يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1795|ئىنكاس: 9

مۇھەممەتتۇرسۇن.ئابلېكىم: ئاشىق دېگەن مۇنداق بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                        ئاشىق دېگەن مۇنداق بولسا
                                             
                                               (ساتىرىك ھېكايە)            
                                       
                                        مۇھەممەتتۇرسۇن.ئابلېكىم

     مۇشۇ كۈنلەردە بىرنەرسە يازماقمۇ تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، نۇرۇز كۈنى يېنىمدا ئولتۇرغان گۆش تاغىرى ئۆتكەندە يازغان ھېكايەمنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئاچچىقى بەكلا كەلگەنمۇ يولدا ئالدىمنى قاراقچىدەكلا توستى ،ھەرنىمە بولسا  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا تەنتەربىيەدە ئۇقۇيدىغان بىر قىز بىلەن يۈرىۋاپتىكەنمەن ، ئەگەر ئۇ يېنىمدا تۇرۇپ مېنى باتۇرلۇق بىلەن قوغداپ قالمىغان بولسا ھېلىغىچە ئۆزىمنى دوختۇرخانىنىڭ تېڭىق بۆلىمىدە ئۇرۇشتا يارلانغان ئەسكەردەك باش كۆزىم تېڭىلغان ھالەتتە كۆرەتتىم . يازىدىغان نەرسەڭنى يېزىۋەر، مەن تۇرغىچىدا كىم ساڭا چېقىلالايدۇ؟دېدى قىز دوستۇم .  شۇنداق قىلىپ يۈرىكىم ئازراق ئۈستىگە چىقىپ يەنە بىر ھېكايىگە تۇتۇش قىلدىم.

سىنىپتا بىرقىز بار ؛ قاچان قارىسا تىلفۇنغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، باشقىلاردەك سۈرىتىنى ئۇرۇقلىتىپ يۈرەمدىكىن دېسە ئۇنداق ئەمەس،لېكىن دەرىستە بۇلامدۇ يولدا بۇلامدۇ ھەتتا ئەتتىگەنلىك يۈگىرەشتمۇ قۇلىغىغا تىڭشىغۇچنى تىقىۋېلىپ تىلفۇنغا قارىغاچ يۈگۈرىدۇ . بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋەتىپتىكەن ، تېلفۇنغا قاراپ ئولتۇرۇپ قۇشۇقنى بۇرنىغا تەڭلەۋاتىىدۇ، قاراپ كۆڭلىم ئېلىشىپ ئېغىزىمغا كىرىپ بولغان تاماقنى ياندۇرىۋەتكىلى قىل قالدىم . يەنە بىر قېتىم بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ  قاپتىكەنمەن ،تىلفۇنغا قاراپ بىكارغىلا قاقاپلاپ كۈلۈپ كېتىپ بارىدۇ ،كۈلگەندىمۇ سىنىپنى ئېچىۋەتكۈدەك كۈلدى ،قورقۇپ  كەتتىميۇ يەنىلا ئورنىمدا ئولتۇرىۋەردىم ،بىردەمدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى مېنى ئۇرۇپلا كەتتى ،بۇ قېتىم رەسمىي قورقتۇم ،دېمىسىمۇ ساراڭغا سوت يوق تۇرسا ،ئالىمادىس قۇلۇقۇمنى كاپلا تۇتۇپ يۇلۇۋەتسە قانداق قىلغىلۇق. ھەرنىمە  بولسا مۇئەللىم كېلىپ مېنى تىنىمسىز تېگىۋاتقان تاياق ئاستىدىن قۇتقۇزىۋالدى.  بىردەمدىن كېيىن ئۇ قىزدىن نىم بولغانتى دەپ سورىسام لىيىڭزەي مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى دەيدۇ، مەن تېخى لىيىڭزەي دېگىنى  بىرەر خەنزۇ دوستى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ؛-ئايرىلىپ كەتكەن بولسا ھېچقىسى يوق ، مەن چىرايلىق خەنزۇ قىزلاردىن نەچچسى بىلەن ئوبدان تۇنۇش . بىرەسىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن دەپ تەسەللى بېرىپ كېتىپتىمەن .  كېيىن ئۇقسام لىيىڭزەي دېگىنى كورىيەنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغان بىر گۇي كەن . ئۆتكەندە قىز دوستۇم بىلەن كېتىۋاتسام يېنىمدىن ئېگىز ھەم مودا بىر قىز ئۆتۈپ قالدى مەن بېشىمنى 180 گىردۇس قايرىپ مودا قىزغا قاراپلا  قاپتىمە،  شۇ چاغدا ئۇ ساۋاقدىشىم  تېلفۇنغا قاراپ مېڭىپتىكەن ، مېنى بىرنى سۇقىۋېدى ئارقىمغا ئۇچۇپلا چۈشتۈم ، ئەگەر مەن قىز دوستۇمنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ تۇرىۋالمىغان بولسام ئاشۇ پەيلىدە ساۋاقدىشىمنى ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋەتكەن بۇلاتتى.
  ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ تېلفۇنى  كېسەكتەك چوڭلىقتا بولۇپ تېخى تىلفۇننىڭ كەينىگە توك قاچىلىغۇچتىن بىرنى تېڭىۋالغان ئىدى،  تېلفۇن ئالبومىدا  ساپلا چېچى كۆزىگە چۈشىدىغان بىرىنىڭ سۈرەتلىرى تۇراتتى ،(ھە قاچان لىيىڭزەي دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ )  بىر كۈنى ئولتۇرسام ئۇ قىز ماڭا كەچتە ئايرىم كۆرىشەيلى دەيدۇ، ماڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ دەپ  خوشلىقىمدىن ئېغىزىمنى يۇمالمايلا قالدىم .  ئۆزىغۇ شوخ ،ئۇچۇق يۇرۇق ، چىراي دېسىمۇ يەتكۈچە بار قىز ئىدى ،لېكىن بۇمۇ قاملاشمايدىغاندەك تۇراتتى ، ھازىرقى تەنتەربىيەدە ئۇقۇيدىغان قىز دوستۇم  بۇرۇنقىللىرىغا ئوخشاش يېڭىسىنى تەييارلاپ بولۇپلا  ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەم ماڭىقسىنى ئېقىتىپ يىغلاپلا بولدى قىلمايتتى ،خائىنلىق قىلغىنىمنى بىلىپلا قالدىمۇ  مېنى مەكتەپتىكى كۆلگە تاشلىۋېتىشتىن  يانمايتتى .  لېكىن  ئىشلار كۈتكىنىمدەك بولماي قالدى ؛ ئەسلى ئۇ ساۋاقدېشىم مېنى توردىن لىيىڭزەينىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى تېپىپ  بېرىڭ دەپ ئىزدەپتىكەن . ئۆتكەندە بىر قېتىم سورىغانتى ئېغىزىم قىچىشىپ توردا بارمىكىن دەپ قويۇپتىكەنمەن،  ئۆزۈمغۇ بەكلا كۆڭىلچەك بالا ؛ ئاغىنىللىرىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە باھانە  تاپالىغىنىم بىلەن قىزلارقۇلۇمدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى تاپشۇرسىمۇ ئېغىزىم ئۆزىنى تۇيمالا ماقۇلغا كېتىپ قالىدۇ  . شۇنداق قىلىپ مەيدەمگە مۇشلاپ تۇرۇپ ئىشلىرنى بىر قوللۇق بىجىرۈپ بېرىشكە ۋەدە بەردىم ،لېكىن  ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا دەپ ئالدىرتىپلا كەتتى ، كۈندە قاق سەردە چىرايلىق قىزلار بىلەن سەيلە قىلىپ كۆرگەن چۈشلىرمنى بۇزۇپ تاپتىڭىزمۇ دەپ تىلفۇن قىلىدۇ .ئىزدەۋاتىمەن دەپلا قۇتلىمەن ،كېيىن بۇ چارىمۇ ئاقماس بولدى  ،سىنىپتا نەدە ئولتۇرسام يېنىمغىلا كېلىدۇ، يا دەرىس ئاڭلىغىلى قويمىغان.  ئاخىرى كورىيەچىنى ئۆگەنسىڭىز ئاندىن كۆرىشەلىگۈدەكسىز دەپ قويدۇم،  لېكىن ئۇ يەنە ئېسلىۋېلىپ كورىيەچىنى ئۆگىنىدىغان نەرسە تېپىپ بېرىڭ دېدى. توردىن ئىزدەپ يۇرۇپ  ئۈچ-تۆت يىلدا ئاران ئۆگۈنۈپ بولالايدىغان بىر پاتمان نەرسە چۈشۈرۈپ بەردىم ، قۇلاقمۇ نەچچە ئاي تىنجىغان بولدى .توۋا ، مۇھاببەتنىڭ كۈچ قۇدىرىتى راسلا بەكلا ئۇلۇغ ئوخشايدۇ ،ئېنگىلىز تىلىنى دەرىجە ئالمىساڭ دېپلۇم ، ئۇنۋان بەرمەيمىز دېسە پەرۋايىدا يوق يۈرگەن قىز ،لىيىڭزەينى دەپلا كورىيەچىنى نەچچە ئايدىلا خېلى بىر يەرگە ئاپىرىپ بوپتۇ ئۇ يەنە بېشىمنى ئاغرىتىشقا باشلىدى؛ نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۇرغان تېلفۇنى قىز دوستۇمنىڭكى بىلەن بىرلا ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ ، قۇلۇقۇم قىز دوستۇمنىڭ قولىغا چىقىپ تازا سوراققا چۈشتۈم. ئاخىرى بىر كۈنى  كېچىچە  ئۇخلىماي  ،توردىن لىيىڭزەي دەپلا ئىسىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ بەردىم . لېكىن ھېچ قايسسىسى ئۇ ئىزداىگەن لىيىڭزەي بولۇپ چىقماپتۇ ، بۇ ساۋاقدېشىم شۇنىڭدىن كېيىنلا جۈدەپلا كەتتى  ، ياتاقتىكى بالىلاردىن سورىسام ياتاقققا پۈتۈن دېگۈدەك لىيىڭزەينىڭ سۈرەتلىرىنى چاپلىۋاپتۇ ،كۈندە دېگۈدەك ئوتتۇرا كېچىدە لىيىڭزەي دەپ توۋلاپ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئۇيقىسىنى ھارام قىلىدىىكەن. شۇنداق قىلىپ بىچارە قىز مەۋسۇملۇق ئىنتاھاندا خېلى كۆپ پەنلەردىن قېلىپ قالدى ، ئىنتاھاننىغۇ خېلى كەڭرى  ئالغان ،مەنمۇ جېنىمدا  ئىنتاھان مەيدانىغا بىرمۇنچە قەغەز پارچىسى ئەكىرىپ ھەممىدە 85 تىن يۇقۇرى ئېلىپتىكەنمەن  .لېكىن دەل ئىنتاھان ئالغان كۈنى لىيڭىزەينىڭ يېڭى كىنوسى چىققانمىش ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنتاھان مەيدانىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كىنو كۆرىشكە چۈشۈپ كېتىپتۇ . ئاقىۋەت ؛ بىچارە قىز سىنىپ قېلىپ قالدى . كېيىن ئۇقسام كورىيەگە بېرىپ لىيىڭزەينى ئىزدەيمەن دەپ يۇقاپ كېتىپ نەچچە ئايدىن كېيىن ئېلىشىپ قېلىپ قايتىپ كەپتۇ . ئىلگىرى مۇھەببەتنى دەپ ئېلىشىپ قالىدىغانلارنى كىنودا كۆرسەم كۈلگۈم كېلەتتى ،پەرھاد شېرىن دېگەنلەرنىمۇ بەكلا ئەخمەق دەپ ھېساپلايتتىم،لېكىن ما قىزغا قاراپ رەسمىي قايىل بولدۇم،ئىسىت  لىيىڭزەي دېگەن  گۇيغا بۇنداق ساراڭدەك كۆيۈپ ئاشىقسىز مەشۇق بولۇپ يۈرگىچە ماڭا مۇشۇنداق كۆيسىچۇ ، ئۇ چاغدا مەنمۇ ئايدا بىر قىزنى ئالماشتۇرۇمەن دەپ ئولتۇرغىچە ئاشۇ قىز بىلەنلا ئۆمۈرلۈك بولۇپ كەتمەسمىدىم.
  ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغىنىنى ئاڭلاپ  دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردىم ،مېنى كۆرۈپلا لىيىڭزەي دەپ كەينىمدىن قوغلاپلا كەتتى ،مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا  نايناقشىپ يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايدىغان قىز  ما قېتىم   جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرسەممۇ كەينىمدىن يېتىشىۋېلىپ پېشىمگە ئېسىلىپ تۇرۇپ مەن چۈشەنمەيدىغان بىر تىلد سۆزلەپلا كەتتى(سۆزلىگەنى ھە قاچان كورىيەچە بولسا كېرەك ) ،قارىسام بۇ يەردىكى ساراڭلارغا قۇيۇپ بەرگەن ئويۇنىمىز بەك يېقىپ كەتتىمۇ چاۋاك چېلىپ كېتىپ بارىدۇ . شۇنداق قىلىپ كونا ساۋاقدېشىمنى يوقلاپ بارىمەن دەپ   تۆتىنچى دوختۇرخانىدىكىلەرگە قىززىق دارامما ئويناپ بېرىپ ساۋاپتىن بىر تاغار يۈدۈپ يېنىپ كەلدىم . كېيىن بۇ يەرگە ئىككىنچى ئاياق باسمىدىم .

    ئىشلانىڭ يامىنى كېيىن يۈز بەردى ؛ سىنىپتىكى باشقا قىزلاردىمۇ بىنورماللىق كۆرىلىشكە باشلىدى .لوپ ئەينەك تاقايدىغان ئۈگۈنۈش باشلىقىدىن تارتىپ ھەممە قىزلار ئاشۇ ئېلىشىپ قالغان قىزدەك دەرىس ۋاقتىدا بېشىنى ئۈستەلنىڭ تارتمىسغا تىقىپ قۇلۇقىغا تىڭشىغۇچنى قىستۇرۇپ  لىيىڭزەينىڭ كىنولىرىنى كۆرىدىغان بولۇۋالدى.كىچىك ۋاقتىمدا يەنە بىر كۆرسەم دەپ بىر كىنو بولىدىغان، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مۇماممۇ نامىزىنى قازا قىلىپ تۇرۇپ كۆرەتتى ، تېخى مەلىنىڭ دوقمۇشىدا بىر مۇنچە مۇمايلا بىر يەرگە كېلىپ مۇشۇ كىنو توغرۇلۇق سۆزلىشىپ كۈننى كەچ قىلىدىغانمۇ بولغان ئىدى  . ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتاتتى؛ تەنەپپۇستىن چۈشتىمۇ ،قىزلار گۈررىدە بىر يەرگە يىغىلاتتىدە كېچىدىن ئۇخلىماي كۆرگەن كىنودىكى لىيىڭزەينى مۇلاھىزە قىلىشىپ كېتەتتى ، كېيىن ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يوغىنى چىققىلى تۇردى؛ سىنىپتا بىر نەچچە جۈپ ئاشىق مەشۇق بارئىدى ، ئۇلارمۇ لىيىڭزەينىڭ سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى ، كېيىن قېرىشقاندەك قىز دوستۇممۇ  لىيىڭزەيگە ئاشىق بولۇپ قالدى ، تاماق يېسەكمۇ شۇنىڭ گېپى ،ھەتتا يولدىمۇ كىنو كۆرگەچ ماڭاتتى ،مەن ئۇنىڭ تىلفۇنغا قاراپ مېڭىپ بىر نەرسىگە ئۈسسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىرقولىدىىن يېتىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ كىنوغا قاراپ بىردە يىغلاپ بىردە ساراڭدەك كۈلۈپ كېتىدىغان بۇلىۋالدى  . بۇلىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئۇنىڭمۇ ئاز ئۆتمەي تۆتىنچى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدىغىنىغا كۆزىم يېتىپ  خېيىم -خەتەردىن قورقماي ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋەتتىم.

بىزنىڭ سىنىپتا قىزلارنىڭ سانى  ئوغۇللارنىڭ ئون ھەسسىگە تەڭ كېىپ قالاتتى ، شۇڭىمۇ ھەممەيلەن كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغاچقا سىنىپتا دەرىس ئاڭلايدىغانلار قالمىدى .شۇنداق قىلىپ  باشقا قىزلارمۇ لىيىڭزەينىڭ دەردىدە ئىنتاھاندىن قېلىش ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بۇنداق بولسا قانداق بولغىنى ،  سىنىپتا مەن چاق -چاق قىلىپ چىشىغا تېگىدىغان ئاشۇ قىزلار بولمىسا مېنىڭمۇ مەكتەپتىن رايىم يانمامدۇ ، شۇڭا ئۇلارغا نەسىھەت بولسۇن دەپ بۇ ھېكايىنى يازدىم ، بەلكىم بۇنى كۆرسە لىيىڭزەينىڭ جىنى چاپلاشقان قىزلار ھوشىنى تېپىپ قالار .  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 23:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-31 02:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ، پاھ ، ئىنىم !  ياشاپ كىتىڭ ، نىمانچە يۈمۇرلۇق  گەپ قىلىسىز ،  ! يەنە مۇشۇنىڭدەك قىزىقارلىق  تېمىللىرىڭىز بولسا يوللاڭە !!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-31 09:51:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 02:31
پاھ ، پاھ ، ئىنىم !  ياشاپ كىتىڭ ، نىمانچە يۈمۇرلۇق  گەپ  ...

رەھمەت ھەدە ، دېمىسىمۇ قىق باللىلار ۋاقتىنى كىنو كۆرۈش بىلەنلا ئۆتكىزىۋاتىدۇ ،شۇڭا ئىچىم پۇشۇپ يازغانتىم،

ۋاقتى: 2014-3-31 16:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تىرىشىڭ،ئاخىرنى باشقىچەراق چۈشۈرۈپ باقسىڭىز بولارمۇ قانداق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-31 18:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت بوستان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 16:51
ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تىرىشىڭ،ئاخىرنى باشقىچەراق چۈ ...

رەھمەت ، ئاخىرىغا ئازراق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار نەرسە قىستۇرۇپ قۇياي دېگەن . لېكىن سەل قاراپ قاپتىمەن

ۋاقتى: 2014-3-31 19:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە ئۆتكۈر كۆز بار ئىكەن، سىزدىن خېلى تۈزۈك ئەسەرلەر چىقىدىغاندەك... ئەمما، ئۇيغۇر تىلىنى (ئىملا قائىدىسى، گىرامماتىكىسى...) ئوبدان ئۆگىنىڭ، ئىنىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-31 20:32:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 19:10
سىزدە ئۆتكۈر كۆز بار ئىكەن، سىزدىن خېلى تۈزۈك ئەسەرلەر ...

رەھمەت،  خېلى دىققەت قىلغاندەك قىلغان، لېكىن شېۋەم ئېغىر بولغاچقا يەنە كۆپ خاتالىقلار سادىر بولۇپتۇ ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىمەن

ۋاقتى: 2014-5-1 08:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەي يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 18:30
رەھمەت ، ئاخىرىغا ئازراق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار نەر ...

ئوقۇرمەن ئۆزى ھېكايىدىن تېپىۋالىدۇ تەربىيىۋى ئەھمىيەت دېگەننى، نېمە قىلىسىز زورىغا قوشۇپ قويۇپ

ۋاقتى: 2014-5-1 14:32:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز

ۋاقتى: 2014-11-3 15:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئۇچىيىم ئۇزۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى. دىسىمۇ ھازىر ئالا مەكتەپ ئەمەس ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بۇنداق ئىشلار بار. تەنقىدلەش كىرەك زادى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش