شېئىرلار
كۆكتولۇن
ئەگىشىش
دەرەخ بولسام ناۋادا
بۇ زىمىن قۇرۇت بولۇپ مېنى يىمەكتە.
گۈل بولسام
قار ياغار
قار ياغار.
ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىغان بولسام،
كۆز ياشلىرىم قۇمغا سىڭەر
قۇم قۇرۇپ كىتەر.
ۋەيران كۆڭلۈمنى
قۇشلار چوقۇماس...
يۈرىكىمنى كېچىگە بەرگەن بولسام
كېچە ھېرىپ كىتەر
بىر بۈيۈك نۇرغا ئەگەشكەن بولسام
تاڭ ئاتار
قۇياشسىزمۇ.
قالدۇرۇش
دۇنيانى گۈللەرگە قالدۇرۇپ قوياي،
قۇرىۋاتقان دەرەخلەر بوپ قالسۇن گۇۋاھ.
كەچمىشلەر يۈرەككە تاغدەك يىقىلسۇن،
ئاسمان كەبىي بارچىغا تاشلاپ بىر نىگاھ..
دەريا-دەريا ياشلىرىمنى قۇشلار يۇشۇرار،
كۈز ياپرىقى خازانلارغا قۇشۇلدى ئاستا.
زۇھەل بىلەن خاتىرلەنگەن سۆزلىرىم ئۆچتى،
باش سەھەردە ئېقىپ چۈشكەن شەبنەملەر ئارا..
بىر پاتمان يورۇقلۇق چېچىلماقتا تىز،
قەلىبنىڭ قارىلىقىغا قوشۇلدى كېچە.
مەن ئۆزۈمنى يىراقلاردىن كۆرۈپ كەلدىم،
ئاۋازىڭ سايىسى قايتا كۆچكىچە.
كۆكلەش
ئىچىمنى ئاۋات قىلغان بىر قۇش ئىدى ئۇ،
ئاي-يىللار كۆچۈپ كەتتى يىراقلارغا.
قىپقىزىل ئېچىلىپ خۇش ھىد پۇرايتى،
باغرىمنى تاتلىغاندا بولغان شۇ يارا.
شامالنىڭ كەينىدىن كەتىم ئىز بېسىپ،
دۇنيادا شەبنەملەر كەم بولمىدى ھىچ.
تەبىئەت قوينىنى كەڭ ئېچىپتۇ،
كۆكلەپ چىققىنى يەنە سېغىنىچ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-31 23:03
|