنىڭ ئىمزا قويۇش ئۆيىدە راپېل سىزغان «ئىلاھلارنىڭ مۇنازىرىسى»، «ئافېنا ئىنىستىتوتى»، «نەزمەشۇناسلىق»، «قانۇنشۇناسلىق» قاتارلىق ئىلاھىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، نەزمەشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىلىم سەھەسىدىكى داڭلىق تۆت تام سىزما رەسىم بار. ئىلاھشۇناسلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئىلاھلارنىڭ مۇنازىرىسى» ناملىق ئەسەر 1509-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چېركاۋ بىلەن جەننەت ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت سۈرەتلەپ بىرىلگەن. رەسىمخانىدىكى «ئافېنا ئىنىستىتوتى» ناملىق ئەڭ مۇھىم سىزما رەسىمنى 1510-يىلى راپېل 26 ياش ۋاقتىدا ئىجات قىلغان. ئاپتور گىرىتسىيە، قەدىمقى رىم ۋە ئىتالىيەنىڭ پەيلاسوپلىرى، سەنئەتكارلىرى، ئالىملىرىدىن بولۇپ جەمىئى 50 دىن ئارتۇق مەشھۇر كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەش، مۇنازىرىلىشىش، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىش، تىكىلىپ قاراش، چوڭقۇر ئويلىنىش، كۆزىنى قىسىش، خاتىرلەش، قول ئىشارىتى قىلىش، بېشىنى كەينىگە بۇراش قاتارلىق ئوخشىمىغان روھىي قىياپەت ۋە پۇت-قول تىلى ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدىكى ئىناقلىقى ۋە ئىختىلاپىنى ئىپادىلىگەن. سىزما رەسىم تاماشىبىنلارنى ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىكى بىلىمى مول ۋە چوڭقۇر ئىدىيەلىك دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئىككى پارچە سىزما رەسىم تەڭپۇڭ ۋە تېپ-تېنچ بولۇپ، كىلاسسىك سالماقلىق ۋە تېنچلىققا باي. ئۇ مەدەنىيەت سەنئەت گۈللىنىپ تولۇق روناق تاپقان مەزگىللەردە ئىجات قىلىنغان ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.
راپېل ـــ ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى گۈللىنىپ، تولۇق روناق تاپقان مەزگىللەردىكى دا.فىنىچ، مەكەيلەنگېلو قاتارلىق ئۈچ ئۇلۇغ  ئىجادىيەتچىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش سەنئەتكار بولۇپ، مەدەنىيەت سەنئەت گۈللىنىپ تولۇق روناق تاپقان مەزگىللەردە داھىنىڭ رولىنى ئوينىغان.
مەكەيلەنگېلو «دۇنيا» ناملىق رەسىمنى 1508-يىلدىن 1512-يىلىغىچە  سىستىنې چېركاۋىنىڭ تۇرۇسىغا سىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى جاپادا پۈتتۈرۈلگەن غايەت زور قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتىدە، ۋاتكان مۇزېيىدىكى ئەتىۋارلىق گۆھەر ھېساپلىنىدۇ. مەكەيلەنگېلو نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 18 مېتىر ئىگىزلىكتىكى جازىنىڭ ئۈستىدە تۈرۇپ بۇ رەسىمنى سىزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئۆزى سىزىۋاتقان رەسىمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشىگە يىتەرلىك بوش ئارلىق چىقمىغان. چۈنكى ئۇ رەسىمنى ئوڭدىسىغا تۇرۇپ سىزغاچقا، ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە بەش ئەزاسىغا يەتتە خىل رەڭلىك بوياق كۈنبۇيى تامچىلاپ چۈشۈپ تۇرغان. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ئوڭدىسىغا تۇرۇپ خىزمەت قىلغاچقا بوينى ئىگىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ، بەئەينى ياشانغان كىشىگە ئوخشاپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ سەنئەتكار 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كۆز نۇرى خىرەلىشىپ تورلىشىدىغان بولۇپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ 500 كۇۋادراتمېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان تۇرۇسقا «دۇنيا» ناملىق رەسىمنى مۇستەققىل سىزىپ تاماملىغان. رەسىمدە جەمىئى 343 شەخس بار بولۇپ، بۇلار پالۋان سىياقىدىكى غايىۋىلەشتۈرۈلگەن قەھرىمان شەخسلەردىن ئىبارەت. گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بۇ سىزما رەسىم مەكەيلەنگېلونىڭ ۋەتەننىڭ تەغدىرىگە بولغان ئەندىشىسى، ئىنسانلارغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە باتۇرلارنىڭ ھەركىتىگە بولغان چوقۇنۇشى ئىپادىلەنگەن رەسىم، دەپ باھا بەرگەن. ئۇ يالغۇز مەكەيلەنگېلونىڭ مۇنەۋۋەر سىزما رەسىم ئىجادىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا سەنئىتىدىكى ئەڭ قالتىش سالتەنەتلىك قەدىمقى ئىزنالارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.  سىستىنې چېركاۋىدىكى «دۇنيا» ناملىق بۇ سىزما رەسىم گۈزەل سەنئەت تارىخىدىكى نامايەندە بولۇپ، مۇزېي ئېچىلمىغان كۈندىن باشقا كۈنلىرى، بۇ يەر ھەمىشە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى  كۈتىۋالماقتا.

«خەلق گېزىتى» نىڭ چەت ئەلگە تارقىتىلىدىغان بېتىنىڭ 2013-يىلى 3-ئاۋغۇستتىكى  سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
访梵蒂冈博物馆
冯 霄
 梵蒂冈博物馆是世界上最早的博物馆之一,总面积不足我国故宫博物院的1/13,而展出面积却与故宫相当。梵蒂冈博物馆由12个陈列馆与5个艺术长廊组成,汇集了埃及、希腊、罗马古代文物和文艺复兴时期的艺术精华,是一座藏有无价瑰宝的博物馆。
走进第一个展馆——比欧•克莱门丁美术馆,首先看到《拉奥孔与儿子们》雕塑。这座1506年在罗马出土的古希腊群雕,诉说着古希腊人用木马战胜特洛伊人的神话故事,拉奥孔与儿子们之所以被海蛇缠死,就是因为特洛伊祭司拉奥孔曾警告特洛伊人:“不要相信希腊人,即使得到他们的礼物。”不过,特洛伊人没有听从这个警告,还是因将腹中藏有希腊勇士的巨大木马拉入城中而惨败。此雕塑的悲剧效果与在此展出的希腊另一件雕塑《眺望楼的阿波罗》所表现的和谐之美形成互补与对照,这两件作品都是在美术史上占有重要地位并产生过重要影响的希腊名雕。
我们来到拉斐尔画室。在“署名室”里,看到了拉斐尔表现神学、哲学、诗学与法学4个学术领域的著名壁画:《圣体辩论》、《雅典学院》、《诗学》和《法学》。代表神学的《圣体辩论》创作于1509年,描绘了教会、天国与人类的关系。画室中最重要的壁画是创作于1510年的《雅典学院》,这是拉斐尔26岁的杰作。作者让古希腊、古罗马与意大利哲学家、艺术家、科学家50多位名人荟萃一堂,通过讲演、争辩、倾听、交谈、注视、沉思、眯眼、记录、挥手、回头等不同神态和肢体语言,表现人类在探索真理过程中的和谐与分歧。壁画带领观众进入人类文明博大精深的思想世界。以上两幅壁画,平衡而宁静,富有古典的稳重与平和,是文艺复兴全盛期的最佳代表作。拉斐尔是意大利文艺复兴全盛期与达•芬奇、米开朗基罗齐名的3位伟大创造者中最年轻的一位,在文艺复兴全盛时期,拉斐尔扮演了领袖的角色。
 米开朗基罗的天顶画是梵蒂冈博物馆的镇馆之宝。1508-1512年他为西斯廷礼拜堂的顶棚绘制壁画,这是一件极其艰苦庞大的工程,几乎所有时间他都仰卧在18米高的台架上画画,又没有足够的距离查看绘画的效果,面部五官整日接受着滴落的七彩颜料的“洗礼”,长期仰面工作使他颈部僵直,变得像个老人,艺术家的眼睛也失去光彩而昏花了,虽然当时他只有37岁,可他终于独自完成了500多平方米名为《创世纪》的顶棚壁画。画中有343个人物,个个都是理想化、大力士型的英雄人物。美术界有评论称:“在这壁画中,米开朗基罗表现了对祖国命运的忧虑,对人类的信心和对英勇行为的崇拜。它不仅是米开朗基罗的优秀绘画创作,而且还是世界艺术中最卓越宏伟的古迹之一”。西斯廷礼拜堂的壁画是美术史上的里程碑,除了闭馆日外,这里总簇拥着比肩接踵的游客。

《人民日报海外版》(2013年08月03日   第 07 版)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-2 16:18:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2014-4-2 20:21:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە  تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-2 21:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توداشلارنىڭ مەدەت بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش