يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 476|ئىنكاس: 0

ئاققاش (ت): لىف.تولىستوي __ ئىككى مەسەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى مەسەل
لىف.تولىستوي
(رۇسىيە)
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى
ئاكا-ئۇكىلار
ئىلگىرى بىر ئاكا-ئۇكا ئۆتكەن ئىكەن،بىر كۈنى ئۇلار بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىپتۇ، كۈن چۈش بولغاندا ئىككىيلەن بىر ئورمانلىقتا ئۇخلاپ قاپتۇ، ئويغىنىپ قارىسا، ئۇلارنىڭ يېنىدا يوغان بىر تاش تۇرغىدەك،ئۇلار تاشقا سىنچىلاپ قارىسا تاشقا مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىكەن،«ئەگەر سىز بۇ تاشنى ئۇچراتسىڭىز ئورمانلىقىنى بويلاپ كۈن چىقىشقا قاراپ ئۇدۇل مېڭىڭ،ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر دەريانى ئۇچىرتىسىز،سىز  دەريادىن قارىشى قىرغاققا ئۆتۈڭ،قىرغاقتا ئانا-بالا ئېيىق بار،سىز ئېيىق بالىسىنى تۇتۇپ دەرھال تاغقا قاراپ يۈگرەڭ،تاغدا بىر ئۆي بار، سىز ئاشۇ ئۆيدە بەختنى تاپالايسىز.»
ئاكا –ئۇكا ئىككىيلەن خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىنىسى ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپتۇ :ــ بىز ھازىرلا يولغا چىقايلى، دەريادىن ئۆتۈپ،ئېيىق بالىسىنى تۇتۇپ تاغقا چىقساق بەختىنى تاپالىشىمىز مومكىن.
بىراق،ئاكىسى ئۇنىماپتۇ:ــ مەن ئورمانلىققا ئېيىق بالىسىنى تۇتقىلى بارمايمەن، شۇنداقلا سېنىڭمۇ بېرىشىڭغا قوشۇلمايمەن. بىرىنجىدىن، ھېچكىممۇ بۇ تاشقا يېزىلغان ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەيدۇ،بەلكىم بىرەرسى ئوينىشىپ يېزىپ قويغان بولىشىمۇ مومكىن؛ئىككىنجىدىن، بۇ گەپنى راست دېگەن تەقدىردىمۇ ئىككىمىز ئورمانلىققا كىرىپ قاراڭغۇدا ھېلىقى دەريانى تاپالماي ئېزىپ قېلىشىمىز مومكىن،ئىككىمىز ئۇ دەريانى تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇ دەريا چوڭقۇرمۇ،كەڭمۇ، ئۆتەلەمدۇق ئۆتەلمەمدۇق بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ئۈچىنجىدىن،بىز ئۇ دەريادىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ئېيىق بالىسىنى تۇتۇش شۇنچە ئوڭايمۇ؟ئانا ئېيىق بىزنى يەۋەتسە بىز بەختىنى تاپالمايلا قالماستىن بەلكى يەنە جېنىمىزنىمۇ بىكاردىن بىكارغا سېلىپ بەرگەن بولمامدۇق؟؛تۆتىنجىدىن، ئېيىق بالىسىنى تۇتالغان تەقدىردىمۇ شۇ ھامان تاغقا يۈگرەپ چىقالىشىمىز مومكىنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىمى تاشقا تاغدىكى ئۆيدە قانداق بەخىتنىڭ بارلىقى ئېنىق يېزىلمىغان،بەلكىم ئۇ ئۆيدىكى بەخىتكە بىزنىڭ پەقەتلا ئىھتياجىمىز بولماسلىقى مومكىن.
بىراق ئىنىسى ئۇ يەرگە بېرىشتا قەتئى چىڭ تۇرۇپتۇ: ــ مەن سېنىڭ قارىشىڭغا قوشۇلمايمەن، ھېچكىممۇ قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تاشقا خەت يېزىپ قويمايدۇ،تاشقا يېزىلغان خەتنىڭ مەنىسى شۇنداق ئېنىق تۇرمامدۇ؟بىرىنجىدىن، زىيان تارتساممۇ مەيلى، مەن بىر ئۇرۇنۇپ باقاي ؛ئىككىنجىدىن، ناۋادا بىز بارماي باشقا بىرسى بۇ تاشنى كۆرۈپ  بارغاندىن كېيىن  بەختنى تاپسا بىز ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمىز؛ئۈچىنجىدىن، بىر ئادەم بىر ئىش قىلىشنى خالىمىسا،جۈرئەت قىلمىسا ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ؛تۆتىنجىدىن،مەن باشقىلارنىڭ مېنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان توخۇ يۈرەك دېيىشنى خالىمايمەن.
ئاكىسى يەنىلا بېرىشقا قوشۇلماي ئىنىسىگە نەسىھەت قىپتۇ: ــ كونىلاردا «تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالما»«ئاسماندىكى تۇرنىنى تۇتىمەن دېگەندىن قېشىڭدىكى بوز تورغاينى قەدىرلىگىنىڭ ئەۋزەل» دېگەن گەپ بار.
ئىنىسىمۇ بوش كەلمەي ئىتراز بىلدۈرۈپتۇ: ــ مەنمۇ باشقىلارنىڭ «يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەڭ ئۇۋىسىغا كىرىشتىن قورقما»،«يولدىكى تاشنى ئېلىۋەتمىسەڭ يولۇڭ راۋان بولماس» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان،شۇڭا بارغىنىم بارغان.
شۇنداق قىلىپ ئىنىسى سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ،ئاكىسى بولسا قېپقاپتۇ.ئىنىسى ئورمانلىققا كىرىپلا ھېلىقى دەريانى ئۇچىرتىپتۇ،ئۇ دەريادىن ئۈزۈپ قارىشى قىرغاققا ئۆتۈپتۇ ۋە ئۇ يەردە بىر ئېيىقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ،بۇ چاغدا ئانا ئېيىق ئۇخلاۋاتقان ئىكەن،ئۇ ئېيىق بالىسىنى تۇتۇپ دەرھال تاغقا قاراپ يۈگرەپتۇ،ئۇ ئەمدىلا تاغقا چىقىشىغا بىر توپ كىشى يۈگرەپ كىلىپ ئۇنى تەختىراۋانغا سالغىنىچە شەھەرگە ئېلىپ مېڭىپتۇ ۋە ئۇنى پادىشاھ قىلىۋاپتۇ،ئىنىسى شاھلىق تەختىدە بەش يىل ئولتۇرۇپ ،ئالتىنجى يىلىغا كەلگەندە قوشنا دۆلەتتىكى بىر پادىشاھ ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەھەرنى تارتىۋىلىپ ئۇنى قوغلىۋىتىپتۇ.ئىنىسى يۇرتمۇ يۇرت سەرگەردان بولۇپ ياشاپتۇ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئاخىرى ئاكىسىنى تېپىپتۇ.ئاكىسى بىر قىشلاقتا سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئىكەن،ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئايرىلىپ ئۇزۇن ۋاقىتتىن  كېيىن قايتا جەم بولغىنىغا قاتتىق خۇشال بوپتۇ،ۋە بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشىپتۇ.
ــ يەنىلا مېنىڭ دېگىنىم توغرىمىكەن،قارا،مەن گەرچە ئىزچىل ئاددى تۇرمۇش كەچۈرسەممۇ ئىنتايىن بەخىتلىك،گەرچە سەن پادىشاھ بولۇپ بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن بولساڭمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا شۇنچىۋالا كۆپ بەخىتسىزلىككە دۇچار بوپسەن ،ــ دەپتۇ ئاكىسى.
ــ مەن ئەينى چاغدىكى تاللىشىمغا ھەرگىزمۇ پۇشمان قىلمايمەن،گەرچە ھازىر مېنىڭ ئەھۋالىم دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ،بىراق مېنىڭ ھاياتمىدا ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن كەچۈرمىشلەر قالدى،سېنىڭ بولسا ئەسلىگۈدەك ھېچنىمەڭ يوق،ــ دەپتۇ ئىنىسى جاۋابەن.


كەمبەغەلنىڭ كەپىسى بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسى
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ،ئۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر ئوردا ساپتۇ، ئوردىنىڭ ئالدىغا چىرايلىق بىر گۈللۈك بەرپا قىپتۇ.بىراق گۈللۈكنىڭ كىرىش ئېغىزىداپەس، كونىراپ كەتكەن كەپە بار بولۇپ،ئۇ گۈللۈكنىڭ ئىسكەتىگە نۇقسان يەتكۈزۈپتۇ،بۇ كەپىدە بىر يوقسۇل تۇرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈللۈكنىڭ ئىسكەتىگە نۇقسان يەتكۈزىۋاتقان بۇ كەپىنى يۆتكىمەكچى بوپتۇ،ئۇ ۋەزىرىنى ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ قېشغا ئەۋەتىپتۇ.
ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ كەپىسىگە كىلىپ ئۇنىڭغا:ــ سەن بەكمۇ تەلەيلىك ئىكەنسەن،سېنىڭ بۇ كەپەڭ 10رۇبلىغىمۇ يارىمايدۇ ،بىراق پادىشاھىمىز ئۇنى 100رۇبلىغا سېتىۋالماقچى بولدى،ــ دەپتۇ.
ھېلىقى كەمبەغەل كەسكىن رەت قىپتۇ:ــ بولمايدۇ،مەن بۇ كەپىنى 100رۇبلىغا ساتمايمەن.
ۋەزىر يەنە مۇنداق دەپتۇ:ــ ئۇنداقتا 200رۇبلىي بولسۇن.
ــ200رۇبلىيغىمۇ ساتمايمەن،ماڭا 1000رۇبلىي بەرگەن تەقدىردىمۇ ساتمايمەن ،مېنىڭ بوۋام ۋە دادام مۇشۇ كەپىدە ياشاپ مۇشۇ كەپىدە جان بەرگەن،مەنمۇ بىر ئۆمۈر مۇشۇ كەپىدە ياشاپ ئۆلىمەن!ــ دەپتۇ  كەمبەغەل قەتئىيلىك بىلەن.
ۋەزىر قايتىپ كىتىپ ئەھۋالنى پادىشاھقا دوكلات قىپتۇ:ــ ئۇ كەمبەغەل بەكلا جاھىل ئىكەن،ئۇ كەپەمنى پۇلغا ساتمايمەن دەيدۇ،سىلى بىر رۇبلىمۇ بەرمەي بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئۇنى كۆچۈرىۋەتسىلە.
ــ ياق،مەن مۇنداق قىلالمايمەن،ــ دەپتۇ پادىشاھ.
ــ ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ئەجەبا ئۇ كونا كەپە ئاشۇ يەردە چوقچىيىپ ھەشەمەتلىك ئوردىنىڭ ئىسكەتىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ تۇرسۇنمۇ؟ كۆپچىلىك ئوردىنى ۋە كەپىنى كۆرۈپ بۇ ئوردا ھەقىقەتەنمۇ ھەشەمەتلىك ئىكەن،بىراق بۇ كەپە ئۇنىڭ ھۆسنىگە نۇقسان يەتكۈزۈپتۇ،قارىغاندا بۇ پادىشاھنىڭ بۇنى سېتىۋالغىدەك پۇلى قالمىغان ئوخشايدۇ دېيشمەمدۇ؟،ــ دەپتۇ ۋەزىر.
ــ توغرا ئەمەس،مېنىڭچە ئوردىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم چوقۇم بۇ پادىشاھنىڭ پۇلى بەكلا جىق ئىكەن،شۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك ئوردا ساپتۇ،دەيدۇ،ئۇ يەنە بۇ كەپىنى كۆرۈپ قارىغاندا پادىشاھنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپلا قالماي يەنە ئادىل ۋە ھەققانىيەتچى ئىكەن،شۇڭلاشقا بۇ كەپىنى  بۇزىۋەتمەپتۇ دەيدۇ،ــ دەپتۇ پادىشاھ.




مەنبە:2013-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى «ساتىرا ۋە يومۇر»گېزىتىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 23:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش