يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 6

يۈسى. ئېمىلىيو. پاچىكو شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈسى. ئېمىلىيو. پاچىكو (1939-) مىكسىكىلىق شائىر، يازغۇچى، نەسىرچى. مىكسىكىدا تۇغۇلغان. مىكسىكا دۆلەتلىك مۇستەقىللىق ئۇنۋېرستىتىدا پەلسەپە، قانۇن ۋە ئەدەبىيات ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپلەردە پىرۇففىسۇر بولغان. كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ھەمدە چەتئەل شېئىرىيىتىدىن ئۇزۇق ئالغاچقا، مىكسىكىدا خېلى بالدۇرلا نام چىقارغان. ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرلىك يېزىقچىلىق ھاياتىدا ‹‹ كىچە ئېلىمىنىتلىرى ››(1963-يىلى ) ‹‹ئوتنىڭ جىمجىتلىقى › (1966)، ‹‹ بارسام قايتمايمەن›› (1973) ‹‹ئارالدا سەرسان بولماق›› (1976)، ‹‹ ۋاقىت قانداق ئۆتتى دەپ مەندىن سورىما ›› (1969)، ‹‹ئاشۇ چاغدىن باشلاپ›› (1980)، ‹‹ دېڭىزدىكى ئەمگەك ›› (1983)، ‹‹ تۇپراققا قاراپ›› (1986)، ‹‹ ئەسلىمەمدىكى شەھەر›› (1991)، ‹‹ ئاينىڭ ئىچ پۇشۇقى›› (1994)، ‹‹ئاقار قۇم  - 1992-1998-يىللاردىكى شېئىرلار›› ( 2000) ‹‹قىسقىسى ›› (2005)، قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ھەمدە ‹‹مىدۇسانىڭ قېنى ۋە باشقا ھېكايىلەر›› (1959)‹‹يىراقتىكى شامال››(1963-1969)، ‹‹ قەيەردە كۆز يۇمارسەن››(1967)، ‹‹ خۇشاللىقنىڭ پىرىنسىپى ››، ‹‹ باياۋان قۇمدىكى ئېلىشىش›› (1981) ۋە ‹‹ ئاۋغۇسىتنىڭ گۇگۇمى›› (1992) قاتارلىق ھېكايە توپلىمى ۋە رومانلارنى نەشىر قىلغان.
پاچىكونىڭ شېئىرلىرى ئاددى، تەبئىي، تارىخى ئاڭ ۋە ئەخلاق مەسەللىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن، بەزىسى دىئالۇگقا، بەزىسى جىمجىت خىيال سۈرۈشكە يەنە بەزىسى مونۇلۇگقا ئوخشاپ قالىدۇ. شېئىرلىرى دائىم بىلىپ-بىلمەي باشقىلارغا ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. نەپىس سەنئەت ئىچىدە كىشىلەرگە چوڭقۇرلۇق ئاتا قىلىدۇ.
ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىدىن باشقا يەنە تەرجىمە ۋە نەشىرىياتچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ئىجادىيەت ھاياتىدا ئاگاسىكالىتىس دۆلەتلىك شېئىرىيەت مۇكاپاتى (1969)، ‹‹ھاۋىر.بىرىياۋۇدىيا مۇكاپاتىغا (1973) دۆلەتلىك گىزىت-ژورنال مۇكاپاتىغا (1980) دۆلەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا (1992) دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ‹1993)يوسى. ئاسۇنسىن. شىرۋا شېئىر مۇكاپاتىغا (1996) تۇنجى نۆۋەتلىك يۈسى. دۇنۇسىبىلىيا لاتىن ئامىرىكا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا (2001)ئوكتاۋىئو. پاز ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا (2003)بابىلۇ. نىرۇدائىبىرىيا شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا (2004) فىدىرىك. گارسىيا. لوركا شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا(2005) ۋە خانىش سوفىيە ئىبىرىيا لاتىن ئامىرىكا شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ۋە سىرۋانتىس ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا (2009) ئېرىشكەن. -- خەنزۇچە تەرجىماندىن


ئۆكتەبىردىكى بىر پارچە رەسىم

ئەڭ ئاخىرقى يېشىلىقتا،
پەقەت شامال رۇخسەت قىلسىلا
بايان قىلار ھېكايىسىنى،
سۇئاللىرىنى سورىشار
سۆزلىشىدۇ ئەسلىمىلىرىنى،
ئۇلار بىرلىشىپ
سورىمايدۇ سۇئاللىرىنى .
ئەتە، ئۇلارنىڭ تېنى تازا بولمايدۇ.
ياشىغان بۇ بىر يىلدا
چاخماقنىڭ تايىقى ئۇنىڭ ئۈستىدىن كەتمىگەن ئىدى.
قۇرغان، پايدىسى قالمىغان ياپراقلار چۈشىدۇ ئۇچۇپ،
گۈلخان ئارا ئوينايدۇ ئۇسۇل.
ئۇلار تۈتۈنگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
قەدىمى بۇلۇتلارغا قەدەر يىتىدۇ.

سۈبھى


تېخى تاڭ يورۇمىدى، قۇشلار چۇرۇقلاشقا باشلىدى.
بىز قۇشلار تىلىنى تېخى بىلمەيمىز.
لېكىن ئۇلارنىڭ ۋىچىرلىشىشى سۆزلەش ئۈچۈندۇر.
قانچە ۋىچىرلىسىمۇ نىمە دىدى ئۇقمايمىز.
ئۇ كۆكتىكى تەسۋىرىي يېزىقتۇر.
مەڭگۈ بىلگىلى بولماس سىرلىق بىر سىردۇر.
قۇشلار شىۋىرلاپ تاڭ سەھەرنىڭ قاراڭغۇلىقىنى بۇزىدۇ.
تاڭ سەھەر قۇش پىيىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ.
ئاينىڭ قانىتى، ھايات بەلگىسى
قاراڭغۇ كىچە ئەمەس مەڭگۈلۈك قەسەم.
سەھەر كۈلدى، زىمىن تۇغۇلدى
سۈبھى بىزنىڭ بىر كۈنىمىزنىڭ جامالىنى ئاچتى.

داۋامى بار

مەنبە خەنزۇچە << دۇنيا ئەدەبىياتى >> ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   risaletmerdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-2 15:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭغۇ كىچە ۋە قار
دېرىزە ئالدىغا كەلدىم، باغچىدا
قاراڭغۇ كېچىنىڭ قارنى ئورىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.
گوياكى قارنى جىملىقىنى تۇتقىلى بولاتتى.
چىراغ نۇرى يانتۇ چۈشتى، يوقالدى.
قارنىڭ ھېچنىمە دىگۈسى يوق ئىدى:
ئۇ پەقەت بىر سۇئال ئىدى.
زىمىنغا قاراپ لەپىلدەۋاتقان
ئۇ پەقەت مىڭلىغان سۇئال بەلگىسى بولدى.
گۈل سىزىش
ئۇ ئۆزىنىڭ گۈلىنى سىزىۋاتاتتى.

دۈشمەنلەر جەڭ ئېلان قىلمايلا ئۇنىڭ دۆلىتىگە بېسىپ كىردى.
جەڭ ۋە يېڭىلىشتىن باشقا نەرسە يوق،
ئۇ يەنىلا گۈلىنى سىزىۋاتاتتى.
باسقۇنچىلارغا قارشى ئۇرۇش باشلاندى
ئۇ گۈل سىزىشنى داۋاملاشتۇردى.
باسقۇنچىلار يېڭىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئۇ گۈل سىزىۋاتاتتى.
ھازىر ھەمىمىز ئۇنىڭ ۋەھىمىدىن قورقمىغانلىقىنى بىلىمىز.
چۈنكى ئۇ گۈل سىزىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتقىنى يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   risaletmerdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 20:10  


ۋاقتى: 2012-5-2 16:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ‹ قاراڭغۇ كېچە ۋە قار› ناملىق شېئىردىن سالماق ئىپادىنى ھېس قىلدىم. باشقا ئەل خەلىنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغاندا شۇ جاينىڭ سىياسى-ئىجتىمائى مۇھىتى بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈش زۆرۆرمۇ قانداق؟ شۇ جاينىڭ ئەھۋالىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولىغان ئەھۋالدا شېئىرنى چۈشۈنۈشكە ئورۇنۇش قىيىن ئىكەن.

ۋاقتى: 2012-5-2 16:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-2 16:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-2 20:11:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 16:30
يۇقاقى شېئىر ئىككىغۇ دەيمەن.

گۈل سىزىش-ئايرىم شېئىرد ...

تەھرىرلەپ قۇيدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-4 00:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلارنىڭ تۇرمۇشى
ئۆزۈڭنى شېئىرغا بېغىشلىساڭ بەخىتلىك خاتىمە بولمايدۇ ساڭا.
شائىرلار ئاخىرى ئەقلىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
قوي كالىلارنى پارچىلىغاندەك
ياكى تاشلارنى يانچىغاندەك
ئېقىپ كىرەر دېڭىزغا.
ياكى ئېغىزغا لىق تولغان پاقىراق ئەينەكتەك
نامراتلىق، زەھەر چىكىش ۋە ھاراقتىن ئۆلگەندەك
ۋە ياكى ئەمەلدار شائىرلار
شېئىر توپلاملىرىنى تاش لەھەتكە تىققاندەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   risaletmerdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 00:40  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش