يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 4

ﺋﺎﺗﯩﻜﻪم زەﻣﯩﺮى : ژورژ①

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ژورژ①



ﺋﺎﺗﯩﻜﻪم زەﻣﯩﺮى


«دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ژورژﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺗﺎغ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨلا ﺗﺎرﻗﺎﻟﺪى.
دﯨلاۋەرﺧﺎن ﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯚﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻤﯘ - ﻳﺎ؟ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻧﺎر ﻳﯜزﻟﯜك، ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﻘﺎش، ﻣﻪﻳﮕﯘن ﭼﺎچ ، ﻟﻪۋﻟﯩﺮى ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﺋﯚزى ﺳﯧﻤﯩﺰﻏﯩﻨﺎ، ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭼﻮﻛﺎن. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﻮﻟﻰ ﮔﯜل ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻟﻪۋەﻧﻠﻪردﯨﻦ. ﺗﯘﻣﺎق ﺗﯩﻜﯩﺶ، ﺟﯘراپ  ﺗﻮﻗﯘش دەﻣﺴﯩﺰ، ﺑﻪﻟﺪەﻣﭽﻰ ﺗﯩﻜﯩﺶ، ﻗﯘراق ﻳﺎﺳﺘﯘق - ﻛﯚرﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯩﻜﯩﺶ دەﻣﺴﯩﺰ، ﻛﯘﻟﺘﺎ ۋە ﭼﺎي ﺧﺎﻟﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﺶ دەﻣﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎل ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﻧﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺗﯘﻏﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﭘﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘق ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻗﯩﺰى ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘلا ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن ﺑﯘ ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻣﺪۇ؟ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎلا ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺑﺎلا ﺋﺎﻳﻨﯩﻤﯩﺪى؟ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪى؟ داﻏﻰ ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﯜرەﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚرﺗﻪﻳﺘﺘﻰ. دﯨلاۋەرﺧﺎن ﻛﯚپ ۋاﻗﯩﺘلاردا ﺋﺎت ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﯜرۈپ ﭼﺎرۋا ﺑﺎﻗﻘﺎچ ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯚﯕﻪك ﻧﻪﻳﻨﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﭘﯩﻐﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺴﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ زەرﯨﻦ ﻳﯩﻐلاپ - ﻳﯩﻐلاپ ﻛﯚﯕﻠﻰ - ﻛﯚﻛﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﯟالاﺗﺘﻰ. ﮔﻪرﭼﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﻰ ﺳﯘﻟﻐﯘن، ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎر ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﯩﺪى.
دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚپ دۇﺋﺎ - ﺗﯩلاۋەت ﻗﯩﻠﺪى. ﻗﻮي ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻧﻪزﯨﺮ - ﭼﯩﺮاغ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪردى. ﺧﯘدادﯨﻦ ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى. دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ
دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎردى. زەرﯨﻨﺪە ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯚرۈﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻪ - ﺋﯚﺗﻤﻪﻳلا ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. زادى ﺑﯘ ﺑﺎلا ﺗﯩﻨﭻ - ﺋﺎﻣﺎن ﺗﯘﻏﯘلارﻣﯘ؟ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ﮬﺎﻳﺎت ﻗﺎلارﻣﯘ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪرﻣﯘ؟ دﯦﮕﻪن ﻏﻪم - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩلاﺗﺘﻰ.
ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘلار ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨلا ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘرادەرﻟﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎلا ۋاﻗﺘﯩﺪﯨلا ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﮔﯜﻟﺸﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯚﺳﻜﻪن. ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯘددى ﺋﯚز ﺋﻮﻏﻠﯩﺪەك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرەﺗﺘﻰ. ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎردەﻣﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﻮن ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ - ﺋﻮن ﺗﻮﻗﻘﯘزلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳلا، ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺪﯦﻠﯩﻖ  ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪردى. 
 ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘلار ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﻰ ﺋﻮﻏﯘل، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ، ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﯨﺪۇ. ﻛﻪﻧﺠﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻣﺎق ﻗﯩﺰى ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﺋﯜچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮدى. ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺧﯘش ﭼﺎﻗﭽﺎق، ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﻰ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﺎي، ﺋﻮﻏلاق ﺗﺎرﺗﯩﺸﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻛﯚرۈﻣﺴﯩﺰرەك ﺟﯜدەڭ ﭼﯩﺮاي ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺧﯘددى ﺳﯜرەﺗﺘﻪك ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ۋە ﺗﯩﻤﻪن ﺋﯩﺪى. ﻛﻪﻧﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎدەم ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. دﯨلاۋەرﺧﺎن ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪر ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﻟﯩﻖ ﺷﯩﺮﻧﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﺷﻘﯘزۇپ، ﺑﯘرادﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘزۇپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺮان ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺑﯘرۇﺗﯩﻨﻰ ﺳﯜرﻛﻪپ، ﭘﯘراپ - ﭘﯘراپ ﺳﯚﻳﯜپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺗﯘرۇﭘلا ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﺗﯜرۈﻟﯜپ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﻮﭘﯘپ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎلاﺗﺘﻰ. ﺋﯘ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرەن ﻛﯚپ ﺋﻮﻳلاپ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ژورژﻏﺎ ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى.
دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪا ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻳﯧﯖﯩلا ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﭘﻘﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﯘﻏﯘﺗﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪس ﺑﻮﻟﺪى. ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺗﯘﻏﺪى. ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ، ﺗﯘﻏﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﮔﻪرﭼﻪ ﺗﯘﻏﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺳﯜت، ﺗﯘﺧﯘم، ﻗﻮي ﮔﯚﺷﻰ ﺷﻮرﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯧﻘﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ.
دﯨلاۋەرﺧﺎن، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﻳﯘڭ ﺋﻪدﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﻳﯚﮔﯩﺪى. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﯖﯩﭗ، ﺟﯘۋﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮراپ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﺪى. ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ۋە ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ ﻣﯜرﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻤﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎق ﺋﯘن ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺋﺎق ﻳﻮل ﺗﯩﻠﯩﺪى. ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎرا ﺳﯜرﻛﻪپ، ﺧﯘدادﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚزدﯨﻦ ﺳﺎﻗلاﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘ ﻛﻪﭼﻜﯜز ﺋﺎﻳﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻮﻏﯘق ﺷﺎﻣﺎل ﻳﯜزﮔﻪ ﺋﯘرۇپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﭼﻮڭ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ لاﭘﭙﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺪى.
- ﻣﻪن ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ژورژﻏﺎ ﺑﻪرﮔﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، - دﯦﺪى ﺋﯘ زورۇﻗﯘپ ﺳﯚزﻟﻪپ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازى ﺗﯩﺘﺮەپ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى ۋە:
- ﺑﻪك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚز ﺑﺎلاﻣﺪەك ۋە ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﺎﻗﯩﻤﻪن، - دﯦﺪى ۋە دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﺪى. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯚرﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪى، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘزۇپ ﻗﻮﻳﺪى. ﺋﯘ، داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺳﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪى، دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜپ ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ.
- ﺧﻮش ﺋﺎﻣﻪدى، - دﯦﺪى ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺳﻮﺋﺎل ﻧﻪزﯨﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراپ.
- ﺑﺎرﯨﻜﺎﻟلا، - دەپ ﺟﺎۋاب ﺑﻪردى دﯨلاۋەرﺧﺎن، ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ دەس ﻗﻮﭘﯘپ ﭘﻪﮔﺎﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ ۋە ﻗﻮل ﺑﺎﻏلاپ ﺗﯘرۇپ، - ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ژورژﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، - دﯦﺪى.
ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻐﺎ ۋە ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨلا ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﯩﺮاﻧﻪﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺪى.
- ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘردى. ﻣﺎﻏﺪۇرﯨﻐﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺳﯜﺗﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﯩﻦ، - دﯦﺪى ﺋﯘ ﻧﺎﺋﯩلاج ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا.
- ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﯩﯔ، - دﯦﺪى ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن، - ﻣﻪن دﯨلاۋەر ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺑﺎلاﻣﺪەك ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪن.
دﯨلاۋەر ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎش ﺋﺎﻟﺪى ۋە ﻳﯜﮔﯜرۈپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯩﺮاﻧﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜپ ﻗﻮﻳﺪى.
ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪم ﺧﯘرﺳﻪن ﺑﻮﻟﺪى، ﮬﻪم ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ﻗﺎﻟﺪى
ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ژورژ ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﻪۋەرﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. دۇﻧﻴﺎدا ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﺎرﻛﻰ، ﭘﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﻤﺎي ﺋﺎﻏﺰى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚز - ﭼﯚﭼﻪك ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق.
- ﺗﻮۋا، - دەﻳﺘﺘﻰ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ، - دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ژورژﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺋﯘلار ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪل ﺗﯘرﺳﺎ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺑﺎﻗﺎلاﻳﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻮرۇﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن، ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻗﺎر؟
- ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﻣﯩﻨﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎت ۋە ﺳﻪرﯨﭙﺎﻳلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪا ﺑﺎﻗﯩﻤﻪن دﯦﮕﻪﻧﺪۇ؟
- دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘرادەرﻟﻪر، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺑﯧﺮەر، - دﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ﺑﻪزﯨﻠﻪر.
ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮى ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلارﻣﯘ ﻳﻮﻗﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻣﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪى.
ﻳﯩﻠلار ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ، ﮬﻪش - ﭘﻪش دﯦﮕﯜﭼﻪ ﺋﯜچ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜپ دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ 
ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯜچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪى.
دﯨلاۋەرﺧﺎن ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺋﺎدەم ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪر - ﺟﺎﺑﺪۇق ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎﺑﺪۇپ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﺪى. ﺳﻪۋزەﻟﯩﮕﻪ ﺗﻮن، ﻣﯩﺮاﻧﻪﮔﻪ ﻗﺎرا ﻣﻪﺧﻤﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘزۇن ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺘﻮ، دۇﺧﺎۋﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻪك، ﺋﺎق ﺷﺎﻳﯩﺪﯨﻦ روﻣﺎل ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﺪى.
دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ زەرﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯜت، ﺳﯧﺮﯨﻘﻤﺎي ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﻮﻏﯘرﺳﺎق ﺳﺎﻟﺪى. ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻗلاﻧﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﺧﻮرﺟﯘﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪى ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻦ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻣﺎﻳﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪى. ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ - ﺟﺎﺑﺪۇﻧﯘپ ﺳﻪۋزەﻟﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ راۋان ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ.
ﺳﻪۋزەﻟﯩﻠﻪرﻣﯘ دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋﯨﺮى ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻳﻮﻏﺎن داﯕﺒﺎش ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏلاپ ﻗﻮﻳﯘپ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚز ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮاق - ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى، ﮬﻪﻗﻪﻣﺴﺎﻳﻪ، ﻗﻮﻟﯘم - ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜزۈﻟﻤﻪي ﻛﯩﺮﯨﭗ - ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ژورژ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘزﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﺷلار ﺑﯘ ﺋﯚﻳﺪە رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﻮي ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا داپ - ﻧﻪي ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﻮﻏلاق ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪن دﯦﮕﻪن ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﭼﻪۋەﻧﺪازلار ﺗﯘﺷﻤﯘ ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪى.
ﻛﯜﺗﻜﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. دﯨلاۋەرﺧﺎن ۋە ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﻰ. ﺋﻪرﻟﻪر ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜپ ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﻰ.
ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮرۇن ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. «ﺧﻮش ﺋﺎﻣﻪدى، ﺑﺎرﯨﻜﺎﻟلا»دﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯩﺮاﻧﻪ ژورژ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﺎلا ﻳﯧﺘﯩﺮﻗﺎپ ﺋﺎران دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎلا ﺋﯩﺘﺘﯩﻜلا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ژورژ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺘﻰ.
ﺷﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﺳﻪۋزەﻟﻰ داﯕﺒﺎش ﻗﻮﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ ﻛﯩﺮدى ۋە:
- ﻗﻪدرﯨﯖلار ﺋﯜﺳﺘﯜن، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﺴﻘﺎ. ﻗﯧﻨﻰ، ﭘﺎﺗﯩﮭﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖلار، - دﯦﺪى.
- ﺑﯘﻧﭽﯩﯟالا ﺋﺎۋارە ﺑﻮﻟﻤﺎﯕلار، ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺳﻮﻳﻤﺎﻳﻠﻰ. ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎز ﺋﯧﻐﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪۇق. ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﯜﻟﺪەك ﭼﻮڭ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖلار. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﯧﭽﻨﻪرﺳﻪ ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، - دﯦﺪى.
- ﻳﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮي ﺳﻮﻳﯘش ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺟﯩﻜلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯚرپ - ﺋﺎدﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻏﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘرادەرﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎس ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق. ﺋﺎق ﺳﯜت ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏلاپ ﻗﻮﻳﺪى، - دﯦﺪى.
ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯜﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﻗﻮﻳﻐﺎ دۇﺋﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻗﻮﻟلارﻏﺎ ﺳﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﻟﯜپ، داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﮕﻪ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻣﺎي ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻳﻤﺎق ﭼﺎي ﻗﯘﻳﯘﻟﺪى. ﭼﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮي ﮔﯚﺷﻰ ﭘﯩﺸﻘﯘﭼﻪ ﭼﻪۋەﻧﺪازلار ﺋﻮﻏلاق ﺗﺎرﺗﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪى. ﻧﻪي ﭼﯧﻠﯩﻨﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ داپ ﺋﺎﻟﺪى. «ﺟﻮﯕﮕﻰ ﺟﯩﮕﻪر» ۋە «ۋوﻟﯟﯨلاﮬﯩﯔ»  ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﯕﻜﻪش ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن داپ ﺋﺎۋازى ﭼﻪۋەﻧﺪازلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﺎق ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻪﻛﺮﯨﺘﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﻧﻪي «ﭼﺎﭘﺴﯘز»   ۋە «ﻣﻪﻳﻠﯩﺲ»  ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚزﮔﻪردى. ﺑﺎﻳﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎراﻧلا ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯩﺸﻘﯩﯟازﻟﯩﺮى زور ﮬﻪۋەس ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ، ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪڭ ﺷﯩﯟەرﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻏلاق ﭼﯧﭙﯩﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ، ﺋﯘﺳﺴﯘل، ﻧﻪﻏﻤﻪ - ﻧﺎۋا، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن ﻗﻮي ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻤﺎق ﭼﺎي ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﺘﻰ. دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺑﯩﻠﻪن زەرﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻮۋﻏﺎ - ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلار ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪى.
- ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎددﯨﻲ، ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ لاﻳﯩﻘﯩﯖلاردا ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى، - دﯦﺪى دﯨلاۋەرﺧﺎن ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺳﺘﻪ.
- ﺑﯘرادەر، ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﻛﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘزاق ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ دوﺳﺖ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق. ﺑﯘﻧﭽﯩﯟالا ﺋﺎۋارە ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯩﺴﺎﯕلار ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، - دﯦﺪى ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯜپ ﺑﯩﻠﻪن.
- ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ، ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎق - ﺳﺎلاﻣﻪت ﺋﯜچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﺑﻪردﯨﯖلار. ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻣﺪى ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎر، - دﯦﺪى ﺗﯩﺘﺮەك ﺋﺎۋاز ﺑﯩﻠﻪن زەرﯨﻦ.
- ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎلا ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﭘﻪرزەﻧﺖ، - دﯦﺪى ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن.
- ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎددﯨﻲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ، - دﯦﺪى زەرﯨﻦ.
ﺋﯘلار ﺳﻮۋﻏﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺗﯘرۇۋاﻟﺪى. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﺪى.
- رەﮬﻤﻪت ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ، - دﯦﺪى ﺳﻪۋزەﻟﻰ ۋە ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﺗﻪﯕلا.
- ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ رەﮬﻤﻪت، - دﯦﺪى دﯨلاۋەرﺧﺎن ۋە زەرﯨﻨﻠﻪر ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ.
ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺋﯘزاپ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻳلا دەپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. دﯨلاۋەر ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاﻗﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪۋزەﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘزدى. ﺑﯘ - دﯨلاۋەرﺧﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺳﻪۋزەﻟﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻮۋﻏﯩﺘﯩﻨﯩﯔ داۋاﻣﻰ ﺋﯩﺪى. ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪى ۋە ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ژورژ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﺪى:
- ﺑﯘ ﺋﺎت ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن ۋە ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن، - دﯦﺪى.
ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺳﻪۋزەﻟﻰ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪرەددۇﺗلاﻧﺪى. ﺳﻪۋزەﻟﻰ ژورژ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯩﻨﺪۈرۈپ داپ، ﻧﻪي ﺳﺎداﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە دﯨلاۋەرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻳﯜرۈپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯚزى ﺧﯧﻠﯩلا ﺟﯜدەپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﺰﯨﺪە ﻳﻪﻧﯩلا ﻗﺎن ﺋﻮﺧﭽﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯩﺮاﻧﻪ ﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﯩﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ژورژ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘزاﻗﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎراپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜدەڭ ﻗﻪددى - ﻗﺎﻣﯩﺘﻰ ﺧﯘددى ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺑﻮي ﺳﻮزﻏﺎن ﻗﺎرﯨﻐﺎﻳﺪەك ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.



ــ «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىس ئۆلچىمى تەجىربە دەرىسلىكى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.



    ژورژ①ــ تاجىك مىللىتىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادىتى. ئەگەر بىرەر ئائىلىنىڭ بالىسى توختىمىسا، بالىسى ياخشى چوڭ بولىۋاتقان  ئائىلىگە باققىلى بېرىدۇ. بالا ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى باققۇچىلارغا تون كىيدۈرۈپ بالىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىككى ئائىلە يېقىن تۇققان بولۇپ ئۆتىدۇ.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-2 01:07:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ئادەت ھازىرمو  داۋاملاشماقتا.
بىز ئاق سۇتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەچكىمىكىن ئارىمىزدا سۇت بار دەپ ئۇرۇق-تۇققانلاردەك يېقىن ئۆتىمىز.

كىچىكىنە بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگىم كەپ قالدى


ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدا مېنىڭ ئاتام ئەسكەر بوپتىكەن شۇ مەزگىلدە ئاتامنىڭ كۆزى ئاغرىپ ئىشىپ كېتىپتو،دۇختۇر خانىلارغا بېرىشكە قۇلايسىزكەن ،ئاتام ئاتا-بوۋىسىدىن ‹‹ئوغول بالا ئېمىتكەن ئايالنىڭ سۇتىنى كۆزگە تېمىتسا كۆز ئاغرىقىغا شىپا بولىدو››،دېگەن تەلىمنى يادىغا ئېلىپ بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنى سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ،ئەسكەرلەرگە ئامبارچىلىق قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى تاپىدىكەن.بو ئايال نايتى ئوڭلوق ئايال بولغاچقا بولىدو دەپ ئاتامنىڭ كۆزىگە سۇتىنى تېمىتىدىكەن ،ئۇچ كۇن ئۇدا تېمىتكەندىن كېيىن ئاتامنىڭ كۆزى ساقىيىپ كېتىپتو ،ئاتام ئو ئايالغا -مەن سېنىڭ سۇتۇڭنىڭ داۋاسى بىلەن ساقىيىپ كەتتىم ،بىز تاجىكلار  باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئېمىتىپ قويسىمو،كۇزىگە سۇت قويسىمو ،ئوخشاشلا ئانا دەپ پەرزەنتلىك بۇرچۇمىزنى ئادا قىلىمىز،لېكىن مەن ئۇرۇشتا قۇربان بولوپ كەتسەم قىيامەتلىك قەرز دار بولوپ قالىمەن. يەنە كۆرىشىلەمدوق-كۆرىشەلمەمدوق قانداق قىلسام بولار دەپتىكەن ئو ئايالمو -بوپتو سۇتۇمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلساڭ قىزىڭ بولسا ئىسمىنى ئامىنە دەپ قوي مېنىڭ ئىسمىممو ئامىنە شۇندىلا مەن بەرگەن سۇتۇمغا رازى دەپتىكەن ،شۇنىڭ بىلەن ئاتام ئو ئانىسى بىلەن قايتا كۆرىشەلمەپتو لېكىن ئىسمىنى ماڭا قويوپ قويوپتىكەن.مېنىڭ ئىسمىمنىڭمو ئامىنە بولوشى سۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ۋاقتى: 2013-5-9 16:40:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىكەم زەمىرىنىڭ بۇرۇن  بىر ھېكايىلەر توپلىمى چىقانغۇ دەيمەن

ۋاقتى: 2013-5-9 16:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىكەم زەمىرى خانىم-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ ئانىسى بولۇشقا ھەقىقى مۇناسىپ ئايال يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ‹‹قۇياشقا يېقىن كىشىلەر››ناملىق رومانى بار.

ۋاقتى: 2013-5-9 20:26:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى تەسىرلىك ياخشى يېزىلغان ھېكايكەن، ئامىنە خانىمنىڭ ھېكايىسىمۇ ئوخشاشلا تەسىرلىك ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن تاجىك خەلقىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى بىلىۋالدىم، يازغۇچىغا ھەم يوللىغۇچىغا رەھمەتلەر بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش