يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 475|ئىنكاس: 2

ئاققاش: ئاسخا —كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەتىرگۈل (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەتىرگۈل
(نەسر)
ئاسخا(ھىندىستان)
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى

يۇنانلىق مۇتەپەككۇر دېئوگېنىس ھەممىدىن ۋاز كېچىپ زاھىدلىق يولىنى تۇتۇپتۇ. ئۇ كىيىملىرىنىمۇ سېلىۋىتىپ،پەقەت سەدىقە تىلەش  ۋە سۇ ئىچىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر تاۋاقنى ئېلىپ قاپتۇ،بىر كۈنى ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىككى قولى بىلەن سۇنى ئۇچۇملاپ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،قولىدىكى تاۋاقنى شۇھامان تاشلىۋىتىپتۇ،ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن:ــ تاۋىقىڭنى نېمىشقا تاشلىۋىتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
ــ مەن ئىلگىرى سۇنى ئىككى قولۇمدا ئۇچۇملاپ ئىچىشنى بىلمەيتتىم، ئەمدى بىلدىم،مەن نېمىشقا ئىككى قولدا ئۇچۇملاپ سۇ ئىچىشنىڭ شادلىقىدىن بەھرىمەن بولمايمەن؟تاۋاق جانسىز نەرسە،مەن ئۇنىڭغا لىڭ سۇ قۇيسام،ئۇ ماڭا ھېچقانداق تۇيغۇ بىرەلمەيدۇ،مەن سۇنى ئىككى قولۇمدا ئۇچۇملاپ ئىچسەم،ئىككى قولۇم سۇ بىلەن ئۇچىرشىپ،سۇنىڭ ئىنتايىن راھەت، ھاياتى كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلالايمەن، مېنىڭ سۆيگۈم قولۇم ئارقىلىق سۇغا كىرىپ سۇمۇ تېرىلىدۇ،شۇڭلاشقا مەن مۇندىن كېيىن سۇنى ئىككى قولۇم بىلەن ئۇچۇملاپ ئىچىمەن،تاۋاقنىڭ ئەمدى لازىمى قالمىدى،ــ دەپتۇ ئۇ جاۋابەن.
بىزنىڭ تۇيغۇمىزمۇ تاۋاققا ئوخشاش قاشاڭ بولۇپ،بىز قاچىدىن ئېرىشكەن بارىلىق نەرسە جانسىز بولىدۇ،تەخسىدىكى تائام قارىماققا شۇنداق مەززىلىكتەك كۆرىنىدۇ،بىراق،ئېغىزىمىزغا ئالغاندا تەمىنىڭ ئادەتتىكىدەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.مۇزىكا قۇلىقىڭىزغا كىرگەندە تولىمۇ يېقىمىسز ئاڭلىنىدۇ،گۈللەرمۇ كۆزىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ،بىز ھەممىنى ئاددىيلاشتۇرىۋىتىمىز گەرچە ئۇ ئادەتتكىدەك بولمىسمۇ ،سىز دەرەختە كۆرگەن چىچەك ئىلگىرى ئېچىلمىغان،پۈتۈنلەي يېڭى، يەرشارىدا ئۇنىڭدەك چىرايلىق ئىككىنجى بىر چىچەكنى تاپالمايسىز،ئۇ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان،بەرگىلىرى توزۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا پەيدا بولمايدۇ.ئەمما بىز ئۆزگىچە گۈلنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى شەيئى دەپ قارايمىز.بىز «بۇ نېمە ئىدى،مۇندىن بۇرۇن بۇنداق گۈلدىن سان-ساناقسىزنى كۆرگەنمەن» ، دەيمىز.چۈنكى سىز سان- ساناقسز گۈلنى كۆرۈپ، كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالغان ،كۆز ئالدىڭىزدىكى گۈلنىڭ گۈزەللىكنى كۆرەلمەيسىز. ئەمەلىيەتتە سىز ئىلگىرى كۆرگەن سان- ساناقسىز گۈل بىلەن ھازىرقى سان -ساناقسىزگۈلنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئېمىرسۇن ئەتىرگۈلنىڭ ئېچىلىش جەرىيانىنى تەسۋىرلەپ خاتىرە يازغان،بىراق،ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئەتىرگۈلنىلا كۆرگەن،شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سان ساناقسىز ئەتىرگۈللەرنى،تېخى ئېچىلمغان ئەتىرگۈللەرنى ۋە توزۇپ كەتكەن ئەتىرگۈللەرنى كۆرەلمىگەن،ئۇنىڭ كۆرگىنى شۇ ۋاقىتىتىكى بۇ يەردىكى مۇقەددەس ئەتىرگۈل،ئۇ شادلانغان، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىغان. بىراق،ئۇ ئەتىرگۈلنى كۆرگەن چاغدا ئەگەر ئۇنىڭ كۆزىنى ئۇ ئىلگىرى كۆرگەن ئەتىرگۈل توسىۋالسا ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئەتىرگۈلنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىچە تۇيغۇسىنى ھىس قىلالمايدۇ.ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ،ئۇنىڭ يۈرەك تارى چىكىلمەيدۇ.
بىز ئالاھىدە بىر دۇنيادا ياشايمىز،بىراق،كۆپىنچە ھاللاردا بىزسەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئىتىۋالىمىز،ھەممىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىمىز، نەتىجىدە ھاياتنىڭ سېھىرى كۈچى ۋە گۈزەللىكىدىن زوق ئالالمايمىز.
مەنبە: «ساتىرا ۋە يومۇرگېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ3-كۈنىدىكى سانى   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 00:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-3-26 23:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەتكە تۇيۇنغان يازمىڭىزدىن بەھىرلەندىم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.


ۋاقتى: 2014-3-27 11:11:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدىكى تىل گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندىم ، بەرىكەتلىك بولۇڭ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش