ئانامغا يېزىلغان مەكتۇپ ئەزىز ئىمىر يانغىن
يەم بۇلۇپ ئولتۇرىمەن ئانا ،
سىرتمىقىغا خىياللارنىڭ .
مەن سېغىنغان ،
ئاشۇ قۇتلۇق سەھەر ،
يېزىپ تۇرار ئەبجەش ئەسلىمە ،
روجىكىگە خانەمنىڭ .
تۈتۈن چىقىرىپ سىگارتتىن ،
لەۋ تامشىپ گۈلگۈن مەيدىن ،
خاتىرىسىنى يازىمەن ،
تۈنۈگۈن ،
بۈگۈن ۋە ئەتەمنىڭ ...
ئولتۇرامسەن ئانا ،
تىكىپ كۆرپە قۇراقلاردىن ،
توڭلىمىسۇن نەۋرەم دەپ .
چاق ئىگىرىپ ،
ئېيتساڭ قەدىمى ناخشىنى ،
ئىسلاشقان مىھرىبان كۆلبىنىڭ ،
تۈڭلىكىدىن بەلكى ،
سالقىن ئاي نۇرى ،
تۇرار ئۈمىدلىك لەپىلدەپ .
ئولتۇرامسەن ياكى ،
ئەتە ساتاي بازاردا دەپ .
تۇخۇمىنى تۇغۇمچان مىكياننىڭ ،
پىشۇرۇش ئۈچۈن سېلىپ قازانغا ،
كۇلۇڭدا قاڭسىق تۈتۈن پۈدەپ .
ياقتىڭمۇ ئانا ،
ئوغلۇمغا ئەۋەتەي دەپ ،
قىراۋ چۈشكەن چاچلىرىڭنى ،
يالقۇن پۈركىگەن تۇنۇردا ئۆرتەپ ،
دۈگىلەك -دۈگىلەك ،
ياغلىق توقاچلارنى ...
سورايمەن ئانا ،
ھەر سەھەر گۈل بەرگىدىن پىچىرلاپ ،
تاڭ نۇرىدەك سۈلكەت جىسمىڭنى ،
گۈل قېتىدا بارمۇ دەپ ،
دېڭىزدىن چەكسىز قەلبىڭنى ،
سۈزۈك شەبنەم بېرىدۇ سۆزلەپ .
سېغىندىم ئانا ،
نۇر ئوخچىغان چېھرىڭنى ،
يالپۇز ھىدى مېھرىڭنى .
سېغىندىم يەنە ،
سىنىڭ ئامراق <<ۋەتىنىڭ >>-
مىھرى ئىللىق يۇرتۇمنى ...
شەھەر بەك ئاۋاتتۇر ،
بوش ئەمەس لېكىن ،
ئارلىقى ھەر قەدەمنىڭ ،
لەيلەپ يۈرەر ئىشخانىدا ،
سەن قالدۇرغان ،
تەپتى ئىللىق چاڭ -توزان ،
قەدىرلىك توپا ئۇ ،
سەن يالىڭاياق قاتنىساڭ بازارغا ،
تاڭ بالقىيدىغان يوللارنىڭ ...
سېغىنىش بار ئانا ،
خىياللارنىڭ ئەينىكىدە ،
قالغاچقا قېتىپ،
تاڭ شەپىقىدەك ئەكسىڭ ھەم -
ئاشۇ كىچىك كەنت .
يۈرىكىدە ،
سەھرا سۆيەر ئوغلۇڭنىڭ ...
ئامانلىق تىلەمسىەن ئانا ،
ھەر نامىزىڭدا تەڭرىدىن ...
ئېغىر خىيال ئارىسىدا ،
نامايەندۇر ئانا ،
تاڭ نۇرىدەك ئاشۇ چېھرىڭنىڭ ،
كەتتىم بەكمۇ سېغىنىپ ،
سېنىڭ ئاتەش مېھرىڭنى ،
قۇياش تۇغقان كەنتىمنى ...
سالام دېگىن مەندىن ئانا ،
بالىلىقىمدا ئىز قالغان ،
تاڭ بالقىغان يوللارغا ،
مېنى ھەردەم سېغىنىپ ،
بۇقۇلدىغان ،
ئۆگزەمدىكى كەپتەرگە ...
|