بۇ تەرجىمە ھېكايە تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-3-ساندا ئىلان قىلىنىغان ، بۇ توربەتكە يوللىغىنىم ئەسلى نۇسخىسى. ئەسكەرتىش
ژۇرنالدا تەرجىمە قىلغۇچى دېگەن يەرگە مېنىڭ ئىسىمىم يىزىلماي قاپتۇ.)
باستېر بىلەن ئايال ئاشپەز
ئانتونى دېر. مېلې (ھىندىستان)
ماھىرە ئوبۇلقاسىم (تەرجىمىسى)
مەلۇم بىر بايلار ئولتۇراقلاشقان دىنى رايۇندا، ھەر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدا ئىلىپ بېرىلدىغان ئىبادەت تۈگۈگەندىن كىيىن، چېركاۋ باستېرى ھامان ئۆزىنىڭ ياردەمچىسىگە، ئىبادەتگە قاتناشقۇچىلارغا سالام قېلىپ، رەھمەت ئىتىپ ئۇزۇتۇپ قويۇشنى بۇيرۇيدىكەن. بۇ ئىشى ئەسلى باستېرىنىڭ مەسئوليىتى دەپ، قارىغان باستېرىنىڭ ئايالى،
—نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن سىز بۇ دىنى رايۇندىكى ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىنى تونىمايسىز ، بۇنداق كىتىۋەرسە بۇ دىنى رايۇندىكلەر سىزنى كۆزىگە ئىلامدۇ؟—دەپ، ئۇنىڭغا نەسھەت قىپتۇ.
ئايالىنىڭ نەسھەتىنى قوبۇل قىلغان باستېر، ئىككىنىچى يەكشەنبە كۈنى ئىبادەت تۈگۈگەندىن كىيىن چېركاۋنىڭ ئالدىغا چېقىپ تۇرۇپتۇ، شۇچاغدا بىر ئاددى كىيىنگە ئايال بىرىنچى بولۇپ چېكاۋدىن چىقىپتۇ، رۇشەنكى باستېر بۇ ئايالىنى بۇ يەرگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قاراپتۇ،
—ياخشىمۇ سىز، سىزنىڭ بىز بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلغانلىقىڭىزغا بەكمۇ خوشال مەن، —دەپ، باستېر ئۇ ئايالغا قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئىلىشماقچى بوپتۇ،
—رەھمەت،—دېگەن ئايال باستېرغا قاراپ ھەيران قاپتۇ،
—مەن سىزنى بۇندىن كىيىنكى ئىبادەتتە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن، سىز بېلىشىڭىز كېرەككى ھەرقىتىملىق ئىبادەتتە يېڭى چىرايلارنى كۆرۈپ تۇرۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن،—دەپتۇ باستېر،
—قاراڭ ئەپەندىم، بۇ ئىش مۇنداق،...
—سىز مۇشۇ دىنى رايۇندا تۇرامسىز،—باستېر ئايالنىڭ چۈشەندۇرۈشىگە قولاق سالمايلا يەنە سوراپتۇ،
ئايال نېمە دېيشىنى بېلمەي تىڭىرقاپ قاپتۇ،
—ئەگەر ئادىرىسىڭىزىنى بېرىشىنى خالىسىڭىز، ئايالىم ئىككىمىز بىركۈنى بېرىپ سىزنى يوقلاپ كىلەيلى،—دەپتۇ باستېر، چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئايال ئاخىرى،
—سىزنىڭ ئۇنچىۋالا ئاۋرە بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئەپەندىم، چۈنكى مەن سىزنىڭ ئاشپىزىڭىز.
ياغلىقدىكى ئۆمۈچۈك تورى
(ماھىرە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى)
بىر ئەرەپ سوتچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دىلۇ ئىنىقلاشدىكى ماھارىتى بىلەن داڭ چىقارغانكەن. بىر كۈنى، بىر دوكانچى كىلىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دوكىنىغا ئوغۇر كىرگەنلىكى، لېكىن ئوغۇرنى تۇتالمىغانلىقىنى مەلۇم قىپتۇ ئويلىمىغان يەردىن سوتچى دوكانچىغا، دوكىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاجىرتىپ ئىلىپ بازارغا ئاپىرىشىنى بۇيرۇپتۇ، چۈنكى سوتچىنىڭ قارىشىچە، ئىشىك ئۆزىنىڭ مەسئوليىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئوغۇرىنى ئىشىك سىرتىدا توسۇپ قالغان بولاتتىكەن، شۇڭلاشقا ئىشىكنىڭ بۇ جىنايىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەللىك قامچا جازا بىرىلدىكەن.
بۇ سوتچىنىڭ غەلىتە جازاسىنى قانداق ئىجىرا قىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن، بازارغا نۇرغۇن ئادەملەر كىلىپ توپلىشىپتۇ. سوتچى ئىشىكىنى ئەللىك قامچا ئۇرۇشىنى بۇيرۇپتۇ، ئىشىك ئەلىك قامچا ئۇرۇلغاندىن كىيىن، سوتچى بىلىنى ئىگىپ ئىشىكدىن كىمنىڭ ئوغرى ئىكەنىلكىنى سوراپتۇ، ئۇ سوراپ بولۇپ، ئىشىكنىڭ گېپىنى ئىنىق ئاڭلاش ئۈچۈن، قولىقىنى ئىشىككە يېقىپ تۇرۇپدۇ.
بىردەمدىن كىيىن سوتچى ئورنىدىن تۇرۇپ ،
—بۇ ئىشىك ماڭا، بېشىدىكى ياغلىقىغا ئۆمۈچۈك تورى چاپلىشىۋالغان ئادەم ئوغۇرنىڭ ئۆزى دەيدۇ،—دەپ، جاكارلاپتۇ.
شۇچاغدا، ئادەملەر توپىدا تۇرغان بىر ئادەم خۇدىكسىنىپ ئىشىتىك بېشىدىكى ياغلىقىنى سىلاپ قويۇپتۇ. بۇنى بايقىغان سۇتچى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆينى ئاختۇرۇپ دوكانچىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن نەرسىلىرىنى تىپىپ بېرىپتۇ.
دېڭىز ساھىلىدىن ئەينەك تەرگۈچى
(ماھىرە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى)
مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ كىشلىرى دېڭىز بويغا دەم ئىلىشقا بېرىپتۇ. باللار دېڭىزغا چۈشۈپ سۇ ئۈزۈپ، قوملاردا قەلئە ياساپ ئويناۋاتقاندا ، يىراقدىن بىر پاكار موماي ئاستا مېڭىپ باللار ئويناۋاتقان يەرگە كەپتۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى بىلەن ئۆزى پىچىرلاپ، بىرتەرەپتىن دېڭىز بويدىن بىرنېمىلەرنى تىرىپ بىر خالىتىغا ساپتۇ.دېڭىز شامىلى، ئۇنىڭ كۈمۈچدەك ئاپئاق چاچلىرى بىلەن كونا، يېرتۇق كۆڭلىكىنى لەپىلدىتىپ ئۇچۇرۇپتۇ.
باللارنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى باللىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ كىلىپ، ئۇ مومايدىن نېرى تۇرۇشنى جىكىلەپتۇ. موماي بۇ بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بېرىپ، يەنە بىلىنى ئىگىپ بىر نەرسىلەرنى تىرىپ خالتىسىغا سېلىپ، ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سالام قىپتۇ، ئەپسوسكى موماينىڭ سالىمىنى ئۇلار ئىلىككە ئالماپتۇ.
ئەسلى بۇ موماي دېڭىز ساھىلىدىكى ئەينەك پارچىلىرى باللارنىڭ پۇتىنى يارلاندۇرۇپ قويۇشدىن ئەنسىرەپ، بىر ئۆمۈر دېڭىز ساھىلىدىن ئەينەك پارچىسى تىرىشكە قەسەم ئىچكەنكەن، بۇ ئىشىنى بۇ ئائىلىدىكىلەر بىرقانچە ھەپتىدىن كىيىن ئۇقۇپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 20:00