يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 507|ئىنكاس: 16

تاشيولچى: كەلگەندە نورۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلگەندە نورۇز
ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

ئويغاتتى ھىسلارنى قۇشلار نەغمىسى،
ساپ ھاۋا دىماققا ئۇرۇلغان سەھەر.
ئويغاندى تەبىئەت سوۋۇغان چۈشتىن،
باھارنىڭ ئەلچىسى بەرگەندە خەۋەر.

ئاڭلىنار باغلاردىن كاككۇك ناۋاسى،
دىللارغا بىر تاتلىق ئارمان بېغىشلاپ.
ناۋاغا جۆر بولدى دىھقان ناخشىسى،
ئىشچانلار مىھرىنى ئېتىزغا باشلاپ.

ياڭرىدى يىراقتىن ناغرا ساداسى،
ھە! بۈگۈن ھەممىگە يېڭى يىل،بايرام.
چاقىردى بەزمىگە نورۇز جىلۋىسى،
كائىنات ھاياتقا بەرمەكتە سالام.

شوخ كۈيلەر ئەۋجىسى چىقتى ھاۋاغا،
بېقىشىپ قىز-يىگىت چۈشتى ساماغا.
چالماقتا ساتارنى «ئاماننىساخان»..،
يامرىدى مۇھەببەت دىلدىن ساباغا.

تىترىدى يەر زىمىن قىقاس-چۇقاندا،
يىگىتلەر «ئوغلاق»قا چۈشتى قۇيۇندەك.
مىسالى ئۆركەشلىك تارىم دەرياسى،
« بۇغراخان» ھۇجۇمغا كەلگەن قۇشۇندەك.

پەيلىدىن يانمىغان غەيۇر قوچقاردىن،
«سادىر»نىڭ غۇرۇرى بولدى نامايان.
چېلىشقا چۈشكەندە قەھىرلىك پالۋان،
«سىيىت»نىڭ سىماسى كۆڭۈلگە ئايان.

قاينىسا داشلاردا «نورۇز»نىڭ ئېشى،
بىلىندى «نەۋائى»،«مەخمۇد» تىۋىشى.
شائىرلار «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»نى كۆرسە،
«ئوغۇزخان» ئېتىنىڭ كەلدى كىشنىشى.

ئىھ!-بۈگۈن ھەممىگە باھار بايرىمى،
بارچە دىل شادلىنىپ سۈرمەكتە ھوزۇر.
ئەسلەيمەن ئەجدادىم باسقان ئىزلارنى،
ھەر يىلى  باھاردا، كەلگەندە نورۇز.

2014-يىل 26-يانۋار

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-28 15:51:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرى مۇھىت ناياتى ياخشى  يارىتىلىپ پىكىر  تىرەنلىگىنى تاپقان،ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 21:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقۇمى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 15:51
شىئېرى مۇھىت ناياتى ياخشى  يارىتىلىپ پىكىر  تىرەنلىگىن ...

بەرگەن مەدىتىڭىزگە رەھمەت....ئارقۇمى!   بۇ شېئىرنى (ئەگەر شېئىر دەپ ئاتاشقا مۇۋەپپىق بولسا)  نورۇز بايرىمى بولغان كۈنى يېزىپ بېقىپ، تۈزۈتۈشكە ئۈلگۈرمەيلا قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئىدىم. سەل ئوڭشالغاندا قارىسام، نورۇز كۈنىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتۈپ كىتىپتۇ. شۇڭا ھاپىلى-شاپىلا ئالدىراپ تۈزەتمەستىنلا مۇنبەرگە يوللىۋىتىپتىمەن. ئەمدى قارىسام مەسىلە خېلى ئېغىردەك قىلىدۇ. قايتۇرىۋالغىلى بولمىدى. مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ھىلىمۇ ماڭا يۈز خاتىرە قىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-3-28 21:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلەيمەن ئەجدادىم باسقان ئىزلارنى،
ھەر  باھار چىچەكلەر بالقىتسا غۇرۇر.
ئۆزۈمچىلا ئۆزگەرتىپ باقتىم.شائىر ئېغىر ئالمىغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 21:39  


ۋاقتى: 2014-3-28 22:42:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچىنى كونا مۇنبەردە ئۇچراتقان ئىدىم، سىزگە يەنە بىر سالام بولسۇن. تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-29 10:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 21:39
ئەسلەيمەن ئەجدادىم باسقان ئىزلارنى،
ھەر  باھار چىچەكل ...

ياردەمدە بولغىنىڭىزغا تەشەككۈر ئۈمىدجان.  سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن.داۋاملىق ھەمدەمدە بولغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-29 10:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 22:42
تاشيولچىنى كونا مۇنبەردە ئۇچراتقان ئىدىم، سىزگە يەنە  ...

سىز بىلەن دىدارلاشقانلىغىمدىن خۇشالمەن مىھرى....! ئەسلى يېڭى مۇنبەردىمۇ بار ئىدىم. ئۇچرىشالماي كەتتۇققۇ تاڭ.   سالامەت بولۇڭ!

ۋاقتى: 2014-3-29 11:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



          خېلى ئۇزۇن ئارام ئېلىشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بۇ شېئىر ئۆز سۈلكىتى بىلەن كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئاپورغا شادلىق يار بولغاي!

ۋاقتى: 2014-3-30 14:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارمۇسىز  ھوي كەسىپدىشىم؟..
يوقاپلا  كېتىسىزكەن مۇنداق ئانچە -مۇنچە ھاياتلىقدىن دىرەك بىرىپ قويىلى ماقما...

ۋاقتى: 2014-3-30 15:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىترىدى يەر زىمىن قىقاس-چۇقاندا،
يىگىتلەر «ئوغلاق»قا چۈشتى قۇيۇندەك.
مىسالى ئۆركەشلىك تارىم دەرياسى،
« بۇغراخان» ھۇجۇمغا كەلگەن قۇشۇندەك.
                  ھۇجۇمدا ئۆتكەن
.........................................................................................
نورۇزدا پارلىغان ئۆزلۇك تۇيغۇلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن،.. بۇ نورۇزنامە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.... قەلىمىڭىز چاپچىپ تۇرسۇن ، تاشيولچى بۇرادىرىم..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-30 20:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 11:27
خېلى ئۇزۇن ئارام ئېلىشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگە ...

رەھمەت ئابدۇرېھىم ئاكا،!  راس دەيسىز ، ئۇزۇن بولدى ، بىر نەرسە يازمىغىلى ھەم مۇنبەرگە چىقمىغىلى. پۇرسەت بولمىدى ھەم ئىلھاممۇ كەلمىدى شۇ ئالدىراشلىقتا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-30 20:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 14:25
بارمۇسىز  ھوي كەسىپدىشىم؟..
يوقاپلا  كېتىسىزكەن مۇنداق  ...

قانداغراق ئەھۋالىڭىز مۇنەۋۋەر خانىم؟. يېزىغا چۈشۈپ كەتكىلى 4 ئاي بولدى. بىز تۇرىۋاتقان كەنىتتە تورغا تۈگۈل كومپىيوتىرمۇ يوقكەن. شۇڭا يۇقاپمۇ كەتتىم. بەكلا ئالدىراشلىقتا ئىلھاممۇ يۇقاپ كەتتى شۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-30 20:30:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 15:50
تىترىدى يەر زىمىن قىقاس-چۇقاندا،
يىگىتلەر «ئوغلاق»قا  ...

پىكىر بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. مىنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ شېئىردا كۆپ سەۋەنلىك بار. ئالدىراقسانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بولسا كىرەك. بۇندىن كىيىن كۆپرەك كۆرسەتمە بىرىشىڭىزگە مۇھتاجمەن.

ۋاقتى: 2014-3-30 20:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-31 09:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 20:35
ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن

رەھمەت دىلداش.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش