مۇختار مۇھەممەتئېمىن نەزەر
خىزمەتداشلار
( پوۋېست )
1 . تۇنجى تەسىرات
ئىلتەبىرنىڭ بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگىنىگە بۈگۈن ساق بىر ھەپتە بولدى . بۇ بىر ھەپتىدە ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش بىلەن بولدى ، ئاڭلىغان دەرسلىرىدىن ئۆزگىچە دەپ قارىغان جايلىرىدىن خاتىرە يېزىپ ماڭدى . ئەمما ئۇ نېمىنىدۇر بىر نەرسىگە ھەيران ئىدى : ئۆزى چوقۇم دەرسنى ئالاھىدە ئۆتىدۇ دەپ قارىغان ناھىيە مەركىزىدىكى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزى بۇرۇن ئىشلىگەن يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكىلەرنىڭ دەرسىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇردى . شۇنداقتىمۇ بۇ ھال ئۇنىڭدىكى ھودۇقۇش ، ئەنسىرەش پىسخىكىسىنى يوقاتتى . ئۇ يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ ، بۇ مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنىدىكى مۇدىر ئىشخانىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىدى :
شۇ كۈنى ئۇ سەھەردە بىر خىل ئەنسىرەش ، ھودۇقۇش ئىچىدە ، مەكتەپ ئىچىگە قەدەم باستى . تۆت قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىگە جايلاشقان مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىردەم تۇرىۋالدى . ئىچىدىن كىملەرنىڭدۇر پاراڭلاشقان ئاۋازى كېلەتتى . ئىلتەبىر ئۆزىنى سەل توختىتىۋېلىپ ئىشىكنى چەكتى .
- كىرىڭ .
رۇخسەتتىن كېيىن ئىلتەبىر ئىشخانىغا كىردى . ئىشخانىدا يۇمشاق كىرىسلوغا يۆلىنىپ ، قولىدىكى قانداقتۇر بىر ۋاراق قەغەزنى كۆرۈۋاتقان چاچلىرى سەل ئاقارغان ، 50 تىن ھالقىغان ، ئورۇقراق بىر كىشى – ئېھتىمال مەكتەپ مۇدىرى بولسا كېرەك – ئالدىدا ئولتۇرغان سەل سېمىزرەك ، 50 كە يېقىنلاپ قالغان ، يەنە بىرى 45لەردە بار ئىككىيلەن بىلەن قىلىشىۋاتقان پارىڭىنى توختىتىپ ، بېشىنى كۆتىرىپ ئىلتەبىرگە « نېمە ئىش ؟ » دېگەندەك قارىدى . ئىلتەبىر ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ گەپ قىلمايلا ئۇلارغا تەڭلىدى .
- ئىلتەبىر دېگەن سىزمۇ ؟ ھە، كېلىڭ، ئولتۇرۇڭ . سىزنىڭ كېلىشىڭىزدىن خەۋىرىمىز بار ئىدى ، ياخشى بوپتۇ .
ئۈچەيلەن ئۇقتۇرۇشنى قولدىن – قولغا ئېلىپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ياشتا چوڭراق كىشى ئۇقتۇرۇشنى شىرەگە قويۇپ قويدى .
- شۇنداق قىلىپ كەسپىڭىزنى ئەدەبىيات دەڭ ، قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ؟
- مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى .
- خىخ . . . – ئۈچەيلەن ئىتتىك بىر – بىرىگە قارىشىۋېلىپ ، بۇرنىدىن چىقاردىمۇ ، ئاغزىدىنمۇ ، ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر تاۋۇشنى چىقارغاندىن كېيىن ، يەنە ئىلتەبىرگە بۇرالدى :
- مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ، ئىسمىمنى بەلكىم بىلىسىز ، مۇنرىدىن ، - ياشقا چوڭراقى ئېغىز ئاچتى ، - بۇياق ، - ئۇ يېنىدىكى كىشىنى كۆرسەتتى ، - مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ھەم باش ئىلمىي مۇدىرى – ئاۋۇت . بۇياق ، - ئۇ يەنە بىرەيلەننى كۆرسەتتى ، - ئارقا سەپكە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر قاسىم ، - شۇ سۆزدىن كېيىن مۇنرىدىن مۇدىر ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگەندەك غۇدۇڭشىدى ، - بىزنىڭ بۇ مەكتەپتە ئەدەبىياتچىلار دېگەن ساماننىڭ نەرقىدە تۇرسا ، مائارىپ ئىدارىسىمۇ بىز دېگەن ئادەمنى ئەۋەتمەي نەدىكى بىر . . . – مۇنرىدىن مۇدىر گېپىنى توختىتىۋېلىپ ، بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى ، - سىزگە ھازىرچە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمايمىز . مۇشۇ بىرنەچچە كۈندە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ ، مېتود ئىگىلەڭ . بىر گەپنى دەپ قوياي ، سىز مەركەزدىكى ناھايىتى يوغان بىر مەكتەپتە ئوقۇپسىز ، - مۇنرىدىن مۇدىر « يوغان » سۆزىنى سوزۇپ ئۇرغۇلۇق ئېيتتى ، - ئەمما چوڭ مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەپ ، يولداشلارنى كۆزگە ئىلماسلىققا بولمايدۇ .
- شۇنداق ، « مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ ، كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ » دېگەن ماۋزېدۇڭ ، - مۇئاۋىن مۇدىر ئاۋۇت سۆزگە ئارىلاشتى ، - بىزمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، ئۆزلۈكىمىزدىن ئۈگىنىپ ، ئاللىقاچان تولۇق كۇرس قالپىقىنى كىيىپ ، مانا ، بىر مەكتەپنى جايىدا چۆرۈپ يۈرۈيمىز . ھاكاۋۇرلۇق قالپىقىمىز بولمىغىنى بىلەن ، ئەمەلىي تەجرىبە ، باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتە سەۋىيىمىز يېتەرلىك . ئالدىنقى يىلى ئىدارىدىن يۆتكەپ بەرگەن بىرسى < يوغان مەكتەپتە ئوقۇغانمەن > دەپ قىنىغا پاتماي ئاخىرى بىز ئۇنى جايىغا قايتۇرىۋەتتۇق .
- شۇنداق ، - دەپ بېشىنى لىڭشىتتى قاسىم مۇدىر تەستىقلاپ .
ئىلتەبىر ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەزۋەيلەپ سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلدى ، كۆڭلى تۇرۇپلا ئەسكى بولدى . ئۇنىڭچە ئۇلار نېمىدىندۇر بىر نەرسىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك ، ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا يوشۇرۇن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك ، بىر نەرسىگە چېدىمىغاندەك بىلىندى . ئۇنىڭ كۈلگىسى كەلدى ، لېكىن بۇ يەردە ، بۇنداق سورۇندا بۇنداق قىلغىلى بولمايتتى . ئىلتەبىر باشلىق بىلەن ئېيتىشىپ بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان ، ئەمدى ئېيتىشىش خىيالى يوق ئىدى . ئەمما ، ئالدىدىكى مۇنۇ ئۈچەيلەننىڭ مۇنچە كۆپۈپ كېتىشى بۇ يەردە ئۆزى كۈتمىگەن بورانلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرگەندەك قىلاتتى .
- سىزگە شۇنى ئېيتىپ قوياي ، - مۇنرىدىن مۇدىر ئاۋۇتنىڭ سۆزىنى بۆلدى ، - بىزنىڭ بۇ مەكتىپىمىزدە مۇنداق بىر تۈزۈم بار ، يەنى ، چوقۇم بىرىنچى بولۇش ! مەيلى سىز قارلىق تاغنى چۆل تاغقا ئۇلاڭ ، بىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىشىمىز يوق . ئەمما مەۋسۈم ئاخىرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھاندا ئۆتكەن دەرسنىڭ نەتىجىسى چوقۇم ناھىيە بويىچە 1 – بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا ، ھازىر نەدىن كەلگەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى شۇ يەردە كۆرىسىز . قانداق ، باشقا گەپ بارمۇ ؟ ئەگەر بولمىسا ، ئاۋۇت مۇدىر سىزنى تىل – ئەدەبىيات ئىشخانىسىغا ئاچىقىپ ، يولداشلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويسۇن .
مۇنرىدىن مۇدىر < گەپ تۈگىدى > دېگەندەك قىلىپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئالدى . ئىلتەبىر ئۈنچىقماستىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىشخاندىن چىقتى . بۇ مۇدىرمۇ قىززىق گەپ قىلىدىكەن دېسە ، ئىشلىگەندىكىن ئەلۋەتتە ھەممەيلەن ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ . ئەمما ، ھەممىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ چوقۇم بىرىنچى بولۇشى تەس گەپقۇ ؟ باشقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوينىمايدىغاندۇر ؟ ئاخىرىدا ئۇ بۇنى مۇدىرنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىپ دەپ قويغان گېپى دەپلا چۈشەندى .
ئاۋۇت مۇدىر ئىلتەبىرنى باشلاپ ، مەكتەپنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىشىك بېشىغا « تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى » دېگەن كىچىككىنە تاختايچاق مىقلانغان بىر ئىشخانىغا كىردى . ئىشخانا خېلى چوڭ بولسىمۇ ، ئەمما زىچ قويۇۋېتىلگەن ئىش ئۈستەللىرى ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېتىلگەن دۆۋە – دۆۋە تاپشۇرۇق دەپتەرلەر ئىشخانىدا ئادەمنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ئىشخانىنى ئەسلىدىكىدىن كىچىكرەك كۆرسىتەتتى ، ئولتۇرۇپ بىرنەرسىلەرنى يېزىۋاتقان ، تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋاتقانلار بېشىنى كۆتىرىپ ئۇلارغا قارىدى .
- ئولتۇردىڭلار ، - ئاۋۇت مۇدىر كىرىپلا قايسى مەنىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇ سۆزدىن كېيىنلا دېدى ، - تاھىر قېنى ؟
- دەرسكە چىقىپ كەتتىمىكىن ، - ئولتۇرغانلاردىن بىرەيلەن جاۋاب بەردى .
- ھە، بوپتۇ ، مەن سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ، - ئاۋۇت مۇدىر ئىلتەبىرگە بۇرۇلدى ، - بۇياق ، مائارىپ ئىدارىسى بوستان ئوتتۇرا مەكتىپىدىن بىزنىڭ مەكتەپكە يۆتكىگەن يېڭى خىزمەتدىشىڭلار ئىلتەبىر كۈرەش . ئىشلارنى ئوبدانراق ئۈگىتىپ ، يېتەكلەپ كېتەرسىلەر . بىرەر ھەپتە سىلەرنىڭ دەرسىڭلارنى ئاڭلىسۇن ، قالغان ئىشلارنى ئاستا – ئاستا ئورۇنلاشتۇرىمىز . تاھىر كىرسە ئېيتىپ قويۇڭلار ، ئىشخانامغا چىقسۇن ، - ئاۋۇت مۇدىر شۇ سۆزدىن كېيىن چىقىپ كەتتى . ئىلتەبىر ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ ، بەزىلىرى بىلەن باش لىڭشىتىپ سالاملاشتى .
- ئەجەب ئوبدان ئىش بوپتۇ ، ھەرنېمە بولسا يۈكىمىز ئازراق يېنىكلەيدىغان بولدى ، - ئىشخانىنىڭ تەسكەي تەرىپىدە ئولتۇرغاچقىمۇ ، چىرايىنىڭ خۇنى يوق ، تاتىراڭغۇ كۆرۈنىدىغان ، ئورۇقلىقىغا باقماي قىلىۋالغان گىرىمى خۇددى ئىسكىلىتقا ئوخشىتىپ قويغان بىر چوكان شۇنداق دېدى .
- ھېچبولمىسا ، ئاۋال< قارشى ئالىمىز > دېمەي ، < يۈكۈم يېنىكلەيدىغان بولدى > دەپ مېھماننى ئۈركۈتۈپ ، كەلگەن يېرىگە قاچۇرىۋەتمەڭ يەنە گۈلھەسەل قىز ، - ئىشخانىدىكى ئىلتەبىر بىلەن تەڭ دىمەتلىك ، چاچلىرىنى سەل ئۆستۈرىۋالغان بولسىمۇ ، چىرايىغا خوپمۇ ماسلاشقان ئابدۇسەمەت ئىسىملىك مۇئەللىم تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ ئولتۇرۇپ سۆز قاتتى .
- ۋىيەي ، يالغانمىتى ئەمىسە ؟ كىم بىلىدۇ ، مېنىڭ دەرسىمنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ بېرىدۇ دەپ تاما قىلىۋاتامسىز تېخى ؟ - گۈلھەسەل ئىسىملىك بۇ « ئىسكىلىت » قاشلىرىنى ئۇچۇردى ، - مەن تۆت سىنىپقا دەرسكە كىرىۋاتقىلى بىر يىل بولدى . مېنىڭ ئىككى سىنىپىمنىڭ دەرسىنى ئېلىپ بېرىدۇ ، سىز تاما قىلماڭ ، بىكار لېۋىڭىزنى چىشلەپ قالىسىز .
ئابدۇسەمەت گەپ قىلماستىن ئالدىدىكى بىر دەپتەرگە ئېڭىشتى . ئىلتەبىر بىكار ئورۇندۇقلارنىڭ بىرسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ ، ئۈستەل ئۈستىدىكى دەپتەرلەرنى مەقسەتسىز ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدى .
مانا بۇ ئىشلارغا بۈگۈن بىر ھەپتە بولدى . ئىلتەبىر بازار ئىچىدىكى مەكتەپ دېگەن بىلەن بۇنىڭمۇ يېزىلاردىكى مەكتەپلەردىن ئۇنچىلا پەرق قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى . پەرق بار دېيىلسە ، پەقەت شارائىتنىڭ بىر قەدەر ياخشىراق ئىكەنلىكىلا ئىدى . ئىلتەبىر ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلىدى . ئەجەب بىر چاغلار ئىكەندۇق ، ئاجايىپ ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بار ئىدى . ئەپسۇس ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە جايلاردىن خادىم قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلەر ئىلتەبىرنىڭ ئارخىپ ، نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ ، يۈزتۇرانە ئىمتىھاننى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ئاجايىپ ئۇلۇغۋار ۋەدىلەرنى بېرىپ ، ناھىيە ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى ، تەمىناتىنى ياخشى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئاڭلاپ ئىلتەبىر توختامغا ئىككىلەنمەيلا قول قويدى . ئەمما كەلگەندىن كېيىن « شىتات تولۇق ، شىتات كەلگۈچە يېزىغا چۈشۈپ چېنىقمىسىڭىز بولمايدۇ » دەپ ، ناھىيە بازىرىدىن 15 كىلومېتىر كېلىدىغان بوستان ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى . ئىلتەبىر ئۈچۈن بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى توختامغا قول قويدۇرغانلار شۇنىڭدىن كېيىن ئىلتەبىرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەندەك جىمىپلا كەتتى . ناھىيىگە يېقىن بولغىنى بىلەن شارائىت ياخشى ئەمەس ، يول ناچار ، قاتنىشى قولايسىز ، مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ مەكتەپتە ئىلتەبىرنىڭ ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقىش تۈگۈل ، ئەسلىدە بىلىدىغانلىرىنىمۇ ساقلاپ قېلىش بەسى مۈشكۈل بولدى . ئىلتەبىر دەسلەپتە ئىدارىدىكىلەردىن خاپا بولدى ، نەچچە قېتىم دەرد ئېيتتى ، ئەمما ئاقمىدى . ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ئىشلار تۈپەيلى باشلىق بىلەن ئېيتىشىپ قېلىپ ، ھوقۇقنى ئاتىسىدىن قالغان شەخسىي مىراستەك چوڭ بىلىدىغان سامان قورساق مۇدىر تەرىپىدىن يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالانغىلى تاس قېلىپ ، مائارىپچى ئاتىلىپ مەكتەپتە جان بېقىۋاتقان ئاشۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارىسىغا قېتىلىپ ، ئۆزى بىلىپ – بىلمەيلا ھاراققا كىرىشىپ قالدى ، بىر ئوبدان يازىدىغان ئادىتىنىمۇ تاشلىدى . خۇدانىڭ رەھمى كەلدىمۇ ، بوستاندا ئىشلەپ ئۈچىنچى يىلى تۇيۇقسىزلا ئۇ بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدى . مانا ھازىر ئۇ مەكتەپنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇ .
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاۋۇت مۇدىر ئۇنى چاقىرىپ ، تەقسىم قىلىنغان دەرسلەرنى ئۇقتۇردى :
- سىزگە مەكتىپىمىزدىكى تۆت سىنىپنىڭ ئەدەبىيات دەرسى ۋە 9 – يىللىق 3 – سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى تەقسىم قىلدۇق ، - ئىلتەبىر ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئاۋۇت مۇدىر ئالدىدىكى چاينى سۈمۈرۈپ ئولتۇرۇپ شۇنداق دېدى ، - 9 – يىللىق 3 – سىنىپنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپ مەسئۇلى كېسەلچانراق بولغاچقا داۋالىنىۋالسۇن دەپ ، سىزگە ئېلىپ بەردۇق . دەرسىڭىز سەل كۆپرەك . ئەمما مەكتىپىمىزدە سىنىپ جىق ، ئوقتقۇچى يېتىشمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ياش بولغاندىكىن ، سىزنى بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمىز .
- مەن مۈمكىنقەدەر ياخشى ئىشلەپ كېتىشكە تىرىشىمەن ، مۇدىر ، - دېدى ئىلتەبىر ، - ۋايسىغىنىم ئەمەس . تۆت سىنىپقا دەرس بېرىپ ، يەنە بىر سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇقىنى ئىشلىسەم ، تازا يېتىشىپ كېتەلمەسمەنمىكىن دەيمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپ مەسئۇلى بولغانلىق باشقىلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق مەسئۇلىيەت يۈكلەندى دېگەن گەپ . مۈمكىن بولسا مۇشۇ مەسىلىنى بىر ئويلىشىپ بېقىشقا بولارمۇ ؟
- چىك . . . . . . – ئاۋۇت مۇدىر قولىنى شىلتىدى ، - بۇنچىلىك ئىش دېگەن چوڭ ئىش ئەمەس . بايا دېدىمغۇ ، سىز تېخى ياش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايتەختتە ئوقۇغان قابىل مۇئەللىم سانىلىسىز ، - ئاۋۇت مۇدىر « قابىل » سۆزىنى مۇنرىدىن مۇدىر « يوغان » سۆزىنى ئېيتقاندەك سوزۇپ ئېيتتى ، - نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىڭىز بار . بىز سىزگە ئىشىنىمىز ، دادىل ئىشلەڭ .
ئىلتەبىر يەنە بىرنېمە دېيىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى پەملەپ ، ئاستا قايتىپ چىقتى . ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ دەرسكە كىرىش كېرەك . ئاڭلىغان سۆزلەرگە قارىغاندا ، ئىلتەبىر مەسئۇل بولغان سىنىپ ۋە ئىلتەبىر دەرسكە كىرىدىغان سىنىپلار ئىنتىزامى ناچار ، چېچىلاڭغۇ ، داردىن ئېشىپ قالغان سىنىپلارمىش . مانا مۇشۇنداق سىنىپنى جايىدا باشقۇرۇپ ، دەرس ئۆتۈپ ، نەتىجىسىنى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزۈش ئاسان گەپ ئەمەستە . ئىلتەبىر كېلە – كەلمەيلا مۇشۇنداق دوقالغا دۇچ كەلگىنىگە كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى ، لېكىن ئۇ ئۇنچىلىك ئاسان بەل قويۇۋېتىدىغانلاردىن ئەمەس . دۇنيادا ئىرادە ۋە تېرىشچانلىق بولسىلا چىققىلى بولمايدىغان تاغ ، كەچكىلى بولمايدىغان سۇ يوققۇ ؟ قېنى ، كىرىشىپ باقمامدۇ !
2 . خىزمەتداشلار
بۇ ئىشخانىدا ئىلتەبىر بىلەن قوشۇپ 12 ئادەم ئولتۇراتتى . باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ ئىشخانا خېلى چوڭ بولسىمۇ ، ئەمما ئادەم كۆپ ، ئىش ئۈستەللىرى بىر قەدەر چوڭ ، ئۈستەل ئۈستىگە دۆۋىلىۋېتىلگەن تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى كۆپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئېسىلغان پېتى يىللاپ يۇيۇلمىغاندەك كۆرۈنىدىغان دەرىزە پەردىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئىشخانا كىچىك ھەم رەتسىز ، سۆرۈن ، كۆڭۈلسىز كۆرۈنەتتى .
ئىشخانىدا جەمئىي سەككىز ئايال ( تۆتەيلەن تېخى توي قىلمىغان قىز بولسىمۇ ، ئەسەر ئېھتىياجى ئۈچۈن ئايال دەپ ئاتاپ تۇردۇق ) ، تۆت ئەر بار ئىدى .
زۇبەيدە – ئىشخانىدىكى يېشى ھەممىدىن چوڭ ، ئىشنى بەكمۇ زىغىرلاپ قىلىدىغان ، بىرەر پارچە ژورنالغا مۇشتەرى بولۇش تۈگۈل ئايلاپ بىرەر پارچە گېزىتمۇ ئوقۇمايدىغان ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي نېمە ئۈچۈندۇر باشقىلار تەرىپىدىن ئەستايىدىل قارىلىدىغان « غوللۇق » ئەدەبىياتچى .
- قويۇڭا ، ئەسەر دېگەننى ياش ۋاقتىمىزدا ئوقۇپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق . ئىشتىن چۈشۈپ ھېرىپ كەلگەندە ، تاماق ئېتىپ يەپ ، ئۇخلاشقا ئاران ئۈلگۈرىدىكەنمىز . كىتاب – ژورنال ئوقۇغىلى كىمنىڭ چولىسى ؟ - دېگەن ئىدى زۇبەيدە مۇئەللىم بىر قېتىملىق بولۇنغان پاراڭ ئارىلىقىدا ، - ھازىرغىچە 30 يىلغا يېقىن ئىشلەپ بوپتىمەن ، يەنە بىر – ئىككى يىلدا تېنچ – ئامان پېنسىيەگە چىقسام ، كىتاب بىلەن ھەپىلەشكىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ ، كىتاب دېگەننى كۆرمەسمەن دەيمەن .
- شۇنداق بولسىمۇ ئەدەبىيات مۇئەللىمى دېگەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ، ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى دېگەندىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئاز – تولا كىتاب – ژورنال كۆرۈپ قويۇشى كېرەكقۇ ؟ - دېدى ئىلتەبىر ، - سىلىگە ئوخشاش ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە پىشقەدەم مۇئەللىم < ۋاقىت يېتىشمىدى > دەپ كىتاب ئوقۇمىسا ، بىزدەكلەرنىڭ ئوقۇمىغىنىدىن ئاغرىنمىساقمۇ بولغۇدەكتە .
- سىزمۇ بىزنىڭ يېشىمىزغا كەلگەندە بىلىپ قالىسىز ، ئۇكام – دېدى زۇبەيدە مۇئەللىم سومكىسىدىن بىر سىقىم گازىرنى ئېلىپ تاراسلىتىپ چاققاچ ، - بىز بۇرۇن ئوقۇپ بولغان ، ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب – ژورنال ئوقۇمايمۇ خىزمەتلەرنى راۋرۇس ئىشلەپ كېلىۋاتىمىزغۇ .
زۇبەيدەدىن قالسا يېشى سەل چوڭراقى – ئەمەلىيەتتە ئۇنچە چوڭ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، ئىلتەبىردىن ناھايىتى تۆت – بەش ياشلا پەرق قىلاتتى – ساھىبجامال . ئېگىز بوي ، يۈزى سەل سەپكۈنلۈك ، چىرايى ئىسمىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كەلمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنچىلا ئىسكەتسىزمۇ ئەمەس بۇ چوكان ( باشقىلار ئىككى ئەرگە تېگىپ ئاجراشقان دېيىشىدۇ ) زۇبەيدەنىڭ ئەكسىچە كىتابقا ھېرىس ، ھېسسىياتلىق ، ھاياجانغا باي كۆرۈنەتتى . دەرس سۆزلىگەندە تېكىستلەرنى ئاجايىپ بىر ئاھاڭدا ئوقۇيتتى . پۇت – قول ئىشارىتى ، چىراي ئىپادىسى ئوقۇۋاتقان تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن پات – پاتلا ئۆزگىرىپ تۇراتتى . تېخى بەزىدە ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ كىيىنىشىگە تەقلىد قىلىپ نەدىن تاپىدىكىن ، غەلىتە كىيىملەرنىمۇ كىيىۋالاتتى . ئىلتەبىر كېلىپ 3 – كۈنى ساھىبجامالنىڭ ئىشخانىدا كىيىۋالغان چۇۋۇلۇپ كەتكەن كىگىز قالپىقىنى ، قايسى يىغىپ ساقلىغۇچىدىن تېپىپ كەلدىكىن ، بىر قولىدا كۆتىرىۋالغان ئىككى غېرىچ پۆپۈكى ساڭگىلاپ تۇرغان تولىمۇ ئۇزۇن كەلگەن قىپقىزىل غاڭزىنى كۆرۈپ ، ھەيران بولغىنىدىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى .
- بۈگۈن مەشھۇر يازغۇچى لۇشۈننىڭ « يۇرتۇم » ناملىق ئەسىرىنى ئۆتەتتىم . رۇڭتۇ ئوبرازىنى تەھلىل قىلغاندا ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كونكىرت ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئاپتور قەلىمى ئاستىدىكى رۇڭتۇنىڭ كىيىنىشىگە ئوخشاش كىيىنىپ كىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىمۇ شۇغۇ ؟ شۇڭا كىيىپ كۆرۈۋاتىمەن . ھەيران بولماڭ ، بۇ كىگىز قالپاق بىلەن غاڭزىنى سەھرادىن تېپىپ كىردىم ، يامان تەستە تاپتىم دەڭا .
قالغانلار بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈكمۇ ، ئەيتاۋۇر ، ھېچقايسىسى بېشىنى كۆتۈرمەي ، ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى . ئەمما مۇشۇنداق قىسمەن كۈلكىلىك قىلىقلىرىنى دېمىگەندە ، ساھىبجامال كېيىنكى ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق ئىلتەبىرگە خېلىلا تۈزۈك مۇئەللىم تەسىراتىنى بەردى .
ئىلتەبىر بىلەن تەڭتۈش بولسىمۇ ، ۋاقىتسىزلا قورساق سېلىپ سەمرىگەن تاھىر بۇ ئىشخانىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى سانىلىدۇ ، ئەلۋەتتە . چۈنكى ئۇ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ، مەكتەپ ئوتتۇرا قاتلام خادىملىرىنىڭ بىرى ئىدى . تاھىر كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ، بولۇپمۇ باشلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ ، ئادەتتە بۇنى ئانچە چاندۇرمايتتى . ئەمما ھالقىلىق يەرلەرگە كەلگەندە ، كېچە – كۈندۈز دېمەي ئويلىغانلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزمىگىچە بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى . ئىلتەبىر بۇ كىبىرىسى يوقتەك كۆرۈنىدىغان ، مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغىچە ئېنىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان دوستەك باشلىقى تاھىرغىمۇ بىرنېمە دەپ باھا بېرىشكە ھازىرچە قابىل بولالمىدى ، سەۋەب ، ئۇ تېخى بۇ مەكتەپكە يېڭى كەلداخۇن ئىدى . شۇنداقتىمۇ مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنىدىكى تاھىر بىلەن دەسلەپكى ئۇچرىشىش ئۇنىڭدا تاھىرغا نىسبەتەن خېلى ياخشى تەسىرات بەخش ئەتتى .
- مەرھابا ، قارشى ئالىمىز ! - ئاۋۇت مۇدىرنىڭ چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىپ قايتىپ چىققان تاھىر ئىلتەبىرنى كۆرۈپ خۇشخۇيلۇق بىلەن ئالدىغا كېلىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، - سېپىمىز زورىيىدىغان بوپتۇ . قانداق ، تېنچ – ئامان كەلدىڭىز ، ئۆزىڭىز سالامەت ، ئائىلىڭىزدىكىلەر تېنچلىق ؟
ئىلتەبىر تاھىرنىڭ بۇ مۇئامىلىسى بىلەن كۆڭلى ئۆسۈپ قالدى .
- شۇنداق قىلىپ خىزمەتداش بولۇپ قالدۇق ، - دېدى تاھىر ئىلتەبىرگە بىر تال تاماكا سۇنۇپ ئوت تۇتاشتۇرغاچ ، ئاندىن ئۆزىمۇ بىر تالنى لېۋىگە قىستۇرۇپ تۇتاشتۇردى ، - سىز توغرىلىق بايا ئاۋۇت مۇدىر سۆزلەپ بەردى ، ئاڭلىسام پايتەختتە ئوقۇپسىز . مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز مەكتىپىمىزدىكى ، جۈملىدىن ئىشخانىمىزدىكى نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچى سانىلىسىز . ئەسلى بالدۇرراق ئورنىڭىزنى تاپىدىغان يەردە ئىدىڭىز ، قانداقچە بوستاندا شۇنچە يىل تۇرۇپ قالدىڭىز دەيمەن . بۇ ئىدارىدىكىلەرمۇ . . .
- ئۇمۇ يامان يەر ئەمەس . شۇ ، ئادەم بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغان تەرىپى بار ، بىلىدىغانلىرىنىمۇ يەپ بولىدىكەن .
- ئەمدى ياخشى بولدى . سىزگە ئۇنى – بۇنى ئۈگىتىش كەتمەيدۇ ، كەسپىي ئىقتىدارىڭىز ھەممىمىزنىڭكىدىن ياخشى . بىلىشىمچە ئاز – تولا يېزىپ قويىسىزغۇ دەيمەن ؟ بىر – ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ بىر پارچە شېئىرىڭىز مۇكاپاتقا ئېرىشتىغۇ ، قايسى شېئىرتى ؟ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ .
- « ئۆزىگە قايتىش » دېگەن داستانىم . ئەمما كېيىن تاشلىنىپ قالدى ، ئەمدى بولسىمۇ قايتا ئالايمىكىن دەيمەن .
- تاشلىنىپ قالغىنى ياخشى بولماپتۇ . مەن شۇنداق قارايمەن ، ھەممە ئادەم خەت يازالىغىنى بىلەن ھەممە ئادەم ئەسەر يازالمايدۇ . ئۇ شاگىرتلىققا كىرىپ ياكى بىرنەچچە يىل تىرىشىپلا ئۈگىنىۋالىدىغان ھۈنەر ئەمەس . ئۇ ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدىغان ئالاھىدە بىر ئىقتىدار . خىزمەتنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدا يېزىپ تۇرۇڭ . مەنغۇ يازالمايمەن ، ئەمما ئاز – تولا ئوقۇپ تۇرىدىغىنىدىن دەڭا مەن .
مانا بۇ ئىلتەبىر بىلەن تاھىرنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدىكى قىسقىلا دىئالوگ . گەرچە مۇدىر ئىشخانىسىدىكى سۆھبەتتىن كۆڭلى غەش بولغان بولسىمۇ ، بىراق تاھىر بىلەن ئۇچرىشىش ، ئۇنىڭ ئىلتەبىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىلتەبىرنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈپ قويدى . « دېگەن بىلەن بازار دېگەننىڭ بازارلىقى باردە ، - شۇنداق ئويلىدى ئىلتەبىر ، - تاھىر مۇئەللىم < مەن ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى > دەپ ئىشتىنىغا پاتماي قالىدىغانلاردىن ئەمەسكەن ، بوستاندا بولغان بولسىزە » . شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىچىككىنە بىر كارتىنا لىپ قىلىپ ئۆتتى :
ئىلتەبىرنىڭ بوستان ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ۋاقىتلىرى ئىدى . بىر كۈنى مەكتەپ ھەرقايسى سىنىپلارنى بىر كۈنلۈك قوشۇمچە كىرىم ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇردى . مەكتەپ مۇدىرى جالال – بېشىدا تۈك دىدارى يوق ، ھەمىشە ياغلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان كىشى بولغىنى ئۈچۈنمىكىن ، بەزىلەر ئۇ يوق يەردە < ئايپاڭ > دەپمۇ قوياتتى – مەۋسۈم بېشىدا بەلگىلەنگەن قوشۇمچە كىرىم ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلارنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ، بۇنى يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت باھالاشقا چاتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرمۇنچە ۋەز ئېيتقاندىن كېيىن ، بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىشنى تەكىتلەپ :
- ئوقۇتۇش مۇھىم ، ئەمما ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن قوشۇمچە كىرىم ۋەزىپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنىڭ بىر قىسمى يۇقىرىغا تاپشۇرۇلۇپ ، يەنە بىر قىسمى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاشقا ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ . شۇڭا ھەر بىر سىنىپ مەسئۇلى ئۆز ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئورۇندىشى ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش شەرتى ئاستىدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك . قىلچە سەۋەنلىك كۆرۈلسە ، ئون جېنىڭىز بولسىمۇ ھۆددىسىدىن چىقىشالمايسىز ، - دېدى ئاۋازىغا بىر خىل كىبىرانە تۈس بېرىپ .
- شۇ ، ئۆتكەن قېتىمدا ئىلتەبىر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدا ئەمگەكتىن كەلگۈچە ئىككى ئوقۇغۇچى تېخى پىشمىغان توڭ ئالمىنى ئالىمەن دەپ ، ئالمىدىن يىقىلىپ پۇتى سۇنغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، - دېدى جالالنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى ، جالال مۇدىرنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ تىكلەنگىنىگە تېخى ئەمدىلا ھەپتە بولغان سەمەت ، - ئۇنىڭ دەۋاسى ھازىرغىچە تۈگىمەيۋاتىدۇ . ئەمدى ئۇنداق ئىش چىقسا ، ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقىشىسىز .
دەرۋەقە ئالدىنقى قېتىملىق قوشۇمچە كىرىم ئەمگىكىدىن قايتىپ كېلەشىدە ئىلتەبىرنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى پۇتىنى قايرىۋېلىپ ماڭالمىغاندا ، ئىلتەبىر بىرسىنىڭ موتۇسكىلىتىنى سوراپ ئېلىپ ، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلگۈچە ، مۇشۇنداق بىر كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن ئىدى . ئىلتەبىر ھەمساتتا مۇشۇنى ئويلاپ ئۈلگۈردى .
قونچاقتەك ياسىنىپ يۈرىدىغان ، ئانچە – مۇنچە شېئىر يېزىپ قويىدىغان شوخ دىلئارا ، ھەمىشە ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنىڭ كەينىدىن غاجاپ ، ئۈچ ياشلارغا كىرگەن قىزى فىلورەنىڭ گېپىنى قىلىپ زېرىكمەيدىغان ، قۇلاق – مېڭىنى يېگۈدەك يۇقۇرى ئاۋازدا كۈلىدىغان ھەبىبە ، ئۆزىنى توختىتىۋالغان ، بىر ئىشقا ئاچچىقى كەلگىنىنى ئاسان بىلگىلى بولمايدىغان ، ھىلىدىن ھىلىغا ئايىقىنى سۈرتىدىغان راھىلە ، ئاچچىقى كەلسە ئۇدۇل كەلگەنگە نەشتىرىنى سانچىپ ، كىتاب – ماتىرىياللىرىنى پىرقىرىتىپ ئېتىپ ئاچچىقىنى چىقىرىپ ، ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن ئەپۇ سوراپ يۈرىدىغان رىسالەت ، ئادەم بار – يوق دېمەي ئىشخانىدىلا كىچىككىنە ئەينىكىنى شىرەگە تىكلەپ قويۇپ لەۋ ، قاپاقلىرىغا بىر نەرسىلەرنى سۈرتۈپ ، ئىشخانىنى ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا ئايلاندۇرۇپ قانداقتۇ غەيرى ، قاڭسىق ھېدلارغا تولدۇرىۋېتىدىغان ، باشقىلارنىڭ ئالىيىپ قاراشلىرىغا ، غوتۇلداشلىرىغا پەرۋامۇ قىلمايدىغان ساجىدە ، ئوقۇش تارىخى يۇقۇرى بولمىسىمۇ ، مائارىپ ئىدارىسى سىياسى تەلىم - تەربىيە ئىشخانىسىدىكى دادىسىنىڭ كۈچى بىلەن قانداقتۇر يوللار ئارقىلىق مۇشۇ مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ ، ھەپتىدە نەچچە قېتىم ئىسپىراپكا ئەكىلىپ بېرىپ يۈرىدىغان گۈلھەسەل ، تاماكىنى پۇرقىرىتىپ تولا چېكىپ ئىشخانىنى دۈتلىۋېتىدىغان ئابدۇسەمەت ، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ ، ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان ، تولاراق ئىچىۋالىدىغان ھاجى مەمەت ، مانا بۇلار تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىشخانىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىر يەرگە جەم بولغان خىزمەتداشلار ئىدى . ئىلتەبىر دەسلەپ كەلگەندە ئوخشىمىغان مىجەز ، ئوخشىمىغان خۇلقتىكى بۇ يېڭى خىزمەتداشلىرىنىڭ بەزى ئىشلىرىغا كۆنمىگەن ، كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزگەرتىشكە ئامال يوق ، زاۋۇتتا بۇيرۇتۇپ ياسىۋېلىشقا بولمىغاچقا ، ئاستا – ئاستا كۆنۈشكە مەجبۇر بولدى . جاھان ساڭا باقمىغان ئىكەن ، سېنىڭ باقماي ئىلاجىڭ يوق .
بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھەممىنى تاسقايدۇ . بۇغداي بولۇپ ئوزۇققا ئايلىنامسەن ياكى سامان بولۇپ غەلۋىردە تاسقىلامسەن ، كىشىلەرگە ئوزۇق بولامسەن ياكى ئۇلاغ – چارىپايغا ھەلەپ بولامسەن ، بۇنى ئۆزۈڭلا بەلگىلىيەلەيسەن . ياشىغانكەنسەن ، چوقۇم تاسقىلىشقا مەجبۇرسەن .
ئىلتەبىر مائارىپنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى بولغان بۇ مەكتەپتە ھاياتنىڭ مەنتىقىي قائىدىسى بويىچە بىلىپ – بىلمەي تاسقىلىپ نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى . ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ، ھاياتنىڭ بەزى سىرلىرىغا ھەيران بولسا ، ئادەملىكنىڭ بەزىبىر مىزانلىرىدىن ئۆزىنىڭ تېخىچە خەۋەرسىز يۈرگىنىگە ئەپسۇسلاندى . ھاياتنىڭ بورانلىرى ئىلتەبىرگە يەنە قانداق ئۇچۇپ ، قانداق چۈشۈشنى نېسىپ قىلاركىن ، ھەممىڭىزلارنىڭ ئىلتەبىرنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە كەمتەرىن نەزەر سېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
داۋامى بار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-4 11:03