ئۆي كۆچۈش
خوش ساڭا ئەي كەمسۆز ، خىيالچان تاملار ،
قالىدۇ سىلەردە بىر دەريا مېھىر .
گىتارىم قوينۇڭدىن قايتار كۆزى ياش
بۇلۇڭلار ئوقۇيدۇ مۇڭلۇق بىر شېئىر .
بۈگۈن كەچ ئىشىكتىن سوغۇق مارايدۇ ،
تورۇستا جىمجىتلىق ئۇخلايدۇ مۈگدەپ .
خوش ، ماڭا چوغ سۇنغان ئىسسىق كارىۋات ،
كەتمىگىن بولدىلا ئۇنچە ئېسەدەپ .
خەير، ھېكمەت تۆكۈلۈپ تۇرغان ئىشكابىم ،
كېتىدۇ كىتابلار باغرىڭدىن ئۇچۇپ .
مەن ساڭا تەلمۈرگەن باھاردەك گويا ،
كۆڭۈللۈك دەملەرنى قالمىغىن ئۇنتۇپ .
خەير ئوچاق ، ئەي كىچىك دۇنيا قۇياشى ،
كىملەرگە سۇنارسەن ئەمدى مېھرىڭنى ؟!
خوش ئىشىك ، بەك ئاچچىق غىچىرلار ئىدىڭ ،
مۇڭ بېسىپ قاپتىغۇ بۈگۈن چېھرىڭنى ؟!
فېۋرالنىڭ ئون بەشى ، ئوتلۇق بىر بالا ،
ئەگەشتى تۇرمۇشنىڭ خىياللىرىغا .
كۆتۈرۈپ پومزەككە لىقلىغان غەمنى ،
يۈزلەندى ناتونۇش، يېڭى دۇنياغا ...
|